irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 00:50:00

ۋولت، ئامپېر ۋە ئوم

دۇنيا ئاللىبۇرۇنلا ئاتوم دەۋىرىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلېكتىر بىلەن ئىنسانىيەت يەنىلا زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلمەكتە. ئېلېكتىر چىرىقى ئىنسانلارغا يورۇقلۇق ئېلىپ كەلدى، تېلېفون كىشىلەرنىڭ سۆزلىشىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى؛ نۇرغۇنلىغان ماشىنىلارمۇ ئېلېكتىر كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىپ كەلمەكتە. ئېلېكتىر ئىلمىدىن ئازىراقلا ساۋادى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئېلېكتىر پوتېنسىيال ئايرىمىنىڭ بىرلىگى ۋولت دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، توكنىڭ بىرلىگى ئامپېر دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. توكنىڭ بۇ ئۈچ خىل بىرلىگىنىڭ نامى-كەشپ قىلغۇچىلارنىڭ ئىسمى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، توك بىرلىگىنىڭ نامى ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

ۋولت-ئىتالىيان بولۇپ، 1745-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مىلاندا تۇغۇلغان. 1779-يىلى ئۇ ئەنگىلىيىدە باۋىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پروفېسسورى بولغان. ئۇ 1793-يىلى لوندوندا پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتىدە پروفېسسور گيۇرۋاننىڭ مۇنداق ئاجايىپ غەلىتە بىر سىناقنى قىلغانلىقىنى ئاڭلايدۇ: گيۇرۋان بىر خىل مېتالنى پاقىنىڭ ئېتىگە تەككۈزىدۇ، يەنە بىر خىل مېتالنى پاقىنىڭ نېرۋىسىغا تەككۈزىدۇ، ئاندىن كېيىن بۇ ئىككى خىل مېتالنى بىر-بىرىگە جۈپلىگەندە، پاقا شۇ زامات ئۆلۈپ قالىدۇ. لېكىن پاقىنىڭ مۇسكۇللىرى يەنىلا قاتتىق لىپىلداپ تۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ھادىسە ئېھتىمال تىببىي ئىلىمگە قوشۇلغان ناھايىتى زور تۆھپە بولسا كېرەك، دەپ ھېسابلايدۇ. كېيىن كىشىلەرگە بۇ كەشپىياتنىڭ توك بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ. ۋولت مانا مۇشۇ كەشپىيات ئاساسىدا ئاندىن ئېلېكتىر ئىلمىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان.

ۋولت تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق «پاقا تەجرىبىسى» نىڭ سىرىنى ئېچىش قارارىغا كېلىدۇ، ئۇ، ھايۋاناتلاردىن توك چىقىدۇ دېگەن گەپلەرنى توغرا ئەمەس دەپ ھېسابلاپ، توك تېپىش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ پاكىز تازلانغان بىر پارچە سېنىك تاختا بىلەن پاكىز تازلانغان بىر پارچە مىس تاختىنى تەييارلاپ، ئۇنىڭ بىرىنى مېتال ياپراقلىق ئېلېكتىر مېتىرنىڭ ئىچكى تۈۋرۈكچىسى بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ، يەنى بىرىنى تاشقى قېپى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئاندىن بۇ ئىككى پارچە مېتال تاختىنى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاندىن كېيىن تاشقى قېپىغا تۇتاشتۇرۇلغان تاختىنى دەرھال ئېلىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا، ئەگەر تۈۋرۈكچىگە تۇتاشتۇرۇلغىنى سېنىك تاختا بولغان بولسا، ئېلېكتىر مېتىردىن سېنىكنىڭ مۇسبەت ئېلېكتىر بىلەن زەرەتلەنگەنلىكىنى؛ ئەگەر مىس تاختا بولغان بولسا مەنپي ئېلېكتىر بىلەن زەرەتلەنگەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. ۋولت بۇنداق تەجرىبىنى نەچچە ئون قېتىم، نەچچە يۈز قېتىم قىلىش ئارقىسىدا، بىر قاتار ماددىلارنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشكەن ۋاقتىدىكى زەرەتلىنىش خۇسۇسىيىتىنى تېپىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ پەيدىنپەي تەتقىق قىلىشى ۋە ياخشىلىشى ئارقىسىدا، ۋولت ئېلېمېنتى ۋە ۋولت باتارىيىسى ئىجادىيىتى ئورۇنلىنىدۇ.

