jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 08:33:47

(جەۋلان) يانفۇن توغرىسىدا ياردەم سورايمەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار...


گەپنى قىسقىلا قىلاي ،    Android2.3.6        Samsung i9070 نى نەشىرىنى كۆتۈرىمەن دەپ بۇزۇپ  قويدۇم ، ھازىر قانداقلا بولاقنى يازسام ھەممە ئىشلىرى نورمال بىراق تور سېگنالى يوق ، SIM كارتىنى بىراقلا تونۇمايۋاتىدۇ ، توردىن ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ ئىزدەۋاتىمەن ،  مۇشۇنداق ئىشقا يۇلۇقۇپ باققانلارنىڭ تەجىربىلىرى بولسا كۆپچىلىك ھەمبەھىرلەنسەك دىمەكچىتىم....رەھمەت !!!

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 09:05:51

بۇ كاشىلىغا مەنمۇ يۇلۇققان، بۇنى يانفۇننىڭ ئاساسىي تاختىسىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىكەن ھازىرچە.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 09:08:29

ئەسىلدىكى ئىگە تەرەپ رومىنى قاچىلاپ باقتىڭىزمۇ

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:02:57

2- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسىلدىكى ئىگە تەرەپ رومىنى قاچىلاپ باقتىڭىزمۇ



ياق تېخى ، ئويلىغىنىم ھامان ھەپىلەشكەنكىن باشقا نەشىرلىرىنى قاچىلاپ باقاي دەپ ئىگە تەرەپ رومنى تېخى قاچىلىمىغان ،ھەم بۇ كاشىلىغا ئۇچراپ باققانلاردىن مەسلەھەت ئېلىپ بىر ئىش قىلاي دىۋىدىم .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:06:10

高仿 تېلىفون ئېلىۋاپسەن قېرىندىشىم  \"\" تەقدىرگە تەن بېرىپ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغان بېرىپ ھاقارەت ئاڭلىغاچ ئوڭشىتىپ كەل   {:92:}

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:07:41

بەك بولمىسا ياڭاق چاقارمەن ، ھازىر ھەپىلىشىش باسقۇچىدا ئاداش \"\"  مەن يوق غەيۋىتىمنى قىلىشتىڭلىمۇ يا  سېغىنىپ ياش تۆكتۈڭلىمۇ قېرىندىشىم\"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:19:11

ما ئىككى كۈن سېنى ئۇنتۇپ قاپتۇق قېرىندىشىم ،سەن توغرىلىق گەپمۇ بولماپتا،توۋا .   {:106:}  مەن ھازىر كىرىپ سېنىڭ بارلىغىڭنى ئەسلىتىپ قوياي ھە   {:92:}

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:19:14

1- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ كاشىلىغا مەنمۇ يۇلۇققان، بۇنى يانفۇننىڭ ئاساسىي تاختىسىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىكەن ھازىرچە.



ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەس ، ھېيت كەپ قېلۋاتقاندا ئادەمنى قورقۇتماڭە...\"\"

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:20:33

6- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما ئىككى كۈن سېنى ئۇنتۇپ قاپتۇق قېرىندىشىم ،سەن توغرىلىق گەپمۇ بولماپتا،توۋا . \"\" مەن ھازىر كىرىپ سېنىڭ بارلىغىڭنى ئەسلىتىپ قوياي ھە \"\"



\"\"\"\" بەك مېھرىبان ئاداشلىرىم بار جۇمۇ مېنىڭ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:30:22

مانداق گەپ،ئۆتكەندە بىر ئاغىنەم   Samsung i9300 يانفوندىن بىرنى ئىچكىرىدىن 2000 سومغا ئەكەلدۈرگەن ،ۋاي ھەجەپ ئەرزان ئالدىمەي،ئەمدى بىرنەرسە ئالسام ئىچكىرىدىن ئالىمەننەي............. دەپ كاكىراپ يۈردى،مەنمۇ يانفونىنى قولۇمغا ئالسام جىڭلا مال، قانداق بوپ كەتتى دەپ يۈردۈم . بىر كۈنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ،ئۇيغۇرچە تونۇتايلى دەپ ،شۇنىڭ بىلەن روت نى ئېلىپ بولۇپ،قارىسام نەشرى تۆۋەن،نەشرىنى يۇقۇرلىتاي دەپ سېستىما قاچىلاش جەريانىدا كېسەك بولاپ قالدى،بىر كۈن قېرىشىپ ئامال قىلالماي،سامسۇڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا ئاپارساق بۇ تېلىفون ئېغىر دەرىجىدىكى 高仿 چىقىپ قالدى .

سېنىكى ئەمدى ئ.ۇنداقمۇ ئەمەستۇ دەيمەن \"\" شۇنداق بولسىمۇ بۇ يەردە مەسلىھەت سورىماي دىككىدە مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا ئاپىرىپ باق .



