komsha يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 01:23:52

ئورخان پامۇكتىن ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا


بىز ئۆزىمىزمۇ مۇشۇ دۇنيادا
ياشاۋاتقانلىقىمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىزنى دۇنيادىكى باشقا ئىنسانلارنىڭ ھېچقايسىغا
ئوخشىمايدىغان غەلىتە مەخلۇق قىلىپ تەسۋىرلەشنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلىقىم
ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ رومانچىلىقىمىزنى دۇنيادىكى باشقا ئىنسانلارنىڭ رومانچىلىقى بىلەن
سېلىشتۇرۇپ بېقىشنى ئانچە چوڭ جىنايەت ھېسابلاپ كەتمىدىم
. ئەلبەتتە،
كىملەرنىڭدۇر، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ياتلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەشكە بولمايدۇ،
دەپ بىگىز بارمىقىنى كۆزۈمگە نوقۇيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئۆزىمىزنى
دۇنيادىكى باشقا ئىنسانلار بىلەن ئوخشاشلا بىر ئىنسانلار توپى دەپ قارىغانلىقىم
ئۈچۈن داۋاملىق ئۇيغۇر رومانچىلىقىنى دۇنيادىكى باشقا ئىنسانلارنىڭ رومانچىلىقى
بىلەن سېلىشتۇرۇپ باققىم كېلىدۇ
. غەربنىڭ ياكى باشقا تەرەققىي
قىلغان ئەللەرنىڭ ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، غەربكە چوقۇنغان قالپاقنى كىيىپ قالماسلىك
ئۈچۈن، مەن تۆۋەندە ئۆزىمىز بىلەن مەدەنىيەت يىلتىزى بىر، تىلى ۋە ئەنئەنىۋىي ياكى
مىللىي پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش ئورخان
پامۇكنىڭ بىرنەچچە رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇيغۇر
رومانچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مەندە پەيدا بولغان تەسىراتنى بايان قىلىش نىيىتىگە
تەۋەككۈل قىلدىم
. تەسىراتىمنى دەي دېسەم تەسىراتىم بەكمۇ مۇرەككەپ، بەكمۇ چېگىش. ئورخان تۇنجى رومانىنى 22 ياشتىن 26 يېشىغىچە ئارىلىقتا يېزىپتىكەن، بۇ ھال مېنى بەكمۇ ئويلاندۇرۇپ قويدى. راستىنى دېسەم ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ قويدى. چۈنكى بىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئاخىرقى رومانلىرىدىمۇ بۇنچىلىك سەۋىيە يوق. بىلىمەن، بۇنداق دېسەم دەرھال قول شىلتاپ، مېنى كاچاتلاشقا ھازىر تۇرۇدۇغان خەلقىمىزنى. ھەممىدىنمۇ ئادەمنى مەيۈسلەندۈرىدىغىنى مانا بۇ!


ئەدەبىياتىمىزدىكى ھەممە نېمىسى — «رېڭى»، «رەختى»، «ئارقاق-ئۆرۈشلىرى»… مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان شۇ قەدەر ئاددىي، بالىلارچە، تېيىز نەرسىلەرنى قەستەن خاتا ئوقۇش
بەدىلىگە،
خۇددى تېگى كۆرۈنمەيدىغان چوڭقۇر مەنالارنى بېرىپ، ئاندىن
ئۆزىمىز
بەرگەن مەنالار ئۆزىمىزگە چەكسىز ياراپ
كېتىپ، ئۇنىڭدىن
ئۆزىمىز تامىقىمىزنى چېكىپ، ھەيرانلىق ئىپادىلەپ، ئارقىدىن بۇ قەدەر «چوڭقۇر مەنالار»دىن يەنە ئۆزىمىز ئېسەنكىرەپ كېتىپ (خۇددى نەسىررىددىن ئەپەندىنىڭ «راستمىكى؟» دەپ ئۆزى توقۇغان يالغانغا ئۆزى ئىشىنىپ كەتكىنىدەك)، ئۆزىمىز زورۇقۇپ ياكى زورلۇنۇپ تىكلىگەن بۇ «ئۇلۇغ»لۇق ئالدىدا ئۆزىمىزنى مالاي ئورنىغا چۈشۈرۈپ، «ئۇلۇغ»لۇق ھەققىدە ئېغىز ئاچالماس بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئەلەم ئىچىدە بايقىدىم. ئەسلىدە ئۆز ۋاقتىدا بىزدەك «سولتەك ئەدىپ»لەر غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز يوسۇندا بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ «ئۇلۇغ»لارغا خەلقنى زورلاپ (تەشۋىقات ئارقىلىق) ئىشەندۈرگەنىدۇق. ئەمدى يولۇمىزدا پۇتلىكاشاڭغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغان چېغىمىزدا ئۇنى ئېلىپ تاشلىۋەتمەكچى، ھىچ بولمىسا يول چېتىگە سۈرۈپ قويماقچى بولغۇنۇمىزدا، قارشىمىزدا غەزەپلەنگەن مىليونلىغان خەلققە دۇچ كېلىپ ئامالسىز قالىمىز. بۇ چاغدا بولسا، «سىلەرنى بۇ ئاددىي نەرسىلەرگە مۇقەددەس دەپ چوقۇنۇشقا ئىتتەرگەن بىز ئىدۇق، ئەسلىدە ئۇنىسى بەك راست ئەمەس ئىدى، پەقەت كۆڭۈل ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن دېيىلگەن، زامانىسىغا كۆرە بىر گەپلەر ئىدى، ئۇنى ئېلىۋېتىشىمىزگە قارشى چىقماڭلار… » دەپ ئىشەندۈرۈشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرگۈنۈمدە بولسا، بۇ مىللەتنىڭ بۇ ھالى بىلەن دۇنيا سەۋىيىسىگە تەڭلىشىش ئۈچۈن ئۆزلىرىمىز قويغان توساقلاردىنمۇ ھالقىشىمىزنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە كۆرۈپ يېتىمەن.


«ئۆلمەس ئەسەر»، «گىگانت ئەسەر» دەۋاسى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەدەبىياتقا بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر ئەمەسلىكى، ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى يوقارقى تەمسىلىمنىڭ توغرۇلۇقىنى ئىسپات قىلىشقا يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن. بۇ دەۋاتقانلىرىم يالغۇز رومانچىلىق ھەققىدىلا ئەمەس، شېئر دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۈزۈك-ئۈزۈك قۇرلاردىن ئىبارەت ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


يەنە رومانغا كېلەي. رومانچىلىق بىزگە غەرپتىن كەلگەن. غەرىپتىمۇ ئۇنىڭ تارىخى تازا
ئۇزۇن ئەمەس
. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئورتاق قارىشى شۇكى،
رومانچىلىق دۇنيا ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلى
. دۇنياۋىي
ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى ئىنساننى ئۇلۇغلاش بولۇپ، بۇ خىل ئىنسانچىلىق
ئىددىيىسىنىڭ پروزىدىكى تەسىرى دەل ئادەتتىكى ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتۇر
. ئادەتتىكى ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش دېگىنىمىز ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ
تۈپكى روھى بولۇپ، مانا مۇشۇ روھنىڭ تۈرتكىسىدە سىياسىمۇ تۆۋەندىكى ئاۋامغا
يۈزلەندى
.لېكىن تا ھازىرغىچە سىياسىسى تۆۋەندىكى ئاۋامغا
يۈزلەنمىگەن ئەللەرنىڭ ئەدەبىياتىدا ئادەتتىكى ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئەمەلگە
ئاشقىنى يوق
. دېمەك بىزدىكى ئادەتتىكى ئىنسانلارنى ئەمەس
قەھرىمانلارنى يېزىش، ئادەمنى ئەمەس كۆز قاراشنى يېزىش، ھېس تۇيغۇنى ئەمەس،
شۇئارنى يېزىش، شۇنداقلا تارىخى قەھرىمانلار يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئۇلۇغلاپ كۆككە
كۆتۈرۈپ، ئادەتتىكى ئىنسانلار يېزىلغان ئەسەرلەرنى يامان كۆرۈش بىزنىڭ تېخى
ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدىن يىراقلاپ كېتەلمىگەنلىكىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر
. تارىخىمىزدىكى بەزى ئەسەرلەرنى بىزنىڭ كىلاسسىك رومانىمىز، رومانچىلىق بىزدە ئەزەلدىنلا بارىدى، دەيدىغان بەزى ئۇرۇنۇشلارمۇ بولمىدى ئەمەس. ئەمما بۇنىڭغا ئېتىۋار قىلىشنىڭ ئورنى يوق. بۇ يولداشلاردىن يۇققان ئەجداتلىرىدىن مەغرۇرلۇنۇش كېسىلى بولۇپ، راكىتا بارلىققا كېلىشى بىلەنلا «دۇنيادا تۇنجى راكىتانى جۇڭگۇ خەلقى ياسىغان، مەسىلەن، پالانى سۇلالىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئوتلۇق ئوقيا شۇ ئىدى... »، دۇنيادا روبوت (ماشىنا ئادەم ياكى ماشىنا ھايۋان) مەيدانغا كېلىشى ھامانلا يەنە جۇ گېلىياڭنىڭ ئاشلىق يۆتكەش ئۈچۈن ئۇلاغ يېتىشمىگەندە ياغاچتىن ئېشەك ۋە ئاتلارنى ياسىغانلىقىدىن ئىبارەت غەيرى ئەقلىي رىۋايەتنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۇنيادا ئەڭ دەسلەپكى روبوتلار ئىدى، دەۋالىدىغان غەلىتە قىلىقنىڭ تەقلىدى، خالاس! قىسقىسى، رومانچىلىق بىزگە غەرپتىن كەلگەن. بۇ نۇقتىغا ئىشەنسەك، ئۇ ھالدا بۇ ئىشنىڭ ئىجاتكارلىرى بولغان غەرپلىكلەر بىزدىن ئەڭ ئاز بىرنەچچە ئەسىرلىك بىر تارىخ ئالدىمىزدا دېگەنگىمۇ ئىشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بىرنەچچە ئەسىرلىك تەجرىبىسى بولغانلار بىلەن بىزنىڭ تەڭلىشىپ، ھېلىلا «ئۆلمەس»، «گىگانت»لارغا كېتىشىمىزمۇ مۈمكىن ئەمەس. تېخىمۇ چاتاق يېرى شۇكى، بىز رومانچىلىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئۈلگىلىرى بىلەن تېخىچە تۈزۈكرەك ئۇچراشمىدۇق!


