kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 18:48:37

بۇلتۇر قۇربان ھىيتتا...(كۆۋرۇك)

بولتۇر قوربان ھىيتتا مال سۇيۇپ 250سوم تاپقان خۇدايىم بۇيرىسا بۇ يىل بالدۇرراق تۇتۇش قىلىپ 300سۇم تاپىمەن .........

بولتۇر  قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كونى شەھەردىكى تۇغقىنىمىز رىشات ئاكامغا قىلغان ۋەدەم بويىچە ئىككى پىچاقنى بىلىمگە قىستۇرۇپ موتورۇمنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ رىشات ئاكاملارنىڭ ئولتۇراق رايونىغا كەلدىم ،رىشات ئاكاملارنىڭ بىناسىنى ئاران تاپتىم ھەر قېتىم ئالماشتۇرۇپ قويىمەن ،ئائىللىكلەر رايۇندىكى بىنالار ئوخشاش ،ئالدىدىكى گۈللۈكلەرنى ئوخشاش ،ئورۇندۇقلىرىنى ئوخشاش ،ھەر بىر بىنا ئالدىغا توختىپ قۇيغان ماشىنىلارمۇ ئوخشاش ،دېرىزىلىرىگە تىزىپ قۇيغان گۈللىرىمنى ،دىرىزە پەردىللىرى ئوخشاش بۇ دورامچى شەھەرلىكلەرنىڭ ،پەقەت قەۋەت سانىلا ئوخشاش ئەمەس شۇ..

رىشات ئاكامنىڭ بىناسىنى ئىزدەپ تاپقىچە خىلى ۋاقىت ئوتۇپ كەتتى، ئاران تاپتىم رىشات ئاكام قوربانلىق قوينى ئارغامچا بىلەن چىڭ باغلاپ ھىلى قىچىپ كىتىدىغاندەك توتوپ تۇرۇپتۇ، مىنىڭ يولۇمغا قاراپ ..

مەنمۇ ۋاقىتنى ئالماي دەپ قوينى بوغۇزلاشقا توتۇش قىلدىم لېكىن قوينى بوغۇزلايدىغان ئورۇن تاپالماي بىر مۇنچە ۋاقىت ئوتتى شەھەر دېگەن نېمە دېگەن تارچىلىق ھە ،بىر قوي بوغۇزلىغىدەك يەر تاپماق تەس ،ھاجەت قىستاپ كەتكەندە كەينىگە ئۆتۇپ ھاجەتتىن چىققۇدەك ئەسكى تاملىقمۇ يوق ،بىر سىيىشىڭ بىر سوم ،ئۆتكەندە بازارغا كىرىپ قىستاپ كېتىپ بىرسۇم قۇلۇمدا ھاجەتخانا تاپالماي تاس قالدى .ئىشتانغا چىقىپ كەتكىنى ،مىڭ تەستە يۈگرەپ يورۇپ ھاجەتخانا تاپسام ئۆچرەتكەن ،چىدىغۇچىلىكىم قالماي .ھاجەت قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدا قالغاندا بىرسى ئورۇننى بىكار قالغان ئارانلا ئۈلگۈردۈم ..

-رىشات ئاكاملارنىڭ بىنا ئۆيىدە ھەرگىز قونمايمەن ،ھاجەتخانىسىغا كېرىشتىن ئىزا تارتىمەن ،ئاۋازلىق تارۇت-تورىت قىلىپ يەل قۆيۈپ بىرىپ ھاجەت قىلمىسا ھاجەت قىلغاندەك بولامدۇ ،ئاۋازنى ئاڭلاپ قالامدىكىن دەپ ئېھتىيات قىلىپ ،ئونىڭ ئۈستىگە ھاجەت قىلىپ ئولتۇرۇدىغان يىرى نەچچە قەۋەت قايسىنى قايرىپ قايسىنى ياپىمەن ،قايسى تەرەتكە قايسىنى ئىشلىتىمەن ھازىرغىچە چۈشۈنۈپ بولمىدىم شۇڭا ئولارنىڭ ئۆيىدە ھەرگىز قونمايمەن .

-شۈنداق قىلىپ قوي بوغۇزلايدىغان ئورۇننى ئاران تاپتۇق .ئولتۇراق رايۇننىڭ مەسئول خادىمى گوللوك يىندىكى قارغاي دەرىخى تۇۋىنى كولاپ شۇ يەرگە بوغۇزلاڭلار دەپ روخسەت قىلدى.

