agah يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 08:54:44

قايتا قوزغىلىدىغان ئېغىز يارىسىغا داۋا بارمۇ؟复发性口腔溃疡

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


25-26ياش ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپ ،ئاغزىمغا ئېغىز يارىسى چىقىدىغان بولۇپ قالدى .دەسلەپتە ئىچكىرىدىكى مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ناچارلىقىدىن كۆردۈم .ئۇ يىللاردا تاماقلار تازا دىگەندىكىدەك بولمىغاچقا تۇخۇمغا بەكلا تايىنىۋاپتىكەنمەن .بولۇپمۇ مۇسكول مەشىقى قىلىپتىمەن تېخى تېرەمگە باتماي ،شۇ چاغلاردا مەشىقتىن يېنىپ كېلىپ مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرىپ ئىككى قولۇمغا ئىككى تۇخۇم ئېلىۋاپ،سىكونت ئىچىدە سويىۋېتىدىغان ھۈنىرىم باتتى ،شۇ قىززىقچىلىقتا تۆت بەش تۇخۇمنى يېۋىتەتتىم .بەزىدە خام تۇخۇمدىن تۆت بەشنى ئىچەتتىم .شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەرەز كىسەل كۈچەيگىلى تۇردى .28 ياشلاردىن باشلاپ ،ئاساسەن ئايدا بىر چىقىدىغان بولدى .تەخمىنەن ئون كۈنلەر ئۆپچۆرىسىدە ساقىيىدۇ .ساقايسىلا ۋۇسۇڭنىڭ ھېلىقى ئەقلىيە سۆزى يەنى‹ئاچ ئەرۋاھ بولغاندىن توق ئەرۋاھ بولغان ياخشى›دىگەن بويىچە ساقىيىۋېلىپلا ئىسسىق تاماقلارنى ئوبدان يەۋالىمەن ،ئاندىن يەنە ئون ئونبەشكۈندىن كېيىن يەنە چىقىدۇ .بەزىدە بادامنى بېسىپراق يەپ قويسام نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە چىقىدۇ .


خىزمەنكە چىققىلى ئون ئۈچ يىلچە بوپتۇ .خىزمەت مۇھىتىم كۈندە نورمال ھېساپتا تەخمىنەن 10سائەت كومپىتور ،روتتىر جازىسى بار مۇھىتتا ئۆتۈپتۇ .دوختۇرغا كۆرۈنسەم سېنىڭ خىزمەت مۇھىتىڭ ئىچكى ئاجراتماڭنى قالايمىقان قىلىۋېتىپتۇ ،كىسەلگە قارشى تۇرۇش سېستىماڭ دەخلىگە ئۇچىراپتۇ .شۇڭا كومپىتوردىن يىراق تۇر دەيدۇ .ۋىتامىن ب نىمۇ جىق يىدىم .


ئەمۋاينىڭ ۋىتامىنىنى پايدا قىلىدۇ دىۋىدى يەپتىمەن ئاقسىل بىلەن قوشۇپ ،راس پايدا قىلدى ئۈچ تۆت ئاي چىقمىدى .لېكىن توختىتىپ قويۋىدىم يەنە چىقتى .كېيىن ئەمۋاي توغرىسىدا پەتىۋا چىقىۋىدى ئۇنىڭدىن يىراق تۇردۇم .


ئاڭلىسام ئۇيغۇرلاردا ئازغىغا مۇشۇنداق يارا چىقىپ قېلىش كىسەللىكى خېلى جىقكەن .ھە راست سىرتلاردا تاماق يىيىش جىقراق بولۇپ قالسا يەنى ئۇدا تۆت بەش كۈن سىرتتا يەپ قالسام كالپۇكۇم ياكى تىلىم ئويىلىپلا چىقىدۇ .ئۆتكەندە خوتەندىن ئېلىپ كېلىنگەن بوزورىنى بېسىپ ئىچىۋىدىم خېلى ياخشى بولۇپ قالغانتى .ھازىر مەن تۇرغان يەردە بوزورىنى تاپقىلى بولمىدى .


ئاڭلىسام مۇشۇ ئىزدىنىشتا يىپەك يولى يىغىندا كىسەللىكىنى داۋالايدىغان دورا ساتىدىغان بىر كىشى بارمىش .ئۇ دورا ماڭا ئوخشاش بىمارغا پەق قىلامدۇ بىلمىدىم .قارىسام داۋالايدىغان دائىرىسىدە ئاغىز كىسەللىكىمۇ باركەن .