ئەڭ ئەۋەلقى «رومان» دەپ بىلگەن ئۈلگىلىرىمىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى ئۇرۇشنى «ئارقاق-ئۆرۈش» قىلىپ توقۇغان رومانلىرى، بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى تېما قىلغان رومانلىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇلار «بالىلارچە» دېگۈدەك، پەقەتلا «ئارقاق-ئۆرۈش»لۈك، ھىچ ئۈستىدە جەزىبىدار رەڭ، ئۇسلۇپ، پاسۇن، گۈل ياكى يوللۇق سىزىقلىرى بولمىغان ساددا پالاستەك توقۇلما ئىدى. بۇنىڭ بىزگە بەرگەن تەسىرى شۇ بولدىكى، رومان دېيىلگەن بۇ نەرسە ھامان ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان زىددىيەت توقۇنۇش ۋە ۋەقەلەر زەنجىرى، دەپ بىلدۇق! ئەنئەنىمىزدىكى «جەڭنامە» ئەدەبىياتىنىڭمۇ گېنلىرىمىزدىكى تەسىرى بىلەن، رومان ھەققىدە ئېنىق ۋە مۇقىم بىر قارىشىمىز شەكىللەندى: رومان دېگىنىمىز ئەگرى-توقاي ۋەقەلىكى بولغان ئۇزۇن ھىكايە!


بۇنداق ديىشىمگە بىر مىسال بېرىشىم مۈمكىن: ھەۋەسكار چاغلىرىمدا ئۇستاز يوللۇق ئەدەبىيات مۇئەللىمىممەلۇم بىر پىشقەدەم شائىر بىلەن، جەمئىيەتتىكى يەنە بىر يامان ئەمەس شائىرنىڭ سۆھبىتىدە ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدە ھازىر ئىدىم. ئىككىسى ئۆز ئارا شۇئانلاردا نېمىلەر قىلىۋاتقانلىقى، چوڭراق بىر نەرسە قىلىۋاتقان-قىلمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا سوراشتى. ماڭا ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆزى بىلىم، ئۇچۇر دېمەك ئىدى. شۇڭا جان قۇلاقلىرىم بىلەن ئاڭلاپ تۇراتتىم. «قانداق دەيسەن؟» دەپ سورىدى مۇئەللىم. يەنە بىرى دېدىكى «مەسىلەن، بىرەر رومان يازمىدىڭىزمۇ دېمەكچىدىم، ئۇزۇن يىللىق يېزىقچىلىق تەجرىبىڭىز بار، ھاياتىڭىز بويى ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئۆتۈۋەرمەسسىز؟»، چۈنكى مۇئەللىم بەك كونا شائىر ئىدى. شۇ چاغلاردىلا 30 يىلغا يېقىن ئىجادىيەت ھاياتى بارىدى، ئۇنىڭ رومان يېزىشىنى ئومۇنۇش تامامەن يوللۇق بىر تاما دېيىشكە بولاتتى. ئەمما بۇ چاغلاردا تېخى ئۇيغۇرلاردا رومان بارلىققا كەلمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ رومان يازالارمۇ دەيدىغان ئەندىشەممۇ يوق ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ سۆھبەت ماڭا بەك جەلپكار بولۇشىدا گەپ يوق. «سەن يازساڭ بولاتتى، ساڭا تېخىمۇ ئوڭ» دېدى مۇئەللىم بىردىن. «قانداق؟» «سىلە ئاۋۇ سۇ ئامبىرىدا ئىشلەۋاتىسىلەرغۇ؟ تۇرمۇش ئۈگۈنۈمەن دەپ ئاۋارىمۇ بولمايسەن، تەييار… » دېمەك، رومان ئۈچۈن يا دۇنيا ئۇرۇشى بولۇشى كېرەك يا بولمىسا (ئەڭ ئاز دېگەندە) بىرەر سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدەك ۋەقە لازىم بولاتتى. (بۇ گەپلەردە مودا بولغان يەنە بىر كۈلكىلىك تەرەپمۇ بارىدى: «تۇرمۇش ئۈگۈنۈش»! گويا تۇرمۇش تۆۋەندەيېزىلاردا بولاتتى، يازغۇچىلار تۇرمۇشنىڭ ئىچىدە ياشىماي، مۇئەللەقتە، قانداقتۇر ئىنسانسىز بىر يەردە ياشايتى.)


بۇ سۆھبەتتە بولۇنغاننىڭ دەل ئۆزىدەكلا تۇنجى رومانىمىزمۇ سۇ ئامبىرىنى تېما قىلىپ بارلىققا كەلدى. ئەگەر سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى بولمىغان بولسا يەنە قانچە يىل ساقلايتۇقكىن؟


دېمەك، بىزنىڭ دەسلەپكى رومان سۈپىتىدىكى ئۈلگىلىرىمىز ۋە ئەنئەنىلىرىمىزدىكى جەڭنامىلەرنىڭ ئېرسىي ئىلھامى بىلەن، بىزدە رومانلارنىڭ زىددىيەت توقۇنۇش بىلەن تولغان ۋەقەلەر تىزمىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى سابىتلىشىپ قالغان بولسا كېرەك. ئاندىن رومانلىرىمىزنىڭ تېمىسىنىڭ ئاساسەن 1949- يىلىدىن
بۇ تەرەپكە ئۆتەلمەسلىكى،
1949- يىلىدىن كېيىنكى دەۋرنى چەكسىز
بەختىيارلىق ئىچىدە دەپ قاراش ۋە بۇنداق بەختىيار دەۋردە زىددىيەت توقۇنۇش يوق،
ھەممە ئادەم ئىتتىپاق ئىناق دەپ قاراشنىڭ مەھسۇلىدۇر
. شۇنداقلا،1949- يىلىدىن ئىلگىرىكى ئىشلار يېزىلسىلا ئۇنى تارىخىي رومان دەپ ئاتاش ۋە
چەكسىز كۆككە كۆتۈرۈش يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆتمۈش كونا جەمئىيەتنىڭ
ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ھازىرنىڭ قەدرىگە يەتكۈزۈش ئەندىزىسىنى ئۇيغۇر
مەدەنىيىتىدىكى ئاساسىي پىكىر قىلىش ئۇسۇلى قىلىپ ئۇزاق مەزگىل ساقلاش ۋە ئۇيغۇر
تەپەككۈرىنى
70- يىللاردىن ئاۋالقى ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش
ئۇرۇنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر
. شۇڭا رومانلىرىمىزدا بىرلا ئوقۇسا مەدداھلار يادلىۋېلىپ ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ بېرەلەيدىغان ۋەقەلەر بولسىمۇ، ئەمما ئىنساننىڭ روھىي قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ ئىزىنى تاپالمايمىز. (ئەسلى مەخسەتمۇ ئىنساننىڭ روھىنى قېزىش ئىدى، داجەيدىن ئۈگەنگەن دىھقانلارنىڭ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى بايان قىلىش ئەمەس!) ئىنساننىڭ روھىدا شۇنچىلىك مۇرەككەپ كەچۈرمىلەر بولۇدۇكى، شۇنچىلىك قارىمۇ-قارشى پىكىرلەر تۇغۇلۇپ، يوقۇلۇپ تۇرۇدۇكى، بەزىدە ئادەم ئۆزىنىمۇ ئۆزى چۈشۈنەلمەيدۇ. بۇ مۇرەككەپلىك شۇ دەرىجىدىكى، بۈگۈنگىچە داڭلىق كىلاسسىكلار توختىماي قېزىۋاتقان بۇ خىل روھىي كەچۈرمىلەر، بارلىققا كېلىش شەكلى ۋە تەرتىبى، قارىمۇ-قارشىلىقلاردىكى ئىپادىلەشكىمۇ تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان بىرلىكلەرنى ئىپادىلەپ تۈگۈتەلمىدى. دېمەك ئىنسانىيەت دۇنياسى يەنە قانچىلىك داۋام قىلسا، يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قېزىش ئېلىپ بارسىمۇ، ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ بۇنداق مۇرەككەپ قاتلاملىرىنى، ئىپادىلىرىنى يېزىپ تۈگۈتەلمەيدۇ. يەنى ئەسلىدە رومانچىلىق ئۈچۈن قىزىلتاغدا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس. ناھايىتى ئەپسۇسكى، بىزگە يېتىپ كەلگەن ئۈلگىلەرنىڭ بەكلا بالىلارچە بولۇشى، تېيىز بولۇشى، روھتىن مەھرۇم، سىكىلت بولۇشى بىزگە ئەنە شۇنداق نەتىجىنى ئېلىپ كەلگەن بولسا كېرەك. داۋرىڭى بەك چوڭ بولۇدۇغان «پارلاق 3-ئومۇمىي يىغىن»دىن كېيىنمۇ، قىسمىتىمىزدە ئانچە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىدى. چۈنكى بىزنىڭ باي بولۇش چېگرىمىز، بىلىملىك بولۇش چېگرىمىزئالدىن بەلگىلەپ قويۇلغاچقا، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىمۇ ئەنە شۇ بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغاچقا، يەنىلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيانىڭ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىدى. ھەتتا ئامېرىكىنىڭ دېيىلگەنلەرمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى كىلاسسىك ئەسەر بولماستىن، «بازارلىق كىتاپ» (Best
Seller
) تىپىدىكى، «جەڭنامەسىمان» كىتاپلار بولدى. بۇلارنىڭ بازارلىق بولۇشى ھەرگىزمۇ بەك ئېسىللىكىدىن ئەمەس، ئاددىيلىقىدىن، ۋەقەلەر تىزمىسىلا بولۇشىدىن مەنبەلەنگەن بولۇپ، ھىچقانداق مۇرەككەپ تەرىپى، تەتقىقات قىممىتى، سەنئەتلىك تەرەپلىرى، پىرىسلانغان مەزمۇنلىرى يوق، كەڭ كىتاپخانلارنىڭ ھەممىسىنى قىزىقتۇرۇدۇغان «قىززىق»لىقىدىن بازارلىق دېيىلىدۇ.


ئەمما شۇنىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمىزكى، بىزنىڭ «ئۆلمەس»، «گىگانت» دەپ سۈپەتلەۋاتقانلىرىمىز، غەرپنىڭ «بازارلىق كىتاپ»لىرىچىلىكمۇ جەلپكار ئەمەس.


