TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 11:49:13

تاشپولات: ئەرەب ماتېماتىكىسى (Arabian Mathematics)

ئەرەب ماتېماتىكىسى (Arabian Mathematics)



تاشپولات روزى




ئەرەبلەر، دۇنياغا مەدەنىيەت تارقاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئەرەبلەر
7-ئەسىردىن تاكى 13-ئەسىرلەرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ھىندىستاندىن
ئىسپانىيەگىچە نۇرغۇنلىغان دىننى دۆلەتلەرنى قۇرغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرق
بىلەن غەرب سارەسەن (saracen) ئىمپېرىيىسى ئارقىلىق ئىككىگە بۆلەنگەن.
كۆپلىگەن دىننى تۈزۈلمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىقلىرى ئىلىمنى
ھۆرمەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپكە ئورتاق بولغان باغدات بىلەن كوردۇۋا
(Cordova) شۇ چاغنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى قىلىپ بېكىتىشكەن. شۇڭا ئەينى
چاغلاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۆپلىگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار
مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئېلىم تەھسىل قىلغان.



ماتېماتىكىنى مىسالغا ئالساق، دىننى تۈزۈلمىدىكى پادىشاھلاردىن بىرى بولغان
ئال مەنسۇر(754-75)نىڭ ۋاقتىدا، Byzantium ئىمپېرىيىسىدىن كەلگەن
ئېۋكلىدنىڭ “Stoicheia” دېگەن ئەسلى كىتابى بىلەن ھىندىستاندىن كەلگەن
Brahmaguptaنىڭ “Brama-sphuta-siddhanta” دېگەن كىتابلىرىغا ئاساسەن گىرېك
ماتېماتىكىسى بىلەن ھىندىستان ماتېماتىكىسى بۇ جايدا ئۇچراشقان. شۇنىڭدىن
كېيىنكى ئەرەب ماتېماتىكا تارىخىدا قايتا بېسىش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش
ئاساسەن كۆرۈلمىدى. بىراق رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە سۈرىيەدە نەشر قىلىنغان
كۆپلىگەن گىرېك تىلىدىكى ماتېماتىكىلىق ماقالىلەر ۋە كىتابلار ئەرەب تىلىغا
تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتابلار كىيىن ياۋروپاغا كەلتۈرۈلۈپ، ياۋروپا
ماتېماتىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينىدى. تارىخى
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد پەيغەمبەردىن بۇرۇنقى ئەرەبلەردە
ماتېماتىكىلىق بەلگە بولمىغان ئىكەن. بىراق ئەرەبلەر مىسىر ۋە گىرېتسىيەنى
ئۆز مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئەرەبلەرگە مۇشۇ دۆلەتلەردىن
ماتېماتىكا بەلگىلەر كىرگۈزۈلگەن. Brahmagupaنىڭ كىتابى بىلەن بىرگە كىرگەن
ھىندىستان سان رەقىمى ئەرەبكە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ رەقەملەر ھەرخىل
ئۆزگەرتىلىپ ياۋروپاغا ئۆتۈپ، ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان ئەرەب سان رەقىمىگە
ئۆزگەرگەن. ئەرەب ماتېماتىكىسىدا ئالگېبرانىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تىز بولغان
دەپ قارىلىدۇ. دېمەك بىز ئالگېبرانى مىلادىيە 820-يىلى ماتېماتىك ھەم
ئاستۇرنىمىك مۇھەممەد ئىبنى-مۇسا Al-Khwarizmi يازغان “Hésab Al-Jabra W"al
Muquabala” دىن باشلانغان دېسەك ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ. بۇ ئەرەبلەردە
يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى ماتەمáتىكا كىتابىدۇر. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان
ئالگېبرا دېگەن سوز “al-jabra” دېگەن سۆزدىن كەلگەن. بۇ دەسلەپكى يېزىلغان
ئالگېبرا كىتابىدا ئالگېبرالىق تەڭلىمە يېشىلگەن. “al-jabra”دېگەننىڭ
مەنىسى تەڭلىمىدىكى مىنۇس ئەزانى تەڭلىمىنىڭ باشقا تەرىپىگە يۆتكەش، “al
muquabala” دېگەننىڭ مەنىسى ئوخشاش ئەزالارنى رەتلەپ تەڭلىمىنى
ئاددىيلاشتۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا 2-دەرىجىلىك تەڭلىمىنى
x^2 = px + q, x^2 + q = px, x^2 +px =qدىن ئىبارەت 3 خىل تەڭلىمىگە
ئاجىرتالايمىز. بۇنىڭ يېشىش ئۇسۇلى ئىپادە ئارقىلىق بېرىلمەي سۆز ئارقىلىق
ئىپادىلىگەن. بۇ تەڭلىمىنىڭ 2 يېشىمى بارلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ بىراق پىلۇس
يېشىملا كۆرسىتىلگەن. ئەگەر ئىككى پىلۇس يېشىم بولغان ئەھۋالدا، كىچىكىنى
يېشىم دەپ ئالغان. بۇ يېشىش ئۇسۇلىنى گېومېتىريەلىك جەھەتتىن ئىسپاتلىغان.
بۇ ئىسپاتلاش گىرېتسىيەدە ئىسپاتلاش ئۇسۇلى ئاساسىدا بولغان.



