Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 06:14:49

توكلاپ ئىشلىتىلگۈلەرنى قانداق ئاسرايمىز(قۇتلان)

ئەسسالامۇ ئەلەكۇم ئەزىزلەر.



بىز دايىم، يانفۇن، خاتىرە كومپيۇتېر، پاد ۋە توكسىكىلىتلەرنى توكلاپ(توك قاچىلاپ)  ئىشلىتىمىز، بۇلارنى توكلاشتا بەلگىلەنگەن ئىلمىي قائىدىسى بارمۇ-يوق، بىلمىدىم، ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ توك تولۇق تۈگۈگەندە ئاندىن توك قاچىلايمىز، دېگىنىنى ئاڭلىسام، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ پۇرسەتلا بولسا توكلىتىپ تۇرغان ياخشى دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ گەپلەرنىڭ قايسىسى راس، قايسىسى قايسى توكلاشلارغا ئۇيغۇن ماس كەلمەيدۇ، بۇلارنى ماڭا ئوخشاش ئېنىق بىلمەيدىغانلارغا ئۇستازلار تەلىمىنى ئايىمىغاي.



1) مەن ئادەتتە ئەقلىفۇنۇمنىڭ توكى ئاز بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەركۈنى ئاخشىمى توكقا چىتىپ قويىمەن.


2) خاتىرە كومپيۇتېرىمنىڭ قاچىلانغان توكى توكسىز شارائىتتا ئىشلىتىشكە 3، 4 سائەت يېتىدىكەن، لىكىن مەن توكقا چېتىش ئىمكانىيىتى بولسىلا توكقا چېتىپ قويۇپ ئىشلىتىمەن.


3) توكسىكىلىتىمنىڭ توك كۆرسەتكۈچىسى يېشىلدىن ئۆتۈپ، سېرىققا يۆتكەلگەندە ئىلاج بولسىلا  توكقا چاتىمەن.  


مېنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلۇم ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراشقا زىيانسىز بولامدۇ-يوق؟



توكسىكىلىتىمنىڭ توكدان(电瓶)ىنى قانداق قىلغاندا ئۇزۇن ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ يېڭىدىن سېتىۋالغان توكسىكىلىتنى 2 يېرىم يىل ئىشلىتىپ 7مىڭ كېلمېتىر ماڭالىغان ئىدىم، كېيىنكى قېتىم تونۇش دۇكانداردىن 950 يۇەنگە توكدان ئالماشتۇرۇپ، بىر يېرىم يىلدا ئاران 3 مىڭ كېلو مېتىرغا پايلىدى، بۇ قېتىم 650 سومغا گىرماننىڭ توك دانىغا ئالماشتۇردۇم، بۇ قانچىلىككە يېتەركىن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 08:49:52

4-5 يىلنىڭ ئالدىدا زەرەتلەشكە تېگىشلىك يانفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر سېتىۋالغاندا ئۈچ قېتىمغىچە توكىنى تولۇق تۈگىتىۋېتىپ ئاندىن زەرەتلە دەپ چۈشەندۈرەتتى. نېمىشقا ئۇنداق بولىدىغاندۇ دەپ ماتېرىيال كۆرسەم، زەرەتلەيدىغان باتارىيەنىڭ ئەستە ساقلاش ئېففىكتى دەيدىغان بىر خىل ئىقتىدارى بولارمىش. دەسلەپ قانچىلىك توك كىرسە، كېيىنكى قېتىممۇ شۇنچىلىك توك كىرگەن ھامان تويۇنۇپ قالىدىكەن. ھازىر بۇ جەرياننى باتارىيە زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇن تاماملاپ بولىدۇ دەيدۇ. بۇنى نەزەرگە ئالمىغاندىمۇ زەرەتلىگەن ۋاقىتتا باتارىيەنىڭ ئىچكى قىسىمىدا خېمىيلىك رېئاكسىيە، قىزىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. باتارىيە زەرەتلەش قېتىم سانى مانچە مىڭ قېتىم دەيدىغان پارامېتىرىمۇ بار. شۇڭا بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە توكقا قانچە ئاز چېتىلسا ئۆمرى شۇنچە ئوزۇن بولىدۇ دەپ قارايمەن. زەرەتلىگۈچنىڭ توك بېسىمى باتارىيەنىڭ بېسىمىدىن يوقىرى، زەرەتلەش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ باتارىيە تېز كاردىن چىقىدۇ.

