muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:35:05

فىزىكىدىكى ئەڭ چوڭ سىر

فىزىكىدىكى ئەڭ چوڭ سىر

   
ئىنسانىيەت فىزىكىسى تەرەققى قىلىپ بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ، سانسىزلىغان سىرلار يىشىلىپ ، ئىنسانلارنىڭ دونيا قارىشىنى مىسلىسىز دەرىجىدە يۇكسلىشلەرگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە ، ماس تېخنىكىلارنىڭ تەرەققى قىلىشىئىنسانىيەتنى ئاجايىپ قولايلىقلار ۋە خوشاللىقلارغا چومدۇردى ، شۇنداقلا ، غايەت زور قۇرقۇش ھەتتا يوقىلىش بېسىمىغا يۇزلەندۇردى.

       بىراق ، بۇگۇنگىچە يەنىلا تەبىئەت دونياسىدىكى نۇرغۇن سىرلار يىشىمسىز تۇرماقتا. مىنىڭچە ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى ،شۇنداقلا ئەڭ زامانىۋىھەم ئەڭ چوڭ سىر -ماسسىنىڭ سىرىدۇر.

      بىزنىڭ كىتاپلىرىمىزدا ناھايىتى ئاددىيلا قىلىپ ، ماسسا -جىسىم ئوزئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز كوپلۇگىدىن ئىبارەت دەپ ھازىرقى زامان فىزىكا لوگىكىسىغا ئانچە ئويغۇن بولمىغان ئېنىقلمىغا ئىگىمىز. ئەمما ماسسىنىڭ ماھىيىتىگە نىسبەتەن تۇنۇشتا ئوتتۇرا ئەسىردىكى سەۋىيەدىن كەسكىن قىلىپ ئېيتقانداكوپ ھالقىشلار بولمىدى.

بىز ھەرىكەت ياكى چاستوتىنىڭ جىسىمنىسبى ماسسىنى ئوزگەرتىدىغانلىغىنى ئېينىشتىيىننىڭ تەڭلىمىلىرىدىن بىلدۇق ، ئەمما ، نىمە ئۇچۇن شۇنداق ئوزگىرىدىغانلىغىنى بىلمەيمىز، ھەقىقى تۇردە ماسسا دىگەن نىمە ؟ دىگەن سۇئالغا تەلتۇكۇس جاۋاپ بىرىش تېخى قۇلىمىزدىن كەلمىدى.

   پوتكول كۇچ مەسلىلىرى ، ئىنىرگىيە مەسلىلىرىياكى مەيدان مەسلىلىرىنى ئويلاشقاندا ناھايىتى تەبئىيلا ئاخىرقى ھىساپتا ماسسىنىڭ << ئەسىرى>> گە ئايلىنىپ قالىمىز.

   بىر قازان سوغۇق سۇنىڭ ماسسىسىئىنىرگىيە قۇبۇل قىلىپ قاينىغانلىق سەۋەبىدىن ئاشىدۇ. بىر كىلوگىرام ھەرقانداق خېمىيىۋى ماددا ئىسسىقلىق چىقىرىشرىئاكسىيەسىگە قاتنىشىپ ، باشقا ماددىغا ئايلانغاندا ، ماسسىسىدا كېمىيىش يۇز بىرىدۇ. بىر كىلوگىرام پىروتۇن ، بىر كىلوگىرام نىيترونۋە ماس زەررىچىلەر ئالاقىدار قانۇنىيەتلەرنى قانائەتلەندۇرۇپ جەم بۇلۇپ ئاتۇمنى شەكىللەندۇرگەندە يىغىندا ماسسىدا كېمىيىش يۇز بىرىدۇ. ماددى دولقۇندا قىزىلغا كۇچۇشتە ماسسىسدا كېمىيىش يۇز بەرسە، بىنەپشىگە كۇچۇشتە ئېشىش كۇرۇلىدۇ.