ھېلىقى پارلاق يىغىن ئېلىپ كەلگەن «چىرايلىق كەلگەن باھار»دىن كېيىن يېڭى زاماننىڭ ياشلىرىدىن بىر تۈركۈمى يولداشلارنىڭ تىلى ئارقىلىق جاھان ئەدەبىياتىنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىلىرى بىلەن ئۇچراشتى. بۇنىڭ خاسىيىتىدە بەزى ئۆكتىچى كۈچلەر بارلىققا كەلگەندەك بولغان بولسىمۇ، بۇ كۈچلەر بەك ئاجىز ئىدى. قارشىسىدىكى كونسېرۋاتىپلار، رادىكاللار ھۆكۈمەت دەستەكلىك بولغاچقا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. بارلىق مەتبۇئات ساھەسى ئۇلارنىڭ قولىدا ئىدى. شۇڭا، ئۈنىنى چىقارماستىن بوغۇۋېتىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، مەڭگۈ يولداشلار بەلگىلەپ بەرگەن سىزىقتىن ۋە شۇ يۈكسەكلىكنى ئاشمىغان ھالدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلىش ھاۋاسى ئېسەتتى.


يېڭى ياشلارنىڭمۇ مۇتلەق كۆپچۈلۈكى بۇ رېئاللىقنى تونۇپ يېتىپ، كونسېرۋاتىپلار بىلەن ئىش بىرلىكى ئىچىدە بولمىغۇچە باش كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىغا، مەشھۇر بولالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى-دە، نەسىھەتچىلەرگە ئايلاندى. بىردەمدە دىندار تون كېيىپ چىقىپ غەرپلىشىشكە قارشى تۇرسا، بىردەمدىلا مىللەتچى تونى بىلەن ئەنئەنىلەرنى قوغدايدىغان مەيداننى ئىپادىلەپ، بەك تېزلا «قەھرىمان»غا، «خەلق سۆيگەن» زىيالىغا، ئالىمغا ئايلىنىۋالدى. كۆپچۈلۈك ئاللىقاچان قوبۇل قىلىپ بولغان (ياكى قوبۇل قىلدۇرۇلۇپ بولغان، قوبۇل
قىلىشقا ئۈگۈتۈلگەن)، قېلىپلىشىپ قالغان خۇلاسىنى تەكرارلاشنىڭ «خەتىرى يوق»،
بۇنىڭدا خەقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىش، زەربىگە ئۇچراش بولمايدۇ. ھەتتا
چەتئەللەردىمۇ شۇ. ئەركىن مەتبۇئات دېيىلسىمۇ يەنىلا «ئۇيغۇر كاللا» بىلەن بولغان
تەپەككۈر بولغاچقا ھەممە نەرسە ئوخشاشلا.
بۇ يولدا قوساق ئوبدان تويۇۋاتسا، باش ئاغرىقى ئىچىگە كىرىشنىڭ، خەلقنىڭ نەپرىتىگە قېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مانا شۇنداق قىلىپ، ئاجايىپ قاتمال بىر قاسراق ھاسىل بولدى. بۇ قاسراقنى يۇمران قۇرۇتلارنىڭ يېرىپ چىقىش مۈمكىنچىلىكى، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىنايىتى مۇستەسنا قىلىنسا، ھىچ مۈمكىن بولۇدۇغاندەك ئەمەس. مانا بۇ بىزنىڭ رومانچىلىقىمىزنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل ئەدەبىياتىمىزنىڭ ۋەزىيىتى!



***


ماۋزېدوڭ شېئىر يازغان داھىي ئىدى، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلىمىز بولغان سەيپىددىن ئەزىزىمۇ ئەدىپ ئارىلاش رەھبەر ئىدى؛ ھەتتا ئۈگۈنۈش ئۈلگىلىرىمىز قىلىنغان قەھرىمانلاردىن يولداش فاڭ جىژمىنمۇ ئەدەبىي خاتىرىلەرنىسۆيۈملۈك جۇڭگۇ») يازغان بىر ئەدىپ قەھرىمان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، خۇددى ئۇلۇغ بولۇشقا داھىيلىقمۇ، يوقۇرى رەھبەر بولۇشمۇ، قەھرىمان بولۇشمۇ يېتىشمەيدىغاندەك، ھەر قانداق چوڭىمىزنى تىرىشىپ شائىر قىلىشقا ۋە شېئىر يازغاننى خىيالىي ھالدا داھى قىلىشقا ئۇرۇنۇدۇغان بولدۇق. تۆمۈر داۋامەتمۇ شائىر قىلىۋېلىندى، بۇنىڭغا ھەتتا دۆلەتمۇ قول سېلىپ ياردەم قىلىپ، بىزنىڭ كۆڭۈل مايىللىقىمىزغا ئۇيغۇن ئىش تۇتۇشۇپ بەردى. تارىخىي شەخسلىرىمىز ئۈچۈنمۇ، قەھرىمانلار ئۈچۈنمۇ چوقۇم بىر موھىم سۈپەت قىلىپ ئەدىپلىكنى قوشۇش ئۇرۇنۇشىمىز بولۇپ كەلدى. ھىچ بولمىسا بىرەر ئىككى مىسرا قاپىيەلىك سۆزىنى ئىزدەپ تېپىشقا ئۇرۇندۇق. بىزنىڭ بىرەر تارىخىي شەخسنى، قەھرىماننى ئۇلۇغلۇشىمىز ئۈچۈنمۇ ئۇنى شائىر ياكى يازغۇچى قىلىشىمىز شەرتتەكلا قىلاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە بىر ئوبدان قەھرىماننى، تارىخىمىزدىكى ئۇلۇغ بىر شەخسنى سۈپەتسىزلەشتۈرۈۋاتقىنىمىزنىمۇ ئانچە بايقىمايمىز. ئۆزىمىزگىغۇ ياراۋېرىدۇ، ئۆزىمىز توقۇغان چويلا بولغاندىكىن، ئەمما بىرەر چەتئەللىك بۇنى كۆرسە نېمە دەپ قالار دېگەننىمۇ نەزەردە تۇتمىساق بولماس؟ يەنى، مەلۇم بىر داھىينى، مەلۇم بىر قەھرىماننى قەھرىمانلىقى بىلەن ئۇلۇغلىماستىن، بولا-كېتە شەكىلدە زورۇقۇپ يېزىپ قويغان بىر نېمىلىرى بىلەنلا شائىر قالپىقىنى كەيدۈرۈپ، شائىرتى دەپ ئۇلۇغلاشقا باشلىساق، چوقۇمكى، سۈپىتىنى چۈشۈرگەن، چاكىنىلاشتۇرغان بولۇمىز. ياخشىكى، ھازىرغىچە خوجانىياز ھاجىنىڭ، مەھمۇد مۇھىتىنىڭبىرەر بىيىتىنى تاپالمىدۇق، بولمىسا ئۇلارنىمۇ شائىر قىلىۋېلىپ، قەھرىمانلىقىنى ئۇنۇتقان بولاتتۇق. بۇنداق شائىرلارنىڭ باشلىقلىقى ياكى قەھرىمانلىقى پەقەتلا نەيزە ۋە قالقان رولىنىلا ئويناپ، شائىرلىقىنى قوغداشقىلا خىزمەت قىلاتتى. بۇ بىزنىڭ شائىرلارنى بەك چوڭ بىلىدىغانلىقىمىزدىنمىدۇ؟ ياكى شېئىر نېمە؟ شائىر نېمە؟ چۈشەنمەيدىغانلىقىمىزدىنمىدۇ؟ بىزدە نېمە تولا «شائىر» تولا، «ئىتنىڭ بېشىغا ئۇرسىمۇ شائىر تۆكۈلۈدۇ»، بۇنداق مىڭلىغان، مىليونلىغان «شائىر»نىڭ ئىچىدىكى بىرسى قىلىپ، ئاددىيلاشتۇرۇپ قويغىنىمىزغا قارىغاندا، بىزدە كەم بولۇۋاتقان، ئاق قېلىۋاتقان ساھەلەرنىڭ ۋەكىلى قىلىپ خاتىرىلىگەن بولساق تېخىمۇ مۇھتىرەم بولمامتى؟


