TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 11:15:01

تاشپولات: ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى

ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى



تاشپولات روزى




سالام قېرىنداشلار ماڭا خېلى كوپ ئاتا-ئانا ھەم ئوقۇغۇچىلار خەت يېزىپ
ئامېرىكادىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشتا قانداق رەسمىيەتلەرنىڭ
بارلىقىنى سورىدى. مەن ئۇلارغا خەت ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن ئىدىم. بۇ
رەسمىيەتلەردىن ھەممە قېرىنداشلارنىڭپايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنى بۇ يەردە
سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى. ئەگەر بۇ رەسمىيەتلەرگە قارىتا يەنە سوئاللار
بولسا ماڭا بىۋاسىتە خەت يازساڭلارمۇ بولىدۇ.



ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى مەكتەپلەرگە قاراپ
ئوخشىمىسىمۇ، تۆۋەندىكى 8 تۈرلۈك ماتېرىيال مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغان
ۋاقىتتا تەلەپ قىلىنىدۇ.



1.مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش فورمىسى



سىز ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە خەت يېزىپ ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلسىڭىز
مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش فورمىسى بىلەن باشقا ماتېرىياللارنى سىزگە ئەۋەتىپ
بېرىدۇ. ئەگەر سىز بۇ فورمىنى ئەۋەتىلىپ بەرگەن خەتنىڭ ئىچىدە
تاپالمىسىڭىز ئۇلارغا تەز خەت يېزىپ سورىسىڭىز ئۇلار يەنە ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
ياكى مەكتەپنىڭ تور بەتلىرىدىن چۈشۈرۈپ ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ماتېرىيالنى
تولدۇرغاندا تەجرىبىسى بار كىشىدىن ياكى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش
ئىشخانىسىغا تېلېفون ياكى خەت يېزىپ سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ فورمىنى
توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن فورمىنىڭ ئاخىرىدا يازغان گەپلىرىڭىزنىڭ توغرا
ياكى يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قول قويىدىغان ئورنى بولىدۇ، بۇ ئورىنى
چوقۇم ئۇنتۇپ قالماي ئىنگلىزچە قول قويۇڭ. ھەمدە سىزنىڭ ئامېرىكادا
ئوقۇشىڭىز ئۈچۈن ئېختىسات جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىپ بېرىدىغان تۇققۇنىڭىز
ياكى ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قول قويۇشىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ.



2. نەتىجىڭىزنىڭ ئىسپاتى



بۇ نەتىجە ئىسپاتىنى سىز ئوقۇغان ئورتا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپلەر
چىقىرىپ بېرىدۇ. سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئالىي مەكتەپلەر، بۇ نەتىجە
ئىسپاتىنى سىز ئوقۇغان مەكتەپنىڭ بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ
قىلىدىغانلىرىمۇ بار، شۇڭا بۇ نەرسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ھەر مەكتەپ
بۇ نەتىجىدىن پەقەت بىرنىلا تەلەپ قىلىدۇ شۇنداق بولسىمۇ مەكتىپىڭىزدىن
ئۇنى كۆپرەك ئېلىۋالغىنىڭىز ياخشى. بەزى ئالىي مەكتەپلەر ئورتا مەكتەپتىكى
نەتىجىلەرنى تەلەپ قىلمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار شۇڭا بۇ ئىشنى
چوقۇمباشتىنلا بىلىۋالغىنىڭىز ياخشى. ئەگەر ئوقۇشنى تېخى تۈگەتمىگەن
بولسىڭىز ھازىرغا كەلگۈچە بولغان نەتىجىلەرنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەگەر ئوقۇشنى تۈگەتكەن بولسىڭىز ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىڭىزنىڭ
كۆپەيتمىسى كېرەك بولىدۇ. بۇمۇ مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇنىمۇ
باشتىنلا ئېنىق بىلىۋېلىڭ.