جىقلا گەپ قىلىپ كېتىپتىمەن،چۈشەندىڭمۇ قېرىندىشىم   {:92:}

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:37:06

8- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما ئىككى كۈن سېنى ئۇنتۇپ قاپتۇق قېرىندىشىم ،سەن توغرىلىق گەپمۇ بولماپتا،توۋا . \"\" مەن ھازىر كىرىپ سېنىڭ بارلىغىڭنى ئەسلىتىپ قوياي ھە \"\"



\"\"\"\" بەك مېھرىبان ئاداشلىرىم بار جۇمۇ مېنىڭ



يۇقارقى  جۈملىنى  توپتىكى  قېرىنداشلارغا  يەتكۈزسەم  بەك  خاپا  بولۇشۇپ  كەتتى ، بەس-بەستە سېنى  ئىنتايىن  سېغىننىشقانلىغىنى ،پەقەتلا  بۇ  سېغىنىش  ھىسسىياتىنى توپتا  ئىپادىلەشنى  توغرا  كۆرمەي  كۆڭلىدىلا  بىلىشكەنلىگى ھەققىدە    پىكىر بايان  قىلىشىپ  ئۆز مەيدانىنى  ئىپادىلەۋاتىدۇ .\"\"

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:40:09

بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ باقسامچۇ ئىگە تەرەپ بولىقىنى \"\" ، مەن تېخى ئەسلىدىكى بولاقمۇ 2.3.6 ئوخشايدۇ دەپ قاچىلىماپتىكەنمەن ، ھازىر ئىگە تەرەپ بولىقى دەپ ئىزدەپ تېپىپ يانغۇنغا يازسام ھەممە كاشىلىلار ئوڭشالدى ، تېخى نەشىرى 4.1.2 كەن ، قېنىدۇ ما SIM كارتام ئەمدى  {:92:}

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:40:28

سەنشىڭ تېلىفۇننىڭ ئەڭ ئىسىل رومى ئورگان رومى. بەك ئارتۇقچە دىتاللار كۆپ دىسە ئۇنداق تۆۋەن نەشىردىكى سېستىمىلارنى ئورگان رومىغا چېقىلماي تۇرۇپ ئارتۇقچە ئەپلەرنى تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ.

سىز يولۇققان ئەھۋالدا بىرلا ئامال--يەنى ئورگان رومىنى قاچىلاپ بېقىش. ئەگەر روم ھۆججىتى كۆپ خىل بولسا ماس كېلىدىغان نۇسخىسىنى قاچىلاش كېرەك. مەسىلەن شىياڭگاڭ نۇسخىدىكى تېلىفۇنغا ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى رومنى قاچىلسىڭىز بولمايدۇ. چوقۇم شىياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى رومنى قاچىلاش كېرەك. بولمىسا مودىم توغرا كەلمەي(يېنىك بولسا)سېگنال چىقمايدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ روملىرىدا ئاساسەن مودىمنىڭ قوزغاتقۇچى بولمىغاچقا ئۇنداق پارتىزانچە روملارنى قاچىلىغىنىڭىز بىكار.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:43:21

ئۇفففففف.....تۇنۇگۇن دەم ئېلىشىمنىمۇ دەم ئېلىش قىلمىدى بۇ تېلفۇن جۇما ، ئەمدى WIFI ئويناي

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 11:12:38

يانفوندا ئاساسى پروگىراممىلىرىدىن باشقا radio دەيدىغان سىگنال قوبۇللاشقا مۇناسىۋەتلىك قىسمى بار. ئادەتتىكى روملاردا ئۇ radio قىسىمىغا دىققەت قىلمايدۇ. ئۇ پەقەت ئىگە تەرەپ رومىدا بولىدۇ. مەن بۇرۇن htc يانفونغا تولا سىستېما قاچىلايتىم، بىر چاغدا دەل يوقاردا دېگەندەك روم نورمال قاچىلىنىپ سىگنال يوقاپ كەتكەن، ئاشۇ radio قىسىمىنى ئايرىم قاچىلاپ ئوڭشىغان ئىدىم.

sekine يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 11:46:18

1- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ كاشىلىغا مەنمۇ يۇلۇققان، بۇنى يانفۇننىڭ ئاساسىي تاختىسىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىكەن ھازىرچە.

ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.مەنمۇ يولدىشىمغا ئالما تېلفۇننى كۆتۈرگۈزۈپ ئەكەپ بېرىڭ دىسەم كىيىن كىيىن دەۋەردى.ئاچچىقىمدا ئۆزۈم بىر ھەپلىشىپ باقاي دەپ توردا دىيىلگەن ئۇسۇللار بويىچە قىلسام تېلفۇنىم ئېچىلمىدى.كىسەكلا بوپ قالدى.ئەسلى تۈرمىدىن قاچۇرماي ۋە مودىمنى ئۆزگەرتمەيلا قىپتىكەنمەن.ئامال يوق تىلفۇن رىمونت قىلدىغان يەرگە ئاپىرىپ ئوڭشۇتۇپ ئەكەپ بەردى. توغرا ئۇسۇلدا قىلمىسا بىر پارچە كىسەككە ئايلىنىپ قالدىكەن.

Y.n.elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 11:53:35

ئالىپ بۇرادەرنىڭ يانفون بىلىملىرىدىن كۆپ نەپ ئالىمىز . مىجەز - خاراكتىرىمۇ بەك ئېسىل بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ... ( بىر ئادەمنى يۈزىگە ماختاش ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى ، خۇشامەتچى چىراي كۆرۈنۈپ ... )

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 13:44:35

16- قەۋەتتىكى Y.n.elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالىپ بۇرادەرنىڭ يانفون بىلىملىرىدىن كۆپ نەپ ئالىمىز . مىجەز - خاراكتىرىمۇ بەك ئېسىل بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ... ( بىر ئادەمنى يۈزىگە ماختاش ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى ، خۇشامەتچى چىراي كۆرۈنۈپ ... )

شۇ شۇ ... مەنمۇ ھېلى ئۈندىدار ، ھېلى كوت كوتتا ئارام بەرمەيمەن بۇ بۇرادەرگە...جىق ئىشلارنى ئۆگىنۋالدىم...تەشەككۈر



مېنىڭ يەكۈنىم شۇ بولدىكى :



1. تېلفۇننىڭ ئەسلى ئىگە تەرەپ ROM نى ئىشلىتىش ! (ھېلى مەمەتنىڭ، ھېلى سەمەتنىڭ ئۆزگەرتىۋالغان ROM لىرىنى ئىشلەتكەندە ، تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلسە قاچىلىنىپ نورمال ئىشلەپمۇ قالىدىكەن ، ئوڭدىن كەلمىسە تېلفۇنىڭىز بۇزۇلىدۇ ، يىنكرەكى مېنىڭكىدەك سېگنالى چىقماي قالغاندەك يىنىك چاتاقلار ، ئېغىرراق بولغاندا تېلفۇننىڭ ئۆزىدىكى ROM يازىدىغان ئىقتىداردىن ئايرىلىپ تېلفۇنىڭىز ھەقىقى بىر كېسەككە ئايلىنىدۇ ، تېلفۇننىڭ ئەسلى ئىگە تەرەپ ROM نى ئىشلەتكەندە بۇنداق بولۇش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ)


2. كاللامدا تېلفۇننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دىگەن ئۇقۇم ئايدىڭ بولدى ، بىلىشىمچە :


ئىككى خىل ئۇسۇل باركەن


1. بىۋاستە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ROM نى يېزىش ئارقىلىق بىۋاستە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ، ئەڭ ئاددى لېكىن ئەڭ خەتەرلىك ئۇسۇل ، بولسا بولدى ، بولمىسا ئىششەك پاتمان ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىسىز ياكى مەڭگۈلۈك خوشلىشىسىىز.


2. ھازىرقى يانفۇنىڭىزنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ (يەنى ROOT باشقۇرۇش ھوقۇقى_ئالى ئىشلەتكۈچى ھوقۇقى)نى ئېلىپ ئاندىن تېلفۇننىڭ خەت نۇسقىلىرىنى ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېلىش



بۇرۇن ھەپىلىشىپ باقماپتىكەنمەن ، تۈنۈگۈن دەم ئېلىش ئۆيدە تور يوق ، قولۇمدا بار ROM لارنى ئوڭدا سولدا يېزىپ بىر مۇنچە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلدىم ، ئەتىگەن مۇشۇ تېمىدىكى ئالىپ قالدۇرغان ئىنكاس بويىچە ئىگە تەرەپ بولىقىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام ھەممە ئىش ئوڭشالدى ، ئاۋارە بولغىنىمغا چۇشلۇق ئازراق بىر نەرسە بىلۋالدىم ، شۈكرى...

semetaxun يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 20:33:52

تېمىنىڭ ماۋزۇسىدىن مەقسەتنى ئىلغا قىلغىلى بولمىسا بۇنداق تېما يوللىغۇچىنى سەۋىسىز دېيىشكە بولىدۇ.

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 20:50:31

{:92:}  \"\" \"\" \"\"

ما تېمىغا ئوت قوياي دەپتۇدە باللا
بەت: [1] 2
: (جەۋلان) يانفۇن توغرىسىدا ياردەم سورايمەن.