    ھەتتا مەيلى كۇچلۇك ئوز ئارا تەسىر بولسۇن ، ئىلىكتىر - ماگىنىتلىق تەسىر بولسۇن ياكى ئاجىز ئوزئارا تەسىر بولسۇن ھەتتا ئالەملىك ئوزئارا تەسىر بولسۇن ، بارلىق ئىنىرگىيە ئوزگىرىشلىرى ياكى ئۇلارنىڭ كۇچىنىشلىرى ھەم جەرىيانلىرى ماسسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

   ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا ئىنتايىن زور ھەم ئەڭ ئەقەللى بولمىغانبىر خاتا قاراش ئاساسى ئېقىم بۇلۇپ تۇرماقتا ، ئۇ بولسىمۇ ، ئالەملىك تارتىشش كۇچى كۇچىنىشى كۇچلۇك كۇچنىڭ كۇچىنىشىدىن10نىڭ 40- دەرىجىسى ئەتراپىدا ئاجىز دەپ قاراپ ، ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنى ئاتۇم ۋە كەنجى ئاتۇم مەسلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا نەزەردىن ساقىت قىلىمىزيۇئاتۇم ماسسا پەرقىدىن پايدىلىنىپ ، ئوتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا نەچچە يۇزمىڭلىغان ياپۇنىيىلىك بىگۇنا پوقرالارنىڭ ئۇلۇشىگە سەۋەپكار بولغان بولساق، نوۋەتتە ھەرىكەتلىنىۋاتقان نەچچە يۇزلىگەن يادرو ئىلىكتىر ئىستانىسىغا شۇنداقلا يەرشارىنىڭ كۇلىنى كوككە نەچچە رەت سورۇۋەتكىدەك يادرو قورالىغا ئىگە بۇلۇپ تۇرماقتىمىز. ئەجىبا ئۇ ماسسا پەرقى ئالەملىك تارتىشىش كۇچىدىن مۇستەسنا پەرقمىدۇ؟!.

    تېخىمۇ كولكىلىك يىرى شۇكى ، ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى بولغان ۋاقىت-بوشلۇق ئەگىرىلىكى تېخىمۇ توغرىسى ماكان-زامان ئەگىرىلىكىگە بىۋاستە مۇناسۋەتلىك ، ھەتتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانۋاقىت (ئۇمۇر)نى ئويلىشمىزيۇ ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنىڭ زەررىچە ساھەسىدىكى رۇلىنى بىراقلا چەتكە قاقىمىز!   

    قىسقىسى ، فىزىكىدىكى <<تارقىلىش دائىرىسى>> ئەڭ كەڭبولغان ئۇقۇملارنىڭ بىرى ماسسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئوزگىرىشىنىڭ ھەقىقى سىرىنىبىز ھەقىقەتەن تۇلۇق بىلىپ بۇلالمىدۇق!

ئېھتىمال ، ماسسىنىڭ ھەقىقى سىرىنى بىلگىنىمىزدە فىزىكا پىنىنىڭ بىناسى بىز ئويلىمىغان دەرىجىدە گۇزەللىشىپمۇكەممەللىككە چەكسىز يېقىنلىشار!

   ئىشنىمىزكى ، ماسسىنىڭ ھەقىقى سىرى ئوستىدە قېرىنداشلىرىمىز نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ.



قېرىنداشلارغا چەكسىز ئىشەنچ ، ئالەمچە ھورمەت بىىلدۇرگۇچى ، ھەممەيلەنگە بەخىت سالامەتلىك تىلىگۇچى توردىشىڭلار :مۇھاكىمە

2013.10.12



mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 01:15:12

مۇھاكىمە ئەپەندىم نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى قورال قىلىپ ئىلىم-پەن يولىدا ھارماي تالماي تىرىشىۋاتىسىز، سىزگە تەشەككۈر !

komsha يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 06:48:28

مۇشۇنداق سىرلىق ئىمىي مەسىلىلەرنى كۆرگۈنۈمدە ئاجايىپ ھىسلارغا چۆمۈلۈمەن. ئالىملىرىمىزغا ھەۋىسىم كېلىدۇ. چۈشەنمىسەممۇ، بىر كۈنلىرى بىزنىڭ ئالىملار ئاجايىپ بىر خىل كۈچنى بايقاپ چىقسا، ھازىر بىزگە كۆز يەتكۈسىز تۇيۇلۇۋاتقان مەنزىللەر ئاسانلىشىپ كېتەر ئىنشائاللاھ دەپ خىيال قىلىپ كېتىمەن. ئىلىم قورالىغا تايانسا ئاسمانغا چىققىلى بولغاندەك، يۈگوڭنىڭ تېغىنىمۇ يۆتكۈۋەتكىلى بولۇدۇغۇ دېگەن تامالىرىمغا باھانە چىقىدۇ.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 09:14:46