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 12:51:39



مەن تېلفۇنۇمنى قەتئى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توككا چاتمايدىكەنمەن، ئاخشىمى چاتسام ئەتتىگىنى ئالىدىكەنمەن شۇڭا باتارىيەسى ئۇزۇن ۋاقىت چىدىمايدىكەن-دە.

uggame يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 15:49:41

مەن باتارىيەنىڭ توكى تولۇق تۈگەپ يەنە بىر قېتىم تولۇق تۈگىگەننى بىر دەۋىر دەپ چۈشىنىمەن(شۇ ئارلىقتا قانچە قېتىم يېرىم توكنى تولۇق لىغاندىن قەتئى نەزەر)، مۇشۇ تولۇق تۈگىگەن دەۋرى قېتىم سانى مانچىگە بارغاندا باتارىيە كاردىن چىقىدۇ دەپ چۈشىنىمەن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 08:28:40

بىداركا، \"توكلاش\" دىگەن گېپىڭىز يېقىپ قالدى، \"زەرەتلەش\" دىگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاممىباپ ئىكەن، كىشىلەر \"زەرەت\" نىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەي يۈرگەندە ...



باتارىيەنىڭ تۈرلىرى ھەرخىل بولىدۇ. ئىشلىتىش،ئاسراش ئۇسۇللىرىمۇ شۇنىڭغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.



ھازىر يانفون، mp3، كامىرا، خاتىرە كومپيۇتىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىۋاتقان باتارىيە ئاساسەن ئىككى خىل، يەنى ئۇلارنىڭ قۇتۇبىغا ئىشلەتكەن ماتىريال ئوخشىمايدۇ.

1. نېكىل-ھىدروگىن (Ni-MH) تىپلىق باتارىيە 镍氢电池.

بۇ خىل باتارىيەنىڭ \"ئەستە تۇتۇش\" ئىقتىدارى بولىدۇ،دەسلەپتە چوقۇم زاۋۇتتىن بەلگۈلەنگەن ۋاقىتقىچە(12-24 سائەت) تولۇق توكلاپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك. ئىشلىتىش جەريانىدا توك تولۇق تۈگىگەندە ئاندىن توكلايمىز، بولمىسا سىغىمى بارغانسىرى كىچىكلەپ بارىدۇ.

2. لېتىي تىپلىق 锂电池 (Li باتارىيە.

سىغىمى يۇقرى، \"ئەستە تۇتۇش\" ئالاھىدىلىكى يوق. ھازىر يېڭى چىققان مەھسۇلاتلارغا ئاساسەن مۇشۇ تىپتىكى باتارىيە سەپلىنىۋاتىدۇ. دەسلەپ ئىشلەتكەندە توكنى تولۇق قاچىلىساقلا بولىدۇ، كىيىن ئىشلەتكەنلەردىمۇ چوقۇم تۈگىگەندە ئاندىن قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق، خالىغان ۋاقىتتا تولۇقلاپ قاچىلىساق بولىۋېرىدۇ.



توكسىكىلىتقا ئادەتتە قوغۇشۇنلۇق ئاككوملىياتور ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ئاككوملىياتورنىڭ ئۆمرى توك قاچىلاش قېتىم سانى بىلەن ھىساپلىنىدۇ. ئاككوملىياتور ياكى باتارىيەلەرنى ئۇزاقراق ئىشلەتمەكچى بولساق دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرنەچچە نوقتا:

1. توكسىز قويۇپ قويساق بولمايدۇ، توكى يېرىمدىن ئاز قالغان چاغدا چوقۇم توك قاچىلاش كېرەك. مەسىلەن توكسىكىلىتنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتمىگەندىمۇ ئاككوملىياتورغا پات-پات توك قاچىلاپ تۇرۇش كېرەك، چۈنكى ئاككوملىياتور ئىشلەتمىگەن ئەھۋالدىمۇ توك قويۇپ بېرىپ تۇرىدۇ.

2. زىيادە توكلاشتىن ساقلىنىش ، توك تولغان ھامان توختىتىش كېرەك.بەزى توك قاچىلىغۇچلارنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى بار، شۇڭا چوقۇم توكتىن ئاجىرتىۋېتىش ھاجەتسىز.

3. يۇقرى ئېقىمدا توك قويۇپ بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.مەسىلەن يۇقرى سۈرئەتتە يۈرسىڭىز، دۆڭلەرگە چىقسىڭىز، يۈك بېسىپ ماڭسىڭىز ئاككوملىياتور يۇقرى ئېقىمدا توك قويۇپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ.



ھازىر بەزى توكسىكىلىتلارغىمۇ لېتىيلىق باتارىيە سەپلىنىۋېتىپتۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا توكسىكىلىتڭىزغا خالىغان ۋاقىتتا توك تولۇقلاپ مېڭىۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ-ئەلۋەتتە.



باتارىيەلەرنىڭ سۈپىتى تېخنىكىسىدىن سىرىت ئىشلەتكەن ماتىريالغىمۇ، ئىشلەپچىقىرىش تېخىنىكىسىغىمۇ باغلىق. شۇڭا سېتىۋالغاندا ماركىغا دىققەت قىلىش كېرەك. باھادا باتارىيەنىڭ تەننەرقى خېلى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 08:48:16

Bidar-Qutlanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەكۇم ئەزىزلەر.



توكدان(电瓶).


بۇ تازا چۈشمەپۇمۇ قانداق؟ 电池نى نېمە دەيمىش؟

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:14:10

بىداركا ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ، توكلاپ دېگەن بۇ چىرايلىق ئاتالغۇ مېنى ئىختىيارسىز جەلپ قىلىپ بۇ تېمىغا كىرگۈزدى... مېنى تونىدىڭىزمۇ ؟ \"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:35:09

5- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توكدان(电瓶).


بۇ تازا چۈشمەپۇمۇ قانداق؟ 电池نى نېمە دەيمىش؟




ئۇنتۇلۇپ قالغان ئوخشايسىز،  电池 دېگەننى «ماي» دەپ كىلىۋاتىمىز،  一号电池, 七号电池 دېگەنلەر 1- ماي،  7- ماي دېيىلىپ كىلىنىۋاتىدىغۇ؟  قانداقسىگە بۇنى توكدان دەپ ئويلىۋالغانسىز؟


4- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىداركا، \"توكلاش\" دىگەن گېپىڭىز يېقىپ قالدى، \"زەرەتلەش\" دىگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاممىباپ ئىكەن، كىشىلەر \"زەرەت\" نىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەي يۈرگەندە ...



باتارىيەنىڭ تۈرلىرى ھەرخىل بولىدۇ. ئىشلىتىش،ئاسراش ئۇسۇللىرىمۇ شۇنىڭغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.

ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىپسىز ، نۇرغۇن دوستلىرىمىز بۇ تەلىملىرىڭىزدىن مەنپىئەت ئالغۇسى.


6- قەۋەتتىكى mahirjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىداركا ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ، توكلاپ دېگەن بۇ چىرايلىق ئاتالغۇ مېنى ئىختىيارسىز جەلپ قىلىپ بۇ تېمىغا كىرگۈزدى... مېنى تونىدىڭىزمۇ ؟ \"\"

بىلىكتىكى ئەقلىفۇن مۇنازىرىسىدىن كېيىن يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ؟



Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 13:25:43

باتارىيەنىڭ ئۆمرىدىن تېلفۇننىڭ 24 سائەت ئوچۇق تۇرۇشى مۇھىم دەپ توك قاچىلاش ئىمكانىيىتى بولسىلا توك قاچىلايمەن، تېلفۇننىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن تور بانكا ھېساباتىمدىمۇ 200 يۈەننى زاپاس ساقلاپ قۇيىمەن
بەت: [1]
: توكلاپ ئىشلىتىلگۈلەرنى قانداق ئاسرايمىز(قۇتلان)