گېئومېتىرىيە ئەينى چاغلاردا ئەرەب زېمىنىدا قارشىلىققا ئۇچۇرغان.
ئېۋكلىدنىڭ “Stoicheia” دىكى لوگىكىلىق ئىسپاتلاشنى ئەرەبلەر قوبۇل
قىلمىغان. Apolloniosنىڭ كونۇسسىمان ئەگىر سىزىقلار نەزەرىيىسى ئەرەبچىگە
تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىلمىي ماقالىلەر ئاساسەن
بولمىغان. پەقەتلا “Ruba"iyat” نى يازغان شائىر ئومار قاييام(1040؟-1123)
بۇ كونۇسسىمان ئەگرى سىزىقلاردىن پايدىلىنىپ 3 دەرىجىلىك تەڭلىمە x^3 + 6x =
a نى يەشكەندىن باشقا ماتېرىيالنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.




ترىگونومېتىرىيەدە Al Battani 850 -- 929 نىڭ نەتىجىلىرى كۆرسىتىلگەن.
Ptolemaiosنىڭ “Megale sintaxis” دېگەن ئەرەبچە تەرجىمىسى “Almagest”نى
ئۆگەنگەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بىراق تەكشىلىكتىكى ترىگونومېتىرىيە
كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە بېرىلمىگەن بولسىمۇ شار ئۇستىدىكى
ترىگونومېتىرىيىگە نىسبەتەن كۆپلىگەن نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەسىلەن، cos(A) = cos(B) cos(C) + sin(B) sin(C) قاتارلىقلار. بۇ
نەتىجىلەر “Almagest” دا بېرىلمىگەن.






abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 12:35:17

http://v.atlan.cc/?p=612

ئۇلىنىشتىكى فىلىمدە «X\"نىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە ماتېماتىكىنى تۈركلەر بىلەن ئەرەپلەرنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرغانلىقىنى ئېيىتقان ئىكەن...

تۈركلەر ماتېماتىكىسى توغرىسىدىكى ماتېرىياللار بولسا بىلىپ قالساق....

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 18:56:59

تۈركلەرنىڭ ماتېماتىكىسى؟ يېزىق كۆپ ئالماشقان دەۋرلەردە، قەدىم كىتاپلار سۇدا ئېقىتىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ، تاغاردا چىرىپ تۈگەپ بىزلەرگە يېتىپ كىلەلمىدىمىكىن، بار بولسىمۇ.

yatwash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 19:43:35

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ «ماتېماتىكىدىكى بەزى ئۇقۇملارنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابىدا خارەزمىنىڭ كىتابلىرى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغانىكەن، بۇ جەھەتتىكى ياخشى ماتېرىيال بولالىغىدەك. خارەزمىدىن باشقا، تۈركلەردىن ئىبنى تۈرك، غىياسىدىن جەمشىد قاتارلىق ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە ئىزدەنگەنلەر ئاز بولسا كېرەك.
بەت: [1]
: تاشپولات: ئەرەب ماتېماتىكىسى (Arabian Mathematics)