mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 23:29:12

قاسىمكامنىڭ توغرىمۇ مېنىڭمۇ ؟

دېققەت: مەزكۇر تېمىغا قويۇلغان سوئالغا تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىققىچە فىزىكا ئوقۇپ باقمىغان تورداشلارنىڭ جاۋاب بېرىشىنى قارشى ئالمايمەن ! شۇڭا جاۋابىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ فىزىكا تەلىمىنى قانچىلىق ئالغانلىقىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ، مەسىلەن : تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىققىچە ياكى ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى فىزىكا ... دېگەندەك . يالغان ئېيتماڭ ، ھەقنى سۆزلەش پەرىز!


1) قاسىمكام «ئوبىيىكتىپ زاماندىن ۋاز كېچىشنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق ئوبىكتىپ رېئاللىق ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ» ، مەن قاسىمكامدىن سورىدىم «تېمپىراتۇرا، ماسسا دېگەنلەرچۇ؟» ، قاسىمكام «بۇلارمۇ ئوبىكتىپ رېئاللىق» ، ئاندىن مەن مۇنداق ھۆكۈم چىقاردىم :«ماسسا ۋە تېمپىراتۇرا بولسا قانداقتۇر ئۈچ ئۆلچەملىك نەرسىلەر بولماستىن مىقدارغىلا ئىگە بولغان سىكاليار، شۇڭا سىزنىڭ بۇ ئىدىيىڭىز تايانچ قىلغان لوگىكىدا يول قويغۇسىز خاتالىق بار» ، قاسىمكام ھۆكۈمۈمگە قايىل بولماي ماسسىنى ماددا دەپ قاراپ ئۈچ ئۆلچەملىك ، تېمپۇراتۇرانى يۆتكىلىدۇ دەپ قاراپ ئۈچ ئۆلچەملىك دېدى . مەن ئۇنداق ئەمەس دېدىم . مېنىڭ توغرىمۇ قاسىمكامنىڭمۇ؟


2) قاسىمكام «زامان» نىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكىنى «ھازىر» دەپ قارايدىكەن ، مەن قاسىمكامغا تۈزىتىش بېرىپ «ھازىر» نىڭ بىرلىك ئەمەسلىكىنى ، ئۇنىڭ بىر ھالەت ئىكەنلىكىنى ، بىرلىكى بولسا «سائەت»«مىنۇت»«سېكونت» بولىدىغانلىقىنى دېدىم. ئۇ مېنىڭكىنى خاتا دېدى ، مەن ئۇنىڭكىنى خاتا دېدىم . مېنىڭ توغرىمۇ قاسىمكامنىڭمۇ؟


3) قاسىمكامنىڭ دېيىشىچە «ئەڭ كىچىك ئاساسىي زەرىچە ئېن بولۇپ ، بىر جۈپ ئېن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇلمۇ سوقۇلسا ئېلاستىك قاڭقىيدىكەن ، ھەركەت مىقدارى ساقلىنىدىكەن» ، مەن دېدىم «ئەڭ كىچىك ئاساسىي زەرىچە ئېن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل سوقۇلسا ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىدۇ، قويۇپ بېرىلگەن ئېنىرگىيە ئېن دىن پارچىلىنىپ چىققان ماسسا» . مېنىڭ توغرىمۇ قاسىمكامنىڭمۇ؟



جاۋابىڭلارنى كۈتۈپ، ھۆرمەت بىلەن :


ماھىرجان تاھىر


oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 07:01:38

‏نادان بىلەن گەپ تالاشقۇچە ئىت بىلەن سوڭەك تالاشسىڭىزچۇ

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 08:24:38

قاسىمكامنى چۈشىنىدىغان ئادەملەرگە شۇ نەرسە ئايانكى ، قاسىمكامغا ھەر قانچە كۈچلۈك پاكىت كۆرسىتىلسىمۇ قايىل بولمايدۇ . بۇ خۇددى ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەس دىگەنگە ئۇيغۇن . بىلىمخۇمار ئەپەندى سەمىمى پاكىت كۆرسىتىپ قاسىمكام نەزىرىيەسىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ قايىل بولمىدى . ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەقەللى بىرىنچى قەدەم چەتئەلنىڭ داڭلىق فىزىكا ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىش كېرەكلىكىنى، نەزىرىيەنىڭ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتلاشتىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى جەك مۇ دەپ ئۆتتى . بىراق جەكمۇ ھارغىچە باش ئاغرىقى جىدەل ماجرا كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالدى . بۇنى كائىنات تورىغا كىرىپ باقساڭلار . ياكى مۇشۇ ئىزدىنىشتىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىغا قارىساڭلار بولىدۇ .