تۇۋەندىكى يازمىنى ئايرىم تىما قىلىپ يوللاپ قويدۇم ، تەستىقلانغىچە بۇ يەرگىمۇ چاپلاپ قويدۇم ، تەلىم بەرگەيسىلەر، رەھمەت!



زور بايقاش:‹‹غەيرى نوقتا›› -مەۋجۇت ئەمەس!

ئىنسانلار ھازىرغا قەدەر نەچچە مىڭ دانە ئالەم ئۇچقۇرى قويۇپ بەردى. بۇ ئۇچقۇلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى يەر شارى ئوربىتىسىدا ھەرىكەتلىنىدۇ.

ئۇلارنىڭ كىمىدە 150كېلومىتىرلىق ئىگىزلىكتىكى ئوربىتىدا سىكنۇتلۇق ھەرىكەتلىنىش تىزلىكى ئەڭ ئاز بولغاندا7.9 كېلومىتىر (1-ئالەم تىزلىگى)بۇلۇشى كېرەك ، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇچقۇ يەرشارىنىڭ تارتىش كۇچىنىڭ تەسىرىدە يەر شارىمىزغا چۇشۇپ كەتمەيدۇ.

ئۇچقۇلارنىڭ يەرشارىنىڭ تارتىش كۇچىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ باشقا پىلانىتا ياكى قۇياش سېستىمىسىنىڭ باشقا جايلىرىغا بىرىشى ئۇچۇن ئەڭ توۋەن بولغاندا سىكىنوتلۇق تىزلىگى11.2 كىلومىتىرد(2-ئالەم تىزلىگى)ىن چوڭ بۇلۇشى كېرەك ، مۇشۇ بۇيىچە ھىساپلانغاندا قۇياش سېستىمىسىدىن چىقىپ سامان يۇلى سېستىمىدىكى باشقا يولتۇز سېستىمىسىغا بېرىش ئۇچۇن ئەڭ ئاز بولغاندا سىكىنوتلۇق تىزلىكى 16.7 كىلومىتىر (3-ئالەم تىزلىگى)بۇلۇشى كېرەك،سامان يۇلى سېستىمىسىنىڭ تارتىش كۇچىدىدىن قۇتۇلۇپ باشقا يولتۇز سېستىمىسىغا بېرىش ئۇچۇن ، ھازىرقى تەخمىنى (سامان يۇلى سېستىمىسىنىڭ ماسىسىسى ۋە چوڭلۇغى تېخى ئۇزۇل-كىسىل ئۇچۇق ئەمەس)ھىساپتا ئەڭ كېمىدە ھەر سېكىنۇتتا ئۇچالايدىغان مۇساپىسى525 كىلومىتىر (4-ئالەم تىزلىگى) دىن ئېشىشى كېرەك.

يۇقۇرىدىكى 4 ئالەم تىزلىگى ئۇچقۇنىڭ ماسىسىسىغا مۇناسىۋەتسىز بۇلۇپ ، پەقەت قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغان ئاسمان جىسمىنىڭ ماسىسى ۋە ئارىلىققا مۇناسىۋەتلىك.