ۋولت باتارىيىنى كەشپ قىلغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا ئېلېكتىرىسكوپ، ئاككۇمىلاتور، ئېلېكتىرىپورلارنى كەشپ قىلىدۇ. بۇلار ئېلېكتىرشۇناسلىق جەھەتتىكى ناھايىتى زور تۆھپە. ۋولت 1827-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 82 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ئېلېكتىر ئىلمى جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمىتىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئېلېكتىر پوتېنسىياللار ئايرىمىسىنى ۋولت دەپ ئاتىغان.




ئامپېرئامپېر1775-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى فرانسىيىدىكى لىوندا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى كىچىك سودىگەر بولۇپ، پۈتۈن خىيالىدا ئۆز ئوغلىنى بىلىملىك ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئويلىغان. ئامپېر مەكتەپتە ماتېماتىكىنى ناھايىتى ياخشى ئۆگەنگەن. فرانسىيە زور ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسى يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن، ئائىلە تۇرمۇشى يار بەرمىگەنلىكتىن، ئامپېر مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، كېيىن مىڭ تەسلىكتە يەنە لىونغا قايتىپ ئوقۇشقا كىرگەن. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئۇ ئېھتىماللىق نەزىرىيىسىگە ماتېماتىكىلىق ماقالە ئېلان قىلىپ، شۇ چاغدىكى فرانسىيە ئىلىپ-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 1809-يىلى ئۇ پارىژ ھۈنەر-سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ماتېماتىكا پروفېسسورى بولۇپ، كېيىن فرانسىيە ئىنىستىتۇتىدا پروفېسسور بولغان.

ئامپېر ئۇ ئېرىستېدنىڭ توكنىڭ ماگىنىتلىق تەسىرىنى تاپقانلىقىغا ناھايىتى قىزىقىدۇ. ئۇ ئېرىستېدنىڭ تەجرىبىسىنى قايتا ئۆتكۈزۈپ، توك ئېقىمىنىڭ ئۆتكۈزگۈچ جىسىمدىن ئۆتكەن چاغدا ھاسىل قىلىدىغان ماگنىتلىق تەسىرىنى دەلىللەش قارارىغا كېلىدۇ. سانسىزلىغان تەجرىبىلەر نەتىجىسىدە، ماگنىت ئىستىرىلكىسى بىلەن توك ئېقىمىنىڭ يۆلىنىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلايدۇ. تەجرىبە داۋامىدا ئۇ بىر تال تۆمۈر يىڭنىنى بىر دۈگىلەك دائىرە ئىچىگە قويۇپ ئۆتكۈزىدۇ، بۇ چاغدا تۆمۈر يىڭنە ماگنىتلىنىدۇ. بۇ قارىماققا ئاددىي تەجرىبە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئامپېرنىڭ نۇرغۇن يۈرەك قېنى سەرپ بولغان.

1823-يىلى، ئۇ «ئېلېكتىر ماگنىت تەلىماتى» دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ كىتاب ياۋروپا بويىچە ناھايىتى داڭ چىقىرىدۇ. 1826-يىلى ئۇ يەنە «ئېلېمېنتار توك تەلىماتى» نى ئېلان قىلىپ، شۇ چاغدىكى ماگنىت بىر خىل ئالاھىدە ماددا دېگەن سەپسەتىنى بىتچىت قىلىۋەتكەن.