ئەسلى تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قاسىمكام ئەدەبىياتچى ، شائىر . شائىرلار ئادەتتە گەپكە ناھايىتى ئۇستا بولىدۇ . (مەن ھازىرغىچە ئۇچراتقان شائىرلار دەل شۇنداق) . ۋە شائىرلار ئاسانلىقچە بىر كىمگە گەپ بەرمەيدۇ . ئۇلاردا سەمىيمىيلىك بىلەن ئۆز خاتالىقىنى تونۇش ، ئۆزى ھەققىدە ئىزدىنىش ناھايىتى ئاز .

مەسىلەن قاسىمكامغا بۈگۈن ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ، ھاۋادا ئالقانچلىكمۇ بۇلۇت يوق ھە ، - دىسىڭىز .

قاسىمكام : - ياق ھاۋانىڭ ئوچۇقلۇقى نىسبى ، سىزنىڭ بۈگۈن دەپ كۆزدە تۇتىۋاتقىنىڭىز ۋاقىت ئۇقۇمى ئېنىق ئەمەس دەيدۇ . مەسىلەن بۈگۈننىڭ چۈشتىن ئاۋۋالىنى دەمسىز ، ياكى چۈشتىن كېيىنىنى دەمسىز ، ئەگەر پۈتۈن بىر بۈگۈننى كۆزدە تۇتسىڭىز ئۇنداقتا ھاۋا چۈشتىن كېيىن ئۆزگىرىپ قېلىشى مۆمكىن ، چۈشتىن كېيىن ئۆزگەرمىسە كېچىدە ئۆزگىرىشى مۆمكىن دەيدۇ . چۈنكى سىز تىلغا ئالغان بۈگۈننىڭ چېگرىسى كېچە سائەت 00 يەنى 24 كىچە ئەمەسمۇ . شۇنىڭ بىلەن سىز‹ ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەسلىك › دىگەن ماقالىنى ئەمەلى فىزىكىلىق تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن بولىسىز .

قاسىمكامنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە بىر قسىم رۇبائيلىرىنى ئوقۇساق ئۇنىڭ تىلى ۋە تەپەككۈرى ناھايىتى ئۆتكۈر شائىر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز . بۇ ئادەم مۇشۇ ئايىقى چىقماس نەزىرىيەلەرگە 25 يىل قىممەتلىك ۋاقتىنى ۋە ھاياتىنى سەرپ قىلمىغان بولسا بەلكىم ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شائىر بولۇپ چىقاتتى ۋە نەچچە ئېسل بازارلىق شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالاتتى .

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 08:34:53

1- قەۋەتتىكى oyuncuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏نادان بىلەن گەپ تالاشقۇچە ئىت بىلەن سوڭەك تالاشسىڭىزچۇ



سىزنىڭ ماۋۇ ئىنكاسىڭىز ماڭا تازا ياقمىدى.مەنمۇ بۇرۇن قاسىمكامنىڭ ئاممىۋى ئىزدىنىشلىرىنى ئاخمىقانىلىق ئالجىغانلىق دەپ قارايتتىم.لىكىن يىقىندىن بۇيان كوچا-مەھەللە دوقمۇشلىرىدا قارت-شاھمات ئويناپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان ياشانغان كىشىلىرىمىزنى كۆرۈپ قاسىمكامنىڭ ئىزدىنىش روھىغا قايىل بولۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرمىدىم ھەم نارازى بولمىدىم.قارت-شاھمات ئويناپ مەس-ئەلەس بولۇپ يۈرگىچە مىنىڭچە بولغاندا قاسىمكامدەك بولسىمۇ بىر نەرسە جىجىلاپ باققان ياخشىمىكىن دەيمەن.

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 08:35:44

قەشقەردىن بىر كىشى غۇلجىغا كېلىپ تۇققىنىنىڭ ئۆيىنى تاپالماي كوچىدا ئولتۇرغان بىر توپ ياش بالىلاردىن تۇققىنىنىڭ ئۆيىنى سوراپتۇ .

