horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 14:25:47

ئىشەنچ كارتام توڭلىتىلىپتۇ

2006-يىلللىرغۇ دەيمەن، ئىدارىدىن قاتناش بانكىسىنىڭ ئوپچە ئىشەنچ كارتىسىنى بېجىرگەن ، يېڭى ئىشلەتكەندە 5 مىڭ يۇئەنلىك ئىستېمال كارتىسىتتتى، مەن بىر مەزگىل ئىشلىتىپ ئايالىمغا بەرگەن ، ئايالىم بۇ كارتىنى دائىملىق ئىشلىتىپ ۋاختى- ۋاختىدا پۇلنى تولەپ تۇرغانلىقتىن بۇ كارتا دەرىجىسى يۇقۇرلاپ 5 تۇمەنلىك ئالتۇن كارتتىغا ئايلانغان، ئايالىممۇ ئىشلەتكەن پۇللانى ئوز ۋاختىدا تولۇقلاپ ماڭغان. 2012 -يىلى 10-ئايدا پوچتىدىن ھېساب سېلىشتۇرۇش تالونىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ  60 يۇئەن قەرزبولۇپ قالغانلىغىنى بىلىپ ئايالىمغا  دىسەم ئايالىم قەرىزبوپ قالغانلىغىدىن گۇمانلىنىپ پۇلنى تاپشۇرۋېتىدىغانلىغىنى ئېيتتىپ، پۇلنى نەچچە كۇندىن كېيىن تولىۋەتتى.......شۇنداق قىلىپ تۇنۇگۇن يېتىپ كەلدى ، ئايالىم كىيىمگە پۇل تولەيدىغان چاغدا ئىشەنچ كارتىسىنى ئىشلەتمىگىلى ئۇزاق بولغانلىغنى ئېيتىپ پۇل تاپشۇرۋالغۇچىغا بەردى ، بىراق پۇل تاپشۇرۋالغۇچى كارتىنى سېلىپ بېقىپ كارتىدا پۇل يوقلىغىنى دىدى ،شۇنىڭ بىلەن بازادىن يانغاچ كارتىنى تەكشۇرۇپ باقايلى دەپ تەكشۇرسەك ئىچىدىكى 2.5 تۇمەن كوي پۇل باركەن لېكىن پۇلنى ئالغىلى بولمايدىغان تەڭشەپ قويۇپتۇ .  بانكىغا تېلىفون قىلىپ سورىساق 60 يۇئەننى قايتۇرۇش ۋاختى  ئۇزىراپ كەتكەنلىكتىن كارتنىڭ توڭلىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئەمدى كارتىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىغىنى سوزلەپ يۇرۇيدۇ. مەنغۇ بۇ كارتىنىڭ توختىتىۋېتىلگەنلىكىگە خاپا بوپمۇ كەتمىدىم ، پۇل مىنىڭ پۇلۇم بولمىسا... يا؟ لېكىن تۇيۇقسىز 60 يۇئەننى دەپلا ، شۇنداقلا ماڭا ئۇختۇرۇش قىلمايلا كارتىنى توختىۋەتكىنگە (يەنە بىر قېتىم) ھەيران قالدىم . مۇشۇندا ئىشقا يولۇقۇپ باققانلا بارمۇ ؟  بۇ بىر نورمال ئىشمۇ ياكى بىر شامالمۇ؟..........


kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 20:18:28

ئىناۋەت كارتىسىنىڭ بولۇپمۇ ئالتۇن كارتىنىڭ يىلدا كەم دىگەندە 180 سوم يىللىق رەسمىيەت ھەققى بولىدۇ. مەلۇم ساندا ئىشلىتىپ قويسا، رەسمىيەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. بىرەر يىل قەرىز بىلەن تاشلاپ قويسا، ئەلۋەتتە توختاپ كىتىدۇ، ئىناۋەت كارتىسىنىڭ توختاپ كىتىشى كىچىك ئىش، موھىمى بانكا ئىناۋەت سىستىمىسىدا قارا تىزىملىككە چۈشۈپ قالسا چاتاق.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 21:15:13

50 مىڭ سوملۇق كارتىنى يىلدا 18 قېتىم ئىشلەتسىڭىز رەسمىيەت ھەققى يوق ، بۇنداق كارتىنى بېجىرىپ قويۇپ ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمىسىڭىز رەسمىيەت ھەققىگە قەرز بولىسىز ،كارتىڭىز ئۆلىدۇ دىگەن گەپ .50 مىڭ سوملۇق كارتانى بېجىرىپ قويسا جىددى پۇل كېرەك بولغاندا بەك ئەسقاتىدۇ،شۇڭا بۇ كارتىنى بېجىرىپ دەرھال ئىشلىتىش ئويىڭىز بولمىسا كارتىغا رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئازراق پۇل سېلىپ قويۇڭ .

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 09:18:48

ئادەتتە بانكىلار نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇرۇپ سۈيلەيتتىغۇ. توڭلىتىۋەتكەنلىكىگە قارىغاندا سىلەر بۇ 60 يۈئەننى ئۇنتۇپ قالغىلى بەك ئۇزۇن بوپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ، ئاندىن قالدۇرغان تېلېفون نومۇرۇڭلار بىلەن ئالاقىلىشالمىغان ئوخشايدۇ بانكا.

كرېدىت كارد دىگەن ھازىرقى زاماندا ئادەمنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم نەرسىلەرنىڭ بىرسى، باشقا يەرنى قويۇپ تۇرايلى، ناۋادا ئۆي سېتىۋالماقچى بولۇپ بانكىدىن قەزىر ئالماقچى بولسىڭىز، قارا تىزىمككە چۈشۈپ قالغان خاتىرە سىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچلىقلارنى ئەپ كېلىشى مۈمكىن. ئەڭ ياخشىسى بانكا بىلەن قايتا پاراڭلىشىپ، نىمە ئۈچۈن ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭىزنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ ،ئۇلارنى مۇزنى ئېرىتىشكە قايىل قىلىڭ. بۇندىن كېيىن كرېدىت كاردسىز ھىچنىمە قىلغىلى بولمايدىغان زامان يېتىپ كېلىشكە بىر چاقىرىممۇ قالمىدى راس گەپنى قىلغاندا.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 09:36:59

زادى توڭلىتىلدىمۇ ياكى قارا تىزىملىككە چۈشۈپ قالدىمۇ ؟ياخشىراق سۈرۈشتۈرڭ!توڭلىتىلدىمىكى دىسەم ،ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپتۇ.قارا تىزىملىككە چۈشۈپ قالدىمىكە دىسەم توڭلىتىلدى دەپسىز.ئەگەر راستلا تۇڭلىتىلغان بولسا بىۋاستە پۇل سالغىلى بولمايدۇ.پۇلنى باشقا ئىشلەتكىلى بولدىغان كارتىغا سېلىپ.پۇل ئېلىپ سالىدىغان ماشىنىدا بىر كارتىدىن يەنە بىر كارتىغا يۈتكەڭ!!سۇدا -سانائەتنىڭ كارتىسىنى شۇنداق ئىرىتكەن بىز.  {:92:}   {:92:}  سىناپ بېقىڭ!!!باشقا يەرگە كىتىپ قىلىش، تېلفون نۇمۇرىنى ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن،ئۇلار ئۇرغان تىلفۇنى ئالماي.توڭلاپ قاپتىكەن بىزنىڭ كارتىمۇ.ئامال بار ئىرىتىۋىلىڭ!!!قارا تىزىملىكە چۈشۈپ قالسا ،كىيىن بانكىدىن قەزىر ئالدىغان ھەممە ئىشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 11:48:59

ئەگەر قارا تىزىملىككە كىرىپ  قالسا قانداق ياخشى ئامال  بار.. رەھمەت قىرىنداشلار.. \"\"

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 11:56:38

ئەگەر قارا تىزىملىككە كىرىپ قالسا قانداق ياخشى ئامال بار...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 13:48:03

مېنىڭ ئوقوغۇچى ۋاقتىمدا بېجىرىپ بەرگەن ئىۋۇ 500 كۆيلۇق كارتامنىمۇ، توڭلىتىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر خەنسو بولۇپ نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ سۈيلەپ كەتكەن، مەن قەرز ھالىتىدە كارتىنى يۈتتۈرۈپ، تولۇقلاپ كارتا چىققۇچە كىملىكنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويۇپ، كىملىك يوق كارتىنى ئالامماي، ئۇلار سۈيلەپ بېقىپ ئاندىن توختىتىۋەتكەن.

سىزنىڭكىنى 60 كوينى دەپ گەپ قىمماي توڭلىتىۋەتكەن بولسا ئۇلار سەل مازكەن.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 14:43:49

ئايالىمنىڭ دىيىشىچە شۇ ۋاقىتتا 60 يۇئەننىڭ قانداق قەرز بوپ قالغىنىنى بانكا خادىمىدىن سۇرۇشتۇرگەندە، بانكا خادىمى كارتىنى كومپىيوتۇرغا سېلىپ 6 يۇئەن پۇل ئوسۇپ 60 يۇئەن بولغانلىغىنى دەپ بەرگەن. شۇنىغا قارىغاندا بۇ ئالتە يۇئەن پۇل كارتا رەسمىيەت ھەققىمۇ ياكى ئۇنتۇلۇپ قالغان پۇلمۇ ياكى ئوزلىگىدىن ئۇنۇپ قالغان پۇلمۇ ئۇققۇلى بولمىدى ...بانكا خادىمنىڭ دىيىشىچە كارتا شۇ 60 يۇئەن قەرز بولغان ئارلىقتا توڭلىۋېتىلگەن .

ardam001 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 15:09:46

ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىشنىڭ قانداق شەرىتلىرى بار ؟

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 16:23:34

ئەگەر ئۇ بانكىدا جىق پۇلىڭىز بولسا، سىزمۇ بانكىنى توڭلىتىۋېتىڭ. بارلىق پۇللىرىڭىزنى دەرھال نەق پۇل شەكلىدە چىقىرىپ بېرىشنى، بانكىنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى، ھەتتا ئۇقتۇرۇشمۇ بەرمەي ھېساباتىڭىزنى توڭلاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىپ، بارلىق ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ ئۇ بانكا بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ. بولسا، بانكا كارتىسى بېجىرگەندە ئىمزا قويغان، تامغا بېسىلغان توختامنى كۆرسىتىپ، ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇلار ياۋاشلاپ، پات-پات سىزگە تېلېفون قىلىپ تۇرىدىغان بولىدۇ.

------------

بىر چاغدا، ئامانەت قەرز كاپراتىۋىنىڭ بىر خادىمى ماڭا قوپال تېگىپ قويغانىدى،... مانا ئەمسە دەپ جىق پۇل قويىدىغان بىر نەچچە تۇغقىنىمنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ بانكىدىكى پۇللىرىنى دەرھال قايتۇرۇشىنى، بۇ بانكىنىڭ خېرىدارلارغا قوپال تېگىدىغانلىقىنى، دەرھال نەق پۇل شەكلىدە ھەممە ھېساباتنى ئۈزۈشىنى، بۇندىن كېيىن ئالاقە قىلمايدىغانلىقىمىزنى دېگەنىدۇق، .... شۇندىن بۇيان بىرەر يىلغىچە، بۇ بانكىغا كىرسەم ئۆچرەتتە تۇرغۇزمايلا ئىش بېجىرىپ بېرىدىغان بولغانىدى.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 19:28:08

6- قەۋەتتىكى azharbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر قارا تىزىملىككە كىرىپ قالسا قانداق ياخشى ئامال بار...



    بىلىدىغانلار   يۇقما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  چاتاق  بۇلدى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 20:03:46

ئىناۋەت كارتا تارقىتىش مەركىزى بىلەن بانكا ئەمەلىيەتتە ئىككى ئاپپارات، شۇڭا بانكا بىلەن ئۇرۇشقانغا ھىچنىمە ھەل بولمايدۇ. \"\"

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 20:25:13

11- قەۋەتتىكى azharbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى azharbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر قارا تىزىملىككە كىرىپ قالسا قانداق ياخشى ئامال بار...



    بىلىدىغانلار   يۇقما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  چاتاق  بۇلدى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!



ئامال يوق.پاكلىنىش مۇددىتى 5يىلدىن 7 يىلغىچە.


ئاندىن قايتا بېجىرىش،قەرز دىگەنلەرنى ئويلىشىڭ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 20:27:06

9- قەۋەتتىكى ardam001نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىشنىڭ قانداق شەرىتلىرى بار ؟



ئادەتتە مۇقىم كىرىم ئىسپاتى،بانكا ھىساۋى بولسا بولىدۇ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 20:36:31

ئىناۋەت كارتا ئىشلىتىشنى ئوبدان بىلمىسە ئىشلەتمىگۈلۈك،بولمىسا ئىناۋەتنى بۇزۇپ،بانكا مۇناسىۋىتى توسۇلىدۇ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 21:49:14

5- قەۋەتتىكى azharbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر قارا تىزىملىككە كىرىپ قالسا قانداق ياخشى ئامال بار.. رەھمەت قىرىنداشلار.. \"\"

ئامالى بار، ئىناۋەت كارتىسىنى  كۆپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ...ئون-يېگىرمە مىڭ كوي پۇلنى قاچىلاپ قويۇپ بىرقانچە قېتىم ئېلىپ-سىلىپ قويسىڭىز، قارا تېزىملىك يۇيۇلۇپ، دەرىجىڭىز ئۆسىدىكەن...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 08:10:58

100 مىڭ يۇەن پۇلنى كارتىدا ھەپتە قويۇپ قويسىمۇ دەرىجىسى شاپپىدە ئۆسۈپ قالىدىكەن. مېنىڭ سودا سانائەت بانكىسىدىكى ئىستىمال كارتا دەرىجەم 100000 يۈەنگە چىقىغلىقكەن. 50 مىڭ يۇەندىن 2 كارتا بىجىرىگلىك. بىربانكىدىكى ئىناۋەت ئۆسسە يەنە بىر بانكىدىن قەرز كارتا بىجىرسىمۇ يۇقۇرى سوممىدا چىقىدىكەن.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 09:59:19

16- قەۋەتتىكى dadashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى azharbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر قارا تىزىملىككە كىرىپ قالسا قانداق ياخشى ئامال بار.. رەھمەت قىرىنداشلار.. \"\"

ئامالى بار، ئىناۋەت كارتىسىنى  كۆپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ...ئون-يېگىرمە مىڭ كوي پۇلنى قاچىلاپ قويۇپ بىرقانچە قېتىم ئېلىپ-سىلىپ قويسىڭىز، قارا تېزىملىك يۇيۇلۇپ، دەرىجىڭىز ئۆسىدىكەن...



سىزگە   رەھمەت!!  راستىنلا   شۇنداق  ئىش   بارمۇ...سىز   سىز  بانكىدا  ئىشلەمسىز؟

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 10:44:22

بۇلسا بانكىدا ئىشلەيدىغانلار بىلىدىغانلار يۇقما؟ \"\"
بەت: [1] 2
: ئىشەنچ كارتام توڭلىتىلىپتۇ