ئىزدىنىش تۈرمىسىدە ياتقان كۈنلىرىمدە ئەگەر تۈرمىدىن چىقسامدەپ جىق چۈش كۆرىۋېتىپتىمەن .شۇڭا توغرا چۈشىنىپ ما گۇي كىچىككىنە كىسىلىنى تونۇشتۇرۇپ ھېكىم لالاق بوپكېتىپتۇ دىيىشمىگەيلا .بۇ كىسەلنى ساقايتىشتىن خەۋىرى بارلار بىر يول كۆرسەتكەيلا .

mastani يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 10:26:20

سىز نىڭ دىگىنىڭىز ئىغىزنىڭ ئىچكى گوشلىرىغا ئاق نەرسە چىقىدىغان ئىشنى دىگەن بولسىڭىز بۇنداق مەسلىھەتلەرنى تەڭ ئاڭلايلى! \"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 10:27:34

تۈرمىدە ئاغزىڭلىغا بەك ئۇرىۋەتتىمۇ نېمە

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 10:36:36

زىلتار ھەي، بەك م...كەنسەن \"\"

2005 -يىلدىن بېرى مېنىڭمۇ ئېغىزىمنىڭ ئىچىنىڭ تېرىسى سويۇلۇپلا تۇرىدۇ. بۇ نېمە كېسەلدۇ ئەمدى، يا دوختۇرغا كۆرۈنمىدىم، بەزىدە ئوڭشىلىپ قالىدۇ، بەزىدە سويۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۆزەمغۇ يىلاننىڭ گۆشىنى يەپ سالمىغان بولمىسا. مۇشۇنىڭغىمۇ بولسا مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار...

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 13:07:54

پەقەت ئېغىزىڭىزغىلا چىقامدۇ ياكى بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغىمۇ چىقىدىغان ئەھۋال بارمۇ ؟



بۇنداق سورىغىنىم ، ئۆتكەندە كىتابخانىدا كىتاب كۆرۈپ يۈرۈپ بىر كىتابنى ئوقۇپ قالدىم ، بۇ كىتابتا مەخسۇس بىر ئالاھىدە كېسەللىك تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن ، يەنى شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئۈرۈمچىلىك بىر خانىم يازغان ئىكەن ،

بۇ خىل كېسەللىك يەر شارىنىڭ ئورتاق بىر پاراللىلىغا جايلاشقان رايۇنلاردا ياشايدىغان كىشىلەردە ئاساسلىق كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ رايۇنىمىزمۇ مۇشۇ دائىرىدە ئىكەن ، شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خەلقىدىمۇ خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەردە بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلگەن ئىكەن .



بۇ خىل كېسەللىك خەلىقئارادا ئورتاق نام بىلەن « بېھچەت كېسىلى » دەپ ئاتىلىدىكەن ، ( بۇ كېسەلنى تۈركىيەلىك بېھچەت ئىسىملىك بىر ئالىم بايقىغان بولغاچقا شۇ كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانكەن )



بۇ كېسەللىكنىڭ بىر ئالامىتى ، ئېغىزغا قايتىلىنىش خاراكتىرلىك ئېغىز يارىسى چىقىش ، ۋە بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىدىمۇ شۇنداق بىر ئالامەتلەر كۆرۈلۈش ئىكەن ،قارىماققا ئادەتتە نورمال كىشىلەردە چىقىپ قالىدىغان ئەھۋالغا ئوخشىشىپ كەتسىمۇ ئەمما بۇ كېسەللىكنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بولىدىكەن ،



ئەلۋەتتە ، خۇدايىم سىزنى ئۇنداق كېسەللىكلەردىن ساقلىغاي ، لېكىن يۇقارقى گەپلەرنى كۆرۈپ يادىمغا كېلىپ يېزىپ قويدۇم .



كىتابخانىدىن ئۇ كىتابنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقارسىز ياكى ،....



ئۇ كىتابنىڭ ئىسمى _ « دوزاختىكى ئوت قېنى » .   



غەلىتىلا قويۇلغان ئىسىم ، مەنمۇ بۇ غەلىتە ئىسىمغا قىزىقىپ ئوقۇپ بۇ ئەھۋاللارنى ئۇققان .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 13:20:30