ئامپېرنىڭ قىزىقىدىغانلىرى كەڭ دائىرلىك بولۇپ، فىزىكا ۋە ماتېماتىكىنىلا تەتقىق قىلىپ قالماي، پەلسەپىنىمۇ تەتقىق قىلغان ئىدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پەنلەرنىڭ تۈرلىرىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ 1836-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى 61 يېشىدا ۋاپات بولغان.

ئوم 1789-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى گېرمانىيىدىكى ئەرلانگېندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى قۇلۇپچى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلغان ئادەم ئىدى،




ئومئوم كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماتېماتىكا ئۆگەنگەن، كېيىن ئەرلانگېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1871-يىلى كىۇلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكتور بولغان، كېيىن ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. ئۇ ئامپېرنىڭ توك ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ ۋارىسى. ئۇ ئەڭ دەسلەپكى تەجرىبىلىرىدە ئاساسەن تۈرلۈك مېتال سىملارنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىق دەرىجىسىنى تەتقىق قىلغان. ماگنىت يىڭنىسىنىڭ ئېغىش بۇلۇڭىنى تۈرلۈك ئۆتكۈزگۈچلەر ئارقىلىق كۈزەتكەن. ئۇ يەنە توك يولىدىكى ئېلېكتىر قوزغاتقۇچ كۈچنى ئۆزگەرتىشنى سىناق قىلغان، نەتىجىدە 1822-يىلى توك ئىلمىدا، «توك ئېقىمى-ئېلېكتىر قارشىلىقىنى ئېلېكتىر يورۇتقۇچى كۈچكە بۆلگەنگە تەڭ، دېگەن ناھايىتى مۇھىم بىر فورمۇلىنى تاپقان. مانا بۇ-ئوم قانۇنىدۇر. بۇ فورمۇلىنىڭ تېپىلىشى توك ئىلمىدىكى ھېسابلاشقا ناھايىتى زور ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولدى.

ئوم ئۇنىڭغا ئۇلاپلا باتارىيىنى يانداش ئۇلاش ۋە ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاشنى داۋاملىق تەتقىق قىلغان. 1826-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە نەتىجىسىدە ئېلان قىلغان. ئوم 1854-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 65 يېشىدا ميۇنخېندا ۋاپات بولغان. كىشىلەر ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، قارشىلىقنىڭ بىرلىگىنى ئوم دەپ ئاتايدىغان بولدى

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 01:12:28

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك مەزمۇن يوللىغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر ... ئېلىكتىر ئىلمىدىكى بۇ ئاتالغۇلارنى ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدا بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازلارنىڭ ئىش ئىزلىرى يادىمدىن ئۆتىدۇ ...

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 21:38:41

بىئۋېلىشقا تىگىشلىك بىلملەركەن، بىلىم ئەھلىلىرىگە بولغان ھۆرمەتنى چوڭقۇر ھىس قىلىمەن بەزى ئاتالغۇلاردىن.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 02:46:18

مېنىڭ ھەيران قالىدىغىنىم ۋە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم:


ئون يىل بۇرۇنقى فىلىپس تېلېفونۇمنىڭ توكى كەڭتاشا سۆزلەشسەممۇ 30 كۈن يېتەتتى. بەش يىل بۇرۇنقى نوكىيا تېلېفونۇمنىڭ توكىمۇ 3 كۈن تولۇق يېتەتتى. ھازىرقى تېلېفونۇمنىڭ توكى يېرىم كۈن ئاران يېتىدۇ.

بەزىلەرنىڭ «تېلېفون ئېكرانى چوڭايدى، ئىقتىدارى كۆپەيدى، تور ئوچۇق،... ۋاھاكازا توك خورايدۇ» دېگەن سەۋەبلىرىگە ھەم ھەيران قالىمەن. ئون يىلدىن بۇيان يانفون باتارىيەسى ئىزچىل چېكىنىۋاتىدۇ. توغرا، يانفوننىڭ ئېكرانى، تورغا چىقىش ئىقتىدارى ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى مىسلىسىز دەرىجىدە ئۆستى. ئەمما، ئەجەبا ئالىملار بۇ باتارىيە تېخنىكىسىدا زادى ئىلگىرلىگىلى بولمايدىغان ھاڭغا ئۈسۈپ قالدىمۇ؟


