بىز -قانداش، بىز-قېرىنداش !
بىز -قانداش، بىز-قېرىنداش !-بارلىق قېرىنداشلارغا ئايەملىك سالام يوللايمەن، ھەرجايدا تىرىشۋاتقان ئەزىزلىرىمىزدىن ھال سورايمەن.
يات ئىلىدە غېرىپسىنغان ئەي قان-قېرىنداش ،
بىلسەك بارچىمىز ئازاپتا ساڭا خوپ ئوخشاش،
بولدى بەس! ياتسىرىمىغىن سەن ھەرگىز ،
ئوكيان بىلەن ئىلى-تارىم بىر تۇمۇرداش!
،
بولسۇن دونيا تەڭرىتاغقا بىر تەن تۇتاش،
ماڭايلى ھەممىمىز بوۋامغا ئوپ-ئوخشاش
ئۇغۇزغا كىچىك ئىدى بارچە كۆل-دېڭىز!
ئېلى ، تارىم بولغاي ئەمدى ئوكيان باش!
غېرىپسىنمايلى ھەممىمىز يىتىمگە ئوخشاش،
بارچە قىتئە، توت ئوكيان بۇلۇپ بىر قانداش،
تىرىشساق ھەممە كەتكىچە ئاداققى نەپسىمىز،
بارچىغا بولغايمىز ئەتىكى پاتماس زەر قوياش!
ئېھتىرام بىلەن:مۇھاكىمە
خالىس دۇئالىرىمىزنى ئايىماسلىقىمىزنى تەشەببۇس قىلغان ،ئايەملىك تىلەكلىرىمىز يېتىپ بارالمايۋاتقان..... ‹‹مەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق؟››‹‹بايلار نىمە ئۈچۈن بىزگە پاي قوشمايدۇ؟››قاتارلىق سادالىرى بىلەن بىزنى سېغىندۇرغان ھەم سېغىنغان قانۇنى يول-دىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سالامەتلىك.....تىلەيمىز. قۇربان ھېيىتىڭلار مۇبارەك بولسۇن!
ئۇلارمۇ ھەم ئامان بولسۇن! تۈن قانچە قاراڭغۇ بولسا يۇلتۇزلار شۇنچە يورۇق بولىدۇ دىگەن گەپ بار . ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق . گاپبار ئەپەندىمنىڭ گېپى ئورۇنلۇق.
1- قەۋەتتىكى lawa0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خالىس دۇئالىرىمىزنى ئايىماسلىقىمىزنى تەشەببۇس قىلغان ،ئايەملىك تىلەكلىرىمىز يېتىپ بارالمايۋاتقان..... ‹‹مەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق؟››‹‹بايلار نىمە ئۈچۈن بىزگە پاي قوشمايدۇ؟››قاتارلىق سادالىرى بىلەن بىزنى سېغىندۇرغان ھەم سېغىنغان قانۇنى يول-دىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سالامەتلىك.....تىلەيمىز.
ئامىن ئۇلارنى ئاللاھ ئامان قىلسۇن ! ئۇلارغا دۇئالىرىمىز ئۈزۈلمىسۇن.ئاللا ئەزىمەتلەرگە چىدام،غەيرەت ئاتا قىلغاي . ئۇلارنى ئاللاھ ئامان قىلسۇن ئامان بولسۇن! ئەجىرلىك بولسۇن! ئۇلار ھال ئەھۋالى قانداق بولۇپ كەتتى، بىلىدىغانلار دەپ باقمامسىلەر؟ 3 ئاي بوپتۇ مانا ھەش-پەش دېگۈچە.
بەت:
[1]