-رىشات ئاكامنىڭ قوينى بۇغۇزلاپ تىرىنى ئاجراتماي تورۇپ مىنىڭ قويۇمنى بۇغۇزلاپ بېرىڭ دەپ ،مىنڭكىنى بوغۇزلاپ بېرىڭ دەپ بىر مۇنچە كىشىلەر ماڭا يالۋۇرغىلى توردى ،توۋۋا دەپ قالدىم مۇنۇ شەھەرلىكلەرنىڭ مەندەك بىر سەھرالىق <<داڭگال >>غا يالۋۇرۇپ كەتكىننى كورۇپ ،خىلى باشلىق سۇپەت ،لوبەن سۇپەت كىشىلەر ماڭا يالۋۇرۇپ كىتىۋاتىدۇ ،،،بولىدۇ چاتاق يوق بىكار بولساملا بۇغۇزلاپ بىرىمەن دىدىم ،ئو شەھەرلىكلەرنىڭ بىچارە ھالىغا قاراپ ،،،

-بىر قوينى قانچىدىن سويىۋاتىسەن دېدى ئولاردىن بىرسى ..

-ياقەي ئاكا پۇل ئالمايمەن، قۇربانلىق ساۋابلىق ئۈچۈن تۇرسا دېمەكچى بولۇپ تۇرۇشۇمغا رىشات ئاكام :

بىر قوينى 50سومدىن سويىۋاتىدۇ دېدى .تۇيۇقسىزلا ..

مەن رىشاتكامغا چۇچۇپ قارىدىم بېشىمنى كۆتۇرۇپ رىشاتكام چاققانلىق بىلەن ماڭا كوزىنى قىسىۋەتتى ،،،

مەن ئۇشۇق گەپ قىلالماي رىشات ئاكامنىڭ قوينى سۇيۇپ ئىچى قارنىنى ئىلىپ گۆشىنى پارچىلاپ بەردىم دە -ئىلىپ كەلگەن بىلەيگە پىچاقنى بىر بىلىۋېلىپ ماڭا نۆۋەت ساقلاپ تورغان ئاق پىشماق شەھەرلىكلەرنىڭ قوينى بۇغۇزلاشنى باشلاپ كەتتىم،،50سومنىڭ كوچى بىلەن يىرىم كۇندە رىشاتكامنىڭ قويىنى ھىساپلىغاندا 6قوي سويۇپتىمەن 250سوم پۇلنى رىشاتكام ئولاردىن ئىلىپ يانچۇقۇمغا سىلىپ قويدى .ھوي سەرالىق سەن ئەمگەك قىلغان تۇرساڭ ھالال بولىدۇ ،ئالە دەپ مىنى نوقۇپ ..بوپتىلا ئاز جاپا چەكتىممۇ ئەمگەك قىلىپ تاپتىمغۇ ،خۇدايىم ئوزى راۋا كۆرەر دەپ موتورۇمنى مىنىڭ سەھراغا يەنى مەھەللەمگە قاراپ ئۇچۇپ كەتتىم،،،

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 21:07:11

مەن مۇشۇ قوي بوغوزلايمەن دەپ قوينىغۇ بوغۇزلۇدۇم. ئاندىن قىزىل كىكىردىكىنى بوغۇپ قوياپ ,كانارغا ئېسىپ ,تىرسىنى چۈشۈرۋىلىپ,

قارنىنى يېرىپ, ئۈچىينىڭ بىشىنى تاپامماي, كاناردىن چۈشۈرۈپ ئۆتىنى ئېلىۋىتىپ ,قېرىن ئۈچەي پۈچۈيلەرنى بېراقلا يەرگە ئەپ قويسام. دادام ,ئۈچەينى لەغمەن سوزغاندەك ئالىتى, سەن تىزلام پوقىنى چىقارماي قېرىن بىلەن بىرلام ئەپقويدۇڭغۇ دەيدۇ .ئالدىراپ شۇ ئۆزەڭ ئىلىۋل دەپ ,ئاستا چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە قاچقان.

keyum007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 21:08:36

سوۋغاتلىق قوي سويۇش پائالىيىتى قىلىڭلار بولمىسا  {:92:}

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 21:20:51

بىر كۇندە بەش-ئالتە قوي سۇيىمەن ،  تاپقان پۇل كىراغا كەتمەمدۇ،،ئىككىنچى -ئۇچۇنچى كۇنلىرىمۇ سويسام بولامدۇ...  {:107:}

