Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 11:24:09

پەرھات تۇرسۇن: ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئوغلىغا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ھېكايىسى

ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئوغلىغا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ھېكايىسى



پەرھات تۇرسۇن



رەھمەتلىك ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئوغلىغا سۆزلەپ بەرمەكچى بولۇپ ئەۋلادلارنىڭ نادانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالغان ھېكايىسى ئەسلىدە مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىم ئىدى. ھالبۇكى ئۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ قولىدا ئۆلدى. قەلىمىدىن ئۈمىدسىزلىكلا چىقىپ تۇرىدىغان ھېلىقى پەرھات تۇرسۇن دېگەن كىشى ھېكايە يازسىلا دائىم ئادەملەرنى ئۆلىدىغان قىلىپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۈمىدنى ئۈزمەيلى، شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، ئەسەرلىرىدە ئادەم ئۆلتۈرگەن يازغۇچىلارمۇ خۇن ھەققى تۆلەيدىغان بولىدۇ. ئۇ ئەبلەخ ئەگەر «ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن ھېكايىسىدا ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمىگەن بولسا، ئۇ تۆۋەندىكى تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك ھېكايىسىنى ئوغلىغا تولۇق ۋە مۇكەممەل قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن بولاتتى. ئاندىن ئۇنى ماۋ زېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرىدىن باشقا كىتاب ئوقۇپ باقمىغان، ھەممە ئادەم پەندى نەسىھەت يېزىۋاتقان بولسىمۇ، پەندى نەسىھەت يازىدىغانلار نىمىشقا قالمايدۇ دەپ قاخشايدىغان، ھەممە ئادەم مەجۈن يىۋالغاندەك ھىجىيىپ تۇرسىمۇ، ئادەملىرىمىز نىمىشقا يىغلاڭغۇ دەپ ۋايسايدىغان، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىددىيىۋىي تەسلىمچىلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئىددىيە ۋە ھەرقانداق بىلىم بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر يازغۇچى يېزىپ چىققان بولاتتى.


ئابدۇسەمەت مامۇت تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك ھېكايىسىدا سۆزلىمەكچى بولغان مېنىڭ دەسلەپ قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىم، كېيىن روھىي جەھەتتىكى بىر تۇيۇقسىز پارلاش بىلەن بۇ خىل چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ ھەقىقەتنى تاپقان تارىخىم مۇنداق ئىدى:


مەن قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ، ئۆلىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەنىدىم. ئاشۇ كۈنى كەيپىياتىم ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىرخىل ھالەتتە تۆۋەن ئىدى. ئۆزەمنى پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ھالدا ھېس قىلاتتىم. دۇنيادا ياشىشىمغا ھېچقانداق ئاساس تاپالمىدىم. جاھاندىكى پۈتۈن ئىنسان ماڭا يات تۇيۇلاتتى، جاھاندا ھېچقانداق ئورنۇمنىڭ يوقلىقىنى، ھېچنەرسىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلاتتىم. ئىشقىلىپ ئۇ چاغدىكى تۇيغۇلىرىمنى پەقەت ئاشۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولۇپ باققان ئادەملا چۈشىنەلەيدۇ. مەن ئاشۇ كۈنى ھەقىقەتەن ئۆلىۋېلىش نىيىتىگە كەلدىم.


شەھەرنىڭ كونا پاسوندىكى ئەگرى - بۈگرى ئۆيلەر بىلەن تولغان كونا كوچىسىنى ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغان ئادەم ئۈچۈن بۇ كوچىلار خۇددى مەۋھۇم نەرسىلەردەك لەيلەپ تۇرغاندەك، ھېلىلا ئۆلۈمىم بىلەن تەڭ توزۇپ كېتىدىغاندەك تۇيىلاتتى. ئاندا - ساندا دەرىزىلەردىن نۇر چۈشۈپ تۇرغان بۇ كوچا خۇددى مەخسۇس مېنىڭ ئۆلىۋېلىش سەپىرىم ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغاندەك خۇنۈك ئىدى.


بىر دۇقمۇشتىن قايرىلغاندا، يىراقتىن، بىراۋ يەردە ئىنتايىن ئېغىر شۇنداقلا سوغاق ۋە قوپال بىر نەرسىنى سۆرەپ كېتىۋاتقاندەك، كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان غىچىرلىغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئاشۇ ئېغىر نەرسە ھەر قېتىم سۆرەلگەندە پاكار ۋە ئەگرى بۈگرى ئۆيلەر ئارىسىدىكى ئېگىز پەس يولنىڭ پەرياد كۆتۈرگەن ئاۋازى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى. ئۇ ئاستىغا تۆت تال كىچىك تۆمۈر غالتەك بېكىتىپلا ياسىۋالغان يەردىكى غالتەكلىك ھارۋىنىڭ سۆرەلگەن ئاۋازى ئىدى. مەن يىراقتىن غالتەك ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئىككى قولىدىكى ئۇچلۇق تۆمۈرنى كۈچىنىپ يەرگە سانچىپ كېلىۋاتقان بىر مېيىپ ئادەمنى كۆرۈدۈم. بىز ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇق. مەن مېيىپ ئادەمنىڭ چىرايىغا زەن سېلىپ قارىدىم. يول بويىدىكى دېرىزىلەردىن چۈشكەن نۇر خېلىلا سۇس بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدىكى خاتىرجەملىك بىر قاراپلا كۆرۈۋالغۇدەك دەرىجىدە روشەن ئىدى.


مەن ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدىم. بىردىنلا پارلاپ كەتكەندەك بولدۇم. چەكسىز قاراڭغۇلۇق بىلەن تولغان روھىم بىردىنلا كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى. تەپەككۈرىمنى قورشاپ تۇرغان تام بىردىنلا ئۆرىلىپ، مەن چەكسىزلىكنى كۆردۈم.


مەن مېيىپ كىشىنى توختىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ قالدىم؛ ئۇنىڭغا ئەھۋالىمنى بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن:


− سىزدە نېمىشقا چۈشكۈنلۈكتىن ئەسەرمۇ يوق؟ − دەپ سورىدىم.


− مەن نېمىشقا چۈشكۈنلەشكۈدەكمەن؟ مېنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىككى پۇتۇم يوق، لېكىن مەن ياشاۋاتىمەن، ھاياتىمنىڭ ھەر بىر دەقىقە، ھەر بىر مىنۇتى باشقىلار بىلەن ئوخشاشلا نەپەس ئېلىش بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ، يۈرىكىممۇ باشقىلارنىڭ يۈرىكى بىلەن ئوخشاشلا سوقۇۋاتىدۇ، مېنىڭ قەدىمىم مېيىپلىقىم تۈپەيلى باشقىلارنىڭكىدىن ئاستا بولغىنى بىلەن تېنىمدىكى قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش.


مەن ھەيران قالدىم. ئەجىبا ئىككى پۇتى يوق مېيىپ ئادەم روھىي جەھەتتە شۇ قەدەر تىنچ ھالەتتە ياشىيالىۋاتسا مەن ھەممە ئەزايىم ساپ-ساق ئادەم تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن چۈشكۈنلىشىپ ئۆلىۋالغۇدەكمەن. كىشىلەر تەرىپىدىن تامامەن چۆرۈپ تاشلانغان ئاشۇ مېيىپ دىۋانە يەنە ئۆز ئىستىقبالىدىن ئۈمىد ئۈزمىدى، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ ياشاۋاتسا مەن نېمە ئۈچۈن ئۈمىد ئۈزگۈدەكمەن؟


ھېلىقى مېيىپ يەرنى كۈچىنىپ تېيىنغىنىچە كوچىنى بويلاپ كېتىۋەردى. ئۇنىڭ غالتىكىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز ئەمدى باياتىنقى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغان ئاۋاز بولۇپ ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئۇ بىر ئاڭلىنىشتا سانسىزلىغان ئىشىكلەرنىڭ ئارقا ئارقىدىن غىچىرلاپ ئېچىلىشىغا ئوخشىسا، يەنە بىر ئاڭلىنىشتا سانسىزلىغان ئىشىكلەرنىڭ ئارقا ئارقىدىن غىچىرلاپ يېپىلىشىغا ئوخشايىتتى. مەن ئۇ ئاشۇ ئەگرى بۈگرى يوللارنىڭ ئىچىدە غايىپ بولغىچە قاراپ تۇردۇم.


مانا شۇندىن كېيىن مەن قەتئىي ئۈمىدسىزلەنمەس بولدۇم. دوختۇرخانىدىكى ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشىلەرمۇ بىر كۈن ئاتۇق ياشاشقا تەشنا بولۇپ، ھايات قېلىش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىركىشىۋاتسا، مەندەك ساق ئادەمنىڭ ھاياتتىن بەزگىنى نېمىسى؟ مەن شۇندىن كېيىن ھاياتقا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىدىم.


مانا بۇ مېنىڭ ئەينى چاغدا ئابدۇسەمەت مامۇتقا سۆزلەپ بەرگەن ھېكايەم. ئۇ مېنىڭ ھېكايەمنى جىمجىت تۇرۇپ بىر ھازا ئاڭلىغاندىن كېيىن سورىدى:


− سەن زادىلا چۈشكۈنلەشمەمسەن؟


− ياق.


− ئەگەر سېنىڭمۇ ئىككى پۇتۇڭ ئاشۇ مېيىپقا ئوخشاش تۈۋىدىنلا يوق بولغان بولسىچۇ؟


− يەنىلا چۈشكۈنلەشمەيتتىم. چۈنكى دۇنيادا ئىككى پۇتىدىن باشقا يەنە ئىككى قولىمۇ يوق ئادەملەرمۇ بارغۇ، مەن شۇلار بىلەن ئۆزەمنى سېلىشتۇرۇپ ئۈمىدۋار بولاتتىم.


− ئەگەر سېنىڭمۇ ئىككى پۇت ھەم ئىككى قۇلۇڭنىڭ ھەممىسى بولمىغان بولسىمۇ ئۈمىدۋار ياشاۋېرەمتىڭ.


− ئەلۋەتتە، پۇت قۇلى يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە كۆزى قارىغۇ كىشىلەرمۇ بارغۇ، ئۇلارغا قارىغاندا گەرچە پۇت - قۇلۇم بولمىسىمۇ كۆزۈم بار −دە، مەن شۇلارنى ئويلاپ روھىمنى كۆتىرەلەيتتىم.


− ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن مېيىپلىقنىڭ ھەممىسى سەندە بار بولغان بولسىچۇ؟ پۇت - قۇلۇڭ يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارىغۇ ھەم گاس - گاچا بولغان بولساڭ، ئۆزەڭنى كىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۈمىدۋار بولاتتىڭ؟


− ئۆزەمنى ئۆلگەنلەر بىلەن سېلىشتۇراتتىم. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى، مەن بولسام تېخى تىرىك، بۇ جەھەتتە مەن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەردىن ئارتۇق.


……


مەن قايتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك ئۈچۈن دائىم ئاقساق چولاقلار بىلەنلا ئالاقە قىلىدىغان بولدۇم. ئۇلارنىڭ مەيىپلىك دەرىجىسى قانچىلىك ئېغىر بولسا مەن شۇنچە خوشال بولۇپ كېتىمەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ يېقىن دوست بولىمەن. چۈنكى ئۇلار قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر مېيىپ بولسا مەن ئۇلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىمنى بايقاپ، ۋۇجۇدۇم ئۈمىد بىلەن تولۇپ، ئۆزۈمنى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچ قۇۋۋەتكە تولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن. بولۇپمۇ تۆت ئەزايى زادىلا ساق بولمىغان ئادەمنى كۆرسەم خوشاللىقتىن نەچچە كۈن ئۇيقۇم كەلمەي ئۇلار بىلەن كېچىچە ئولتۇرۇپ ساق ئادەملەرنى تىللاپ چىقىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە كاللىسى مېيىپلار بولسا ماڭا ئەڭ ياراپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئۈمىدسىزلىككە قارشى نەزىرىيەمنى چاۋاك بىلەن ئالقىشلاپ، ماڭا ئەگىشىپ، «ئۈمىدسىز ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈش كېرەك!» دەپ چۇقان كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ. ئايالىم بولسا مېنىڭ دائىم مېيىپلار بىلەنلا ئارىلاشقانلىقىمدىن بەك بىزار.


− مەن مېيىپلار بىلەن ئارىلاشسام نىمە بوپتۇ؟ سېنىڭ مېنىڭ ساق ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشىمنى تەلەپ قىلىشتىكى مەقسىتىڭ نىمە؟ سەن چوقۇم ساق بىجىرىم ئادەملەر بىلەن ئارىلاشسام ئۇلار بىلەن ئىشپەش تارتماقچى!


مەن ئاشۇنداق دەپ تىللاپ ئايالىمنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتىم. شۇندىن بېرى مەجرۇھلار بىلەن خالىغانچە ئارىلىشالايدىغان بولدۇم. يەنە تېخى پۇل تېپىش ئۈچۈن مېيىپلارنى كۆرگەزمى قىلىدىغان بولدۇم. چۈنكى مەن يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۈمىدۋار ياشاش ئۈچۈن مېيىپ ئاجىزلارنى كۆرۈپ تۇرۇشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغانىدىم. دەل شۇنداق بولغاچقا بۇ خىل كۆرگەزمىدىن ناھايىتى كۆپ كىرىم بولدى. گۈزەللىكتىن ئەمەس مەينەتچىلىكتىن زوقلىنىدىغان بولۇپ قالغان بۇ بىچارىلەر دۇنيانى كېزىپ يۈرۈپ، مېيىپلارنى تېپىپ تاماشا قىلاتتى. مېيىپلارغا تايىنىپ كۆڭۈل ئېچىشقا خۇمار بولۇپ قېلىپ ئاخىرى ساق ئادەملەرنى كۆرسە غەزىپى تاشىدىغان بولۇپ قالدى. ھەممە ئادەمنى مېيىپقا ئايلاندۇرىدىغان بىرەر دورىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىپ ئۇزاقتىن ئۇزاق كۈتتۈم. لېكىن كەشىپ قىلىنمىدى. خۇددى ئۇلار ساق ئادەملەرنى كۆرسە غەزىپى تاشىدىغان بولۇپ قالغاندەك، شۇندىن كېيىن مەنمۇ ئۈمىدسىز ئادەملەرنى كۆرسەملا غەزەپتىن ئۆزەمنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قالدىم. بىر كۈنى چوڭ يولدا كېتىۋاتسام بىر ئەبلەخ چوڭ كوچىدىلا، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھېچقايسىغا يوشۇرماستىنلا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭغا قاراپ دەسلىپىدە خېلىلا ئۆزەمنى تۇتۇۋالغان ھالدا خىتاب قىلدىم:


− ئۈمىدسىزلىنىشكە ھەققىڭ يوق.


− ئۇ ئۈندىمىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن غەزىپىمنى ئاز تولا ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولدۇم:


− ئۈمدسىزلىنىش ھوقۇقۇڭ يوق!


ئۇ ئەبلەخ يەنىلا يىغىدىن توختىمىدى، مېنىڭ سۆزۈمنى نەزەرگە ئېلىپ قويىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاخىرى ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي ئۇنىڭ ياقىسىدىنلا ئالدىم.


− سەن ئەبلەخ نىمانچە ئۈمىدسىز نېمەسەن، بۇنداق ئۈمىدسىزلىنىش ئادەمنى زالالەتكە باشلايدۇ!


ئەسلىدە ئۇنىڭ دادىسى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. لېكىن شۇنچىلىك ئىشنى باھانە قىلىپ بۇنداق ئۈمىدسىز بولسا بولمايدۇ – دە! كىمنىڭمۇ دادىسى ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؟ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەم ئاشۇنداق ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالسا، بۇ مىللەت نىمە بولۇپ كېتىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەبلەخ ئىچىگە پاتقۇزالماي تۇرغان ئاچچىقىنى مەندىن ئېلىپ، مېنى ئۆلگۈدەك ئۇرۇۋەتتى. يولدىكى كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۈمىدسىزلىككە قارشى تۇرىدىغان بىرمۇ ئادەم يوقكەن، شۇڭا ھېچكىممۇ مېنىڭ تەرىپىمنى ئالماستىن تاماشا كۆرۈپ قاراپ تۇردى. ئۇ ئەبلەخنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن تۇرۇپمۇ مۇشتىنىڭ شۇنچە قاتتىق ئىكەنلىكى مېنى تاڭ قالدۇردى.


ئاخىرى مەن چالا ئۆلۈك ھالەتتە، كۆز ئالدىمدىكى نەرسىلەر گاھ غۇۋالىشىپ گاھ روشەنلىشىپ تۇرغاندا كىملەردۇر كېلىپ مېنى يۆلىگەندەك قىلدى. كېيىن نىمە بولغىنىنى پەقەت بىرلا خۇدا بىلىدۇ.


شۇندىن كېيىن بىرەركىمنىڭ باشقىلارنى ئۇرۇۋاتقىنى كۆرسەم يېنىغا كېلىپ بار كۈچۈم بىلەن ئاشۇ ئۇرۇۋاتقان ئادەمگە مەدەت بېرىدىغان بولدۇم، چۈنكى مەن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىم ئۈچۈن ئۆزەمدىنمۇ بەكراق تاياق يىگەن ئادەمنى كۆرۈپ تۇرۇشۇم كېرەك-دە. مەن ھەرگىزمۇ ئۆزەمنىڭ باشقىلاردىن بەكرەك تاياق يەپ كەتكىنىمنى ئېتىراپ قىلىپ چۈشكۈنلەشسەم بولمايدۇ.


مەن بىرەرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگىنىنى كۆرسەم ھەممىدىن بەكراق خوشال بولۇپ، ئۆزەمنىڭ ئۆلمىگەنلىكىمدىن پەخرلىنىپ، دۇنيادا مەندەكمۇ ئىستىقبالى پارلاق ئادەم بارمۇ دەپ خىتاب قىلغان بولاتتىم. لېكىن بىر قېتىم بىر بالىنى بىرەيلەن قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قوياي دەۋاتسا بىر ئەبلەخ كېلىپ ئۇنى توسۇۋالدى. بۇنىڭغا شۇ قەدەر ئاچچىقىم تۇتتىكى، بېرىپ:


− نېمىشقا باشقىلارنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا قول تىقىسەن؟ قويۇۋەت دەپ ۋارقىرىدىم.


ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭمۇ ھەممىسى كىچىك بالىنى توپلىشىپ ئۇرۇشنى كۆرۈشتىن ھوزۇرلىنىدىغانلىقى يوشۇرالماي يۈرگەن ئەبلەخلەر بولسىمۇ، لېكىن مەن بىلەن بىر سەپتە تۇراي دېمەستىن ھېلىقى ئارىچىغا بولۇشتى.


− سەن بۇ جىدەلنى قانۇنسىز ئاجرىتىۋاتىسەن، − دەپ ۋارقىرىدىم مەن يەنە، − سېنىڭ ئۇلارنى ئاجرىتىدىغان نېمە ھوقۇقۇڭ بار؟


ھەممىدىن مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، مەن ھېلىقى بالىنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگىنىنى كۆرەلمەيلا قالماستىن باشقىلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگىنىمنى كۆرسىتىپ قويغىلى تاس قالدىم. تېپىكلەر ئاستىدا دۇمىلايتتىم. چەملىرى قېلىن جىگەررەڭ بىر ئاياق مېڭەمگە تېگىپ، كۆز ئالدىمدىكى ھەممە نەرسىنى قولىشىپ قالغاندەك يەنى چەكسىز سەمرىپ كېتىۋاتقاندەك قىلىپ قويدى. قۇلىقىم پاڭ بولۇپ قالغاندەك ھەممە ئاۋاز بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتتى. مەن ئاشۇ قېتىم مېنى زادى كىملەرنىڭ ئۇرغىنىنى بىلەلمىدىم.


تەنقىدلەنسىمۇ ئۆلگىچە ئۆزگەرمەيدىغان ھېلىقى پەرھات تۇرسۇن مېنى شۇندىن كېيىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ چۆچۈرىنى خام سانىمىسۇن. مېنىڭ يەنىلا ئۆلمىگەنلىكىمنىڭ ئۆزى مېنىڭ بىر ئۆمۈر جەڭگىۋارلىق بىلەن ھىجىيىپ ياشىشىمغا يېتىپ ئاشىدۇ.


مېيىپلارنى كۆرگەزمە قىلىش ئىشلىرىممۇ توختاپ قېلىشقا يۈزلەندى. چۈنكى ئۇلار ئىككى پۇتى يوق، ئىككى قولى يوق، ئىككى كۆزى يوق ئادەملەرنى كۆرۈۋېرىشتىن زېرىكتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان مېيىپلارنى تاپىمەن دەپ، تەرەپ تەرەپكە قاتراپ جىق چىقىمدار بولدۇم. يىراق بىر يېزىدا ئىككى پۇتى ئىككى مۈرىسىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر ئادەم بارىكەن دەپ ئىزدەپ بېرىپ تاپالمىدىم. يەنە بىر يەردە بىر تاللا كۆزى بار ھەمدە كۆزى بېشىنىڭ ئارقىسىدا ئىكەن دېگەن بىر بوۋاق ھەققىدىكى گەپنى ئاڭلاپ، خوشاللىقتىن ئۇيقۇم كەلمىدى. كېچىلەپ يول يۈرۈپ بارسام، ئۇنى چاچراپ كەتتى دەپ يەرلىكىگە قويۇۋېتىپتۇ. ئۇنى بىر يەرگە ئېلىپ بېرىپ كۆرگەزمە قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزۈم بولسىمۇ بىر كۆرۈپ ئىنقىلابىي روھىمنى ئۇرغۇتۇپ، جەڭگىۋارلىقىمنى ئاشۇراي دېسەم ئۇنىڭ قاغىش تەگكەن ئاتا-ئانىسى يوشۇرۇن دەپن قىلىۋەتكەچكە قەبرىسىنى تاپالمىدىم.


يېنىمدا بىر سېنتا يوق كۈنلەر يېتىپ كەلدى. لېكىن مەن بۇ چاغدا نامراتلىقتىن جېنىم قاخشاۋاتسىمۇ يەنىلا ئۆزۈمنى باي ھېس قىلىشنى ئۈگىنىۋالغانىدىم. مانا شۇنداق كۈنلەردە مەھەللە كويلار ئۆيۈمگە كىرىپ، خوتۇنۇمنى ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن ئەكىلىۋېلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى. ئۇلار مېنىڭ قەبرىستانلىقلارنى ئاختۇرۇپ يۈرگەنلىكىمنى ئۇقۇپ، تىرىك ئاياللاردا ئۈمىد قالماي ئۆلۈك ئاياللارنى ئىزدەۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىپ قالغان بولسا كېرەك. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا قوشۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى قېينىئانامنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى.


قېينىئانام ئايالىم يامانلاپ كەلگەندىن كېيىنلا نەچچە ئون يىللىق قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇنىڭ رومىلى ئارىسىدىن مارىلاپ تۇرغان چاچلىرى تېخمۇ ئاقىرىپ مامۇققا ئوخشاپ قالغانىدى. ئۇ دوستلىرىمنىڭ مېنى ئايالىم بىلەن ياراشتۇرۇش ھەققىدىكى گەپنى ئاڭلاپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئېيىتتى:


− مېنىڭ باشقا پىكرىم يوق. قىزىم ئۇنىڭ مېيىپ خۇمارىغا بەرداشلىق بېرەلمەپتۇ. ئۇ يەنە قىزىمغا ئەگەر مەن دۆلەتكە باشلىق بولىدىغان بولسام، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەرقاندىقىنى مېيىپ قىلىپ، بۇ دۆلەتنى غايەت زور مېيىپلار دۆلىتىگە ئايلاندۇراتتىم، دېگەندەك كىشىنى بىئارام قىلىدىغان گەپلەرنى دەيدىكەن. قالغان گەپلەر قىزىمدا.


− خەقلەرنىڭ ئەرلىرى ھەر ئاماللارنى قىلىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ، مېنىڭ بۇنداق نامرات ياشىغۇم يوق، − دېدى ئايالىم بۇرنىنىڭ سۈيىنى ئېقىتىپ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ كۆپلەپ پۇل تاپىدىغانلىقىمنى ۋە بىر قىسىم پىلانلىرىمنى ئېيىتتىم. بۇ پىلانلىرىمنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاشخانا ئېچىش پىلانىملا ئۇنى قايىل قىلدى.


ئاشخانىمۇ ئاچتۇق. لېكىن چىۋىندىن باشقا خېرىدار يوق ئاشخانىنىڭ سودىسى زادىلا ئاقمىدى.


مەن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنى ئاشخانىغا كىرمەي كېتىشتىن نومۇس قىلغۇدەك دەرىجىدە كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالاتتىم. لېكىن خېرىدارلار بىلەن ئىناق دوستانە مۇناسىۋىتىم ئۇزاققا بارمايىتتى.


− نېمە يەيسىز؟


− توخۇ قورۇمىسى بارمىدۇ؟


− توخۇ قورۇمىسى يېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ، توخۇدەك قورقۇنچاق بولۇپ قالىسىز.


− بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ چاتىقىڭىز بولمىسۇن. زادىلا بارمۇ يوقمۇ؟


− توخۇ قورۇمىسى يىيىش مىللەتنى زاۋاللىققا باشلايدۇ. ئەڭ ياخشىسى پولو يەڭ!


− پولو بارمۇ؟


− گۈرۈچلىرى چېچىلىپ تۇرغان پولو مىللىتىمىزدىكى ئىناقسىزلىقنىڭ مەنبىئى. مەن سىزنى پولو يىمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىمەن.


− سۈيقاش بامىدۇ؟


− سۈيقاش ئىچىشتەك رەزىللىكلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىشىمىز لازىم. سۈيقاش ئىچكەنلىك سەۋەبىدىن كىشىلەر سۈيۈق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى سامسا يەڭ!


− سامسا نەچچە پۇل؟


− نېمە سامسا دېدىڭىزمۇ؟ سامسىنىڭ تۆت بۇرجەكلىكىگە قارىدىڭىزمۇ؟ ئۇ نېمىنىڭ بەلگىسى؟ مېنىڭچە سامسا يېيىشتىن ئىبارەت بۇ خەتەرلىك ھەرىكەتنى ۋاقتىدا توسۇش لازىم.


مانا شۇنىڭ بىلەن ئاشخانام تاقىلىپ قالدى. ئىجارىگە ئالدىن تۆلىگەن پۇلنى زىيان تارتىپلا قالماي يەنە گەدەنگىمۇ خېلى يۈكلىنىپ، دوستلىرىم مېنى كۆرسىلا، پۇل سوراپ سالارمىكىن دەپ قاچىدىغان بولدى. مانا بۇ مىللەتنىڭ نادانلىقى. دانالارنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق. مىللەتنى داۋالايدىغان دوختۇر بۇلۇش ئۈچۈن تىرشىۋاتقانلارنىڭ كەينىدىن قاۋاپ، غاجاپ تۇردىغان لالما ئىت جىق. ئۆزىمىز قىلالمايمىز ئەمما قىلغانلارنى ئۆزىمىزچە ياراتماي قۇسۇر ئىزدەپ غاجاپ باقىمىز.


لېكىن مەن بارغاسېرى ئۈمىدۋار بولۇپ كەتتىم. ئۈمىدنىڭ پارلاق نۇرى يولۇمنى ھەر مىنۇت ھەر دەقىقە يورۇتۇپ تۇراتتى. مەن ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ يېڭى يوللىرىنى توختىماي بايقاپ تۇردۇم.


− خوتۇن مەن ئۈچ يۈزمىڭ كوي تېپىۋالدىم، − دېدىم بىر كۈنى ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۇھ تارتىپ ياتقان خوتۇنۇمغا خوشال ھالدا.


بۇ گەپنى ئاڭلاپ خوتۇنۇم ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتى.


− قېنى ئۈچيۈز مىڭ كوي؟


− ئاڭلىدىڭمۇ، ئابا بۆرەك كېسىلى بولۇپ قېلىپ، ئۈچيۈز مىڭ كوي پۇل بىلەن ئاران ساقىيىپتۇ. لېكىن يەنە قانچىلىك ياشىيالايدۇ ئۇنى خۇدايىم بىلىدۇ. ئەگەر مەنمۇ شۇنداق بولۇپ قالغان بولسام ئۈچيۈزمىڭ كويغا داۋالىتىپ ساقايغان بولاتتىم. شۇنداقمۇ؟


− شۇنداق. لېكىن ئۈچ يۈز مىڭ كوي قېنى.


− مەن ھازىر ساق. ئەگەر ئاباغا ئوخشاش بۆرەك كېسىلى بولۇپ قالغان بولسام داۋالىنىشقا ئۈچ يۈزمىڭ كويغا داۋالاتقان بولاتتىم. سەن مېنى ئاشۇ ئاباغا ئوخشاش بۆرەك كېسىلى بولۇپ قالدى دەپ تەسەۋۇر قىل. ئاندىن مېنى ساقايدى دەپ ئويلا. كۆزۈڭنى يۇمۇپ تۇرۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىرىماي بىر بىرلەپ كۆز ئالدىڭغا كەلتۈر.


− ماقۇل، لېكىن پۇل...


− ئاۋال تەسەۋۇر قىل، ئاندىن دەپ بېرىمەن.


خوتۇنۇم تۇرۇپ كېتىپ كۆزىنى يۇمدى. لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدىن يەنىلا ھېلىقى سوئال نېرى كەتكەندەك ئەمەس ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنى ئاشۇ ئىشلارنى تولۇق كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىچە ساقلىدىم.


− مەن تەسەۋۇر قىلدىم، − دېدى ئۇ.


− قانداق تەسەۋۇر قىلدىڭ.


− مەن ھازىر سىزنى ئاۋال ئاباغا ئوخشاش بۆرەك كېسىلى بولۇپ قالغان دەپ ئويلىدىم، ئاندىن داۋالىنىشقا ئۈچ يۈزمىڭ كوي كەتتى دەپ تەسەۋۇر قىلدىم، ئاخىرىدا سىزنى ساقايدى دەپ كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.


− بەللى، بەك ياخشى! ھازىر مەن ساق. بۇ ساقلىقنى ئۈچ يۈز مىڭ كوي بىلەن قولغا كەلتۈردۇق دەپ ئويلىساق، بىز ئۈچ يۈز مىڭ كوي تېپىپ يەنە خەجلىۋەتكەن بولدۇق. مېنىڭ تاپتىم دېگىنىم دەل مېنىڭ سالامەتلىكىمگە كەتكەن ئاشۇ ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن.


ئەزەلدىن مېنىڭ گېپىمگە قايىل بولمايدىغان ئايالىم ئاشۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ھەممە گېپىمگە قايىل بولىدىغان بولۇپ قالدى. مەن دەسلەپ بۇنىڭدىن سەل ئەنسىرەپ يۈردۈم. كېيىن كۆنۈپ قالدىم. چۈنكى ئۇ قايىل بولۇۋەرسىمۇ ھېچ ئىش چىقمىدى. كېيىن ئۇ ئۈمىدۋارلىقتا مەندىنمۇ ئېشىپ كەتتى. چۈنكى ئۈمىدۋارلىققا ھېچنىمە كەتمەيدۇ. پەقەت سىز ئۈمىدۋار بولۇشنى خالىسىڭىزلا.


مېنىڭ ئاشۇ جاھىل ۋە بىشەم خوتۇنۇم قايىل بولغان ھېكايىگە ئابدۇسەمەت مامۇت قايىل بولماي قالسۇنمۇ؟! لېكىن ئۇنى پەرھات تۇرسۇن ئۆلتۈرىۋەتتى.


پەرھات تۇرسۇننىڭ سۈيقەستى بىزگە ئايان! ئۇ ئەدەبىي ئەسەر يېزىشنى بىر مەڭگۈلۈك كەسىپكە ئايلاندۇرماقچى. ئاشۇنداق تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى كۈچلۈك ھېكايىلار بىلەن ھەممە ئادەم ياخشى ئادەم بولۇپ كەتسە، تەنقىدىي روھقا باي يازغۇچىلار ئەسەر يېزىپ پاش قىلىدىغان ئىش قالمايدۇ دەپ ئەنسىرەپ، ھېكايىلىرىدا ئابدۇسەمەت مامۇتتەك تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى كۈچلۈك ھېكايە سۆزلەيدىغانلارنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ.


مەن چۈشكۈنلۈككە قارشى ئەزىمەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئابدۇسەمەت مامۇتتەك بىر تەۋرەنمەس روھنى بايقايمەن. ئۇلار ئانىسى ئاغرىق ياتسا خوتۇنىغا ئۇپا ئەڭلىككە ماڭغان كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئانىسىنى تاشلاپ كەتمەستىن بەلكى ئۇنىڭ بېشىدا تۇرۇپ خۇددى دورا يەۋالغاندەكلا ھىجىيىپ ئانىسىنىڭ كېسىلىنى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىق قىلىنىشىنى تاماشا قىلىدۇ. ئانىسىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ چۈشكۈن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئانىسى پۇت قولىدىن باغلىۋېتىلگەن كارىۋاتنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ، «ئەتىمىز پارلاق» دەپ ناخشىلارنى ئېيتىپ، ئانىسىغا ئۆزىنىڭ ئۈمىدۋارلىقىنى نامايان قىلىپ، تەسەللى بېرىپ، ئۇنى باسقۇنچىلىقتىن بەك ئازابلىنىپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ.



2012- يىلى 24- ئىيۇل، شېنجېن.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 11:55:54

ماۋۇ كىنايە ئادەم ئۆتتۈردىكەن پەرھاتكا \"\" \"\"

ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 12:12:15

پەرھات تۇرسۇننىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇسام باشتىن-ئاخىر ئوخشاش ھېسسىيات، يەنى ئەسەرنىڭ تىلى ناھايىتى قاتتىق، زورلاپ يېزىلىۋاتقاندەك.

مېھمانخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىنا دېگەن ھېلىقى ھېكايىسىگە قارىغاندا چېكىنىش كۆپ.

پەرھات تۇرسۇن ھېكايە يېزىپ زېھنىنى ئىسراپ قىلغۇچە يەنىلا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى قىلسا بولغۇدەك. شەخسەن كۆز قارىشىم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 12:21:12

دىمەك ھەمىمىز روھىي كېسەل.

بۇنداق ئاتىلىشنى ياقتۇرمىساممۇ ئەلانى باستىم، ئىپادىلەشكە قائىل بولماي ئامالىم يوق.

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 13:07:20

قاغىنى سايراشقا ئۆگەتكىلى بولماس، ئېشەكنى يورغىلاشقا.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 13:13:14

4- قەۋەتتىكى tawlan5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قاغىنى سايراشقا ئۆگەتكىلى بولماس، ئېشەكنى يورغىلاشقا.


نىمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىم. تەمسىل نەقىل قىلماي، ئويلىغىنىڭىزنى ئوچۇق دەپ باقسىڭىز!


tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 13:17:23

بۇ ھىكايە ناھايىتى قىزىقارلىقكەن. ئوقۇپ بولغۇچە زېرىكىپ قالمىدىم. مەلۇم بىر خىل ئىدىيەگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈنمۇ ھىكايە يازىدىغان ئىشلا با دەڭلا.

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 14:41:21

ئۇھ...نېمانچە ئاچچىق ئازاپ بۇ؟...

كاشكى بۇنى ھەممە كىشىلەر چۈشۈنەلىگەن بولسىتى...

پەرھات تۇرسۇننىڭ بۇ ھىكايىسى بىزنىڭ روھى كېسەللىكىمىزدىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىگە ئاچچىق دىئاگونۇز قويۇپتۇ.

heptohta يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 14:46:22

باشقىلارنىڭ ھېكايىلرىنى ئوقۇسام  پىرسۇناژلىرىنىڭ ھامان باشقا كىشىلەر ئىكەنلىكىگە    ئىشىنەتتىم، مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى. لېكىن پەرھات تۇرسۇننىڭ ھېكايىلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنى ئوقۇسۇم ئۇ  قاچانلاردا  مېنى بۇ قەدەر كۈزىتىپ ۋە چۈشىنىپ ئالغاندۇ دەپ ئەندىكىپ كېتىمەن. ئەلادىن بىرسى كەتتى!



  ھەقىقەتەن روھىيىتىمىزگە قايتىدىن  ئىنچىكە نەزەر سېلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان ھېكايىكەن.

alyari يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 14:49:14

پەرھاتكامنىڭ ھەربىر ھىكايىسىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايدۇ . ئاكىمىزنىڭ قەلىمىگە مەڭگۈ قۇت تىلەيمەن .

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 15:02:49

ھەي@ulanbay خانقىزىم قەلەمنى بىر يۈگۈرتۈپ باقسىڭىز بولاتتى، سىزنىڭكىنى بەك ئوقۇغۇم بار. {:92:}  

مۇنۇ يازمىنى ئاۋۋال بىر ئوقاي ھە، ئورۇن ئېلىپ قويۇپ تۇراي.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 15:08:37

10- قەۋەتتىكى ipar-ayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي@ulanbay خانقىزىم قەلەمنى بىر يۈگۈرتۈپ باقسىڭىز بولاتتى، سىزنىڭكىنى بەك ئوقۇغۇم بار.\"\"


مۇنۇ يازمىنى ئاۋۋال بىر ئوقاي ھە، ئورۇن ئېلىپ قويۇپ تۇراي.


جان باققىلى قويامسىلەر-يوق!\"\"


Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 15:22:11

پەچەت پەچەت ..... ئابدۇسەمەت مامۇتنى مەن تونۇغاندەك قىلىمەن .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 15:39:56

13- قەۋەتتىكى begir3نىڭ يازمىسىدىن نەقىل




بىراق باشتىكى بىر ئىككى ئىنكاستىكى 炒作 چىلار ئارتۇقچىلا ئىش قىلغان . ئارتۇقچىلا .....





سەنمۇ بىر جۇگېلىياڭدەك گوڭگا گەپ قىلماي، مەقسىدىڭنى ئېنىق دىگىنە!



مەسىلەن: قايسى ئىككى ئىنكاسچى،


قانداق 炒作 قىلدى.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 15:51:12



ئۇلانباي، بىر ئەسەرگە ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەسىراتتا بولۇشى ئىنتايىن نورمال ئەھۋال. شۇڭا بەرگەن پىكرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.

ماختىمىسىلا خاپا بولۇپ ئەرز قىلىپ يېتىۋالىدىغان جەمئىيەتشۇناس ئەمەسمەن، شۇڭا تورداشلار قانداق پىكىر بولسا ئايىماي بەرسە، قارشى ئالىمەن ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىمدە ئويلىنىمەن.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 23:35:00

بۇ ھېكايە ئىپادىلەش جەھەتتىن پەرھات تۇرسۇننىڭ مەن كۆرگەن بۇرۇنقى ھېكايىلىرىن ئۆزگىچە چىقىپتۇ . ئەمما ھېكايە ئوقۇۋىتىپ تاكى تۈگىگىچە بىر كەمتۈكلىك باردەك ھېس قىلغان ئىدىم . ئويلىسام ھېكايىدە ئوقۇرمەنگە قالدۇرۇلغان بوشلۇق ئاز بولۇپ قالغاندەك ، سەنئەت پۇرىقىنى ئىدىيىۋىلىك كونتىرول قىلىۋالغاندەك ھېس قىلىپتىمەن .

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 04:05:05

ئۆزگىچە شەكىل كونا ئۇسلۇپ

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 08:28:37

يەنە قانچە ئادەمگە ئوقۇپ بەرسەم بولار...

shakira يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 09:31:55

نېمىدىگەن ئاچچىق كىنايە بۇ.بەك ياخشى يېزىپسىز.

yatwash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 09:33:13

پەرھاتكا، بۇ ھېكايىڭىزدە بەزى تەرەپلەردىن كەتكۈزۈپ قويغاندەك قىلىسىز. ھاياجاندا ئوقۇۋېتىپ، بەزى مەسىلىلەرنى ھېس قىلدىم. ئۇنى سىز بىلەن كۆرۈشكەندە ئايرىم دەي. \"\"
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: پەرھات تۇرسۇن: ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئوغلىغا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ھېكايىسى