نۇرغۇن كىشىلەر قوشۇمچە توكداننى بىللە ئېلىۋالىدىكەن. لېكىن ياز كۈنلىرى نەدىكى يانچۇق ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغانغا! نوكىيانىڭ يېڭى يانفونلىرى سىمسىز توكلىغۇچ ئىشلىتىدىكەن. ئەمما بۇمۇ مەزكۇر مەسلىنى ھەل قىلمايدىكەن. توك بار يەردە سىملىق بىلەن سىمسىزنىڭ پەرقى نېمە بولماقچى.


سىلەرچە، ھازىرقى ئالما، ئاندرويد ياكى ۋىندوۋز سىستېمىلىق تېلېفونلارنى ھازىرقىدەك يۈكسەك ئىقتىدارى بىلەن بىر-ئىككى ھەپتە توكلىماي كەڭتاشا ئىشلىتىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەرمۇ؟

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 11:44:24

3- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ ھەيران قالىدىغىنىم ۋە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم:


ئون يىل بۇرۇنقى فىلىپس تېلېفونۇمنىڭ توكى كەڭتاشا سۆزلەشسەممۇ 30 كۈن يېتەتتى. بەش يىل بۇرۇنقى نوكىيا تېلېفونۇمنىڭ توكىمۇ 3 كۈن تولۇق يېتەتتى. ھازىرقى تېلېفونۇمنىڭ توكى يېرىم كۈن ئاران يېتىدۇ.

بەزىلەرنىڭ «تېلېفون ئېكرانى چوڭايدى، ئىقتىدارى كۆپەيدى، تور ئوچۇق،... ۋاھاكازا توك خورايدۇ» دېگەن سەۋەبلىرىگە ھەم ھەيران قالىمەن. ئون يىلدىن بۇيان يانفون باتارىيەسى ئىزچىل چېكىنىۋاتىدۇ. توغرا، يانفوننىڭ ئېكرانى، تورغا چىقىش ئىقتىدارى ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى مىسلىسىز دەرىجىدە ئۆستى. ئەمما، ئەجەبا ئالىملار بۇ باتارىيە تېخنىكىسىدا زادى ئىلگىرلىگىلى بولمايدىغان ھاڭغا ئۈسۈپ قالدىمۇ؟


نۇرغۇن كىشىلەر قوشۇمچە توكداننى بىللە ئېلىۋالىدىكەن. لېكىن ياز كۈنلىرى نەدىكى يانچۇق ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغانغا! نوكىيانىڭ يېڭى يانفونلىرى سىمسىز توكلىغۇچ ئىشلىتىدىكەن. ئەمما بۇمۇ مەزكۇر مەسلىنى ھەل قىلمايدىكەن. توك بار يەردە سىملىق بىلەن سىمسىزنىڭ پەرقى نېمە بولماقچى.


سىلەرچە، ھازىرقى ئالما، ئاندرويد ياكى ۋىندوۋز سىستېمىلىق تېلېفونلارنى ھازىرقىدەك يۈكسەك ئىقتىدارى بىلەن بىر-ئىككى ھەپتە توكلىماي كەڭتاشا ئىشلىتىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەرمۇ؟



كېلىدۇ ، ھازىر بىر قەدەر ئوموملاشقىنى لىتىي باتارىيسى ، ئەگەر شۇنداق كۈنلەر كېلىپ، كىچىك تىپتىكى يادرو باتارىسى ئىجاد قىلىنسا بىر ئىككى ھەپتە ئەمەس بىر ئىككى يۈز يىل توكلىمايمۇ ئىشلىتەلەيسىز... ھېلىمۇ بۇنچە يوغان ئېكرانلىق تېلېفونلارنى 1 كۈن ماڭدۇرايلايدىغانلىقىنى كىشىلەر ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتى.
بەت: [1]
: ۋولت، ئامپېر ۋە ئوم