muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 09:06:38

زور بايقاش:‹‹غەيرى نوقتا›› -مەۋجۇت ئەمەس!

زور بايقاش:‹‹غەيرى نوقتا›› -مەۋجۇت ئەمەس!







      ئىنسانلار ھازىرغا قەدەر نەچچە مىڭ دانە ئالەم ئۇچقۇرى قويۇپ بەردى. بۇ ئۇچقۇلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى يەر شارى ئوربىتىسىدا ھەرىكەتلىنىدۇ.

    ئۇلارنىڭ كىمىدە 150كېلومىتىرلىق ئىگىزلىكتىكى ئوربىتىدا سىكنۇتلۇق ھەرىكەتلىنىش تىزلىكى ئەڭ ئاز بولغاندا7.9 كېلومىتىر (1-ئالەم تىزلىگى)بۇلۇشى كېرەك ، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇچقۇ يەرشارىنىڭ تارتىش كۇچىنىڭ تەسىرىدە يەر شارىمىزغا چۇشۇپ كەتمەيدۇ.

    ئۇچقۇلارنىڭ يەرشارىنىڭ تارتىش كۇچىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ باشقا پىلانىتا ياكى قۇياش سېستىمىسىنىڭ باشقا جايلىرىغا بىرىشى ئۇچۇن ئەڭ توۋەن بولغاندا سىكىنوتلۇق تىزلىگى11.2 كىلومىتىرد(2-ئالەم تىزلىگى)ىن چوڭ بۇلۇشى كېرەك ، مۇشۇ بۇيىچە ھىساپلانغاندا قۇياش سېستىمىسىدىن چىقىپ سامان يۇلى سېستىمىدىكى باشقا يولتۇز سېستىمىسىغا بېرىش ئۇچۇن ئەڭ ئاز بولغاندا سىكىنوتلۇق تىزلىكى 16.7 كىلومىتىر (3-ئالەم تىزلىگى)بۇلۇشى كېرەك،سامان يۇلى سېستىمىسىنىڭ تارتىش كۇچىدىدىن قۇتۇلۇپ باشقا يولتۇز سېستىمىسىغا بېرىش ئۇچۇن ، ھازىرقى تەخمىنى (سامان يۇلى سېستىمىسىنىڭ ماسىسىسى ۋە چوڭلۇغى تېخى ئۇزۇل-كىسىل ئۇچۇق ئەمەس)ھىساپتا ئەڭ كېمىدە ھەر سېكىنۇتتا ئۇچالايدىغان مۇساپىسى525 كىلومىتىر (4-ئالەم تىزلىگى) دىن ئېشىشى كېرەك.

   يۇقۇرىدىكى 4 ئالەم تىزلىگى ئۇچقۇنىڭ ماسىسىسىغا مۇناسىۋەتسىز بۇلۇپ ، پەقەت قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغان ئاسمان جىسمىنىڭ ماسىسى ۋە ئارىلىققا مۇناسىۋەتلىك.

ئەگەر ئاسمان جىسىمىنىڭ ماسىسى يىتەرلىك چوڭ ، رادىئوسى يىتەرلىك (شىۋازچىلىد رادىئوسىدىن)كىچىك بولسا ، ھەتتا ، سىكنوتلۇق تىزلىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكى يەنى 300مىڭ كىلومىتىردىن كىچىك بولغان ھەرقانداق جىسىم بۇ ئاسمان جسىمىنىڭ تارتىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دە مۇشۇ ئاسمان جىسىمىغا چۇشۇپ كىتىدۇ. بۇ ئاسمان جىسمىدىن تارقىتىلغان ھەرقانداق سېگىنالمۇ كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا بۇ جىسىم تارتىشىش كۇچى دائىرىسىدىن سىرتقا چىقالمايدۇ ، شۇڭا ، بۇنداق ئاسمان جىسىمى <<قارا ئۇڭكۇر>> دەپ ئاتالغان。سېىتېفېن خاۋكېڭ كۇۋانىت ئالەملىك تارتىشىش كۇچى نەزەرىيەسىگە ئاساسەن بۇ خىل ئاسمان جىسمدىمۇ رادىئاتسىيە تارقىتىش ئەھۋالىنىڭ يۇز بىرىدىغانلىغى (خاۋكېڭ رادىئاتسىيىسى)-<<قارا ئۇڭكۇر پارلىنىشى>>نى نەزەرىيە جەھەتتىن ئىسپاتلىدى.