مەسىلەن: مەن ئون يىل باش چۆكۈرۈپ تەۋپىقنى تەتقىق قىلدىم. ئۇنىڭ تارىخىمىز ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى، قىممىتىنى، ئېغىرلىقىنى ھىچكىم مەنچىلىك چۈشەنمىسە كېرەك دېيەلەيمەن. ئۇنىڭ ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى ئوقۇشقا باشلا-باشلىمايلا كۆز ياشلىرىم تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ. ئەمما مەن ئۇنى شائىر دەپ ئەمەس، قىلغان خىزمەتلىرى تۈپەيلى، ھەقىقەتەنمۇ مەشھۇر مائارىپچى (بۇرۇن پىداگوك دەيتۇق)، تەشكىلاتچى، ناتىق، جامائەت ئەربابى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغلايمەن. توپلۇمسال ئىسلاھاتچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ دېيىلىۋاتقان شېئىرلارنى ئۇ خىزمىتىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەخسەتلىرى ئۈچۈن چاقىرىق خاراكتېرلىق، شۇئار خاراكتېرلىق مەزمۇنلارنى زورۇقۇپ يېزىپ، ناخشا قىلىپ بالىلارغا ئېيتقۇزۇش، بالىلارنىڭ كاللىسىنى مەلۇم مەپكۈرە بىلەن پروگىراممىلاش ئۈچۈنلا ھازىرلىغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ چاغلاردىكى ۋەزىيەتتە ئوخشاش پىكىردىكى شائىرلار تولۇپ-تاشقانمۇ ئەمەس، ئۇ كۆزلىگەن مەخسەت ۋە نىشانلارنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن تەييار شېئىرلارمۇ، ناخشىلارمۇ يوق، ھەممىنى ئۆزى قىلمىسا بولمايدىغان بىر ۋەزىيەتتە ئىدى. شۇڭا، بەزىدە تۈركچە شېئىرلارنى، مارشلارنى تەرجىمە قىلىپمۇ ئىشلەتكەن. (تەۋپىق شېئىرلىرى سۈپىتىدە ئېلان قىلىۋېتىلگەن توپنىڭ ئىچىدە تۈركچە مارشلارنىڭ تەرجىمىسىمۇ بارلىقى بايقالغان، بۇنىمۇ ئۇنىڭ شېئىرى دەپ تۇرۇۋېلىش، تەۋپىقنى كۆچۈرمىكەش ئورنىغا چۈشۈرۈدۇغان قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتكىمۇ ئېلىپ بارىدۇ تېخى!) گەرچە تەۋپىقنىڭ جەڭگىۋار مارشلىرى بەزى مەشھۇرلىرىمىزنىڭكىدەك باشقىلارنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن سىياسىي شۇئارلار ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭكى بولسىمۇ، يەنىلا چاقىرىق، شۇئارلار ئىدى. ئەمما بىز ئېغىرلىق بېرىلىشى كېرەك بولغان تەرەپلەرنى ئىككىلەمچى، ھەتتا ئۈچىنچى ئورۇنغا تاشلاپ قويۇپ، شائىر دېگەن سۈپەت بىلەن «ئۇلۇغ»لاشقا باشلىدۇق. بۇ شېئىرلار بىلەن ئۇنى شائىر دەپ ئۇلۇغلىغىلى بولمايلا قالماي، ئۇنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. بەلكىم يازغانلىرى ئىچىدە ھەقىقىي شېئىر دېگۈچىلىكى بارلىرىمۇ باردۇر بىرەر پارچە ياكى بىرەر كۇبلىت ۋەياكى بىرەر شېئىرىي مىسرا، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا بۇنداق بىر ئات ۋە سۈپەتنى تاقايمىز دېسەك، تارىخنىڭ كۆزى بار، بىزدىن كېيىنكىلەرنىڭ كۆزى بار، بىزنى تەتقىق قىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭمۇ ئەقلى بار، نەتىجىدە بىز ئۇلۇغلاش مەخسىدىمىزگە يېتەلمەيلا قالماي، تەتۈر نەتىجە تۇغدۇرۇپ قويۇشىمىز مۈمكىن. (يەنە شۇنىمۇ پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، بىزنىڭ ئوت يۈرەك، ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتچى، بولۇپمۇ مىللىي ئار-نومۇس تۇيغۇسى بەك ئويغاق، سەگەك خەلقىمىز سەن تەۋپىقنى سۇندۇرماقچىمۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا قىلغۇدەك ئىش تاپالمىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ بىر پارچە شېئىرىچىلىك شېئىرنى ئۆمرۈڭ بويى يازالمايسەن! دەپ تىللاشقا باشلىشى مۈمكىن. ئەمما سىز ئۆمۈر بويى پالاقشىپمۇ مەن ئۇلۇغلىغاننىڭ يېرىمىچىلىك ئۇلۇغلىيالمايسىز! مەخسەتنى توغرا چۈشۈنۈشنى ئۈگۈنۈڭ ۋە ئالدى بىلەن ئۆز سالاھىيىتىڭىزنى ئويلۇشۇڭ: سىز ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ پىكىر ساھىبىمۇ؟ ياكى ئادەتتىكى بىر كىتاپخان، قىزىققۇچىمۇ؟)


يەنە مەسىلەن، قۇتلۇق شەۋقىمۇ شائىر قىلىۋېلىندى! قۇتلۇق شەۋقىنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك تەرەپلىرى ئۇنتۇلۇپ قالدى. بىز ئۇنىڭ نەچچە پارچە شېئىرىنى بىلىمىز؟ ئۇ ئەسلىدە بىر توپلۇمسال ئىسلاھاتچى. تارىخىمىزدا مىللىي مەدەنىيەت ۋە ساپا تەرەققىياتىمىز مەۋزۇسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلغان قانچە ئادەم بار؟ ھەممە ئادەمنى شائىر قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش روھىمىز بىلەن تىرىشىپ ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىسلاھاتچىنى بەشتىن ئاشۇرالمايمىز. دېمەك، بەشنىڭ بىرى بولغان ئۇلۇغراق بولامدۇ؟ ياكى مىليوننىڭ ئىچىدىكى بىرى بولغان ياخشىراقمۇ؟ كىمدۇر بىرى بىزنى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغ خىزمەتلىرىنى، تېخىمۇ يارقىن سۈپەتلىرىنى ئۇنۇتتۇرۇش ئۈچۈن قەستەن مۇشۇ «شائىر»لىق تەرىپىگە يېتەكلەۋاتامدۇ، قانداق؟


يۇقارقىلارنى پەقەت بىر يان مىسال سۈپىتىدە قىستۇرۇپ قويدۇم. باشقا نۇرغۇن ئوخشاش تىپلەرنى كىتاپخانلىرىم ئويلۇنۇپ باقسۇن.


پىشقەدەملىرىمىزنىڭ كىتاپ ئوقۇشقا چوللىرى تەگمەيدىغانلىقى، ئاشۇ ھەۋەسكار
چاغلىرىدا ئوقۇپ سالغانلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ، شۇنىلا دەسمايە قىلىپ جان بېقىپ
يۈرۈدۇغانلىقى بىلىنمەكتە. چۈنكى ئۇلار كىتاپ ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلار، ھەۋەسكارلار،
شاگىرتلارنىڭلا ئىشى دەپ قارايدىغان، ئۆزلىرىنى ئۇستاز، ئۈگەتكۈچى ھىساپلايدىغان
بولغاچقا كىتاپ ئوقۇشنى ئۇستازلىق شەنىگە توغرا كەلمەيدىغان ئىش ھىساپلىسا كېرەك.
ئەنە شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن 50-60- يىللارنىڭ مودىسى پۇرايدۇ.
جاھان نەگە كېلىپ توختىدى، خەۋىرىمۇ يوق، تېخىچە ئاشۇ «كونا پەدە»گە ئويناشلىرى قاراشلىرىمىزنى
ئىسپاتلايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، بىزنىڭ ئۇلۇغلاش ئۈچۈن شائىر قىلىپ، ئەدىپ قىلىپ
ياساش چىقىش تىرىشچانلىقىمىز خاسىيىتىدە بۇلار ئۇلۇغ ئەدىپلەردىن بولۇپ،
تۆرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆرنەك كۆرسۈتۈلمەكتە.



يەنە رومانلار، ئورخان پامۇك تۈپەيلى تۇغۇلغان رومان تېمىسىغا قايتاي: ياراملىق، سەۋىيەلىك رومانلىرىمىزنىڭ بولمىشى بەك يامان دەپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس، ئازاپلىنىپ كېتىشىمىزنىڭ، ئۈمىتسىزلىنىپ كېتىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. چۈنكى بىز بۇ كەسپكە گۆدەك بولغۇنۇمىز ئۈچۈن، بىزدىن بىردىنلا يۈكسەك سەۋىيەمۇ كۈتۈلمەيدۇ. يامان بولۇۋاتقىنى ۋە كىشىنى ئۈمىتسىزلىككە پاتۇرۇدىغىنى شۇكى، رىياللىقىمىزنى توغرا تونۇيالمايۋاتىمىز، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئاۋۇندۇرۇپ، ئاسمان-پەلەك لاپ ئېتىپ، بۇنىڭ بىلەن ياش ئىزدەنگۈچىلەر، ھەۋەسكارلار ئۈچۈن «داجەي»چە ساختا ئۈلگە تىكلەپ بېرىش بىلەن كەلگۈسىمىزنىمۇ قارايتىۋاتىمىز. چۈنكى، بۇنداق پۈدەپ ئۇچۇرۇشلارنىڭ زور قايمۇقتۇرۇش رولى بار. بەزى ئەقىللىقلەر بەلكى قايمۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى مۈمكىن، ئەمما ھەۋەسكارلار ھامان خالار-خالىماس ئۆزلىرىگە كۆرسۈتۈلگەن ياكى ئۆزلىرى كۆرۈپ ئۆسكەن ئۈلگىلەرنى تەقلىت قىلىشتىن باشلايدۇ. شۇلارنىڭ قېلىپىدا، ئىزىدا يېزىشقا تىرىشىدۇ. ئۈلگىنىڭ تامامەن ياراملىق، ھەتتا كەم-كوتىسىزلىقىغا ئىشەندۈرۈلگەن ئىزدەنگۈچى، تېخىمۇ ياخشى ئۈلگىلەرنى ئىزدەش ئۇرۇنۇشىدا بولماسلىقى، تەييار، ئۆز تىلىدىلا تۇرغان بۇ كارامەت كاتتا ئەسەرلەرنى ئۈلگە ئېلىشى مۈمكىن. ئۇنىڭسىزمۇ كىتاپ ئوقۇمايدىغان، ئۇزاق ئۆتمۈشتە تاسادىپىي ئوقۇپ قالغان ياكى مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلىكى بىلەن قانائەت قىلىپ قالۇدۇغان بىلەرمەنلىرىمىزنىڭ ھورۇنلۇقى، كونا دەسمايىنى يەپ يېتىۋېرىش، بىر تۇخۇمنى بىردەم كۆككە، بىردەم قىزىلغا بوياپ بازارغا سېلىۋېرىدىغان تەرىپىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئۈلگىلەرنىڭ يېنىدىلا بولۇشى ئوبدان باھانە بولۇدۇ. ئۈلگىلەرنىڭ زىيىنى ھەققىدە، بۇنداق زىيانغا بىۋاسىتە ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتىدە ئەمەلىيەتنى سۆزلەشكە ھەققىم بار دېيەلەيمەن. قايمۇقۇش، خاتا كېچىكلەردە ئاۋارە بولۇش تۈپەيلى ئەڭ ئاز ئون بەش يىل ئۆمرۈمنىڭ زايا بولغىنى بىر ئەمەلىيەت.



ھەيرانمەن، «پالانىشۇناسلىق» دېيىلگەن، باشقا يوغان كېلىدىغان قالپاقلار بىلەن بىر-بىرىنى ياكى ئۆز-ئۆزىنى، «مەبۇد»لىرىنى پۈدۈشۈۋاتقانلار بۇ قالتىس رومانلارنىڭ نېمىسىنى تەتقىق قىلار؟ بۇ قالتس ئەسەرلەردە ئەپكار ئامما كۆرەلمەيۋاتقان، بايقىيالمايۋاتقان، يەشمىسە بولمايدىغان پىرسلانغان بىرەر پىكىر، ئىدىيە، چوڭقۇرلۇق، يېڭى بىر ئەدەبىي يول بارمىدۇ؟ بۇ يوغان گەپنى قىلىۋاتقانلار ئۆزلىرى ئەدەبىياتنى قانچىلىك چۈشۈنۈدۇغاندۇ؟ بۇلار خۇددى شالاڭ توقۇلغان چويلىدەك ھەممە يېرى، تېگى، ئۈستى، پەدىزى (ئەگەر بار دېيىلسە) ۋە ئاقاق-ئۆرۈشلىرى مانا مەن دەپ ئاپ-ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇرسا، ئاپ-ئاددىي بايانلاردىن باشقا نېمە بارىكى، بۇ «بالىلار رومانلىرى»دا؟ كۆز ئالدىمغا شالاڭ توقۇلغان توقۇمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېرىتىلگەن رېزىنكا سۇۋالغان كىليۇنكادەك بىر نەرسە كېلىدۇ. بەزىدە خېمىيىلىك ئېرىتمىلەر سۇۋالغان سۈنئىي خرۇم ۋە شۇنىڭدەك سۈنئىي توقۇلمىلارنىڭ يۈزىدىكى سۇۋالمىلار كۈن نۇرىدا كېرەكتىن چىقىپ، ئاجراپ كەتكەندىن كېيىن، چۈرۈك يىپ بىلەن شالاڭ توقۇلغان توقۇمىسىلا قالغان بىر ھالەت بارغۇ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. بۇ ئېتى ئۇلۇغ «گىگانت ئەسەر»لەردە ھەتتا «توختى پوكان ھىكايىلىرى»دىكىچىلىك لەززەتبەخش تەم يوق. قارىغاندا بىز ئەسلىدە ئەسەرنى ئەمەس، «ساقال»نى باھالايدىغانلىقىمىز، ئۆزىمىز ئۇلۇغلاۋېرىپ، ئاخىرىدا ئۆزىمىز تىل تەگدۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالۇدۇغانلىقىمىزنى بايقايمىز.


مېنىڭ ئىنكارچىلىقىم ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكىلەرنى تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش
ئۇرۇنۇشى ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئۆزلىرىگە ياراشقان، ئۆزلىرى كۆتۈرەلىگۈدەك رول
بېرىش كېرەك، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان روللارنى تېڭىپ قويماسلىق كېرەك دېگەنلىكتۇر.



دىنىمىزنىڭ قارىشىدا، ئادەمكىچىكلىتىلگەن ئالەم دېيىلىدۇ. كائىناتنىڭ سىرى ئېچىلىپ بولغىنى يوق، ھەتتا تېخى مۇقەددىمىسىگىمۇ كىرىلمىگەن بولسا كېرەك. ئۇ ھالدا ئادەم ھەققىدىكى چۈشۈنۈشنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى چىقىرىلىپ بولۇندىمۇ؟ بولۇپمۇ بىزنىڭ ئىنساننى چۈشۈنۈشىمىز ئەڭ يۈزە بولسا كېرەك.


ئىنسان پىسخىكىسىروھىي دۇنياسىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا ئىچكىرىلىگەنسېرى شۇنداق ئاجايىپلىقلار بىلەن ئۇچرۇشىمىزكى، بەزى ھاللار ئەقىل بىلەن باھالىغاندا بەكمۇ چەكتىن ئاشقان، ئۇيات، ھەتتا ئادىمىيلىكتىن تاشقىرى بولۇشى مۈمكىن. بۇ مۇرەككەپلىكنىڭ سەۋەبى ئىنسان ئاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ پەقەتلا ئەقىل قاتلىمىدىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنىڭ بىر دەلىلى. بىر ساراڭ ياكى بىر ئېشەك خالىسا جامائەتنىڭ ئالدىدا، بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەرەت قىلىشى مۈمكىن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى بەدەننىڭ نورمال فونكىسىيەسى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئاجراتمىلارنى چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى سىگنالنى ھىچقانداق ئەقىلنىڭ تەھرىرلىكىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئىجراغا قويۇشىدۇر. ئەگەر ئوخشاش بىر تەبىئىي ئىنكاس نورمال ئىنسانلاردا بولغىنىدا بۇنى ئىجراغا قويۇشتىن ئاۋال ئەقىلنىڭ سۈگۈچىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن قارار چىقىرىلىدۇ. يەنى، مەسىلەن، ئاشۇ تەرەت قىلىش ئىستىكىنى دېسەك، ئۇ، مۇھىتنىڭ بۇنىڭغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بىر مۇددەت تەخىر قىلىش ياكى مەلۇم مۇناسىپ ئورۇنغا بېرىپ ئاندىن ئىھتىياجنى بېجىرىشنى قارار قىلىدۇ.


دېمەك ئەقلى بىنورمال ئىنسان ئىپتىدائىي ئاڭياكى ئاڭسىزلىق (ھايۋانىي ئاڭ) ئىچىدە ياشىغاچقا بەدەننىڭ ئىچكىي ئىنكاسلىرى (ئىنستىنكت، رىفلىكسلەر)، غىدىقلىنىشلار، سىگناللارغا ھايۋانلار باسقۇچىدا جاۋاپ بېرىدۇ (ئورۇن، شارائىت بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرماستىن دەرھال ئىجراغا قويۇدۇ). يېڭى تۇغۇلغان ئىنسان بالىسىمۇ ئەنە شۇنداق ئىپتىدائىي ئاڭدا بولۇدۇ. خۇددى ھايۋان ياكى ئەقلىي بىنورمال كىشىلەرگە ئوخشاش بەدەن ئىستەكلىرىگە دەرھال جاۋاپ بېرىدۇ.


ئاڭسىزلىق (يوشۇرۇن ئاڭ)دا دۆۋۈلەنگەن بەزى تۇيغۇ خامانلىرى ئاڭغىمۇ تەسىر قىلىپ تۇرۇدۇ، ئاڭنىڭ «كۆزىنى غەلەت قىلىپ»، ئاڭسىزلىقتا شەكىللەنگەن قارارلار ئىجراغا قويۇلۇپمۇ قالۇدۇغان ھاللار بولۇدۇ. ئىنسان روھىي قۇرۇلمىسىدىكى كۆپ قاتلاملىقئىنسان ھىس-تۇيغۇسىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشىنى بەلگىلىگەن. تەبىئىي ئىستەكلەر بىلەن ئەقىل ئارىسىدا دايىم جەڭ بولۇپ تۇرۇدۇ. بۇ جەڭ بەزىدە شۇنچىلىك شىددەتلىك بولۇدۇكى، كىشىنى تالدۇرۇپ قويۇدۇ. روھىي دۇنيا تېرەنلىكلىرىنى، بۇ تېرەنلىكتە «قاينايدىغان» تۇيغۇلارنى قېزىشقا بېغىشلانغان قۇرلار بىز دەۋاتقان «گىگانت ئەسەر»، «ئۆلمەس ئەسەر»لەردە ھىچ ئۇچرىمايدۇ. ئەگەر پەرھات تۇرسۇن مۇستەسنا قىلىنسا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېخى روھىي دۇنياغا يۈرۈشكە باشلىمىدى، جەڭنامىچىلىق ئەنئەنىسىدىن ئاجرىلىپ چىقالمىدى، دېسەكمۇ بولۇدۇ.


ئۇلۇغلىرىمىزدىن بىرىنىڭ رومانىدا باش قەھرىماننىڭ بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىش جەريانى يېزىلغان قۇرلارغا دىققەت قىلىپ قالدىم. مۇشۇنداق ھىس-تۇيغۇنىڭ قايناق مومېنتلىرىدىمۇ بۇ باش قەھرىماننىڭ ئىچكىي دۇنياسىدا ھىچقانداق بوھران، قارا قۇيۇن كۆتۈرۈلمەيدۇ. ھىس-تۇيغۇسىز ھايۋاندەكلا شەھۋانىي ئوتى تۇتۇشۇپ، دەرھال ھەركەتكە ئۆتۈدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئويلاشنى بىلمەيدىغان دەرىجىدىمۇ ئەمەس، بەك ئۇقۇمۇشلۇق، يەنە كېلىپ كۆڭلىدە يادلاپ يۈرگەن سۆيگىنى بار بىرى بولسىمۇ، زىناغا جابدۇنۇۋاتقان مىنۇتلاردا ئۇنىڭ ئىچكىي دۇنياسىدا نە گۇناھكارلىق تۇيغۇسى، نە خىجىللىق، ئىنتىلىش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، تەبىئىي ئىستەك ۋە ئەقىل (بۇنداق پەيتتە ئەخلاق، دىن، سۆيگۈگە ۋاپا شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ) ئارىسىدىكى كۆرەشلەر بولمايدۇ.


روھىي دۇنيادىكى مۇرەككەپ تۇيغۇلار ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولمايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزگە ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن بىر ۋاقەلەر زەنجىرى بولماي تۇرۇپ چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى يېزىپ چىقالىشىم مۈمكىن ئەمەس.


ئورخان پامۇكنىڭ «قار» ناملىق رومانىدا پەقەت ئۈچ كۈنلۈك ھايات ھىكايە قىلىنغان بولۇپ، پامۇك رومانلىرى ئىچىدىكى چوڭ ھەجىملىك روماندىن بىرى. 600 بەت ئەتراپىدا بىر رومان. ئەگەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنسا بەلكىم تېخىمۇ چوڭۇيۇپ كېتىدۇ. ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ 600 بەتنى تولدۇرۇش ئاسانمۇ؟ بىزنىڭ ئۇستىلارغا بۇ ماتىرىيال بېرىلسە بەلكىم قىسقىراق بىر ھىكايە پۈتتۈرىشى مۈمكىن. بۇ روماندىكى جىمى ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىشكە توغرا كەلسە بەش جۈملە بىلەن تۈگىتىشكىمۇ بولۇدۇ. «مەسۇمىيەت مۇزىيى»مۇ چوڭ ھەجىملىك رومان. ئەمما ئۇنىڭدىمۇ تىلغا ئالغۇدەك «قىزىق» ۋەقە تېپىلمايدۇ. «يېڭى ھايات» بەزى ئوبزورچىلار تەرىپىدىن «ئەركىلىتىپ» شېئىر دەپ سۈپەتلىنىۋاتقان بىر رومان. شېئىرىي تۈسى قويۇق (ئەپسۇسكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بەكمۇ نۇقسانغا تولغان). ئۇنىڭدىمۇ تىلغا ئالغۇدەك ۋەقە يوق. بىرسىگە سۆزلەپ بېرەي دېسەڭ ھىچنەرسە تاپالمايسەن. خۇددى لېرىك شېئىرغا ئوخشاش گۈزەللىكىككە ئىگە بۇ روماندىن ئاپتورنىڭ ھايات جۇغلانمىسىنىڭ نەقەدەر بايلىقىنى كۆرگىلى بولۇدۇ؛ تۇرمۇشنى نەقەدەر ئىنچىكە كۈزۈتۈدۇغانلىقى كىشىنى لال قىلىدۇ.