بالىلار دەپتۇ : - بوپتۇ بىز تۇققىنىڭىزنىڭ ئۆيىنى دەپ بېرىمىز ، ئەمما بىر تېپىشماق سورايمىز جاۋابىنى دەپ بېرىڭ دەپتۇ .

قېنى سوراڭلار دەپتۇ مويسىپىت .

- قانىتى يوق لېكىن ئاسماندا ئۇچىدىغان تۆمۈر ، جىققىدە يولۇچىلار چۈشىدۇ دەپتۇ .

- ئايروپىلانغۇ ئۇ ،- دەپتۇ مويسىپىت .

- شۇ ئايروپىلانلىقى ئايروپىلان ، مەسىلە ئۇ ئامېرىكىنىڭمۇ ، جوڭگۇنىڭمۇ ، گېرماننىڭمۇ ، ئەنگىلىيەنىڭىمۇ ؟

قەشقەرلىك مويسىپىت بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىنى ئەخمەق قىلىۋاتقىنىنى سېزىپ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلسىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ مۇنداق دەپتۇ .

- مەنمۇ بىر تېپىشماق دەي تېپىپ بېقىڭلار ،- دەپتۇ .

- چېچى ئۇزۇن ، ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆينىڭ تامىقىنى ئېتىدۇ ئۇ كىمۇ ؟

- ئايال كىشى دەپتۇ ، - بالىلار تۇشمۇ تۇشتىن .

- شۇ قانداق ئايال دەپتۇ ، - قەشقەرلىك كىشى ، ئاناڭمۇ ، ئاچاڭمۇ ، سىڭلىڭمۇ ئېنىق دىمەمسەن .

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 08:52:10

4- قەۋەتتىكى ciao2013نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەشقەردىن بىر كىشى غۇلجىغا كېلىپ تۇققىنىنىڭ ئۆيىنى تاپالماي كوچىدا ئولتۇرغان بىر توپ ياش بالىلاردىن تۇققىنىنىڭ ئۆيىنى سوراپتۇ .

بالىلار دەپتۇ : - بوپتۇ بىز تۇققىنىڭىزنىڭ ئۆيىنى دەپ بېرىمىز ، ئەمما بىر تېپىشماق سورايمىز جاۋابىنى دەپ بېرىڭ دەپتۇ .

قېنى سوراڭلار دەپتۇ مويسىپىت .

- قانىتى يوق لېكىن ئاسماندا ئۇچىدىغان تۆمۈر ، جىققىدە يولۇچىلار چۈشىدۇ دەپتۇ .

- ئايروپىلانغۇ ئۇ ،- دەپتۇ مويسىپىت .

- شۇ ئايروپىلانلىقى ئايروپىلان ، مەسىلە ئۇ ئامېرىكىنىڭمۇ ، جوڭگۇنىڭمۇ ، گېرماننىڭمۇ ، ئەنگىلىيەنىڭىمۇ ؟

قەشقەرلىك مويسىپىت بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىنى ئەخمەق قىلىۋاتقىنىنى سېزىپ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلسىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ مۇنداق دەپتۇ .

- مەنمۇ بىر تېپىشماق دەي تېپىپ بېقىڭلار ،- دەپتۇ .

- چېچى ئۇزۇن ، ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆينىڭ تامىقىنى ئېتىدۇ ئۇ كىمۇ ؟

- ئايال كىشى دەپتۇ ، - بالىلار تۇشمۇ تۇشتىن .

- شۇ قانداق ئايال دەپتۇ ، - قەشقەرلىك كىشى ، ئاناڭمۇ ، ئاچاڭمۇ ، سىڭلىڭمۇ ئېنىق دىمەمسەن .

\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"


ھارپىلىق كۈلكەم

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 08:52:44

1- قەۋەتتىكى oyuncuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏نادان بىلەن گەپ تالاشقۇچە ئىت بىلەن سوڭەك تالاشسىڭىزچۇ

سىز ئۆزىڭىزنى نادان دەپ قارىمامسىز؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 09:06:44

خەقنى ئۇنداق-مۇنداق دېگەنلەر، ئۆزلىرىمۇ گەپتە ئازراق دىققەت قىلسا بولامۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 09:49:16

ئىلمىي كۆز قاراشلارنىڭ توغرا خاتاسىنى ئىلمىي ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرۇش كىرەك. مۇنبەرلەردە ئولتۇرۇپ بۇنى ئايرىپ بىرىپ بولغىلى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، بەرىبىر ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە قايىل بولماي تۇرۋالىدىغان گەپ. بەرىبىر سىزنىڭ توغرا بولسۇن ياكى قاسىمكامنىڭ توغرا بولسۇن مۇنبەردىكىلەرنىڭ شۇنداق دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 09:59:52