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 21:33:03

5- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر كۇندە بەش-ئالتە قوي سۇيىمەن ، تاپقان پۇل كىراغا كەتمەمدۇ،،ئىككىنچى -ئۇچۇنچى كۇنلىرىمۇ سويسام بولامدۇ... \"\"

شالىي ماشىناڭلا بىلەن ئۇرۇمچىگە كەپ بولغىچە ھېيتنىڭ يەتتىنجى كۇنى بوپ قالامىكىن \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 04:07:19

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى:

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=50896

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 13:01:22

راست، ھېيتتا قوي سويدۇرۇشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. قوينى سويدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ بولمىغىچە ئاتا-ئانىسىنىڭكىگە بارغىلى بولمىغان.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 11:30:43

ماۋۇ تىمىدا نۇرغۇن ئىنكاس ئۇچۇرىلىپتۇ جىدەل چىقىپ كەتتىما ؟ھەجەپ كورەلمەي قاپتىمەنە؟؟كىم تاياق يىدى؟؟  {:107:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 13:28:47

ھا ھا

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 14:59:36

پىچاق ئاسقان ئەر دېگەن شېئىر ئېسىمگە كەپ قالدى....

مەكتەپتىكى چاغدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان 20 گە يېقىن ئائىلە بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىز ئوقۇغۇچى بالىلار ھىيتلاپ ئاۋات قىپ بەرمىسەك ئۇ خەنزۇ شەھرىدە ھېچكىم كىرمەيتى، بىر قېتىم بىر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە كىرسەك ئايالى :« ۋىيى سەت بولدى گۆشنى تېخى پۇشۇرمىغان دېمەسما» ، دېيىشىچە خۇيزۇ ئاخۇنۇملارنىڭ بوغۇزلاپ بېرىشىنى كۈتۈپ ئۆچرەتتە تۇرۇپتىمىش، 20 ئەركىشىنىڭ ھېچقايسىسى قوي سويالمايدىكەن، ئەرلەرگە 72 خىل ھۈنەر ئاز كېلىدۇ دېگەندەك، ئۆگىنىپ قويسا بولىدىغان ئىشكەن جۇمۇ بۇ قاسساپلىق دېگەن.

بۈگۈندىن باشلاپ ئايەملىك تەبرىك ئۇچۇرلىرى يوللىغىلى تۇرغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمغا قايتۇرغان جاۋابىم : رەھمەت، بىرگە بولسۇن، ئەتە قوي سويۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ  {:92:}

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 18:11:43

قوينى ياشىسۇن ماۋجۇشى دەپ بوغۇزلىمىغانسە ھە قىزىل پاچاق \"\"  غېنىكامنى كۆرسەڭ دەپقوي. كەڭساينى ئاچسۇن. بوشلۇقنىڭ پۇلىنى ئۆزەمئاتچوت قىلىمەن.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 19:42:40

10- قەۋەتتىكى qassapنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قوينى ياشىسۇن ماۋجۇشى دەپ بوغۇزلىمىغانسە ھە قىزىل پاچاق \"\" غېنىكامنى كۆرسەڭ دەپقوي. كەڭساينى ئاچسۇن. بوشلۇقنىڭ پۇلىنى ئۆزەمئاتچوت قىلىمەن.

--نىمە دەيدۇ ۋۇي ،مۇنۇ ياغ پورايدىغان پىخسىق قاسساپ...^+^

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 02:00:43

9- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۈگۈندىن باشلاپ ئايەملىك تەبرىك ئۇچۇرلىرى يوللىغىلى تۇرغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمغا قايتۇرغان جاۋابىم : رەھمەت، بىرگە بولسۇن، ئەتە قوي سويۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ \"\"

