matimatika يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 13:17:40

قايىتما ساننىڭ سىرى

قايىتما ساننىڭ سىرى

ئەنۋەر تۇردى(ماتېماتىكا)





قايىتما سان دېگىنىمىز -  ئوڭدىن ئوقۇسىمۇ ، سولدىن ئوقۇسىمۇ ئوخشاش بىر سان بولىدىغان سانلاردۇر . مەسىلەن : 12421 ، 434 ، 8668 .... قاتارلىق. بۇ سانلارنى سىز ئوڭدىن باشلاپ ئوقىسىڭىزمۇ ياكى سولدىن باشلاپ ئوقۇسىڭىزمۇ ئوخشاشلا بىر سان ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ . بۇنداق ئوڭ تەتۇر ئوقىسىمۇ ئوخشاش بولىدىغان سانلار ماتېماتىكىدا ناھايىتى كۆپ . تەبىئى سانلار ئىچىدە ئەڭ كىچىكى 0 دىن ئىبارەت ، ئاندىن :



1,2,3,4,5,6,7,8,9,11,22,33,44,55,66,77,88,99,

101,111,121,131,141,151,161,171,181,191,

202,212,222,232,242,252,262,272,282,292,

303,313,323,333,343,353,363,373,383,393,

404,414,424,434,444,454,464,474,484,494,

505,515,525,535,545,555,565,575,585,595,

606,616,626,636,646,656,666,676,686,696,

707,717,727,737,747,757,767,777,787,797

,808,818,828,838,848,858,868,878,888,898,

909,919,929,939,949,959,969,979,989,999.



قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قايىتما سانلاردىن ئىبارەتتۇر. بىراق بۇ خىل قايىىتما ساننىڭ قېزىقارلىق بىر سىرى بار.

بەزى سانلارنىڭ ئۆزى قايىتما سان ئەمەس، لىكىن ئۇنى تەتۇر ئوقۇغاندىن كىيىنكى "قايىتما" ھالىتىدىكى ساننى ئۇنىڭغا قوشقاندىن كىيىن بىر يېڭى "قايىتما" سان پەيدا بولىدۇ.

مەسىلەن: 83 قايىتما سان ئەمەس ، لىكىن بۇ ساننى قايتۇرۇپ ئوقۇپ ھاسىل بولغان سان 38 بىلەن قوشساق بىر قايتما سان 121 ھاسىل بولىدۇ. يەنى،

83 +38=121

ماتېماتىكلار كۆپ قېتىم ھېسابلاش ئارقىلىق ، خالىغان بىر تەبىئى ساننى ،ئۇنى تەتۇر ئوقۇغاندىن كىيىنكى ھاسىل بولغان سانغا قوشۇپ ، بۇنىڭ يىغىندىسى بىلەن شۇ يىغىندىنى تەتۇر ئوقۇغاندا ھاسىل بولغان سانغا قوشساق ، ئاندىن مۇشۇ تەرزدە قايتا-قايتا قوشساق ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر قايىتما سانغا ئېرىشكىلى بولىدۇ - دېگەن تەسەۋۇرنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ "قايىتما تەسەۋۇرى"دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: 68 نىڭ ئۆزى قايىتما سان ئەمەس ، بىراق قايىتما تەسەۋۇرى بويىچە ھېسابلىساق ،

1111=506+605 ، 605=451+154 ، 154=86+68

بولۇپ ئاخىرىدا بىر قايىتما سان 1111 گە ئېرىشىمىز. يەنە مەسىلەن:

9339=4125+5214 ،5214=3741+1473 ، 1473= 687+786 ،786=591+195

بولغانلىقى ئۈچۈن 195 قايىتما سان بولمىسىمۇ تۇرت قېتىملىق قايىتما تەسەۋۇرى بىىلەن قوشۇشتىن كىيىن  قايىتما سان 9339 غا ئېرىشەلەيمىز.