بۇ ئادەمنىڭ «ماقالە»لىرىنى يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللاپ يۈرگىنىدىن بىرەر نەرسىنى ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ ئۇلۇغ كۈنلەردە ئارتۇق گەپ قىلىشمايلى، فىزىكا شېئىر يازغاندەك بەدئىي تەسسەۋۋۇرغا تايىنىپ قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.{:90:}

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:56:06

مېنىڭچە قاسىمكام ماقالىسىنى ياخشى قىلىپ تەرجىمە قىلدۇرۇپ ، مۇشۇ خىل ئىلمىي ماقالىلارنىڭ باھالاشقا شەرتى توشىدىغان بىرەر ئىلمىي ئورگاننىڭ كۆرۈپ چىقشىغا سۇنغىنى تۈزۈكمىكىن . ئېتىراپ قىلىش ئەمەس ئىسپاتلاشتىنمۇ ئۆتمىگەن بۇ خىلدىكى ئىلمىي ماقالىلارنى ئەسلىدىلا تەبىئىي پەنلەردىن ئاساسى ئاجىز ئۇيغۇر ئاممىسىغا ، بولۇپمۇ كىملىكىنى بىلىپ بولمايدىغان تور ئەھلىگە تاشلاش بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس . ئۇچۇر خاراكتىرىنى ئالغان ، ئېتىراپ قىلىنىپ ئىسپاتلىنىشتىن ئۆتكەن ، نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلار بولسا بۇنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە سۇنسا ئۇنىڭ يولى باشقا .


oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 11:01:43

6- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى oyuncuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏نادان بىلەن گەپ تالاشقۇچە ئىت بىلەن سوڭەك تالاشسىڭىزچۇ

سىز ئۆزىڭىزنى نادان دەپ قارىمامسىز؟

نادان دىگەن گەپنى جاھىل دەپ چۈشۈنۈڭ

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 11:38:04

ئۇف... مەن مۇشۇنداق ئىشلار بولمىسۇن دەپ فىزىكىدىن تەلىم ئالمىغانلارنى قارشى ئالمايمەن دەپ يازغان ئىدىم ، قېنى سوئالنىڭ جاۋابى ، ساپلا شەخسىيەتكە تېگىدغان گەپلەركەنغۇ بۇ ؟

ahunbag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 11:45:01

سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنقى ئىككى سۇئالىڭىز ئەمىلىيەتتە ماكان ۋە زامانغا ئائىت سۇئال ئىكەن، ھەمدە ھەر ئىككىسىدە لوگىكىلىق خاتالىق بار ئىكەن.

1. رىئاللىق ئوبىكتىپ بولىدۇ، مەن تېخى ھازىرغىچە سوبىكتىپ رىئاللىق دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم{:90:}

2. ماكان ئۈچ يۆنىلىشلىك بولىدۇ. يەنى ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئىگىىزلىك. زامان بولسا بىر يۆنىلىشلىك بولىدۇ، يەنى ئۆتمۈش__ كەلگۈسى.

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:06:43

13- قەۋەتتىكى ahunbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنقى ئىككى سۇئالىڭىز ئەمىلىيەتتە ماكان ۋە زامانغا ئائىت سۇئال ئىكەن، ھەمدە ھەر ئىككىسىدە لوگىكىلىق خاتالىق بار ئىكەن.

1. رىئاللىق ئوبىكتىپ بولىدۇ، مەن تېخى ھازىرغىچە سوبىكتىپ رىئاللىق دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم \"\"

2. ماكان ئۈچ يۆنىلىشلىك بولىدۇ. يەنى ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئىگىىزلىك. زامان بولسا بىر يۆنىلىشلىك بولىدۇ، يەنى ئۆتمۈش__ كەلگۈسى.