مەن ئورخاننى، دوستويېۋىسكىنى، جويسنى ئوقۇۋېتىپ، بىزنىڭ قاتمال ئەدەبىيات مۇھىتىمىزنى ئويلاپ قورقۇپ كېتىمەن. بۇ ئاجايىپ قاتماللىقنى ئۆتكەندە بىر ماقالە ئېلان قىلىپ بىۋاسىتە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. بىر توپ «بۇت» ۋە ئۇلارنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ ئارقا تىرەكلىرىدىن پايدىلىنىپ، خاسلا ئۆز شەخسىي شۆھرىتى ئۈچۈنلا بۇ قاتمال ھالەتنى ساقلاپ قېلىش ئۇرۇنۇشلىرى مىللەت ئۈچۈن بىر تراگېدىيەنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى. ئۇلارغا ئارقا تىرەك بولۇۋاتقانلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقىنى باشقا (نادانلىقتا قالدۇرۇش)، بۇ بىچارىلەرنىڭ كۆزلىگىنى باشقا ئىدى، ئەلۋەتتە. ئۇلار بىلىنمىگەن بىر قولنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەمدە بولۇپ، ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ، غەلىبىسىنى كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقانلىقىنى سېزەمدىغاندۇ؟ ئەلۋەتتە، بەزىلىرى سېزىدۇلا ئەمەس، ئېنىق بىلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ مەخسىدى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان بولۇشلىرى مۈمكىن؛ ئەمما كۆپچۈلۈكى ئۆزىنىڭ، ئۆز مۇناسىۋەت ھالقىسىنىڭ ياكى تار گورۇھنىڭ «شان-شەرىپى» ئۈچۈن مىللەتنىڭ تەپەككۈر تەرەققىياتىغا، روھىي قۇرۇلۇشىغا، مەدەنىيەتتە بىر قەدەم سەكرىشىگە ئاڭسىز توسالغۇ بولۇۋاتقىنى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇدۇ. بىز بىلىدىغان ناھايىتى چەكلىك ساندىكى كىلاسسىك ئەسەرلەر ھەققىدە ئويلۇنۇپ بېقىلدىمۇ؟ توغرا چۈشۈنۈلدىمۇ؟ بۇمۇ گۇمانلىق. مەسىلەن كۆپچۈلۈك بىلىدىغانلاردىن «ئاننا كارېنىنا»نى مىسالغا ئالساق، بەلكىم بەزىلەر ئۇنىڭدىكى ئۈچبۇرجەكلىك مۇھەببەتكىلا دىققەت قىلغاندۇر. ئەمما ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىمۇ دەل ئىنسان روھىي دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ تۇيغۇلارنى يازالىغانلىقىدا. ئاننانىڭ گۇمان، رەشق تۈپەيلى نېرۋىسىنىڭ قانداق كېرەكتىن چىققانلىق جەريانىنى ئىنچىكە ۋە توغرا بايان قىلالىغانلىقىدا. ئىنسان روھىنى تەسۋىرلەشتىكى گىگانت ئەسەر «جىنايەت ۋە جازا» ھەققىدە قانداق ئويلاندۇق؟ بىزنىڭ «جەڭنامە» تىپىدىكى رومانلىرىمىز بىلەن ئارىسىدىكى مۇساپىگە دىققەت قىلىپ باقتۇقمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن ئەسىردىكى دۇنيا ئەدەبىياتى!


ئەنگىلىيە كىلاسسىكلىرىدىن ئۈچ ئاچا-سىڭىل يازغۇچىنىڭ بىرى بولغان شارلوت برونتېنىڭ «جېين ئېير» رومانى بىرىنچى قېتىم 1848-يىلى نەشىر قىلىنغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئېنگىلىز تىلى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان رومانلىرى تىزىملىكىدىكى ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ. 160 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ سەۋىيەنى ئويلىغىنىمىزدا بىزنىڭ تېخى نەقەدەر گۆدەك ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ.


توردا «جۇڭگۇ-ئامېرىكا دۈشمەنلىشىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بارمۇ؟» دېگەن بىر ماقالە كۆرگەن ئىدىم. ئىنكاسلارنىڭ بىمەنىلىكى، ئاساسسىز تىللاشلار، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىھتىماللىققا شۇنچە كۆپ سەۋەپ كۆرسۈتۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما سەۋەپ كۆرسەتمەيلا رەت قىلىشقا ئۇرۇنۇشلارغا قاراپ بىزنىڭ خەلق زادى نېمە ئويلايدۇغاندۇ؟ دەپ قالغانىدىم. (پاكىتقىمۇ قايىل بولغىلى ئۇنىماي، ھىسىياتىنى پاكىت ئورنىغا قويۇۋالىدۇغان ئاجايىپ قەيسەرلىك!) ئىنكاسلارغا جاۋاپ بېرىپ مۇئەللىپ يەنە شۇنداق يېزىپ قويۇپتىكەن: «بىز ئاچچىق بولسىمۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشنى بىلمەيمىز، ئەكسىچە ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغاننى، ياقتۇرغاننى ھەقىقەت دەپ تۇرۇۋالىمىز» بۇ سۆز مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئەدەبىيات ساھەمىز ئۈچۈنمۇ قىممەتكە ئىگە ئىدى. بىز ۋاز كېچەلمەيۋاتقان «مەبۇد»لار بىز ياقتۇرغاچقىلا ئەنە شۇنداق «ئۇلۇغ» تۇيۇلۇۋاتمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھەقنى ئۆلچەم قىلىپ باھالاپ چىقالمايمىز؟ تۈركچە بىر ۋىدىئو كۆردۈم. قادىر مىسىر ئوغلىنىڭ خۇسۇسىي تور بېتىدە (www.kadirmisiroglu.com)، قادىر مىسىر ئوغلىنىڭ ئىلمىي سۆھبەتلىرىدىن بىرى ئىدى. قادىر مىسىر ئوغلى ئالەمچە جۈرئەت بىلەن تۈركىيەنىڭ «مەبۇد»لىرىدىن بىرىگە چېقىلىپتۇ. تۈركىيە دۆلەت مارشىنىڭ ئاپتورى، ئاتا تۈركتىن قالسىلا ئەڭ چوڭ «مەبۇد» بولغان بۇ زاتقا چېقىلىش ھەقىقەتەنمۇ بۈيۈك جاسارەت ئىدى. قادىر مىسىر ئوغلى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ھەققىدە ئۇنى ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ئىخلاسمەنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپ، ئاندىن باھا بېرىپتۇ. ئادەملەرنىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقى ھەقىقەت بولسىمۇ، تۈركىيەدىمۇ بىزدىكىگە ئوخشاش، بىرسىنى ئۇلۇغلىسا كەم-كوتىسىز پەرىشتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان، بىرىنى يامانلىسا قىلچە ياخشىلىقى يوق ئىبلىسقا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان ئادەت بارىكەن. بۇ ئادەت ھەققىدىمۇ توختۇلۇپتۇ. ئادەملەرنىڭ قۇسۇرلۇق بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي قانۇنىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا ئاپتورلارنى باھالاشتا ئالمىنى مىسال قىپتۇ. بىر ئالمىنىڭ يېرىمى سېسىق بولسا، سېسىق يېرىنى كېسىپ تاشلاپ، ساق تەرىپىدىن پايدىلىنىمىز، ئەگەر سېسىق، يېرىمىدىنمۇ جىق يېرىدە بولسا، ئۇنىڭ كىچىككىنە ساق يېرىدىن ۋاز كېچىپ، ئەخلەتكە تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. بەزى ئالمىلارنىڭ سېسىقى ئازراق، ساق يېرى كۆپرەك؛ بەزىلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇدۇ، مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭمۇ سېسىغان يېرى بار،... دەپ سېسىق يەرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپتۇ. بۇ ئوخشۇتۇش، بۇنداق باھالاش ماڭا يارىدى. ئەمما بىزدىكى ئىنكاسلار باشقا تۈرلۈك بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا بۇرۇنقىلارغا باھا بېرىپ نېمە قىلىسەن؟ قىلىدىغان باشقا ئىشىڭ يوقمۇ؟ دېيىشكىچە بېرىپ يېتىپ، تامامەن سېسىپ كەتكەن ئالمىلارنىمۇ يەنىلا شىكاپىمىزدا ساقلاشقا ئۈندەۋاتقانلار بار. بۇ ئورنى بولمىغان كەڭ قوساقلىق، ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پاجىئەدۇر.