ئەگەر ئاسمان جىسىمىنىڭ ماسىسى يىتەرلىك چوڭ ، رادىئوسى يىتەرلىك (شىۋازچىلىد رادىئوسىدىن)كىچىك بولسا ، ھەتتا ، سىكنوتلۇق تىزلىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكى يەنى 300مىڭ كىلومىتىردىن كىچىك بولغان ھەرقانداق جىسىم بۇ ئاسمان جسىمىنىڭ تارتىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دە مۇشۇ ئاسمان جىسىمىغا چۇشۇپ كىتىدۇ. بۇ ئاسمان جىسمىدىن تارقىتىلغان ھەرقانداق سېگىنالمۇ كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا بۇ جىسىم تارتىشىش كۇچى دائىرىسىدىن سىرتقا چىقالمايدۇ ، شۇڭا ، بۇنداق ئاسمان جىسىمى <<قارا ئۇڭكۇر>> دەپ ئاتالغان。سېىتېفېن خاۋكېڭ كۇۋانىت ئالەملىك تارتىشىش كۇچى نەزەرىيەسىگە ئاساسەن بۇ خىل ئاسمان جىسمدىمۇ رادىئاتسىيە تارقىتىش ئەھۋالىنىڭ يۇز بىرىدىغانلىغى (خاۋكېڭ رادىئاتسىيىسى)-<<قارا ئۇڭكۇر پارلىنىشى>>نى نەزەرىيە جەھەتتىن ئىسپاتلىدى.

<<قارا ئۇڭكۇر>> توغىرىسىدىكى بۇ پەرەزنى نىيوتۇن ئالەملىك تارتىشىش كۇچى نەزەرىيەسىدىنمۇ ، نىسبىيلىك نەزەرىيەسىدىنمۇ كەلتۇرۇپ چىقارغىلى بولىدۇ.(ئەمما ، ئىككىسىنىڭ پەرقى بار) ، بىراق <<قارا>> بولغانلىقتىن ھازىرغىچە <<قارا ئۇڭكۇر>> نى تېخى ئۇزۇل كىسىل بايقاپ بولالمىدۇق.

ھازىرقى زامان تارتىشىش كۇچى نەزەرىيەلىرىگە ئاساسلانغاندا ئىنىرگىيىسى تۇۋەن بولغان <<قارا ئۇڭكۇر>> (ھازىردىن باشلاپ تىلغا ئېلىندىغىنى شىۋازچىلىد قارا ئۇڭكۇرى) ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنىڭ تەسىرىدە مەركىزىدە ماسسىسى ۋە تارتىشىش كۇچى چەكسىز چوڭ ، دونيا سىزىقى ۋە ھادىسە سىزىقى غەيرى بولغان ئاتالمىش<<غەيرى نوقتا>>

مەۋجۇت دەپ قارايدۇ.

<<غەيرى نوقتا>>دا ھازىرقى بارلىق نەزەرىيەلەر قوللىنىشتىن قالىدىغانلىغى توغرىسىدا ئۇچۇق ئىسپاتلار مەيدانغا كىلىپ ئالىملار بۇ نوقتا ھەققىدە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرىۋاتىدۇ.

ئونداق بولسا ، <<غەيرى نوقتا>> مەۋجۇتمۇ؟

مەن ھالىمغا ۋە ئورنۇمغا باقماي ، <<يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنماي>>ئىككى نىسبىيلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسەن قايتا - قايتا ھىساپلاش ۋە نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق <<غەيرى نوقتا>>نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ، تارتىشىش كۈچىنىڭ ماكسىموم چىكىنىڭ بارلىغى .......توغرىسىدىكى نەزەرىيەۋى ئىسپاتقا ئىرىشتىم ھەم كېڭەيتىلگەن نەزەرىيەگە ئاساسەن ، يۇقارقى قاراشلىرىمنى ئىسپاتلايدىغان كۆزىتىش لايھەسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، نەتىجىگە نىسبەتەن ھىساپلاش ئېلىپ بېرىپ ئالدىن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

يىڭىدىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان نەزەرىيە كەلگۇسىدە ئالەمنى چۇشۇنۇش ، كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇش .......قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىپ يىڭى بۇسۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئاكتىپ توھپە قوشقۇسى!.

ئەسكەرتىش: يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان نەزەرىيەنىڭ ئىلمى ماقالىسى ئويغۇرچە يىزىلغان بۇلۇپ ، كۇرۇپ پىكىرىنى بىرىشىنى خالايدىغان ئۇستازلار ، (توغرا دەپ قارالسا)ئىلان قىلىشقا ياردەم بىرەلەيدىغان ئالىملار بولسا ، خەت ئەۋەتسە ماقالىنى ئەۋەتىپ بىرىمەن. ئالىملىرىمىزنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى ۋە يادەم بىرىشىنى سەمىمى ئۇمۇت قىلىمەن.

كوپچىلىككە رەھمەت!

ھەممەيلەننىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق ، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بۇلۇشىنى چىن كوڭلىدىن تىلىگۇچى ۋە سىلەرگە ئالى ئېھتىرام بىلدۇرگۇچى:مۇھاكىمە

2013.9.27

ئىزاھات : <<غەيرى نوقتا>> مەۋجۇت ئەمەس دىگەن نوقتىنەزەر بىر كىچىك مەزمۇن قاتارىدا بىرىلگەن <<ئۇيغۇر نىسبىيىلىك پىرىنسىپى توغرىسىدا دەسلەپكى تەتقىقات>> دىگەن تىمىدىكى ئىلمى ماقالە دولەت ئىچى -سىرتىدىكى كوپ ۋاقىتلاردىن بىرى ماڭا زورئىلھام -مەدەت ۋە ياردەملەرنى بىرىپ كىلىۋاتقان ئوستازلىرىمدىن دوكتۇر تاشپۇلات رۇزى ئاكا ، دوكتۇر مەمەت رىشات ۋە دوكتۇرئەركىن سىدىق ئاكا ۋە بورھان مۇئەللىملەرنىڭ تەكشۇرۇپ بېكىتىشىگە ئۇستازىمىز تاشپۇلاتكامنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن يوللاپ بىرىلدى.



مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مىنى قوللىغان ، ياردەم بەرگەن ، يىتەكلىگەن دوكتۇر تاشپۇلات رۇزى ئاكا ، دوكتۇر مەمەت رىشات قاتارلىق ئۇستازلارغا ۋە قاسىم سىدىق ئاكا قاتارلىق بارلىق تورداشلارغا سەمىمى رەھمەت ئېيتىمەن.



ماقالىدە <<ئۇيغۇر نىسبىيىلىك پىرىنسىپى>> ئىككى نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىدىكى <<توت ئاساسى پىرىنسىپ>> نى كېڭەيتىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ۋە تەجىرىبە (كۆزىتىش)تە ئىسپاتلاش ئۇسۇلى بىرىلگەن بۇلۇپ ، ھازىرقى پەن ـ تېخنىكا شارائىتىدا (مەسلەن ناسادا)تەجىرىبىدە دەلىللەش تامامەن مۇمكىن.



ئويغۇر نىسبىيىلىك پىرىنسىپى- ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى قاتارلىق يىڭىدىن نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىگە كىرگۇزۇلگەن ئۇقۇملار ئاساسىدا ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاش(مەن ئىسپاتلاشتا خاتالاشمىغانلا بولسام) ۋە كەلتۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بۇلۇپ ، توغرىلىغى ئالىملىرىمىز تەرىپىدىن ئىسپاتلانسا ، كەلگۇسىدە نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىگە 5- پىرىنسىپ سوپىتىدە قۇبۇل قىلىنىپ ، ئالەمنىڭ كىلىپ چىقىشى ، كوسمۇلۇگىيە ، يۇقۇرى ئىنىرگىيە فىزىكىسى ، كۇچلەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ...قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلىگىرى سۇرۇشتە تىگىشلىك رۇلىنى جارى قىلدۇرغۇسى.



ھەممەيلەننىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى ئەڭ قىزغىن تىلەكلەر بىلەن تەبىرىكلىگۇچى ، بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك ، ھەممە ئىشلىرىنىڭ كۇڭۇللۇك بۇلۇشىنى چىن قەلبىدىن تىلىگۇچى:مۇھاكىمە



2013.10.15


koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 15:42:45

مەن بۇرۇن فىزىكا ئوقۇغاندا، فىزىكىدا ۋاقىت (سېكونت)، ئۇزۇنلۇق (مېتىر) ۋە ئېغىرلىق (كلوگرام) تىن ئىبارەت 3 نەرسىدىن باشقا نەرسىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.

تېزلىك، تېزلىنىش، كۈچ، قۇۋۋەت ۋە ئېنىرگىيەلەرنىڭ ھەممىسى يۇقارقى 3 ئامىلدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەگەر 4-ئامىلمۇ بار دېيىلسە، بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار!
بەت: [1]
: فىزىكىدىكى ئەڭ چوڭ سىر