3. بانكىدىكى پۇلىڭىزنىڭ ئىسپات قەغىزى



ئامېرىكادا ئادەتتە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يەنى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە بولمايدۇ. شۇڭا
ئوقۇش جەريانىدا كېتىدىغان پۇلنى، ئوقۇغۇچى تۆلەلەمدۇ دېگەنئىسپات تەلەپ
قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، بانكىدىكى پۇلىڭىزنىڭ ئىسپاتى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئاتا-ئانىڭىز ئوقۇش پۇلىڭىزنى تۆلەيدىغان بولسا ئاتا-ئانا چوقۇم
پۇلنى مەن تۆلەيمەن دېگەن ئىسپاتقەغىزى كېرەك بولىدۇ. مەكتەپلەرگە قاراپ
مۇنچىلىك ئامېرىكا دوللىرىنى تۆلەش كېرەك دەپ كۆرسىتىلىدۇ. ئادەتتە بىر
يىللىق ئوقۇش پۇلى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئىلتىماس قىلغان
مەكتەپلەردىن بۇنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ. بۇ ئىسپاتنى ئېلىش ئۈچۈن بانكىغا
بارسىڭىز بانكا ئىنگلىزچە پۇلىڭىزنىڭ ئىسپات قەغىزىنى چىقىرىپ بېرىشى
كېرەك. مەكتەپ كونىراپ كەتكەن پۇل ئىسپاتىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ شۇڭا ئەڭ
يېڭىسىنى ئەۋەتىپ بېرىڭ.



4. TOEFL (Test of English as a Foreign Language)



TOEFL دېگىنىمىز چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئىنگلىزچە ئىنتىھام.
ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە كىرىشتە ئوقۇغۇچى چوقۇم بۇ ئىنتىھامغا قاتنىشىشى
كېرەك. مەكتەپ ھەم كەسىپكە قاراپ تەلەپ قىلىنىدىغان نومۇر سىزىقى
ئوخشىمايدۇ. ئىلتىماس قىلغان مەكتەپنىڭ نومۇر سىزىقىنى چوقۇم بىلىۋېلىڭ.
TOEFL نىڭ نەتىجىسىنى TOEFL باش ئىشتاۋى ئىلتىماس قىلىدىغان مەكتىپىڭىزگە
بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بەرمىسە بولمايدۇ. شۇڭا ئەۋەتىش جەرياندا ۋاقىت
كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن TOEFL ئىنتىھامىنى بالدۇرراق بەرگىنىڭىز ياخشى. بۇ
ئىنتىھام سىزنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىڭىزگە يول ئاچىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنئامغا
ياخشى تەييارلىق قىلىپ بېرىڭ.



5. مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشقا كېتىدىغان ھەق.



مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلنى مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش
ماتېرىياللار بىلەن بىرگە ئەۋەتىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇ پۇلنى ئىلتىماس
قىلغان مەكتەپكە ئەۋەتىپ بەرمىسىڭىز سىز ئەۋەتكەن بارلىق ماتېرىياللارنى
مەكتەپ كۆزدىن كۆچۈرمەيدۇ. ئالىدىغان پۇل مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ
شۇڭا مەكتەپتىن بىۋاسىتە سوراپ بىلىۋېلىڭ. بۇ پۇل سىزگە قايتۇرۇلمايدۇ.



6. ماقالە



مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشفورمىسى بىلەن مەكتەپ تەلەپ قىلغان ماقالىنى
بىرگە ئەۋەتىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ. سىز يازماقچى بولغان ماقالە
مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان
ئارزۇيىڭىزنىڭ سەۋەبى ھەم نىمىنى ئۆگەنمەكچى قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە
ئالغان 1 بەت ياكى 2 بەتلىك ماقالە تەلەپ قىلىنىدۇ. بەزىدە ئىلتىماس
قىلماقچى بولغان مەكتەپ، ماقالە يېزىش نۇسخا قەغىزىنىمۇ بىرگە ئەۋەتىپ
بېرىدۇ. ئۇنۇڭغىمۇ دىققەت قىلىڭ. ماقالىمۇ سىزنىڭ مەكتەپكە تاللىنىشىڭىز
ئۈچۈن بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ماقالىنى يازغاندا بەزى
تەجرىبىلىك كىشىلەردىن سورىغىنىڭىز ياخشى.