بالىلارنىڭ يوللىغان سالامىغا ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ پەرىز جاۋاپنى قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا شۇ گەپلەرنى دىگەن بولسىڭىز ، سىزگە مۇشۇ مۇنبەردىكى كۆۋرۈك بىلەن تونۇشۇپ قېلىشنى تەۋسىيە قىلاي . ئۇ قوي سويىدۇ يەنە كېلىپ ، ھەر ھېيتتا ئۆزىنىڭكىنى ئەمەس قوشنىلارنىڭكىنى سويۇپ بېرىدۇ . راست گەپنى قىلسام ، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىڭىز بەك سەۋىرچانكەن . سىز بىلەن ساۋاقداش بولۇش ئۈچۈنمۇ قوش سويۇشنى بىلىشى كىرەككەن ، گۆشنى بالدۇر بىشۇرۇشى كىرەككەن . بۇنچىۋالا ئۇششاق چۈششەك تەلەپلىرىڭىزدىن باشقا يەنە بەلكىم  باشقا تەلەپلىرىڭىز باردۇر ھەقىچان . مۇنداق قارىسام ، باشقىلارنى چارچىتىشقا ئامراق مىجەزىڭىز باردەك قىلىدۇ .  مېنىڭ بۈگۈنلا قوي سويغۇم كەلمىدى . نىمىشقا دېسىڭىز قوتاندىن بەش پاقلاننى سۆرەپ ئېلىپ چىقۇچە ئۇلارنىڭ تىرەجەپ تۇرۇۋېلىشىدىن ئۇلارنىڭمۇ قۇربانلىق بولۇشىنى كۆڭلى سەزگەن بولۇشى مۇمكىن دىگەننى ئويلاپ بەك سۆرەپ كەتكۈم كەلمەي قالدى . باشقىلىرىنى قارىتىپ قۇيۇپ قۇربانلىقنى بۇغۇزلىغاندا ، قېرىنداشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئېتىلىپ كەتكەنلەرنىڭ ھالىتىنى قىياس قىلىپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى . گەرچە ، ئاللاھ بۇ دۇنيانىڭ نىئمەتلىرىنى ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ بۇ خىل روھىي ھالەتتىن قۇتۇلالمىدىم . پىچاق سۈرۈشنى ساقلاپ تۇرغان پاقلانلارغا قاراپ ، تۈرمىدە يېتىپ ئۆزىنىڭ ئاخىرەتكە ماڭدۇرۇلدىغان كۈنىنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتىۋاتقانلارنى ئەسلەپ كۆڭلۈم ئەسكى بولدى . بىلىمەن بۇ خىياللارنى قىلغىنىم توغرا ئەمەس ، قۇربانلىق قىلغۇچى سالاھىيتىم بويىچە بولغاندا بەلكىم شۇ پاقلارنلارمۇ ئۆزىنىڭ قۇربانلىققا يارىغانلىقىدىن پەخىرلىنىشى كىرەكتۇ ، بىراق مەن ئۆزەمنى شۇ پاقلانلارنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ ئويلاپ كېتىشتىن ساقلىنالماي ، ئۆزەمنى قۇربانلىق بولغۇچى قاتارىغا قۇيۇپ ئويلاشتىن خالى بولالمىدىم ، ھايۋان بولسىمۇ ھاياتقا قانچىلىك قىيماي تىپىرلاپ جان بەرگەنلىرىدە ئۆزەمنى شۇ قۇربانلىق قوي كەبى تەسەۋۋۇر بىلەن قىياس قىلىپ كەتتىم . تۇرۇپلا ئۆزەمنى ئاشۇ قۇربانلىق قويغا ئوخشىتىپ قالدىم . ئوخشىمايدىغانلار يېرى ئۇ ھايۋان ھەم ھېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىناتتى . مەن بولسام خالىغان چاغدا خالىغان بىر سەۋەپ بىلەن قۇربانلىق قىلىنىشىم مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقالمىدىم .

شۇڭا قوي سويمىغانلارنى پىچاق كۆتۈرەلمەيدۇ ئەمەس بەلكى قويلارنىڭ بوغۇزىغا پىچاق سۈرۈلگەندە ھەر خىل پاراكەندە خىياللاردىن قۇتۇلالماي قېلىشتىن قېچىپ قوي سويۇشقا يېقىن كەلمگەنلەرمۇ بار بولۇشى مۇمكىن دەپراقمۇ خىيال قىلارسىز .

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 10:00:14

12- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇششاق چۈششەك تەلىپىم بولامدۇ، باشقىلارنى چارچىتىدىغان مىجەزىم بولامدۇ بۇنىسى ئۆزۈمنىڭ سىزنىڭ  تەستىقلاپ  بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق باشقۇرغۇچى ئەپەندىم.

مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم ئازار بەردىڭىز، مەندىن چوڭكەن، مۇنبەر ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىپ  شۇنداق قاتتىق قوللۇق قىلىدىكەن دەپ توغرا چۈشىنىپ قويسا تولا ھەددىڭىزدىن ئېشىپ جاھاندا مەنچە كىشى يوق دەپ قالماڭ.

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 10:00:56

ئىنكاس باھالاش ئىقتىدارى بولغان بولسا پىنھاننىڭ ماۋۇ ئىنكاسىنى ئەلا باھالىغان بولاتتىم ...