قايسى ئىككىسىدە ؟ مۇمكىن بولسا تەپسىلىي كۆرسىتىپ بەرسىڭىز .

facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:15:43

mahirjanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل




2) قاسىمكام «زامان» نىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكىنى «ھازىر» دەپ قارايدىكەن ، مەن قاسىمكامغا تۈزىتىش بېرىپ «ھازىر» نىڭ بىرلىك ئەمەسلىكىنى ، ئۇنىڭ بىر ھالەت ئىكەنلىكىنى ، بىرلىكى بولسا «سائەت»«مىنۇت»«سېكونت» بولىدىغانلىقىنى دېدىم. ئۇ مېنىڭكىنى خاتا دېدى ، مەن ئۇنىڭكىنى خاتا دېدىم . مېنىڭ توغرىمۇ قاسىمكامنىڭمۇ




بۇ يەردە ئەڭ كىچىك بىرلىك \"ھازىر\" نى پەيىت دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ، مەلۇم بىر پەيتنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، بىز پەقەت 0.00000000001 سىكۇنتتىكى پەيت دىگەندەك مەلۇمبىر كىچىك سان بىلەن ئىپادىلەپ قۇيۇشقىلا قادىر. ئەمما ماتىماتىكىدا مەلۇم ۋاقىت ئارلىقىنى،بارلىق پەيتلەرنى قۇشۇپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ.


يەنە بۇ ئادەم ، ماددىىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكىنى بىر نەرسە دەپ ئاتىغاندەك، ۋاقىتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكىنىمۇ ھازىر دەپئىسىم قۇيۇپتۇ.


بۇ جۈملىدە كىمنىڭكىنى خاتا دىيىش توغرا كەلسە سزنىڭ بەك خاتا بۇلۇشى مۇمكىن.


قالغان جۈملىلەردە ئەھۋال يىتەرلىك چۈشۈندۈرۈلمىگەن.



mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:43:06

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم facebook تورداش ، مەن قەتئىيلا ھېس قىلماي قاپتىمەن ، ھەقىقەتەن توغرا دېدىڭىز ،« ھازىر » دەپ ئۇشبۇ پەيتنى ئىپادە قىلساق بۇ ئىنتايىن كىچىك بىر پەيت بولالايدۇ ... مەن كۆپ ئويلانماي قاپتىمەن ... ھاھاھا ، راست مېنىڭ بەكرەك خاتا بولىدىكەن ، چۈنكى مەن «ھازىر» نى ھالەت دەپ بىلجىرلاپ ساپتىمەن{:90:}.... بەك قايىل قىلارلىق چۈشەنچە بەردىڭىز ، سىزگە كۆپ رەھمەت !!!!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 18:00:32

قاسماڭكامنىڭ جاۋاب بەرگىنى ، سىزنىڭ تىما يازغىنىڭىز خاتا بولغان چىراي !

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 20:24:17

سىز مايور دىگەن نامدا تورغا چىقىدىغان پروگراممىر ماھىرجان شۇمۇ؟ شۇ بولسىڭىز بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىشنى نىمە بولۇپ خالاپ قالغىنىڭىزغا ھەيران قىلۋاتىمەن. \"\" مەن ئورمانچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان، لىكىن ھازىرقى كەسپى كومپيۇتېر. مەن بولسام ھەرگىزمۇ ئورمانچىلىقتا ئوقۇغان كەسىپدىشىم بىلەن كود ھەققىدە مۇنازىرىلەشمەيتتىم. \"\"

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 23:25:28

18- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز مايور دىگەن نامدا تورغا چىقىدىغان پروگراممىر ماھىرجان شۇمۇ؟ شۇ بولسىڭىز بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىشنى نىمە بولۇپ خالاپ قالغىنىڭىزغا ھەيران قىلۋاتىمەن. \"\" مەن ئورمانچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان، لىكىن ھازىرقى كەسپى كومپيۇتېر. مەن بولسام ھەرگىزمۇ ئورمانچىلىقتا ئوقۇغان كەسىپدىشىم بىلەن كود ھەققىدە مۇنازىرىلەشمەيتتىم. \"\"

مەن شۇ ، گەرچە كەسپىم پروگراممېر بولغىنى بىلەن فىزىكىغا ئوتتەك مۇھەببىتىم بار. ئەمما قاسىمكامنىڭ بەزى گەپلىرى ئاڭلاپ مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان فىزىكا دەرىسلىكىدىن تارتىپ تولۇقسىزغىچە بولغان فىزىكا دەرىسلىكلىرى تۈپتىن خاتا ئوخشايدۇ دېگەن كۆز قاراشقا كېلىپ قالدىم ..... شۇڭا زادى قايسى توغرا بىلىپ باقاي دېدىم...
بەت: [1] 2
: قاسىمكامنىڭ توغرىمۇ مېنىڭمۇ ؟