    <<قارا ئۇڭكۇر>> توغىرىسىدىكى بۇ پەرەزنى نىيوتۇن ئالەملىك تارتىشىش كۇچى نەزەرىيەسىدىنمۇ ، نىسبىيلىك نەزەرىيەسىدىنمۇ كەلتۇرۇپ چىقارغىلى بولىدۇ.(ئەمما ، ئىككىسىنىڭ پەرقى بار) ، بىراق <<قارا>> بولغانلىقتىن ھازىرغىچە <<قارا ئۇڭكۇر>> نى تېخى ئۇزۇل كىسىل بايقاپ بولالمىدۇق.

ھازىرقى زامان تارتىشىش كۇچى نەزەرىيەلىرىگە ئاساسلانغاندا ئىنىرگىيىسى تۇۋەن بولغان <<قارا ئۇڭكۇر>> (ھازىردىن باشلاپ تىلغا ئېلىندىغىنى شىۋازچىلىد قارا ئۇڭكۇرى) ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنىڭ تەسىرىدە مەركىزىدە ماسسىسى ۋە تارتىشىش كۇچى چەكسىز چوڭ ، دونيا سىزىقى ۋە ھادىسە سىزىقى غەيرى بولغان ئاتالمىش<<غەيرى نوقتا>>

مەۋجۇت دەپ قارايدۇ.

    <<غەيرى نوقتا>>دا ھازىرقى بارلىق نەزەرىيەلەر قوللىنىشتىن قالىدىغانلىغى توغرىسىدا ئۇچۇق ئىسپاتلار مەيدانغا كىلىپ ئالىملار بۇ نوقتا ھەققىدە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرىۋاتىدۇ.

ئونداق بولسا ، <<غەيرى نوقتا>> مەۋجۇتمۇ؟

   مەن ھالىمغا ۋە ئورنۇمغا باقماي ، <<يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنماي>>ئىككى نىسبىيلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسەن قايتا - قايتا ھىساپلاش ۋە نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق <<غەيرى نوقتا>>نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ، تارتىشىش كۈچىنىڭ ماكسىموم چىكىنىڭ بارلىغى .......توغرىسىدىكى نەزەرىيەۋى ئىسپاتقا ئىرىشتىم ھەم كېڭەيتىلگەن نەزەرىيەگە ئاساسەن ، يۇقارقى قاراشلىرىمنى ئىسپاتلايدىغان كۆزىتىش لايھەسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، نەتىجىگە نىسبەتەن ھىساپلاش ئېلىپ بېرىپ ئالدىن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

   يىڭىدىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان نەزەرىيە كەلگۇسىدە ئالەمنى چۇشۇنۇش ، كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇش .......قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىپ يىڭى بۇسۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئاكتىپ توھپە قوشقۇسى!.

   ئەسكەرتىش: يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان نەزەرىيەنىڭ ئىلمى ماقالىسى ئويغۇرچە يىزىلغان بۇلۇپ ، كۇرۇپ پىكىرىنى بىرىشىنى خالايدىغان ئۇستازلار ، (توغرا دەپ قارالسا)ئىلان قىلىشقا ياردەم بىرەلەيدىغان ئالىملار بولسا ، خەت ئەۋەتسە ماقالىنى ئەۋەتىپ بىرىمەن. ئالىملىرىمىزنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى ۋە يادەم بىرىشىنى سەمىمى ئۇمۇت قىلىمەن.

