taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 09:15:33

ئانا مېھرى مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ

      بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۆزىمىزنى ناھايتى بەختىيار ھېس قىلىپ،ئاشۇ يىللاردىكى غەم – ئەندىشىسىز كۈنلەرنى ئارزۇ قىلىمىز.ئۇنداقتا سىز بالىلىق چاغلىرىڭىزدا ئاتا – ئانىڭىزنىڭ سىزگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئەسلىيەلەمسىز؟ئەگەر ئەسلىيەلىسىڭىز،بۇ سىزنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.ئامېرىكا بالىلاردىكى روھىي كېسەلنى تەتقىق  قىلىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.تەجرىبىگە3-6 ياشقىچە بولغان بالىلاربىلەن ئۇلارنىڭ ئانىلىرى قاتناشقان،بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئىنتايىن شوخ-تېتىك بولسا، بەزىلىرى مەيۈس كۆرۈنەتتى.تەجرىبىگە قاتناشقان ئانىلارنىڭ ئۆزىنى ھەققي ئىپادىلىشى ئۈچۈن،  تەجرىبە جەريانىدا ئەتىراپقا كۆزەتكۈچى ئورۇنلاشتۇرۇلماي،سىنئالغۇدىن پايدىلانغان.


     تەتقىقاتچىلار تەجرىبىگە ئاساسەن تۇرمۇشتىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.مەسلەن،ئاتا – ئانىلىرى ئالدىراش ئىش قىلىۋاتقاندا،بالىلىرىغا بىردىن سوۋغات تارقىتىلغان.سوۋغاتنى كۆرۈپ،  بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاپىلىرىنىڭ قولىدىكى ئىشنى قويۇپ تورۇپ،ئۇلاردىن بۇ نەپىس ئورالغان سوۋغاتنى ئېچىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن.بۇ ۋاقىتتا ئانىلارنىڭ ئىپادىسى ئوخشاش بولمىغان.بەزى ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن قولىدىكى ئىشلىرىنى قويۇپ بالىلىرىغا ياردەم قىلغان؛بەزى ئانىلار بىر ياقتىن ئىشنى قىلغاچ،يەنە بىر ياقتىن بالىسىغا تەسەللى بېرىپ ،بىر ئاز تەخىر قىلىپ تۇرۇشنى ئېيىتقان؛يەنە بەزى ئانىلار بالىلىرىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،ئەكىسچە بالىلىرىغا چوڭلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشنى بىلمەيدىغان دەپ كايىغان.


     ئون نەچچە يىلدىن كېيىن تەتقىقاتچىلار ئۆز ۋاقتىدا تەجرىبە ئىشلەشكە قاتناشقان بالىلارنى قايتىدىن يىغىپ ،بۇ بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەسۋىر ئالغۇغا ئالغان.


     تەتقىقاتچىلار ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى باھالاش نەتىنجىسىنى ھازىرقى چوڭ مېڭىنى تەسۋىر ئالغۇغا ئالغاندىكى ئەھۋالغا سېلىشتۇرغان.نەتىجىدە ئۆز ۋاقتىدا ناھايتى شوخ،تېتىك بولغان بالىلار ئاتا – ئانىسىنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ بېقىشىدا ئېرىشكەنلەر بولۇپ چىققان ھەم بۇ بالىلارنىڭ ئون يىل جەريانىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىدە چوڭ مېڭە سەقەنقۇر رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقا بالىلاردىن %10  ئەتىراپىدا چوڭ بولغانلىقى ئىسپاتلانغان.سەقەنقۇر رايونىنىڭ چوڭ – كىچىك بولىشى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،سەقەنقۇر چوڭ بولدى دېگەنلىك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئىقتىدارى يۇقىرى دېگەنلىك.مانا بۇنىڭدىن ئالىملار،بوۋاق مەزگىلىدە ئاتا – ئانىلىرى تەرىپىدىن ياخشى بېقىلغان بالىلارنىڭ ئۆگنىشى ۋە ئەستە تۇتۇشى ياخشى بولىدۇ،دەپ قارىغان.

     بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بىزگە مۇھىم بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزدى-ئەگەر بالىڭىزنىڭ ئۆگنىشى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز،ئۇنداقتا بالىڭىزغا كىچىكىدىن تارتىپ كۆڭۈل بۆلۈڭ ۋە بالىڭىزنى قوللاڭ،شۇندىلا بالىڭىزدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى بايقىيالايسىز.

otyurek يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 18:17:56

ئەلا باھالايمەن. ئاپېرىن سىزگە!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 00:11:38

بۇ ئۇچۇرنى تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت. بولسا بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان ماقالىنى تەمىنلىسىڭىز. پايدىلانغان مەنبەنى ئەسكەرتمەيلا مۇنداق يازسىڭىز كىشىلەر تەجىرىبە جەريانىنى تەپسىلي چۈشىنەلمەيدۇ، ھىچبولمىغاندا مەن ئېنىق چۈشىنەلمىدىم. ھەم بۇنىڭ قانچىلىك ئەمەليەتكە تەدبىقلىغىلى بولىدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ باھاسىنى بىرىشكە ئامالسىز قالىدۇ.



يەنە بىرى سەقەنقۇر رايونى دىگەن ئاتالغۇنى شەرھىلىۋەتسىڭىز. بىلمىسىڭىز سەقەنقۇر رايونى دىگەننىڭ ئېنگلىزچە ياكى خەنزۇچىسىنى يىزىپ قويغان بولسىڭىز.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 02:28:33

2- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئۇچۇرنى تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت. بولسا بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان ماقالىنى تەمىنلىسىڭىز. پايدىلانغان مەنبەنى ئەسكەرتمەيلا مۇنداق يازسىڭىز كىشىلەر تەجىرىبە جەريانىنى تەپسىلي چۈشىنەلمەيدۇ، ھىچبولمىغاندا مەن ئېنىق چۈشىنەلمىدىم. ھەم بۇنىڭ قانچىلىك ئەمەليەتكە تەدبىقلىغىلى بولىدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ باھاسىنى بىرىشكە ئامالسىز قالىدۇ.



يەنە بىرى سەقەنقۇر رايونى دىگەن ئاتالغۇنى شەرھىلىۋەتسىڭىز. بىلمىسىڭىز سەقەنقۇر رايونى دىگەننىڭ ئېنگلىزچە ياكى خەنزۇچىسىنى يىزىپ قويغان بولسىڭىز.


ئاددرىسى مانا:


http://www.livescience.com/18196-maternal-support-child-brain.html



سەقەنقۇر رايۇنىنىڭ ئىنگىلىزچە نامى :hippocampus


خەنچە نامى: 海马体

بەت: [1]
: ئانا مېھرى مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