TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 12:50:31

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Hilbert David

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Hilbert David



تاشپولات روزى




خىلبېرت (Hilbert David) گېرمانىيسىنىڭ Königsberg رايونىدا، 1862-يىلى
1-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ 1882-يىلىدىن 85-يىلىغىچە Königsberg
ئۇنۋېرسىتېدا ئوقۇپ، 1885-يىلى تەڭسىزلىك نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن يېزىلغان
ماقالىسى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. خىلبېرت دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى
ئالغاندىن كېيىن Königsberg ئۇنۋېرسىتېغا پروفېسسور بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.
خىلبېرتنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى يېقىن دوستى ماتېماتىكا ئالىمى مىنكوۋسكى
(Hermann Minkowski) بولۇپ ئۇلارنىڭ قەدىناس دوسلىغى مىنكوۋسكى بۇ دۇنيادىن
ئايرىلغۇچە قەتئىي ئۆزگەرمىگەن. مىنكوۋسكىمۇ خىلبېرت بىلەن ئوخشاش ئالىي
مەكتەپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيتتى. ئۇلار بىرلىكتە
ماتېماتىكىغا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشتى. خىلبېرت 1895-يىلى Göttingen
ئۇنۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورلۇققا ئالمىشىدۇ ھەم بۇ مەكتەپتە ئۆمرىنىڭ
ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ 1943-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاپات بولىدۇ.



خىلبېرت، 1890-يىلىدىن 93-يىلىغىچە ئۆزگەرمەس مىقدار نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسى
تېئورېمىسىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ بۇنىڭغا ئۇلاپلا گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى
نەزەرىيىسى ۋە ئالگېبرالىق پۈتۈن سان نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىشنى
باشلايدۇ. ئۇ گېومېتىريەدە، ئېۋكىلەت (Euclid) گېومېتىريىسىنى پۈتۈنلەي
ئاكسىومىلاشتۇرۇپ ئۇنى نەزەرىيىگە كۆتۈرىدۇ، ئالگېبرادا بولسا ئالگېبرالىق
پۈتۈن سان نەزەرىيىسىنىڭ بارلىقىنى بىر سىستېمىغا يىغىنچاقلايدۇ. پۈتۈن سان
نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن

ئۇنىڭ ئوخشاش ھالقا نەزەرىيە پەرىزىمۇ چوڭ مەنىگە ئىگە. 1900-يىلى پارستا
ئېچىلغان خەلقئارا ماتېماتىكا يىغىنىدا، 23 ماتېماتىكا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا
قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ماتېماتىكىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ
1904-يىلىدىن 06-يىلىغىچە پوتېنسىئال نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن قوللىنىدىغان
دىرىكلەت (Dirichlet) پرىنسىپى ۋە پەرق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىدۇ.
1909-يىلى، ئۇ خىلبېرت بوشلۇق نەزەرىيىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. خىلبېرت،
1910-يىلىدىن كېيىن ماتېماتىكىنىڭ ئاساسى نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن
بولىدۇ. ئۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى ئۇلۇغ ماتېماتىكا
ئالىمىدۇر.




كېيىنكى يازمامدا خىلبېرت ئوتتۇرىغا قويغان 23 ماتېماتىكا مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىمەن.



matimatika يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 14:45:53

ھىلبېرت ( 1862 _ 1943 ) بىر ئۇلۇق ماتېماتىك . ئۇنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۇرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە يۇكسەك ئەخلاق - پەزىلىتى ماتېماتىكا ساھەسى ، ھەتتا پۇتكۇل ئىنسانىيەت ئارىسىدا كۈچلۇك تەسىر پەيدا قىلدى .

   ئۇ 1862 - يىلى گىرمانىيىنىڭ كوىنگىسبېرگىتا تۇغۇلغان . كىچىكىدىنلا كانت ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . ئۆز يۇرتىنىڭ ئېسىل ئىلىم - پەن ئەنئەنىلىرى بۇ ئۇلۇق ئوغلاننى كۆپكە قادىر ماتېماتىك قىلىپ يېتىشتۇردى . ئۇ ھارماي - تالماي ئىزدىنىش روھى ۋە ھەيران قالارلىق ئىرادىسى بىلەن ماتېماتىكىدىكى ئۆزى ئىزدەنگەنلىكى ساھەدە ھەيران قالارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى ھەمدە فىزىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ زور تۆھپە قوشتى . ئۇ ماتېماتىكا دۇنياسىدىكى ئالىېكساندىر - دەپ ئاتاشقا مۇناسىپ .

   ئۇنىڭ بىر پروفېسسۇر بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بار ئىدى ، ئۇ ماتېماتىكىنى < جانلىق ماتېماتېكا > غا ئايلاندۇرۇپ دەرىس سۆزلەيتتى . ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياشلارنى قىشىغا كىلىپ دەرىس ئاڭلاشقا جەلىپ قىلىپ بىر مۇنچە ماتېماتىكلارنى تەربىيلەپ چىقتى .

   ھەققانىيەتچى ، سەمىمى بولۇش ئۇنىڭ ھاياتىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچەم ئىدى . ئۇ پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ماتېماتىكىغا بىرىلىپ ، ماتېماتىكىنىڭ پاكلىقى ۋە غۇرۇرىنى قوغداپ ، مىللەت ، جەمەت ،ۋە جىنىس ئايرىمىسىغا قەتئى يول قويمىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەتەن ساتقۇچ - دەپ ئەيىپلىنىشىگە قارىماي ، گىرمانىيە ھۆكۇمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرىشىنى پەدەزلەيدىغان < مەدەنىي دۇنيا قۇرۇش > خىتاپنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلدى . باشقىلارنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي ، تالانىتلىق ئايال ماتېماتىك كىنودنىڭ لىكتورلۇق سالايىتىنى قولغا كەلتۇرىشىگە كۈچ چىقاردى ؛ گىرمانىيە _ فرانسىيە ئۇرۇشى بولىۋاتقان مەزگىلدە فرانسىيە ماتېماتىكى داربو نىڭ ۋاپاتىغا تەزىيەنامە يازدى . بۇلار ئۇنىڭ ئالىي جاناپ پەزىلىتى ۋە ھەقىقىي ئىلىم _ پەن روھىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ .

    ھىلبېرتنىڭ ھاياتى شانلىق ھايات ، ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن ئىسسىق _ سوغۇقنى ، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۇزدى . ئاخىرىدا ناتسېستلارنىڭ قاراڭغۇ دەۋرىدە ئالەمدىن ئۆتتى .

    ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن ، ئۆزگە دۆلەت ، ئۆزگە مىللەت ئالىمى بولسىمۇ ، ئۇنىڭ بۇ خىل روھى بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ، ئۇنىڭ روھى بىزنى بېلىم ئىلىشقا ، ئېزدىنىشقا ئىلھاملاندۇردۇ . ئۇنىڭ بىر ئىغىز گىپى زادىلا يادىمدىن چىقمايدۇ : < بىز چوقۇم بىلىمىز ، بىز چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك ! > .





بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://www.blogbus.com/matimatik-logs/33822222.html

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 20:28:20

ھارماڭ تاشپولاتكا، كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز...
بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Hilbert David