مەن چەتئەللىكلەرنىڭ، ھەتتا كۆپ جەھەتتىن خاراكتېرى بىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۈركلەرنىڭمۇ ئاددىي كىتاپخانلىرىنىڭ يازغۇچىلارغا باھا بېرىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەدەبىياتچىلارنىڭ باھالىرىغا قارشى تالاشمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. بىزدە بولسا ئەھۋال تامامەن باشقىچە ئىكەن. بىر دىھقان ئوقۇرمەن ياكى ئىشچى ئوقۇرمەنمۇ بىر ئەدەبىياتشۇناسقا بىمال قارشى چىقىپ، ئۆز گېپىنى يورغۇلۇتالايدىكەن. بۇ ئوقۇرمەن تېخى ھەقىقەتەنمۇ شۇ باھا بېرىلىۋاتقان ئاپتورنىڭ بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇپ بېقىپ ئاشۇنداق تالىشىۋاتقان بولسا، ھۆششەرە؛ كۆپ چاغلاردا «قۇلاق موللىسى» تىپىدە ئاڭلاپ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ماختاشلىرىنىلا ئاڭلاپ، ياخشى كۆرۈش تۇتۇمىنى بەلگىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق چاپان چۆرۈپ، يەڭ شىمايلاپ مەيدانغا چۈشۈدىغىنى قىزىق. بۇنداق كەچمىشىممۇ بولغان ئىدى: ماڭا بىر كىچىك توپنىڭ «كالتا قوشۇقى» تېگىپ قالغان چاغلاردا قول ئاستىمدىكىلەردىن ئىككىسى جاڭجاللىشىپ قاپتۇ. سۆرەشكەن پېتى ماڭا كەلدى. ۋەقەنى بايان قىلدى. تارىخىمىزدىكى «ئۇلۇغ مەبۇد»لاردىن بىرىگە بىرسى تىل تەگدۈرۈپتۇمىش، يەنە بىرى دەرھال ئۇنىڭ باھاسىغا قارشى چىقىپ، ئۇنى كانايدىن ئاپتۇ. بۇ تالاش-تارتىشنىڭ ئاخىرى چىقمىغاچقا ماڭا كەلگەن ئىكەن. مەن «قوغدىغۇچى»دىن سورۇدۇم: «سىز ئۇ جاناپنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باققانمۇ؟» «ياق، ئاڭلىغان» دېدى ئۇ قىلچە خىجىل بولمايلا. «ئۇنداق بولسا سىزگە بۇ مەسىلىنى سۆزلىسەممۇ تازا چۈشۈنۈشلۈك بولمايدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن سىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېقىڭ، ئاندىن يەنە داۋاملىق ئوخشاش ھىساتتا بولسىڭىز، ئاندىن ماڭا كېلىڭ، بىز بۇ مەۋزۇدا سۆزلىشەيلى» دەپلا گەپنى تۈگەتتىم. چۈنكى تۇتقان ئورنۇم تۈپەيلى، بى تەرەپلىك ئىپادىلەشكە مەجبۇر ئىدىم. شۇنداق تىرىشچانلىقىمغا قارىماي، ئۇ يەنىلا مەندىن نارازى بولۇپ، «مۇناپىقلىققا، خائىنلىققا يان باستى» دەپ گەپ تارقىتىپ يۈرگەنىدى.


ئورخان پامۇكنىڭ ئىلھامىدىن تۇغۇلغان بۇ تەرتىپسىز ماقالەمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا دېمەكچى بولغانلىرىمنى قىسقىچە خۇلاسىلىسام، شۇنداق دېمەكچى بولۇمەن:


ئەدەبىياتىمىز يېقىنقى زاماندا ناتوغرا ئۈلگىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن تامامەن بالىلارچە، تېخىمۇ قاتتىقراق ئېيتسام روھىي كىرىزىس ئىچىدە. بىز روھىي بېقىندىچىلىق ئىچىدە بولغۇنىمىز ئۈچۈن، ئىستېتىك ئۆلچەملىرىمىز بۇزۇۋېتىلگەنلىكى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن يېڭىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، ياخشى كۆرۈشتە ئەركىن تاللاش ئىمكانىمىزمۇ قولىمىزدىن ئېلىۋېلىنغان. بەلگىلەنگەننى ياخشى كۆرۈشكە ئۈگۈتۈلگەن ھالەتتىمىز. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، پاكىزە يۇيۇلۇپ، قايتىدىن قاچىلانغان مېڭىمىزدىن قىلچە گۇمان قىلماستىن، باشقىلار تەرىپىدىن قاچىلانغان قاراشلارنى ئۆز قارىشىمىز دەپ تۇرۇۋېلىشىمىزدۇر. شۇنىڭ بىلەن، ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا بالىلارچە تەكرارلىنىدىغان ھەركەتلىرىمىز داۋاملىشىدۇ ۋە ئەگەر بىرەرسىمىزنىڭ ئەقلى تەڭپۇڭلىقى تاسادىپەن ئەسلىگە كېلىپ ياكى كاللىسىدىكى تۇمان سەل-پەل سۈزۈلۈپ، قىلىپ يۈرگەن ھەركەتلەردىكى بىمەنىلكنى بايقاپ، «نېمىشقا بۇ خشلارنى بىردەم ئۇ ياققا يۆتكەپ تىزىمىز؟ بىردەم بۇ ياققا توشۇپ تىزىمىز؟» دەپ سوراپلا قالسا، ھەممىمىز قىيا-چىيا قىلىشىپ، خۇددى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك چۆچۈپ، تېنچ، بىر خىلدا داۋام قىلىۋاتقان، ئىزغا چۈشكەن ھاياتنى «ئىزدىن چىقارماقچى بولغان» ھېلىقى تەقدىردىشىمىزنى چوقۇلاپلا كېتىمىز. مانا بۇ بىزدىكى ئەھۋال.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 06:26:58

كۆپ ئەجىر قىلىپسىز \"\"



سىياسى شامالغا ئەگىشىپ لەپىلدىگەن ئەدەبىيات، يۇقرى بولسا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى يازغۇچىلار ... كەڭ قورساق بولىلى، قالدىسى بىزلەرگە قالدى. تۇرمۇش ئۆگىنىشتىكى مەقسەت چىنلىققا يېقىنلاش، ئەنئەنىگە يېقىنلاش،تارىخقا يېقىنلاش، خاتا ئەمەس. خۇددى تەبىئي پەندە ئوقۇغانلار غەرىپنىڭ ئاز دىگەندە ئون يىللار ئاۋۋال تەتقىق قىلىپ، خۇلاسىلەپ چىققان پەنلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەگىشىپ، ھەتتا ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىۋاتقاندەك، ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى ياشلارمۇ تىرىشپ ئىزدىنىشى كېرەك. دەرىسلىكنى ئۇيغۇرچە كىتاپلاردىنلا تاللىماي، ئۈلگىنى ئۇيغۇر يازغۇچىلاردىنلا تۇرغۇزماي، كۆپ مەنبەلىك ئىزدىنىش كېرەك.

erturk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 08:10:14

تېما يوللىغۇچى ئورخان پامۇكنىڭ بىر نەچچە رومانلىرىنى ئوقۇپ، ئۇيغۇر رومانچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆز ھالىمىزغا ئېچىنىپ بۇ تېمىنى يوللاپتۇ. ئەمما گەپ بەك شاخلاپ كەتكەن بولغاچقا، تېمىدا يورۇتۇلماقچى بولغان مەسىلە بىر ياقتا قاپتۇ. نەتىجىدە، قارىماققا ماقالىدەك يېزىلغان بۇ ماقالە ئىلمىيلىكتىن چەتنەپ، ھېس بايان، شەخسىي بايان، ھاياجانلىق بايان تۈسىنى ئالغاچقا، بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالماپتۇ. ئەگەر ماقالە دەپ يازسا، ماقالىنىڭ ئىلمىيلىك شەرتىگە چۈشۈشى كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭ ئاستىغا شەخسىي تەسىرات، كىتاب ئوقۇش تەسىراتى، ياكى بىر نېمە ئويلىغانلىرىم... دېگەندەك ئەسكەرتمە بېرىپ قويۇش كېرەك. مەن بۇ باياننامەنى ئوقۇپ مۇنداق قاراشقا كەلدىم:

1. ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا، بولۇپمۇ تارىخىي رومانچىلىقتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھېسابقا ئېلىنمىغان.

2. ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە، يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات ساپاسىنىڭ ھازىرلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسىي ۋەزىيەت، مائارىپ شارائىتى (بولۇپمۇ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى)، ئەدەبىي تەرجىمە ۋە ئوبزۇرچىلىقتىكى پۇتلىكاشاڭلار نەزەرگە ئېلىنمىغان.

3. نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىكى سىياسىي ئۆگىنىشلەر، باش مۇھەررىرنىڭ ساپاسىدىكى چەكلىمىلىكلەر ھېسابقا ئېلىنمىغان.

4. بىر مىللەتنىڭ ئەدەىياتىنىڭ گۈللىنىشى شۇ مىللەتنىڭ ئېتىقادى، سىياسىي ئورنى، مائارىپ ئەركىنلىكى، مەدەنىيەت ساپاسى، تۇرمۇش شارائىتى، مەتبۇئات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىزدە ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشى قانچىلىك رومانلارنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ، سۈپەتكە ئەمەس، سانغا ئۆلچەم قويۇلىدۇ. ئەدەبىيات يەنىلا سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئەمەلىيەت. ئەمما تېما يوللىغۇچى: ھەممىنى شارائىتقا ئارتىپ قويساق بولامدۇ؟ يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات ساپاسى كىچىكىدىن تارتىپ مۇستەقىل ھازىرلىنىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، ئۇنداق بولمايدۇ، ئۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشى سىياسىي مۇھىت ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە قانچىلىك تايانسا، يازغۇچىنىڭ ساپاسى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەدەبىياتتىن زوقلىنىشى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ شارائىتىغىمۇ شۇنچىلىك تايىنىدۇ. بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ساپاسى شۇ سىنىپتىكى يېزىقچىلىق تالانتى بار ئوقۇغۇچىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر قىلىدۇ.

غەرب ئەللىرىدە كىشىلەر نەچچە يۈز يىللار ئاۋۋال ئىدىيە ئويغىنىشى ۋە زامانىۋى مائارىپقا يۈزلەنگەن. سىياسىي ئىسلاھات، سانائەت ئىنقىلابى، ئىدىيە، پەلسەپەدىكى گۈللىنىشلەر ئەدەبىياتقىمۇ مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتكەن؛ مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىش تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق، سىياسىي، ئىقتىسادىي، تېخنىكىلىق تەرەققىياتلار، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرى، كانت، نېتزى، فروئىد، براگسون، سارترېلارنىڭ قاراشلىرى، مەۋجۇدىيەتچىلىك، كەلگۈسىزم، قارا يۇمۇر، دادائىزم ئېقىملىرىمۇ كونا ئەدەبىياتنى ئەرەختەن-پەرەختەن قىلدى، يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى، ئەدەبىياتتىن ئۆتۈپ بىناكارلىق، رەسساملىق ۋە تۇرمۇش مودىلىرىغىچە سىڭىپ كىردى. بۇ ئېقىملار ياۋروپانىڭ بىر قسىمى بولغان ئىستانبۇلدىكى تۈرك زىيالىيلىرىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئورخان پامۇكنىڭ دادىسىمۇ فرانسىيەدە سارترېنى كۆرگەن ۋە فرانسىيەدە مېھمانخانىدا نەچچە ئايلاپ تۇرۇپ، غەرب ئەدەبىياتىنىڭ ئىشتىياقىدا بىر نەرسىلەرنى يازغان. ئورخان پامۇك 22 يېشىدىن باشلاپ، رەسساملىقنى تاشلاپ، دادىسى يىغىپ قويغان كىتابلارنى ئوقۇپ، شۇ كۇتۇپخانىدىن چىقماي ئىجادىيەت ماھارەتلىرىنى ئۆگەنگەن، رومان يېزىشقا باشلىغان.