نېمە سەۋەبتىن بولىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بوممايدىغان ماز كېسەل بۇ، مېنىڭ ئاغزىمغىمۇ پات پات چىقىپ قالىدۇ، بەك بىئارام قىلىدۇ، بىر چاغلاردا بەك ئەدەپ كېتىپ دوختۇرغا كۆرۈنسەم ۋىتامىن كەم، گۆشنى ئاز يەپ كۆكتاتنى جىق تەڭ دەپ ۋىتامىن ب بۇيرۇپ بەردى يىدىم. تەلتۆكۈس بوپ بولامماي يىمىگەن ئامۋاينىڭ ۋىتامىنلىرى قالمىدى، بىر قۇتىسىنى نەچچە يۈز كويدىن ئېلىپ، ئاخىرى كارىم بوممىدى، چىقىپ ساقىيىدىكەن نەچچە كۈندە، بەكراق قىيناپ قويسا دورىخانىلاردا سېرىق رەڭلىك بىر دورا بار يارا ئېغىزىغا چاپلايدىغان، شۇ پايدا قىلىدۇ، لېكىن شۇ دەمال پايدا قىلىدۇ، پەمىمچە يارا ئېغىزىنى ناركوز قىلسا كېرەك، ئەڭ ياخشى ئامال سەبىر قىلىڭلا

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 15:29:43

ئىغىز يارىسى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئامىللار ھەرخىل بولىدۇ ،

يەنى كەيپىياتنىڭ ناچار بولۇشى ،روھى ئامىل ،بەك چارچاپ كىتىش ،يىمەكلىك ئامىلى ،ئىممۇنت ئامىلى ،ئىغىز بوشلۇقى تازلىق ئامىلى قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەر دىن كىلىپ چىقىدىغان ئەھۋال ،تىبابەتتە ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشىمۇ ھەرخىل بولغىنى ئۈچۈن دورىسىنىڭ تۈرىمۇ بەك كۆپ .

jessurane يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 17:19:00

5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نېمە سەۋەبتىن بولىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بوممايدىغان ماز كېسەل بۇ، مېنىڭ ئاغزىمغىمۇ پات پات چىقىپ قالىدۇ، بەك بىئارام قىلىدۇ، بىر چاغلاردا بەك ئەدەپ كېتىپ دوختۇرغا كۆرۈنسەم ۋىتامىن كەم، گۆشنى ئاز يەپ كۆكتاتنى جىق تەڭ دەپ ۋىتامىن ب بۇيرۇپ بەردى يىدىم. تەلتۆكۈس بوپ بولامماي يىمىگەن ئامۋاينىڭ ۋىتامىنلىرى قالمىدى، بىر قۇتىسىنى نەچچە يۈز كويدىن ئېلىپ، ئاخىرى كارىم بوممىدى، چىقىپ ساقىيىدىكەن نەچچە كۈندە، بەكراق قىيناپ قويسا دورىخانىلاردا سېرىق رەڭلىك بىر دورا بار يارا ئېغىزىغا چاپلايدىغان، شۇ پايدا قىلىدۇ، لېكىن شۇ دەمال پايدا قىلىدۇ، پەمىمچە يارا ئېغىزىنى ناركوز قىلسا كېرەك، ئەڭ ياخشى ئامال سەبىر قىلىڭلا



نىمە يىگەن ۋاقتىڭىزدا كۆپرەك چىقىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ بىقىڭ .مەن ئادەتتە گازىر چاقساملا چىقىۋالىدىكەن.بۇنداق ۋاقىتتا ئخىلاس تاللا بازىرىدىن موزا كەمپۈت شۈمىۋالسام تىزلا ئوڭشىلىپ كىتىمەن.ئەمما يىقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان گازىر چاقمايدىغان بولدۇم




seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 18:03:37

مىنىڭ دادامنىڭ ئېغىزىغىمۇ چىقىپ بىر يىل بۇلاي دەپ قالغاندا دورا يەپ يۈرۈپ ساقىيىپ قالدى .10 كۈندەك ئاغرىيدۇ ، ئۆزىچە ساقىيىپ قېلىپ ھەپتە ئون كۈندىن كىيىن يەنە قوزغىلىدىغان . غەرىپچە دورىلارنىمۇ يەپ باقتى ،ھېچ پايدىسى بولمىدى . ئېغىز ئىچىگە ئاق رەڭلىك بىر خىل يارا چىقىۋالىدۇ ، ئۇ بۇ دورىنى يەپ ئېغىز ئىچى ساقايسا ئېغىز سىرتىغا چىقىۋالىدۇ . تىۋىپنىڭ تەۋسىيىسىي بىلەن تاماققا ئىشلىتىۋاتقان ياغنى ئالماشتۇردۇق ، بۇرۇن ئۇزۇن مۇددەت گازىر يېغى ئىشلەتكەن . ھازىر كەندىر ، زاراڭزا ياغلىرىنى ئېشلىتىۋاتىمىز ، مۇشۇ ياغ ئالماشتۇرغاننىڭمۇ ئۈنىمى بوپتۇ دادامنىڭ دىيىشىچە . 6- ئايلاردا بۇ خىل كىسەلگە «ھەببىبى سىماب » ئىسىملىك دورا پايدا قىلىدىكەن دەپ ، مۇشۇ دورىنى ئۈرۈمچىدىن ئەكىلىپ بەرگەن . دەسلەپ تاماقققا ئىشلەتكەن ياغنى ئالماشتۇردۇق ، يارا ئېغىزى ياخشىلىنىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يۇقاردا دىگەن دۇرىنى يەپ يارا پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتتى . سىماپ تەركىبى بار دۇرا بولغاچقا بىر ئاز خەتەرلىك دەپ بىر قۇتا ئىچىپلا توختاپ قالغان ، ئۈچ ئاي بۇلۇپ قالغان پۈتۈنلەي ساقايغىلى ،يېقىندا دادام يارا ئازراق پەيدا بۇلىۋاتىدۇ دەپ بۇ دۇرىنى قايتىدىن ئىچىۋاتىدۇ . ئىشقىلىپ بۇرۇنقىدەك ئېغىزدىكى يارا سەۋەبىدىن تاماق يىيەلمەي جاپا تارتىدىغان ئىش يوق بولدى .

بېشىمىزدىن ئۆتكەننى يېزىپ قويدۇم ، بۇ دۇرىنىڭ ھەممە ئادەمگە پايدا قىلىپ كىتىشى ناتايىن ، بۇ دۇرىنى سىماپنى ئۆلتۈرۈپ ياسايدۇ دەيدۇ ، ئەگەر سىماپنى تولۇق ئۆتۈرۈلمىسە ئادەم بەدىنىگە بەك خەتىرى باردەك ، شۇڭا ئۈزىڭىز ئويلىشىپ ئىشلىتىڭ .

ئەگەر تېخىمۇ بىخەتەر ، ئۈنۈملىك دۇرىلار بولسا تەۋسىيە قىلىپ قويساڭلار .

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 20:33:55

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 23:38:33

قوقاقمۇ مۇشۇ خىل كېسەلگە كىرەمدۇ ؟ مىزاجىم ئىسسىقچان بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ كىچىك ۋاقىتلېرىمدا ئېغىزىمغا تولا قوقاق چىقاتتى ، بىر قېتىم تېخى 15 كۈنگىچە ساقايماي مەھەللىدىكى ئامبولاتورىيەگە بېرىپ دورا سۈكەپ ساقايغىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە ... مەنغۇ بۇ قوقاق چىقىش دېگەندەك ئېغىز كېسەللىكىنى شۇ كىشىنىڭ مىزاجى بىلەن يېمەكلىكنىڭ ماس كەممەسلىكىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى ئاجرالمىلانىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىنلا كۆرىمەن ، شۇڭا ئادەتتىمۇ ئىسسىقچان مىجەزىمنى ئوبدان بىلگەچ ئادەتتە تاماققىمۇ بەك دىققەت قىلىمەن ، قورىغان تاماق ، كاۋاپ دېگەنلەرنى سەللا جىق يەپ كېتىپ قالسام تاۋۇز ، قېتىق ۋە ياكى مېۋە چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ مىزاجىمنى تەڭشەپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىمەن .

تېما ئىگىسى مەنچە بولغاندا ئۆزىڭىزنى دورىغا زورلىماي ئۆزىڭىزنىڭ مىزاجىغا ۋە خىزمەت مۇھىتى ... ۋاھاكازالارغا ماس كېلىدىغان ياخشى ئۇزۇقلىنىش ، بولسا چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرسىڭىز ئۈنۈمى ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن . راس گەپ قىلسام ماۋۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ سىزنى مۇشۇ يېشىغا كىرگۈچە ئۆزىنىڭ بىر مىزاج ئالاھىدىلىكىنى ، نېمە يەپ نېمە يېمىسە ئۆزىگە پايدا قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن ، قورساققا كەلگەندە ئۆزىنى ئانچە كونتىرول قىلالمايدىكەن دەپ ئويلاپمۇ قالدىم ، بەلكىم بۇ ئويلىرىم خاتادۇ ، ئۇنداق يېرى بولسا ئەپۇ قىلارسىز

agah يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 08:41:45

2- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۈرمىدە ئاغزىڭلىغا بەك ئۇرىۋەتتىمۇ نېمە