7. سالامەتلىك ئىسپات قەغىزى



بۇ ئىسپات قەغىزى مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. بەزى مەكتەپلەر سالامەتلىك
ئىسپاتىنى تەلەپ قىلمايدۇ. بەزى ۋاقىتتا سالامەتلىك ئىسپات قەغىزىنى
دوختۇرخانىنىڭ بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.



8. تونۇشتۇرۇش خېتى



تونۇشتۇرۇش خېتىنىمۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش فورمىسى بىلەن بىرگە ئەۋەتىپ
بەرمىسىڭىز بولمايدۇ. سىز بۇ خەتنى ئۆزىڭىز ياخشى تونۇيدىغان دەرستە ياخشى
نەتىجە ئالغان ئوقۇتقۇچىدىن ئالسىڭىز ياخشى بولىدۇ. مەكتەپلەر 2 ياكى 3
تونۇشتۇرۇش خېتىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىمۇ بالدۇرراق يازغۇزۇپ ئالغىنىڭىز
ياخشى. تونۇشتۇرۇش چوقۇم پېچەتلىگەن بۆلىشى كېرەك.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:41:33

مەن ئۇقۇيالمىغىدەكمەندە ئەپسۇس ، تىمىڭىزغا رەھمەت. ماقالىلىرىم ئىلان قىلىنىپ قالسا ، مەكتەپلەر چاقىرىقنى ئۇزى ئەۋەتىپ ، ئۇقۇش پولىنى كەچۇرۇم قىلىپ ئۇقۇش مۇكاپاتى بىرىپ قالىدىغان ئىشمۇ بۇلامدۇ تاشپۇلاتكا؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 22:09:07

بىر ۋاقىتلاردا بىزنىڭمۇ مۇشۇنداق چەت ئەل مەكتەپلىرىدە ئوقۇش ئارزۇلىرىمىز قايناپ تاشاتتى. بىراق... بۇ ئارزۇلارغا يەتكۈچىلا تۇرمۇش، تۇرمۇشنى ئوماق پەرزەنتلىرىمىز بېسىپ كەتتى.........ئاللاھ يەنە پۇرسەت بېرەر!

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 01:16:23

پەخىرلىك ئۇستاز تاشپولات روزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ قېرىنداشلىرىغا ياخشى ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەنلىكىگە تەشەككۈر \"\"

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 10:37:01

1- قەۋەتتىكى muhakimaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئۇقۇيالمىغىدەكمەندە ئەپسۇس ، تىمىڭىزغا رەھمەت. ماقالىلىرىم ئىلان قىلىنىپ قالسا ، مەكتەپلەر چاقىرىقنى ئۇزى ئەۋەتىپ ، ئۇقۇش پولىنى كەچۇرۇم قىلىپ ئۇقۇش مۇكاپاتى بىرىپ قالىدىغان ئىشمۇ بۇلامدۇ تاشپۇلاتكا؟

مۇھاكىمە ئۇكام، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى بېرىپ چاقىرتىدىغان ئىشلار خېلى كوپ. باكالاۋرلىق ئوقۇشقا نىسبەتەن ئوقۇش مۇكاپاتى ئانچە كوپ ئەمەس. بىراق ماگىستىرلىق ھەم دوكتورلۇق ئوقۇشقا ئاجراتقان مۇكاپاتلار كوپ.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 11:30:59

