TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 05:47:50

تاشپولات: 2013-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى

2013-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى



تاشپولات روزى




بۇ يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى 3 ئامېرىكالىققا بېرىلدى. يۇجىن فەىم
(Eugene F. Fama) بىلەن لارسخەنسىن (Lars Peter Hansen) بولسا چىكاگۇ
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورلىرى بولۇپ يۇجىن بۇ يىل 74 ياشتا، لارس بولسا بۇ
يىل 60 ياشتا ئىكەن. رابەرت شىلىر (Robert J. Shiller) بولسا يېل (Yale)
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى بولۇپ بۇ يىل 67 ياشتا ئىكەن.



نوبېل ئاكادېمىيىسىنىڭ دېيىشىچە بۇ 3 ئىقتىساد پروفېسسور مۈلۈك باھاسىنى
ھەقىقىي ئانالىز قىلغانلىقى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۆلچەرلەش مۇمكىن
بولمايدىغان پاي چېكىنىڭمۇ ئۇزۇن ۋاقىتقا نىسبەتەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى
كۆرسەتكەن. بۇلارنىڭ بۇ تەتقىقاتى، ماكرو ئىقتىساد سىياسىتى ھەم پاي چەك
كۆرسەتكۈچ مەبلىغىنى تەرەقى قىلدۇرۇپ، مۈلۈك كۆپىكى ھەم ئۇنۇڭ بۇزۇلۇشىغا
ئائىت تەتقىقاتلارغا تۆھپە قوشىدىكەن. بۇ مۇكاپاتنىڭ قىممىتى 1.2 مىليون
ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ئۇلار ئۇنى ئۆزئارا بۆلىشىدىكەن.





بەت: [1]
: تاشپولات: 2013-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى