irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 11:04:31

نيۇتون

نيۇتون (مىلادىيە 1642-1727) ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ زور ئالىم. ئۇ 1642-يىلى مىلاد بايرىمى كۈنى ئېنگلاندنىڭ ۋولسىتوپ دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلدى، شۇ يىلى گالىلېي ۋاپات بولغانىدى. مۇھەممەد (س ئە ۋ) غا ئوخشاش، تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭمۇ دادىسى تۈگەپ كەتكەنىدى. نيۇتوننىڭ بالىلىق دەۋرىدىلا قولى ناھايىتى ئەپچىل بولۇپ، مېخانىك قۇرۇلمىلارنى ياساش قابىلىيىتى كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. گەرچە ئۇ ناھايىتى زېرەك بالا بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپتە چېچىلاڭغۇ بولۇپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئانچە قوزغىيالمىغانىدى. ئۇ ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئاپىسى ئوغلىنى كاتتا دېھقان قىلىپ چىقىش ئارزۇسى بىلەن ئۇنى مەكتەپتىن توختىتىۋالدى. بەختكە يارىشا، ئاپىسى ئوغلىنىڭ ئاساسلىق تالانتى باشقا جەھەتتە ئىكەنلىكىگە قايىل بولدى. ئۇ 18 ياشقا كىرگەندە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان تەبىئەت ۋە ماتېماتىكا بىلىملىرىنى تېزدىن ئىگەللەپ بولۇپلا، ئۆزىنىڭ مەخسۇس تەتقىقاتىغا كىرشىپ كەتتى. نيۇتون 21 يېشىدىن 27 يېشىغىچە ئۆزىگە لازىملىق پەنلەرنىڭ نەزەرىيۋى ئاساسىنى سېلىۋالدى. نەتىجىدە بۇ ئۇنىڭ كېيىن دۇنيادا بىر قېتىملىق ئىلىم-پەن ئىسلاھاتىنى قوزغىشىغا سەۋەب بولدى. 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇلۇغ بىر ئىلىم-پەن دەۋرى ئاپىرىدە بولماقتا ئىدى. بۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دۇربۇننىڭ كەشىپ قىلىنىشى پۈتكۈل ئاسترونومىيە تەتقىقاتىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياسىدى. ئەنگىلىيلىك پەيلاسوپ فرانسىس باكون بىلەن فرانسىيلىك پەيلاسوپ دېكارت پۈتكۈل ياۋروپادىكى ئالىملارغا ئارىستوتېلنىڭ نوپوزىغا يۆلىنىۋالماستىن، ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبە ۋە كۆزىتىشىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. باكون بىلەن دېكارتنىڭ تەشەببۇس قىلغىنىمۇ دەل گالىلېينىڭ ئەمەلىيتىدىن ئۆتكەن ئىشلار ئىدى. نيۇتون يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان دۇربۇن بىلەن ئاسمان جىسىملىرى ۋە ھادىسىلىرىنى كۆزەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاسترونومىيە تەتقىقاتىدا ئىنقىلاب باشلاندى. ئۇنىڭ مېخانىكىلىق تەجرىبىسى بىز بۈگۈنكى كۈندە پىششىق بىلىدىغان نيۇتوننىڭ بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنىنى بارلىققا كەلتۈردى.

باشقا ئۇلۇغ ئالىملار، مەسىلەن، قاننىڭ ئايلىنىشنى تاپقان خارۋېي، پىلانىتلارنىڭ قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىش قانۇنىيتىنى تېپىپ، بايان قىلغان كېپلېر قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئاساسىي بىلىملىرىنى ئىلىم-پەن ساھەسىگە قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. بىراق ساپ ئىلىم-پەن يەنىلا زىيالىيلارنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قالغان ھەمدە ئۇ چاغدا ڧفرانسىس باكون ئېيتقاندەك ، ئىلىم-پەن تېخنىكا ساھەلىرىدە قوللىنىلىدىغان بولسا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇش شەكلىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە دەلىل-ئىسپات يوق ئىدى.

كوپېرنىك بىلەن گالىلېي قەدىمكى ئىلىم-پەندە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم خاتا ئۇقۇملارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىنسانلارنىڭ كائىناتقا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چاغدىكى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا تېخى بىر يۈرۈش پرىنسىپلار تۇرغۇزۇلمىغانىدى. ئەگەر شۇنداق بىر يۈرۈش پرىنسىپلار قارىماققا مۇناسىۋەتسىز بېكىتكەن پاكىتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولسىدى، بىرلىككە كەلگەن، ئىلمىي مۆلچەر قىلىشتا قوللىنىشقا بولىدىغان نەزەرىيىنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئىدى. دەل نيۇتون مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن بىر يۈرۈش نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەل قىلىپ ماڭىدىغان ئۆزىنىڭ تېگىشلىك يولىغا كىرگۈزدى.

نيۇتون ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىشنى پەقەت خالىمايتتى. ئۇنىڭ تەتقىقات خىزمىتى توغرىسىدىكى كۆپلىگەن ئاساسلىق ئوي-پىكىرلىرى 1669-يىلىلا شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نەزەرىيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. نيۇتوننىڭ ئېلان قىلغان تۇنجى بايقىشى–نۇرنىڭ خۇسۇسىيتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى بۆسۈش خاراكتېرلىك خىزمەت ئىدى. بىر يۈرۈش ئىنچىكە تەجرىبىلەر ئارقىلىق، نيۇتون ئادەتتىكى ئاق نۇرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمىغان 7 خىل رەڭلىك نۇردىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ يەنە نۇرنىڭ قايتىشى ۋە سۇنۇش قانۇنىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل يۈرگۈزدى. ئاخىرى مۇشۇ قانۇنىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، 1668-يىلى تۇنجى رىڧلېكتولۇق تېلېسكوپ (قايتۇرغۇچ تېلېسكوپ) نى لايىھەلەپ ياساپ چىقتى. بۇ ئاستىرونومىيلىك تېلېسكوپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر كۆپلىگەن رەسەتخانىلاردا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئۇ 29 ياشقا كىرگەن يىلى بۇ بايقاشلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن باشقا بىر مۇنچە ئوپتىكىلىق تەجرىبىلىرىنى ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى. نيۇتون ئوپتىكا جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەنلا دۇنيادىكى 100 مەشھۇر شەخىس قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايتتى، لېكىن بۇ نەتىجىلەر ئۇنىڭ ساپ ماتېماتىكا ۋە مېخانىكا ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دىفرېنسىئال-ئىنتېگىرالنى كەشىپ قىلىشى ئۇنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى ھېساپلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا نيۇتون 23~24 ياشلاردا ئىدى. بۇ كەشپىيات ھازىرقى زامان ماتېماتىكسىدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجە بولۇپ، كۆپلىگەن ھازىرقى زامان ماتېماتىكا نەزەرىيەلىرى ئەنە شۇ ئاساستا بارلىققا كېلىپ، مۇكەممەللىشىپ باردى. يەنە كېلىپ ئۇ ئەڭ مۇھىم قورال، ئەگەر ئۇ بولمىسا شۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپلىگەن ھازىرقى زامان ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى. نيۇتوننى باشقا ئىشلارنى قىلمىدى دەپ ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىدىكى دىڧڧفرېنسىئال-ئىنتېگىراللىق ھېسابلاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت مۇشۇ كەشپىياتىلا بىزنىڭ ئۇنىڭغا دۇنيادىكى مەشھۇر شەخىسلەر قاتارىدىن ئورۇن بېرشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، نيۇتوننىڭ ئەڭ مۇھىم كەشپىياتى مېخانىكا ساھەسىدە ئىدى. مېخانىكا جىسىملارنىڭ مېخانىكىلىق ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. گالىلېي كەشىپ قىلغان بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنى جىسىمنىڭ تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان چاغدىكى ھەرىكەت ھالىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شەك-شۈبىھسىزكى، رېئاللىقتىكى بارلىق جىسىملار سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ. شۇڭلاشقا مۇشۇنداق شارائىتتا جىسىمنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىشى مېخانىكىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىدى. نيۇتون ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئىككىنچى قانۇنى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى. بۇ كلاسسىك مېخانىكىدىكى ئەڭ مۇھىم نېگىزلىك قانۇن دەپ قارىلىدۇ. نيۇتوننىڭ ئىككىنچى ھەرىكەت قانۇنى: بىر جىسىمنىڭ تېزلىنىشى (يەنى تېزلىكنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى) نىڭ جىسىمغا چۈشكەن يىغىندا كۈچ بىلەن ماسسىنىڭ بۆلۈنمىسىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. نيۇتون بۇ ئىككى قانۇننىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە ئۈچىنچى ھەرىكەت قانۇنى (بۇ قانۇن ھەربىر تەسىر كۈچنىڭ باراۋەر، يۆنىلىشى قارىمۇ-قارشى بولغان ئەكىس تەسىر كۈچتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ) ھەمدە ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئىلمىي قانۇنى _ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تۆت قانۇن بىرلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن سىستېمىنى شەكىللەندۈردى. كىشىلەر بۇ سىستېمىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەرىكىتىدىن تارتىپ، پىلانىتلارنىڭ ئۆز ئوربىتاسىنى بويلاپ قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىشىغىچە بولغان ئەمەلىيەتتىكى ماكرولۇق مېخانىكىلىق سىستېمىسىنىڭ بارلىق مەسىللىرىنى تەتقىق قىلالايدۇ ھەمدە ئالدىن بىلەلەيدۇ. ئۇ يەنە بۇ مېخانىكا قانۇنىيەتلىرىنى شەرھلەپلا قالماستىن، بەلكى شەخسەن ئۆزى دىڧڧفرېنسىئال-ئىنتېگىرال قاتارلىق ماتېماتىكىلىق قورالنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، بۇ نېگىزلىك قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ مەسىللەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

نيۇتوننىڭ ھەرىكەت قانۇنى ئىلىم-پەن قۇرۇلۇش مەسىللىرىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ تۈردە تەتبىق قىلىنىدۇ. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بۇ قانۇنلىرى ئاسترونومىيە ساھەسىدە تەتبىق قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغانىدى. ئۇ بۇ ساھەدىمۇ تەتقىقات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلدى. 1687-يىلى نيۇتون ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى "تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پرىنسىپلىرى" (قىسقارتىلىپ "پرىنسىپ" دەپ ئېلىنىدۇ) نى ئېلان قىلدى، بۇ كىتابتا ئۇ ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى بىلەن ھەرىكەت قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ قانۇنلارنى تەتبىق قىلىش ئارقىلىق، قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان ھەرقايسى پىلانىتلارنىڭ ھەرىكىتىنى توغرا ئۆلچەپ چىقىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇڭا ئاسترونومىيەدىكى ئاساسىي مەسىلە يەنى تۇرغۇن يۇلتۇزلار بىلەن پىلانىتلارنىڭ ئورنى ۋە ھەرىكىتىنى توغرا ئۆلچەش مەسىلىسىنى نيۇتون ئەپچىللىك بىلەن بىر يولىلا ھەل قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زات ئەڭ ئۇلۇغ ئاسترونوم دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 10:16:25

ئىنسانىيەت يېقىنقى زامان تارىخىدىكى گىگانت ئالىم

فىزىكىغا ئۇل سالغۇچى ، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ گۈللىنىشىنى باشلىغۇچى

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 08:37:40

بىر خەنسۇ مۇئەللىم بالىلارغا :

-ئەمىلىيەتتە  فامىلىسى بىلەن قابىلىيەتنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، فامىلىسى نوچى‹牛› بولسا ئۆزىمۇ نوچى ‹牛› بولىدىغان ئىش يوق، ئىشەنمىسەڭلار ئەلمىساقتىن بىرى كىمنىڭ فامىلىسى قالتىس‹牛› بولۇپ،ئۆزىمۇ قالتىس‹牛› بولغان؟

سىنىپ بىر؟؟؟؟؟جىمجىت بوپ كىتىپتۇ، ئاندىن بىر ئوقوغۇچى:

-نىيوتۇن‹牛顿› دەپتۇ.  {:92:}
بەت: [1]
: نيۇتون