irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 08:18:26

نېفىتنى تۇنجى بولۇپ كىم بايقىغان؟

نېفىتنىڭ كىمنىڭ بايقىغانلىقى ھازىرقى زامان نېفىت سانائىتى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنقى ھېكايە. نېفىت باھاسىنىڭ بىر ئۆرلەپ، بىر چۈشۈشى دۇنيانى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. ئېنېرگىيە ۋە خىمىيە سانائىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولغان نېفىت خېلى بۇرۇنلا ھەر قانداق بىر دۆلەت، ھەتتا ھەر بىر كىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئەشياغا ئايلاندى. ھازىرقى زامان نېفىت قېزىش تارىخىنى 1846 -يىلىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۈگۈنگە قەدەر 162 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر قانچە مىڭ يىللىق «دەسلەپكى نېفىت دەۋرى»دە، ھەر قايسى جايلاردىكى كىشىلەر «نېفىت»نىڭ ئاتىلىشى ۋە خۇسۇسىيىتىنى ئىگىلىگەن. نېفىتنى كىم ئاۋۋال بايقىغان؟ جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق ئەسەرلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، نېفىتنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان ۋە خاتىرىلىگەن كىشى جۇڭگولۇق بولۇپ، بەزى كىشىلەر «پالنامە»دىكى «سازلىقتىكى ئوت» دېگەن نېفىتنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەگەر بۇ قاراش دەلىللەنسە جۇڭگولۇقلار ئاز دېگەندىمۇ بۇنىڭدىن 3000 يىل ئىلگىرى نېفىتنى بايقىغان ۋە خاتىرىلىگەن بولىدۇ. لېكىن چەت ئەلدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر «نېفىتنى جۇڭگولۇق بايقىغان»، دېگەن قاراشقا قوشۇلمايدۇ. بەزى كىشىلەر قەدىمكى زاماندىكى ئەزەربەيجانلىقلار نېفىتنى ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە خاتىرىلىگەن، دەپ قارىسا، يەنە بەزى كىشىلەر ئىككى دەريا ۋادىسىدا ياشىغان سۇمېرلار مىلادىدىن 2500 يىللار ئىلگىرى قارا مايدىن پايدىلىنىپ ئويمىچىلىق قىلغان، بۇنىڭدىن باشقا قارا ماي بىلەن خىشنى بىرلەشتۈرۈپ بۇتخانا ۋە ئوردا سالغان، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر نېفىتنى ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى، يەنى ھازىرقى پاكىستان تەۋەسىدىكى دراۋىدىئانلار بايقىغان، دەپ قارايدۇ، ئارخېئولوگلار بۇ يەردىن مىلادىدىن 4000 يىللار ئىلگىرى قارا مايدىن پايدىلىنىپ ياسالغان «ھاممام»نى بايقىغان. نېفىتنى كىم ئەڭ بۇرۇن قازغان؟ ئىپتىدائىي نېفىت قۇدۇقىنى كىم ئەڭ بالدۇر قازغان؟ بۇ ھەقتىكى تالاش- تارتىش كۆپ بولۇۋاتىدۇ. ئەنگلىيىلىك يوسېف نېداھام «جۇڭگو پەن- تېخنىكا تارىخى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق قارىدى: «مىلادى 4- ئەسىردە جۇڭگونىڭ سىچۇەن دېگەن يېرىدىكى كىشىلەر بامبۇك خادىسى بىلەن قۇدۇق قېزىپ نېفىت ئالغان ھەم ئۇنى تۇز ياسايدىغان ماتېرىيال قىلغان». غەربنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىكىلەر مۇنداق قارىدى: «قەدىمكى پېرسىيە پايتەختى سۇسا ئەتراپىدا ياشىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرىلا نېفىت ئالغان، نېفىت قۇدۇقىنىڭ تارىخى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق». ئىلگىرىكى نېفىت ئېچىشقا ئالاقىدار بۇ ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسىنى پەقەت پايدىلىنىش ئورنىدىلا كۆرۈشكە بولىدۇ. <«دەسلەپكى نېفىت دەۋرى»دە نېفىت نېمىگە ئىشلىتىلگەن؟ بۈگۈنكى كۈندە نېفىت ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن بىر قانچە مىڭ يىل ئىلگىرى كىشىلەر نېفىتتىن قانداق پايدىلانغان؟ نېفىتنىڭ بايقىلىشىغا ئۇنىڭ كۆيۈش خۇسۇسىيىتى سەۋەب بولغان. قەدىمدە نېفىتنى ئىشلەتكەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى كېچىدە يورۇتۇش ۋە چىراغ ئورنىدا ئىشلەتكەنلىك توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرۇلغان. ئەمما ھازىرچە بايقالغان ھەم ئەڭ ئىشەنچلىك ئىشلىتىلىش مۇددىئاسى ئۆي سېلىش بولۇپ، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا قارا مايدىن سېلىنغان قەدىمكى «ھاممام»، ئىككى دەريا ۋادىسىدا ياشىغان سۇمېرلار قارا مايدىن پايدىلىنىپ سالغان ئوردا ئەڭ بۇرۇن نېفىت قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق سېلىنغان ئىمارەت ھېسابلىنىدۇ. مىلادى 8- ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ يېڭى پايتەختى باغدادنىڭ ھەممە كوچىلىرىغا قارا ماي ياتقۇزۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى «يولى ئاسفالتلاشقان» شەھەرگە ئايلانغان. يەنە بىر قەدىمكى ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى شۇكى، كىشىلەر نېفىتتىن پايدىلىنىپ ئادەم ۋە چارۋىلاردا كۆرۈلىدىغان تېرە كېسىلىنى داۋالىغان. قەدىمكى پېرسىيە پايتەختى سۇسا ئەتراپىدىن تېپىلغان تاشقا قارا مايدىن پايدىلىنىپ تەمرەتكە قاتارلىق تېرە كېسەللىرىنى داۋالىغانلىق مىساللىرى خاتىرىلەنگەن. 10- ئەسىردە، ئەرەب سەيياھ ماسئۇدى خاتىرىسىدە باكۇلارنىڭ قارا مايدىن پايدىلىنىپ ئاتنىڭ تېرە كېسىلىنى داۋالىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. 13- ئەسىردىكى داڭلىق سەيياھ ماركىپولو جۇڭگوغا بېرىش يولىدا باكۇدىن ئۆتكەن، ئۇ ئەسىرىگە: «بۇ يەردىكى نېفىت بىلەن چىراغ مېيى ياسىغىلى ۋە ئادەم ۋە چارۋىلاردا بولىدىغان قىچىشقاق ۋە تەمرەتكىنى داۋالىغىلى بولىدۇ»، دەپ يازغان. ھەربىي ئىشلاردا نېفىت دەسلەپتە دېڭىز ئارمىيىسىدە ئىشلىتىلگەن. خاتىرىلەرگە قارىغاندامىلادى 668 -يىلى گرېتسىيىلىك پۇشتىدىن بولغان سۇرىيىلىك ھۈنەرۋەن گاللىنىكوس ئۆزى ئىجاد قىلغان «گرېتسىيە ئوتى»نى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىپۇلغا ئاپارغان. بۇ خىل «مەخپىي قورال»دىن ئېتىلىدىغان سۇيۇق كۆيدۈرگۈ ئالاھىدە ياسالغان نودىن ئېتىلىدىكەن، سۇغا تەگكەن ھامان ئوت ئالىدىكەن، ئېتىلغاندا قاتتىق ئاۋاز، ئىس- تۈتەك چىقىدىكەن. پاراخوت، يەلكەنلىك كېمە ۋە ئادەم تېنىگە چاپلاشسا تېخىمۇ كۆيۈپ، دۈشمەننىڭ پاراخوتى ۋە ئەسكەرلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن. مىلادى 678 - يىل 6 - ئاينىڭ 25 -كۈنى سەھەردە، ناچار ئەھۋالدا قالغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بۇ خىل سىرلىق قورال بىلەن كونستانتىپۇلنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەرەب پاراخوت ئەترىتىنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۈشمەن پاراخوتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن «گرېتسىيە ئوتى» كىشىلەر تەرىپىدىن «خرىستىئان دۇنياسىنى قوغدىغۇچى ئىلاھ»، دەپ ئاتالغان. ۋىزانتىيە پادىشاھى جەڭ غەلىبىسىدىن خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ «گرېتسىيە ئوتى» ياساش ئورنىنى خان ئوردىسىغا كۆچۈرۈپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە مەخپىي تۇتقان. قەدىمكى جۇڭگودىمۇ «گرېتسىيە ئوتى»غا ئوخشىشىپ كېتىدىغان «كۈچلۈك كۆيدۈرگۈ» مەيدانغا كەلگەن. بۇ خىل «كۈچلۈك كۆيدۈرگۈ»نىڭ ئاساسلىق تەركىبىي ئوخشاشلا نېفىت بولۇپ، ئوق – دورىدىن ياسالغان «كۆيدۈرگۈ ساندۇقى» ئېتىش قۇرۇلمىسى قىلىنغان. «كۈچلۈك كۆيدۈرگۈ»نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سۇ پۈركەلگەنسېرى ئوت شۇنچە ئۇلغىيىدىغان بولغاچقا، ئۇزاق ئۆتمەيلا بەزى كىشىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولغان. لياۋ سۇلالىسىنى قۇرغان پادىشاھ ياللۇغ ئاباۋجى ياڭجۇنى پايتەخت قىلغان بۆلۈنمە ھاكىمىيەتنىڭ بېشى ياڭ ۋۇ سۇ يولى ئارقىلىق ئەۋەتكەن «كۈچلۈك كۆيدۈرگۈ» ئارقىلىق يۇجۇ (ھازىرقى بېيجىڭ)غا ھۇجۇم قىلىپ، «كۈچلۈك كۆيدۈرگۈ»نىڭ ئۇرۇشتىكى ئۈنۈمىنى سىناپ كۆرمەكچى بولغان. لېكىن خانىش شۇلۈپىڭ نەسىھەت قىلىپ ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرغان، بېيجىڭ شەھىرى شۇنىڭ بىلەن ئامان قالغان. چەت ئەلدە نېفىت سودىسى خېلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن. مەسىلەن: باكۇ قەدىمدىلا نېفىتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئېكسپورت قىلغان، پېرسىيە ئاساسلىق «ئىستېمال دۆلىتى» بولغان. ماركىپولونىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، قاچىلانغان نېفىت 100 پاراخوت كېلىدىكەن، كىشىلەر خېلى يىراق جايلاردىن بۇ يەرگە كېلىپ نېفىت سېتىۋالىدىكەن. قەدىمكى جۇڭگودا نېفىت سودا زەنجىرى ئىزچىل شەكىللەنمىگەن، بەش دەۋر ئون پادىشاھلىق مەزگىلىدە ۋيېتنام جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ھەر قايسى ھاكىمىيەتلەرگە كۆپ قېتىم «كۈچلۈك كۆيدۈرگۈ» تارتۇق قىلغان. دۇنيادا بۇنىڭغا ئوخشاش كۆيدۈرگۈ بومبا ۋە نېفىت ھەققىدىكى خاتىرىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما ھەقىقى نېفىت دەۋرى كىشىلەر نېفىتتىن بېنزىن ۋە باشقا كېرەكلىك ماددىلارنى ئايرىشقا باشلىغان دەۋرنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇنداقتا ئىنسانلار ھازىرقى زامان نېفىت دەۋرىگە قاچان قەدەم قويغان؟ بۇ ھەقتە خاتىرىلەردىمۇ ئىختىلاپ مەۋجۇت. ئامېرىكىلىقلار: 1859- يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېدۋىن دراك پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ تېيسۋېر كىچىك بازىرىدا 21.69 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىر نېفىت قۇدۇقى قازغان، دەيدۇ. بۇ قۇدۇق ئامېرىكا تەرىپىدىن «دۇنيا بويىچە تۇنجى ھازىرقى زامان نېفىت قۇدۇقى» دېيىلگەن، دراكمۇ نېفىت دەۋرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى، دەپ قارىلىپ «نېفىت سانائىتىنىڭ ئاتىسى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان. لېكىن روسىيىلىكلەر: 1848 – يىلى روسىيىلىك سېميونوۋ باكۇغا يېقىن جاي، كاسپىي دېڭىزى ئاپشېرونسكىي يېرىم ئارىلىدىكى بىبى بىلەن ئەبادتا قازغان نېفىت قۇدۇقى دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇپ قېزىلغان ھازىرقى زامان نېفىت قۇدۇقى»، دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تۈزۈلگەن قامۇستا «نېفىت سانائىتىنىڭ ئاتىسى»، دېگەن نام سېميونوۋغا بېرىلگەن. بۇ ئەھۋالدا «بىرىنچى» دېگەن نامنى ئايرىپ چىقىش ھەقىقەتەن تەس. ئادىل ئېيتقاندا، دراكنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ناھايىتى تېزلا كۆلەملىك كەسىپكە ئايلانغان، لېكىن سېميونوۋ قۇدۇق جازىسى بىلەن قۇدۇق قېزىش تېخنىكىسىنى ئەڭ بالدۇر قوللانغان بولۇپ، 1861 - يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى ھەقىقىي نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى قۇرغان. بۇ ئىككىيلەننىڭ «نېفىت دەۋرى»نىڭ باشلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسى بىر - بىرىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. 1859- يىلى تۇنجى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل بارلىققا كەلدى. 1886- يىلى تۇنجى ئاپتوموبىل بارلىققا كەلدى. مەيلى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل، ئاپتوموبىل ياكى پاراخوت، پويىز بولسۇن ھەممىسىنىڭ دەسلەپكى يېقىلغۇسى كۆمۈر ياكى كۆمۈر مەھسۇلاتلىرى ئىدى، لېكىن كىشىلەر ناھايىتى تېزلا نېفىتنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىلغار يېقىلغۇ ئىكەنلىكىنى بايقىدى. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، نېفىت كۆمۈرنىڭ ئورنىنى بېسىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئاساسلىق يېقىلغۇسىغا ئايلاندى، لېكىن ئاۋىئاتسىيە دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ نېفىتنىڭ ئورنى تېخىمۇ ئۆستى، ئايروپىلان بارلىققا كەلگەن تۇنجى كۈندىن ئېتىبارەن نېفىتتىن ئايرىلالمىدى. «دەسلەپكى نېفىت دەۋرى» مۇشۇنداق ئاياغلاشتى. بۇ «دەۋر» ئۇزاققا سوزۇلغان ھەم بەس - مۇنازىرە، تۈگىمەس گۇمانغا تولغان دەۋر بولدى، لېكىن مۇشۇنداق ئۇزاققا سوزۇلغان «دەسلەپكى نېفىت دەۋرى»دە كىشىلەر نېفىتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بىرمۇ بىر ئىگىلەپ، دۇنيانى بۈگۈنكى نېفىت دەۋرىگە باشلىدى، يەنى ئىنسانىيەتكە غايەت زور قۇلايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، كىشىلەرگە غايەت زور ئاۋارىچىلىك ئەكىلىدىغان پىغانلىق دەۋرگە باشلىدى. نېفىتتىن ئايرىۋېلىنغان خېمىيىۋى ماددىلار يالغۇز ئىنىرگىيەنىڭ مەنبەسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي يەنە توقۇلما بويۇم ۋە مېتاللارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيانىڭ مال باھاسىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. سۇمېرلارنىڭ قەدىمقى نېفىت بومبىسىدىن باشلاپ ھىساپلىغاندا ئىنسانلارنىڭ نېفىتنى مۇھىم سىتراتىگىيىلىك ئەشيا قاتارىدا ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا 5000يىل بولدى.