كوپچىلىككە رەھمەت!

ھەممەيلەننىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق ، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بۇلۇشىنى چىن كوڭلىدىن تىلىگۇچى ۋە سىلەرگە ئالى ئېھتىرام بىلدۇرگۇچى:مۇھاكىمە

2013.9.27

ئىزاھات : <<غەيرى نوقتا>> مەۋجۇت ئەمەس دىگەن نوقتىنەزەر بىر كىچىك مەزمۇن قاتارىدا بىرىلگەن <<ئۇيغۇر نىسبىيىلىك پىرىنسىپى توغرىسىدا دەسلەپكى تەتقىقات>> دىگەن تىمىدىكى ئىلمى ماقالە دولەت ئىچى -سىرتىدىكى كوپ ۋاقىتلاردىن بىرى ماڭا زورئىلھام -مەدەت ۋە ياردەملەرنى بىرىپ كىلىۋاتقان ئوستازلىرىمدىن دوكتۇر تاشپۇلات رۇزى ئاكا ، دوكتۇر مەمەت رىشات ۋە دوكتۇرئەركىن سىدىق ئاكا ۋە بورھان مۇئەللىملەرنىڭ تەكشۇرۇپ بېكىتىشىگە ئۇستازىمىز تاشپۇلاتكامنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن يوللاپ بىرىلدى.


مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مىنى قوللىغان ، ياردەم بەرگەن ، يىتەكلىگەن دوكتۇر تاشپۇلات رۇزى ئاكا ، دوكتۇر مەمەت رىشات قاتارلىق ئۇستازلارغا ۋە قاسىم سىدىق قاتارلىق بارلىق تورداشلارغا سەمىمى رەھمەت ئېيتىمەن.


ماقالىدە <<ئۇيغۇر نىسبىيىلىك پىرىنسىپى>> ئىككى نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى <<توت ئاساسى پىرىنسىپ>> نى كېڭەيتىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ۋە تەجىرىبە (كۆزىتىش)تە ئىسپاتلاش ئۇسۇلى بىرىلگەن بۇلۇپ ، ھازىرقى پەن ـ تېخنىكا شارائىتىدا (مەسلەن ناسادا)تەجىرىبىدە دەلىللەش تامامەن مۇمكىن.


ئويغۇر نىسبىيىلىك پىرىنسىپى- ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى قاتارلىق يىڭىدىن نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىگە كىرگۇزۇلگەن ئۇقۇملار ئاساسىدا ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاش(مەن ئىسپاتلاشتا خاتالاشمىغانلا بولسام) ۋە كەلتۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بۇلۇپ ، توغرىلىغى ئالىملىرىمىز تەرىپىدىن ئىسپاتلانسا ،كەلگۇسىدە نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىگە 5- پىرىنسىپ سوپىتىدە قۇبۇل قىلىنىپ ، ئالەمنىڭ كىلىپ چىقىشى ، كوسمۇلۇگىيە ، يۇقۇرى ئىنىرگىيە فىزىكىسى ، كۇچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ...قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنىئىلىگىرى سۇرۇشتەتىگىشلىك رۇلىنى جارى قىلدۇرغۇسى.


ھەممەيلەننىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى ئەڭ قىزغىن تىلەكلەر بىلەن تەبىرىكلىگۇچى ، بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك ، ھەممە ئىشلىرىنىڭ كۇڭۇللۇك بۇلۇشىنى چىن قەلبىدىن تىلىگۇچى:مۇھاكىمە


2013.10.15


muhakima@hotmail.com

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 15:28:25

بوسا شۇنداق قىلىڭە دۇنيانى قايتىدىن چانايمىز .
بەت: [1]
: زور بايقاش:‹‹غەيرى نوقتا›› -مەۋجۇت ئەمەس!