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 10:25:38

13- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇششاق چۈششەك تەلىپىم بولامدۇ، باشقىلارنى چارچىتىدىغان مىجەزىم بولامدۇ بۇنىسى ئۆزۈمنىڭ سىزنىڭ  تەستىقلاپ  بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق باشقۇرغۇچى ئەپەندىم.

مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم ئازار بەردىڭىز، مەندىن چوڭكەن، مۇنبەر ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىپ  شۇنداق قاتتىق قوللۇق قىلىدىكەن دەپ توغرا چۈشىنىپ قويسا تولا ھەددىڭىزدىن ئېشىپ جاھاندا مەنچە كىشى يوق دەپ قالماڭ.

قاراڭ سىڭلىم ، مېنىڭ مەزلۇم خەق بىلەن تالاشقۇم يوق . بۇ يەردە سىزگە ئازار بېرىپ ئۇنداقچى - بۇنداقچى ، داقا -دۇمباقچى دىگىنىممۇ يوق . ھايۋاناتلارنى ئۆلتۈرۈشنى ئانچە خالىمايدىغانلارنى زاڭلىق قىلغاندەك گەپ قىلىپتىكەنسىز چىرايلىقچە تەكلىپ بېرىپ قويدۇم . ئەگەر ئادەملىكنىڭ ئۆلچىمى قوي سويۇشنى بىلىش دەپ تۇرۇۋالسىڭىز مەن سىز بىلەن پاراڭ سالمايمەن .

خەققە يوغانچىلىق بىلەن قىلغان گىپىڭىز ئۈچۈن نوچىكەنسىز ، ھەق گەپ قىپسىز دىگەندەك لاۋزا پاراڭلارنى تېخىمۇ قىلالمايمەن . قىز بالا بولۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن مۇلايىم بولۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . خەق ھېيتتا كۆڭلىڭىزنى ئىزدەپ ئۇچۇر قىلسا تام تۈۋىدىن ھوشو قوپقاندەك لاقا - لۇقا پاراڭ قىلىپ خەققە ئىش ئۆگىتىپ يۈرسىڭىز تازا قاملاشمايدۇ . قىزلاردا قىزلارغا خاس نازاكەت ، لاتاپەت بولۇشى كىرەك . بىر قىز ئولتۇرغان ئورنىدىن پۇرژىندەك لوڭڭىدە قوپاپ بۇرۇتى بار ئەركىشىگە قوي سويۇشتىن گەپ سېتىپ بەرسە تازا بىر ئەپلەشمىگەن ئىش بولمامدۇ ؟

ھە راست ، مەن جاھاندا مەنچە كېشى يوق دەپ ئويلىغىنىممۇ يوق . ناۋادا شۇنداق ئويلاپ قالساممۇ سىزگە تاقىشىدىغان بىرەر يىرى يوقتۇ دەپ ئويلايمەن . تەھدىت ئارلاش گەپ قىپتىكەنسىز يېرىم بال قورقۇنۇچقا چۈشۈپ قالدىم . مۇمكىن بولسا بىرەر تامچە قېنىمدىن كەچكەيسىز . ياق زادى دەپ تۇرۇۋالسىڭىز قولىڭىزدىن كەلگنىچە بىر ئەدەپلەپ قويارسىز .

خوش سىڭلىم ، قۇربان ھېيتتا پالتا - پىچاق ، قوي - كالىنىڭ ئىشىغا ئارلاشماي ، ھېيتلىق داستىخانغا پىرەنىكلەرنى ئۆكسۈتۈپ قويماي چىرايلىقراق تىزىشنىڭ غېمىنى قىلارسىز .

tuygu0995 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 16:37:16

9- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىچاق ئاسقان ئەر دېگەن شېئىر ئېسىمگە كەپ قالدى....

مەكتەپتىكى چاغدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان 20 گە يېقىن ئائىلە بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىز ئوقۇغۇچى بالىلار ھىيتلاپ ئاۋات قىپ بەرمىسەك ئۇ خەنزۇ شەھرىدە ھېچكىم كىرمەيتى، بىر قېتىم بىر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە كىرسەك ئايالى :« ۋىيى سەت بولدى گۆشنى تېخى پۇشۇرمىغان دېمەسما» ، دېيىشىچە خۇيزۇ ئاخۇنۇملارنىڭ بوغۇزلاپ بېرىشىنى كۈتۈپ ئۆچرەتتە تۇرۇپتىمىش، 20 ئەركىشىنىڭ ھېچقايسىسى قوي سويالمايدىكەن، ئەرلەرگە 72 خىل ھۈنەر ئاز كېلىدۇ دېگەندەك، ئۆگىنىپ قويسا بولىدىغان ئىشكەن جۇمۇ بۇ قاسساپلىق دېگەن.

بۈگۈندىن باشلاپ ئايەملىك تەبرىك ئۇچۇرلىرى يوللىغىلى تۇرغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمغا قايتۇرغان جاۋابىم : رەھمەت، بىرگە بولسۇن، ئەتە قوي سويۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ \"\"

مەلەكنىڭ يۇقىرقى ئىنكاسىنى قايتا ــ قايتا ئوقۇپ باقتىم، ئۇ ئىنكاسىدا قوي سويالمايدىغانلارنى زاڭلىق قىلغاندەك مەزمون يوق ئىكەن، پەقەت شۇ خىل خاھىش << دېمەسما ، تۇرۇپتىمىش >>  دىگەن سۆزلەر بىلەن يۇشۇرۇن ئىپادىلىنىپ قالغان. << دىدى، تۇرۇپتۇ >> دەپ يازغان بولسىغۇ پىنھاننىڭ نارازىلىق  ئىنكاسىمۇ يىزىلماس بولغىيدى . ئۆزىنىڭ ئوغۇل ساۋاقداشلىرىغا قوي سويۇشنى بىلىش ئۆلچىمى ۋە گۆشنى بالدۇر پۇشۇرۇش ئۆلچىمى يوقكەن. راسنى ئېيتسام مەلەكنىڭ ئىنكاسى ئالايىتەن نارازىلىق بىلدۈرگىدەك ئىنكاس ئەمەسكەنتۇق .

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 19:17:10

مەن قۇربان ھېيت كۈنى ئەتىگىنى سىرتقا چىقالمايمەن ،  ئۆيدە ئۆي تازىلاش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىدىكەنمەن ، ئادەتتە ئەرمەك ھايۋان باقساممۇ ھەرگىز ھالال يېگىلى بولىدىغانلىرىنى باقمايمەن ، كىچىك چېغىمدا دادام توخۇ گۆشىگە سېزىك بولغان يوھا خوتۇنغا بېرىۋەتكەن كىچىكىدىن باشلاپ بېقىپ چوڭ قىلغان يالغۇز چۈجىكىمنى ئويلسام ھازىرمۇ بىئارام بولىمەن ، گۆشكە ئامراق بولساممۇ تىرىك چېغىنى كۆرۈپ قالغان ھەرقانداق قوي كالا بولامدۇ ئۆرەك توخۇ بولامدۇ يېيىشكە كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدىكەن .

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 19:37:14

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 20:25:19

مىنىڭچە پىنھانباي سىز ئۆزىڭىزگە ئىلىۋاپسىز .

شۇنداق ھەممە ئادەم ئوخشىمايدۇ، سىزمۇ گىپىڭىز قاتتىق بولغان بىلەن باغرىڭىز يۇمشاق ئادەمكەنسىز قوي بوغۇزلىيالمايدىكەنسىز.(سەۋەبىنى دەپسىز)

لىكىن life of pi دىگەن كىنودىكىدە كۈنلەرگە قالسىڭىز ئامال يوق. باشقا كەلگەندە باتۇر .ئاشۇ بۇددا دىنىغا ئىشەنگە پاي(pi) گۆش يىمەيدۇ ھەتتا .

ئاخىردا بېلىقنى ئۆلتۈرۈپ يەيدۇ . شۇنداق بىشىمىزغا قاتتىق كۈنلەر كىلىپ ئۇرۇش بوپ قالسا ھېلىغۇ قويكەن ئادەمنىڭ جىنىنىمۇ ئالماي بولمايدۇ شۇندققۇ.

ئايالمەن77 سىز باشقىلارنىڭ گىپىنى قىلسىڭز بولماس . ئۇ گەپنى بۇ يەردە دىيىشنىڭ ئورنى يوق.

مىنىڭچە ئوقۇيمەن دەپتۇ باشقا ئىش قىلىمەن دىمەپتۇ .قولىدىن كەلسە بىللە ئوقۇپ توي قىلغۇدەك يىگىتتىن بىرسى چىققاي .
بەت: [1] 2
: بۇلتۇر قۇربان ھىيتتا...(كۆۋرۇك)