------«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن

~Qawandaz~ يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 10:14:59

جۇڭگولۇقلار ئاز دېگەندىمۇ بۇنىڭدىن 3000 يىل ئىلگىرى نېفىتنى بايقىغان ۋە خاتىرىلىگەن بولىدۇ



مۇشۇ قۇرلارغىچىلا ئوقۇيالىدىم

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 20:37:04

ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنىمۇ ماركوپولودىن بۇرۇن بايقاپتىكەن جۇڭگولۇقلار، بۇنى گېزىتكە يېزىپتۇ.

Y.n.elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:21:32

ئاڭلىسام ئاي شارىغىمۇ جۇڭگولۇقلار سەددىچىن سېپىلىنى سالماقچى بولۇپتۇدەك ... ( ئۆسەك سۆز ){:90:}   {:90:}   {:90:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 18:06:10

چاڭ ئې خېنىم ئايغا ئامرىكىلىقلاردىن بۇرۇن چىققان بولغاچقا ئايغا ئەڭ بۇرۇن چىققانلار يەنىلا شۇ جۇڭگۇلۇقلارمىش{:107:}

mahirjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 01:20:56

ئەلۋەتتە قۇربان تۇلۇم{:92:}
بەت: [1]
: نېفىتنى تۇنجى بولۇپ كىم بايقىغان؟