4- قەۋەتتىكى TashpolatRoziنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى muhakimaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئۇقۇيالمىغىدەكمەندە ئەپسۇس ، تىمىڭىزغا رەھمەت. ماقالىلىرىم ئىلان قىلىنىپ قالسا ، مەكتەپلەر چاقىرىقنى ئۇزى ئەۋەتىپ ، ئۇقۇش پولىنى كەچۇرۇم قىلىپ ئۇقۇش مۇكاپاتى بىرىپ قالىدىغان ئىشمۇ بۇلامدۇ تاشپۇلاتكا؟

مۇھاكىمە ئۇكام، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى بېرىپ چاقىرتىدىغان ئىشلار خېلى كوپ. باكالاۋرلىق ئوقۇشقا نىسبەتەن ئوقۇش مۇكاپاتى ئانچە كوپ ئەمەس. بىراق ماگىستىرلىق ھەم دوكتورلۇق ئوقۇشقا ئاجراتقان مۇكاپاتلار كوپ.


رەھمەت تاشپۇلاتكا .


ماگىستىرلىقتا ئۇقۇشقا تەكلىپ قىلىش ئۇچۇن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش لازىمدۇ؟

مەن ئارام ئېلىشقا چىقسام بىرەر مەۋسۇم ئېنگىلىز تىلى ئۇگەنسەم ئۇقۇيالارمەنمۇ ؟


مەن بىئولۇگىيەدە ئالى تېخنىكۇم ئۇقۇغان ، بىراق ئۇقۇسام ماتىماتىكىدا ئۇقۇپ فىزىكىنى داۋاملىق ئۇزلۇگۇمدىن ئوگىنىشم مۇمكىن، سەۋەبى ماقالە يىزىشتا ماتىماتىكا قىسمىدا بەك قىينىلىپ كىتىدىكەنمەن . ھازىر ماترىسسا ، ئوپلاتۇر ، لوباچىۋىسكى گىئومىتىرىيىسى قاتارلىقلارنى ئوگىنىۋاتىمەن. لىكىن ئوگەنگەنلىرىمفىزىكىلىق قاراشلىرىمنى ئىپادىلەشكە يەتمەيۋاتىدۇ. شۇڭا ماتىماتىكا ئۇقۇشنى خىيال قىلىۋاتىمەن. مەن بىر نوقتا 6 ئولچەملىك بوشلۇق بۇلىدىغان، بۇ بوشلۇق گىئودىزىك سىزىق ۋە گىرادىنىتنىڭ فونكىتسىيىسى بولغان ھالەتنى فىزىكىلىق رىئاللىقنى ئىپادىلەشتە قوللانماقچى ئىدىم ، بىراق ، ماتىماتىكا سەۋىيەم يەتمىدى ، بۇنىڭ ئۇچۇن نىمىنى ئۇگۇنۇشۇم كېرەك ، نۇقۇل كوپ ئولچەملىك بوشلۇق توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئوگەنسەم ياخشى ئىپادىلىگىلى بولمىدى، سىزچە خالىغان بىر نوقتىدا 6 ئولچەملىك بوشلۇق تىكلىنىدىغان ھەم بۇ 6 ئولچەم ئوزئارا مۇستەقىل مەۋجۇت بۇلماي ، ئىچىدىكى ئوزئارا مۇستەقىل بولغان 3 ئولچەم ، ئايرىم ئايرىم ھالدا قالغان 3 ئولچەم بىلەن تەتۇر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتىكى فونكىتىسيە تىكلەيدىغان ھالەتنى ئىپادىلەشتە قايسى تۇردىكى ماتىماتىكىلىق قورالدىن پايدىلانسام مۇۋاپىق بۇلىدۇ؟


ئامىرىكا مەكتەپلىرىدە ئەگەرئۇقۇماقچى بولغان كەسىپتە دېپلوم بولمىسىمۇ ماگىستىرلىقتا بىۋاستە ئۇقۇشقا بۇلامدۇ؟


سىزنى كوپ ئاۋارە قىلدىم. رەھمەت!

بەت: [1]
: تاشپولات: ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى