TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 09:24:41

تاشپولات: ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرگەن پلانېت بايقالدى

ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرگەن پلانېت بايقالدى



تاشپولات روزى




پلانېت دىسە ئادەتتە ئۇ يۇلتۇزنى ئايلىنىدۇ دىگەندەك چۇشەنچە
بەرىدۇ.بىراق بۇ قېتىم تېپىلغان پلانېت يۇلتۇزنى ئايلانماستىن ئالەم
بوشلۇقىدا يېگانە لەيلەپ يۈرگەن. بۇ تېپىلغان زور گازلىق پلانېتىنىڭ ئىسمى
PSO J318.5-22 بولۇپ يەر شارىدىن 80 نۇر يىل يىراقلىققا توغرا كېلىدىغان
قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا ئىكەن. ئۇنۇڭ ماسسىسى يۇپىتېر (Jupiter) نىڭ 6
ھەسسىسىچىلىك بولۇپ ھازىرغىچە بايقالغان ئەركىن لەيلەپ يۈرىدىغان جىسىملار
ئىچىدە ئەڭ كىچىك ماسسىغا ئىگە ئىكەن. بۇ پلانېت 12 مىليون يىل ئىلگىرى
شەكىللەنگەن ياش پلانېت بولىدىكەن. ھازىرغا كەلگۈچە بۇنداق ئەركىن لەيلەپ
يۈرگەن پلانېتىلارنىڭ بارلىقى دوكلات قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنۇڭ پلانېت ياكى
ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغان ئىكەن. بۇ قېتىم بۇ جىسىمنىڭ پلانېت ئىكەنلىكى
جەزمەنلەشتۈرىلدى.



ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ پلانېتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى
تەتقىقات نەتىجىلىرى، يۇپىتېرغا ئوخشاش زور گازلىق پلانېتىلارنىڭ دەسلەپ
شەكىللەنگەندىن كېيىنكى ئۇنۇڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى بىلىشتە ئاجايىپ يېڭى
ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشى مۇمكىن دېدى.



تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىن.




http://www.nbcnews.com/science/astronomers-say-theyve-spotted-lonesome-planet-without-sun-8C11366309







uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 10:57:07

بۇ پلانېت 12 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن ياش پلانېت بولىدىكەن. ھازىرغا كەلگۈچە بۇنداق ئەركىن لەيلەپ يۈرگەن پلانېتىلارنىڭ بارلىقى دوكلات قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنۇڭ پلانېت ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغان ئىكەن. بۇ قېتىم بۇ جىسىمنىڭ پلانېت ئىكەنلىكى جەزمەنلەشتۈرىلدى.



....................................................................................................................................................................

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئەپەندى نىمىگە ئاساسەن بۇ پىلانىتنىڭ 12 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەنلىكىگە

ھۆكۈم قىلىدۇ ، ئەمدى يېڭىدىن پىلانىت ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن بىر جىسىمنىڭ 12 مىليون يىل ئىلگىرى

شەكىللەنگەنلىكىنى شۇنى دېگۈچىلەر قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ ئۆز قىياسلىرى بىلەنمۇ ؟ .

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 11:10:39

ئالىملارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىغا چىقارغان ھۆكمى قانداق قانچە يىل ؟.

mustapa222 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 11:33:16

تاشپولاتكامنىڭ بىزنى ھەرۋاقىت مۇشۇنداق يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 17:48:59

ئۇ پىلاتنىڭ چىقارغان يورۇقلۇقى، رەڭگى، چوڭ كىچىكلىكى، ئەتراپدىكى يۇلتۇزلار يەنە شۇ يۇلتۇز تەۋە بولغان يۇلتۇز تۈركۈمى(سېستىمىسى) قاتارلىقلارنى سىپىكتىر ئانالىزى ياكى بوشلۇق كىسىشتۈرۈش ئۇسسۇللرى ئارقىلىق تېپىشى مومكىن

ھەممە نەرسىنى سوراۋەرمەي ئۆزەڭلارمۇ ئىزدىنىپ بېقىڭلار. يەرشارىغا 4مىليارت 600 مىليون يىل بولدى دەيمىز ئادەتتە، ئىنسانلارغا ئېشىپ كەتسە 8000يىل بولغاندۇ.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 11:07:46

1- قەۋەتتىكى uyghurjan0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ پلانېت 12 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن ياش پلانېت بولىدىكەن. ھازىرغا كەلگۈچە بۇنداق ئەركىن لەيلەپ يۈرگەن پلانېتىلارنىڭ بارلىقى دوكلات قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنۇڭ پلانېت ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغان ئىكەن. بۇ قېتىم بۇ جىسىمنىڭ پلانېت ئىكەنلىكى جەزمەنلەشتۈرىلدى.

بۇ پلانېت، Pan-STARRS دېگەن تېلېسكوپ ئارقىلىق بايقالغان.ئۇنىڭ ئوربىتىسى يوق يەنى يۇلتۇزنى ئايلانمايدۇ.ئۇ ھاۋادا نىشانسىز سائىتىگە 72،000 كېلىمىتەر تېزلىك بىلەن لەيلەپ يۈرىدىكەن.بۇ پلانېت باشقا يۇلتۇزلاردىن ئاجرالغان ھالدا يېگانە يۈرسىمۇئۇنۇڭ ئەتراپىدا ناھايىتى ئاجىز يورۇقلۇق بار ئىكەن.شۇڭا ئۇنى تېلېسكوپ ئارقىلىق بايقىغان.

بۇ پلانېتىنىڭ بۇنداق ئايرىلىپ قېلىشىدا مۇنداق ئىككى پەرەز بار ئىكەن. بىرىنچى پەرەز،ئاشۇ بىپايان كەتكەن بوشلۇقتاھىدروگېننىڭ ئۆزئارا بىرىكىش نەتىجىسىدە يۇلتۇزغا ئايلىنىمەن دەپ يۇلتۇز بولالماي پلانېت بوپ قالغان بۆلىشى مۇمكىن. ئىككىنچى پەرەز، بۇ پلانەت ئەسلىدە يۇلتۇزنى ئايلىنىدىغان بولۇپ ئۇنۇڭ ئەتراپىدىكى باشقا يۇلتۇزنىڭ بۇ پلانېتىنى تارتىش نەتىجىسىدە ئۇ پلانېت ئىككى يۇلتۇزنىڭ تارتىش نەتىجىسىدە يىراق بوشلۇققاسىقىپ چىقىرىلغان بۆلىشى مۇمكىن.



ماقالىدا دېيىلىشىچە بۇ پلانېتىدىن ئالغان سپېكتر ئارقىلىق پلانېتىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ھەم يېشىنى بەلگىلەپ چىققان.



ھازىرقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ئادەملەر 150 مىڭ يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن ئوخشايدۇ.



....................................................................................................................................................................

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئەپەندى نىمىگە ئاساسەن بۇ پىلانىتنىڭ 12 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەنلىكىگە

ھۆكۈم قىلىدۇ ، ئەمدى يېڭىدىن پىلانىت ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن بىر جىسىمنىڭ 12 مىليون يىل ئىلگىرى

شەكىللەنگەنلىكىنى شۇنى دېگۈچىلەر قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ ئۆز قىياسلىرى بىلەنمۇ ؟ .


بەت: [1]
: تاشپولات: ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرگەن پلانېت بايقالدى