TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 11:58:10

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Evariste Galois

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Evariste Galois



تاشپولات روزى




گەلۋا (Evariste Galois) بولسا پارس شەھىرى سىرتىدىكى Bourg-la-Reine
شەھىرىدە، 1811-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھەم ئاپىسى
پەلسەپە ئىلمىدە يۇقىرى بىلىمگە ئىگە تالانتلىق كىشىلەر ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى
1815-يىلى Bourg-la-Reine شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان. گەلۋا
12 يېشىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىدۇ. بۇ دەۋردە فىرانسىيە
ماتېماتىكا مائارىپىغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن
ماتېماتىكا دەرسى ئاددىي ھەم زېرىكىشلىك تۇيۇلاتتى. ئۇ ماتېماتىكا ئالىم
Lagrange نىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ ماتېماتىك بولۇشقا قەسەم قىلغان ئىكەن.
بىراق ئۇنىڭ تالانتسىز ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭغا “دائىم قاملاشمىغان
سوئاللارنى سوراپ ئادەمنى ئاۋارە قىلىدۇ”، “مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن
گەپ تالىشىشتىن باشقا ئىش قىلمايدۇ” دەپ باھا بېرەتتى. ئۇ داڭلىق
ماتېماتىكا ئالىملىرى كۆپ چىققان مەكتەپ Ecole Poly Technique ئالىي
مەكتىپىگە ئىمتىھان بەرگەن بولسىمۇ ئىمتىھاندا مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ
بىرىنچى قېتىملىق مەغلۇبىيىتى ئىدى. گەلۋا 17 يېشىدا بىرىنچى قېتىم يازغان
ماقالىسىنى ماتېماتىكا ئالىم Cauchy غا ئەۋەتىپ بېرىپ ماقالىسىنى فىرانسىيە
ئاكادېمىيىگە ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ بىراق Cauchy ئۇ ماقالىنى
يۈتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن گەلۋا ئاكادېمىيە
كىشىلىرىگە بولغان نەپرىتى باشلىنىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئۇ يەنە Ecole Poly
Technique غا يەنە ئىمتىھان بېرىدۇ. بىراق ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئالغان فىزىكا
تەجرىبە ئوقۇتقۇچى “ئۇنىڭدا قابىلىيەت بار دەپ ئېتىراپ قىلىشقا بولمايدۇ”
دەپ باھا بەرگەنلىكى ئۈچۈن دەھشەت تالانتى بار بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تالانتسىز
ئىمتىھان ئالغۇچىلار تەرىپىدىن يەكلىنىپ يەنە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ.
گەلۋانىڭ بۇ مەغلۇبىيەتلىرى ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولمىغان بولسىمۇ
بىراق ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئۇنىڭغا بولغان ئەڭ چوڭ زەربە
بولىدۇ. ئۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش روھى ئازابلار ئىچىدە ئوقۇتقۇچى
تەربىيىلەيدىغان پېداگوكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. گەلۋا 1830-يىلىدىكى
فىرانسىيە ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى
ئۈچۈن مەكتەپتىن قوغلىنىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق زەربىلەرگە قارىماي يازغان
ماقالىسىنى ماتېماتىك Poissong غا ئەۋەتىپ بېرىدۇ بىراق Poisson ئۇ
ماقالىگە چۈشىنىكسىز دەپ باھا بېرىپ ماقالىنى قايتۇرۇۋېتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى
ئۈمىدلەردە تۇرغان گەلۋا خەلق ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە
تاشلىنىدۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مۇھەببەتلەشكەن قىز بىلەن ھەرخىل
مەسىلە پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئابرۇيى ئۈچۈن ئۆلۈشنى قارار قىلىدۇ.
گەلۋا ئۆلۈۋېلىشنى قارار قىلغان ئاخشىمى دوستىغا خەت يېزىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ
1832-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. ئۇ
چاغدا ئۇ ئەمدىلا 20 ياش ئىدى.




گەلۋا ئۆلۈشتىن ئىلگىرى دوستى Chevalier گە يازغان خېتىدىكى تەتقىقاتىنىڭ
قىسقىچە مەزمۇنى ھەم ئۇ قالدۇرغان قىممەتلىك ماقالىلەرنى Liouville رەتلەپ
چىقىپ “J. Math. Pures Appl., 11” دىگەن جورنالدائېلان قىلىدۇ. گەلۋا
ئالگېبرا تەڭلىمىسىگە نىسبەتەن گۇرۇپپا چۈشەنچىسىنى كىرگۈزۈپ گەلۋا
نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەم بۇ نەزىريىنى ئابېل ئىنتېگرالىغىمۇ
قوللانغان. گەلۋا نەزەرىيىسى ھازىرقى ئالىي ئالگېبرا نەزەرىيىسىنىڭ
جېنىدۇر.



kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 23:04:21

20 يىشىدا شۇنچىلىك مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپتىكەن.. قالتىس...
بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Evariste Galois