ھە ..ئالىپ تۇتۇپ بىرىۋىدى پىنھان دىگەن سوكال تۈرمە ساقچىسى بەك ئۇرىۋەتتى .ئىنقىلابىىي قەھرىمانلارچە باتۇرلۇقتا ئۇلارغا غەزەپ بىلەن قارىدىم.\"\" .ئازغىمغا قان ئۇيۇپ قېلىۋىدى پىنھاننىڭ يۈزىگىلا تۈكۈردۇم .\"\"


agah يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 08:45:35

نىيۇخۇاڭ جېدۇپىيەننى جىق يىسە بۆرەككە زىيىنى بار دەپ ئاڭلىغان .ما ئاران نورماللاشقان بۆرەكنى ئاجىزلىتىپ قويماڭ دەپ ئىشلەتمىدىمغۇ \"\"

ئالدى بىلەن ياخشى چىش پاستىسى بىلەن چوتكىلاپ ئاندىن تۇز سۈيى بىلەن كۈندە بەش ۋاق غەر غەر قىلىپ بەرسە ئۈنۈملۈك بولىۋاتىدۇ .ھەر كۈنى سەھەردە بادام ياڭاق يەپ ناشتا قىلغاندىن كېيىن ئالما ياكى نەشپۈت يەۋەتسەم بولغۇدەك .بۇرۇن شۇنداق قىلغان ئۇزۇن ۋاقىتقىچە چىقمىغان .توخۇم يىسەم دەرھال چىقىدۇ دىسە ..لېكىن پىششىق تۇخۇمنى تۇزغا تەككۈزۈپ يىسەم چىقمايدۇ .

agah يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 08:47:49

راس ئازرق مىجەزىم چۇسراق ئادەممەن .لېكىن مۇشۇ ئاجىزلىقىمنى تۈزىتەي دەيمەن تۈزىتەلمەيۋاتىمەن .مەندىن پەندىيات ھە ..

yaxlik84 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 16:59:40

مەندىمۇ ئەشۇ خىل ئەھۋال بارتى.مەندىكى يەنە بىر ئالامەت بەدەننىڭ سوغىقى ئاشانلىقنىڭ ئىپادىلىرى بىرگە ئىدى.ئاغزىمدىن سۇ تۆكۈلەتتى. كېچتە شالىم ئاقاتتى. سوغۇقىم ئاشتى دەپ بولىشىغا ئىسسىغلىق قىلاتتىم. بىرنەچچە كۈن ئوڭشالغاندەك بولاتتى.ئىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىپ قالاتتى. كاۋاپ،پولۇ،قازاننېنى ،ھالۋا يەپ باقتىم. تېخىمۇ ئېغىرلىدى.دوختۇرغا كۆرۇنسەم جىگەرنى ئىسسىق قاپلاپ كېتىپتۇ(جىگەردە ماي باركەن)دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسسىۈلىق قىلىشنى توختۇتۇپ،سوغۇقلۇق قىلىشقا باشلىدىم. بىرنەچچە ئاي بولدى، ئاللاغا شۇكرى ئۇ خىل كېسەل ئىپادىسى ئاساسەن كۆرۇلمىدى.

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 17:26:58

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، « كۆرۈنمەس دوختۇر ( تاللانغان 1000 رېتسىپ ) » دىگەن كىتاپتا بۇ خىل كېسەلگە ئاددى ، تەجرىبىدىن ئۆتكەن ، ئوتتۇز نەچچە خىل رېتسىپ يېزىلىپتۇ . شۇ كىتاپنى تېپىپ كۆرۈپ بېقىڭلار . كىتاپخانىلاردا بار بۇ كىتاپ .

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 13:59:02

يىپەك يولى كېسەللىكىدە بۇ.تۈركىيەدە ئەڭ جىقمىكىن

yalqin bulut يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 14:55:53

مېنىڭچە كېسىلىڭىزنىڭ ئىسمى يىپەك يولى كېسىلى بېھچەت،بۇ كېسەل ئەۋرەت ئېغىز كوز قاتارلىق يەردە قايتا قايتا قوزغىلىدۇ،

پۇتۇن دۇنيادا داۋاسى يوق،پەقەت ئۇرۇمچىدىكى مىللى تىبابەت دوختۇرخانىسىدىلا ساقايغانلار بار،ھازىر غەرىپتىكى بەزى مۇشۇ تۇردىكى بىمارلار يەنە ئاق كېسەل بولغان بىمارلارمۇ

مىللى تىبابەت دوختۇرخانىسىغا داۋالانغىلى كېلىۋاتىدۇ،سىز ئەڭ ياخشىسى مىللى تىبابەتتىكى مۇشۇ كېسەلنى داۋالايدىغان ئايال دوختۇرنى ئىزدەپ تېپىڭ،ئىنشائاللاھ ئۇزۇل كېسىل ساقايتىدۇ






بەت: [1]
: قايتا قوزغىلىدىغان ئېغىز يارىسىغا داۋا بارمۇ؟复发性口腔溃疡