ئەمدىكى  مەسىلە شۇكى :

  (1) يۇقۇردىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بارلىق سانلاردىن قايىتما سانغا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ قايىتما تەسەۋۇرى توغرىمۇ؟ . ماتېماتىكىدا تا ھازىرغىچە بۇ مەسىلە ھەل بولماي كەلدى.قېززىققىچىلار ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ياكى خاتالىقىنى تاكشۇرۇپ ساناپ باقساڭلار بولىدۇ .

(2) ئۇيغۇرچە ماتېماتىكا كىتابلاردا بۇ ساننىڭ ئىسمى " قايىتما سان" ، "قايتىلانغۇچى سان" ، "ئارغۇن سان" ..دەپ ھەرخىل ئىلىنىۋاتىدۇ(بۇ تېمىدا مەنمۇ قايىتما سان - دەپ ئىلىپ تۇردۇم). لىكىن مەن تۇرلۇك ئۇيغۇرچە ماتېماتىكا لۇغەتلىرىدىن بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىرىشەلمىدىم. خەنزۇچىدا  " 回文数 ياكى 回数 " دەپ ئالىدۇ  ، ئىنگلىزچىدا " Palindromic number " دەپ ئاتايدىكەن. قېزىقارلىقى شۇكى ، بەزى كىتابلاردا بۇ سانغا  مىڭ بىر كېچە رومانىدىكى باش پىرسۇناژنىڭ نامى بىلەن "شەھرىزاد سان" دەپ تەخەللۇس قويۇلۇپتىكەن(http://zh.wikipedia.org/wiki/%E8%BF%B4%E6%96%87%E6%95%B8 قاراڭ:). بۇخىل ئاتاشلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭچە تازا مۇھاپىق ئەمەس، ئۇنداقتا بۇ سانغا ئۇيغۇرچە قانداق ئىسىم قويۇش كىرەك؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 17:00:54

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ماتىماتىكا ئاكا!

http://www.blogbus.com/matimatik-logs/33822222.htmlبۇ سىزنىڭكىغۇ دەيمەن،خەتلىرى پەقەت ئېنىق ئەمەس،بولسا ئوڭشاپ قويسىڭىز.

ماتىماتىكىنىڭ تۈرلىرى قانچە؟مەسلەن،ماتىماتىكا اتىلشۇناسلىقى‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹

بولسا ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە ماتىماتىكىدىن قايسى كىتاپلارنىى كۆرسە بۇلىدۇ؟سىز ماڭا ئىلھامى بولدى،جىق نەرسىنى ئۆگەنگىلى

بۇلىدىكەن دېگەن ماتىماىكا كىتاپلىرىنىڭ ئىسمىنى دەپ بارسىڭىز.خەنچە بولسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ.مەن ئۆزلىكىمدىن ئالىي ماتىماتىكا ئۆگىنەي دېگەن،سىزنىڭچە مەن قايسى كىتاپنى نوقتىلىق كۆرسەم بۇلار؟

بولسا كاللىنى ئاچىىدىغان تېپىشماق،ياكى ماتىماتىكىلىق ھېكايە كىتاپلىرى بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز؟

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 07:45:00

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=57935#lastpost

بۇ تېمىدا ھەل بولدى.
«سىممېتىرىك سان» دەپ ئالساق بولىدىكەن.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 07:59:33

奇位对称数是指位数是奇数的对称数。奇位对称数位数最中间的那个数字称为对称轴数。
偶位对称数是指位数是偶数的对称数。偶位对称数没有对称轴数。
【产生方法】产生对称数的方法有两种:
(1)形如11、111、1111、……的数的平方数是对称数。如:
11×11=121
111×111=12321
1111×1111=1234321
……
(2)某些自然数与它的逆序数相加,得出的和再与和的逆序数相加,连续进行下去,也可得到对称数。
如:475
475+574=1049
1049+9401=10450
10450+05401=15851
15851便是对称数。
بەت: [1]
: قايىتما ساننىڭ سىرى