بىزنىڭ شۇ تارىخىي ۋە سىياسىي شارائىتىمىزدا پەقەت ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرلا چىقالايتتى، خەلق ئۇلارنى شائىر دەپ ئەمەس، قەھرىمان ئوغلان، شەھىد ئارسلان دەپ ئۇلۇغلايدۇ. بولمىسا ئۇ دەۋردە ئۇلاردەك يازىدىغانلارمۇ چىققان. مەمتېلى ئەپەندىنىمۇ ھېچكىم شائىر دەپ ئۇلۇغلاپ كەتكىنى يوق، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى مۇئەللىم، ئۇستاز دەپ ھۆرمەت بىلەن ياد ئەتسە، مائارىپچىلار ئۇنى بىزنىڭ پېشىۋايىمىز دەپ چوڭ بىلىدۇ. قۇتلۇق شەۋقى، ئەھمەد زىيائىيلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھەقلىق سۈپەتلەر بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. شائىرلىق ئەينى دەۋردە ئاۋام خەلقنىڭ نەزەرىدە زىيالىيلىق، ئالىملىق، مۆتىۋەرلىك بىلەن تەڭ كۆرۈلگەن بولسا، ھازىر ئۇنىڭ مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

ئورخان پامۇك ئۆزىنى غەربكە تەۋە يازغۇچى دەپ قارايدۇ، ياۋروپامۇ ئۇنى شۇنداق تونۇيدۇ. مەن ئۇنىڭ «يېڭى ھايات» رومانىنى ناچاررار بولسىمۇ تەرجىمە قىلدىم، مەقسىتىم شۇ: تۈركلەرنى قېرىنداش دەيمىز، نېمىشقا بۇلارنىڭ مۇشۇنداقمۇ رومان يازالايدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرۈيمىز؟ ئاندىن «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»غا يەنە ئۆزەم «يېڭى ھايات»نى چۈشىنىش توغرىسىدا بىر پارچە ئوبزۇرنى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدىم. مەقسىتىم يەنە شۇ: روماننى ئوقۇپ چۈشەنمىگەنلەر چۈشەنسۇن، ئورخاننىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە ماھارەتلىرىنى ھېس قىلسۇن. «قار»رومانىنى ئوقۇپ بەك نادىر رومانكەن دەپ ئويلاپ تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلغان، ئەمما نەشر قىلدۇرالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ توختىتىپ قويدۇم. چۈنكى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىگە ئائىت بىر نەرسە بولسىلا نەشرىيات باسمايدۇ. «ئاق قەلئە»نى بىر قېتىم ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى غەربكە مايىللىقنى ياقتۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن تاشلاپ قويدۇم. «مەسۇمىيەت مۇزېيى» ناملىق رومانىنى چوپانى تەرجىمە قىلىپتىكەن، بېشىدىكى يۈز بەتتە ساپلا رەسۋاچىلىق، تولىمۇ تەستە تەھرىرلىدىم، قالغان قىسمى ياخشى يېزىلىپتىكەن، زوق بىلەن تەھرىرلەپ تۈگەتتىم. بۇ روماننى ئوقۇسىڭىز ئىستانبۇلدىكى بايلار ۋە بەگزادىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئاجايىپ ياخشى چۈشىنىسىز. ئاندىن مەن ئورخان پامۇكنىڭ توردىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلىدىم، ماقالىلىرىنى ئوقۇدۇم، ھەتتا ئۆزى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم. دېمەك، ئۇنى خېلى ياخشى چۈشىنىمەن، لېكىن مەن ھېچقاچان ئۇنى مۇھەممەد باغراش ياكى پەرھات تۇرسۇن بىلەن سېلىشتۇرۇپ باققان ئەمەس، سېلىشتۇرۇش ھەر جەھەتتىن: ياشىغان ماكان، سىياسىي مۇھىت، مائارىپ، تەربىيە، ئەدەبىيات مۇھىتى، ئوقۇغان كىتاب...ۋاھاكازا ھېچقايسى جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. ئوخشاش دېيىلسە، تالانتىدا، زېرەكلىكىدە، زىللىقىدا، مىجەزىدىكى تۇراقسىزلىقلىرىدا ئوخشاشلىق بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭا مەن ھەر خىل ئەجەللىك سەۋەبلەرگە بىنائەن ، غەرب رومانچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر رومانچىلىقىنى سېلىشتۇرۇشنى ئۇرۇنسىز ئىش دەپ قارايمەن. بىز دائىم شۇنداق ئويلايمىز: ئامېرىكا شۇنچە يىللاردىن بېرى مۇستەقىللىقىنى، تەرەققىياتىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ، بىز نېمىشقا ئەسىرلەردىن بۇيان مۇشۇنداق ياشايمىز؟ ئامېرىكا، ياۋورپادا يازغۇچىلار ئۆتكەن ئەسىردىلا ئۆلمەس رومانلارنى يېزىپتىكەن، بىزدىن نېمىشقا چىقمىغان بولغىيدى؟ نېمىشقا ئۇيغۇر رومانچىلىقى قەييۇم تۇردىنىڭ «قىزىل تاغ ئېتىكىدە» دېگەندەك قىپقىزىل، ئەخلەت رومانى بىلەن باشلانغان بولغىيدى؟ بىز غەزەب بىلەن، ئارمان بىلەن مۇشۇنداق ئويلىساق بولىدۇ، چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز، ھېچكىم بىزنىڭ ئويلاش ئەركىنلىكىمىزنى توسۇۋالالمايدۇ، ئەمما بۇ خىياللىرىمىزنى ماقالە قىلىپ يېزىپ قاقشاپ يۈرسەك، گۆدەكلىك قىلغان بولىمىز. بىز ئۆز تارىخىمىز، ماكانىمىز، ئىمكانىيىتىمىز نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئەدەبىياتىمىزغا لىللاھ باھا بېرىشىمىز، مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى تەقدىرلەپ، يېتەرسىزلىك ۋە ھەتتا كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدىغان ساپاسىىزلىقلىرىمىزنى تەن ئېلىشىمىز كېرەك.

تېما يوللىغۇچىنىڭ مەشھۇرلارنى «مەبۇدلاشتۇرۇش» كېسىلىدىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىق قىلغىنى توغرا، بىز چوقۇم كېيىنكىلەرگە نوپۇزغا چوقۇنماسلىق جەھەتتىن بولسىمۇ تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ خاسلىقىغا يول ئېچىپ بېرىشىمىز ۋە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 09:35:35

تېما بىلەن ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنى بىر-بىرىگە تولۇقلىما قىلىپ ئوقۇسا بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم. تېما ئىگىسى ۋە ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت. ئەمما بەك ئۇزۇن يېزىلىپتۇ. تەستە ئوقۇپ بولدۇم.



( بۇ ئىنكاس بىلەن يۇمىلاق تاۋۇز بولۇپ قالمىغاندىمەن ھە؟ خىيالىمدا جەزمەن ئاق ياكى قارا بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق.)



ئۈمىد بىلەن چۈشكۈنلۈك، قايغۇ بىلەن خوشاللىق ئەزەلدىن بىر-بىرىگە قوشماق.

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 10:26:40

بۇ ماقالىنى ۋە ئاستىدىكى ئەرتۈرۈك ئەپەندى يازغان ئىنكاسنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم . ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ، ئەلانى بېسىۋەتتىم . ئەرتۈرۈك ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ . تېما يوللىغۇچى دىققەت قىلمىغان ھەر خىل چەكلىمىلەرنى ئەرتۈرۈك ئەپەندى ئەتراپلىق يورۇتۇپتۇ .

   ئوقۇش جەريانىدا ئويلىغىنىم ، يازغۇچىلىرىمىز ياراتقان رومانلارنىڭ قانچىلىك كېسىپ قىسقارتىلىدىغانلىقىنى ، قانچىلىكىنى مۇنداق يازساق بولمايدۇ دەپ سايىسىدىن قورقۇپ يازىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداق روھى ھالەت ئىچىدە ئۇزۇندىن بۇيان يازغۇچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ رومانلىرىنى بىردىن ياۋروپانىڭ يازغۇچىلىرىنىڭ چەكلىمىسىز پىكىر قىلىشى ئاستىدا چىققان نادىر رومانلىرىغا سېلىشتۇرۇش ۋە نىمىشقا شۇنداق رومان يازالمايسەن دەپ تەنقىدلەش سەل بىرتەرەپلىمىلىك بولۇپ قالىدۇ . بۇ خۇددى كىچىكىدىن (بۇلۇپمۇ ھازىرقى ئۆسمۈرلىرىمىز) ئۆيدىن چىقماي كومپىيۇتېردا يارالغان مەۋھۇم دۇنيا ئىچىدە ئويۇن ئويناپ چوڭ بولۇپ 15 لەرگە كىرگەندىن كېيىن بىردىنلا ئۇنى جەمىئىيەتكە تاشلاپ ئۇنىڭدىن جەمىئىيەت ۋە تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش تەبىئەتتىكى ئويۇنلاردىن ھوزۇرلىنىشنى تەلەپ قىلغاندەك ، بىردىن ئۇنىڭدىن جەمىئىىيەتتىكى كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش ، جەمىئىيەتنى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىش ئاشۇ دادىدىكى ئەجەللىك خاتالىق . ئەجەبا كىچىكىدىن بېرى ئۆيدىن تۈزۈك چىقماي بىنا ئۆيدە كومپىيۇتېر ئويناپ چوڭ بولغان بالىنى بىردىن مۇستەقىل بولۇشقا بىردىن تەبىئەتكە يۈزلىنىشكە چاقىرساق ئۇ ئەلۋەتتە ئۆزىدىكى رامكا ئىچىدە مۇئامىلە قىلىدۇ . قورقۇنچ ھىس قىلىدۇ چۈنكى ئۇنىڭ ئېڭىدە ئۇنىڭ ئاشۇ 80-90 كۇادىرات مېتىر ئۆيى ئەڭ بىخەتەر ئۆي .

جېك لوندۇننىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرى ۋە بىر نەچچە رومانلىرىنى ئوقۇش جەريانىدا ئۇنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنى بەكمۇ ئىنچىكە تەسۋىرلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدىم . ئالتۇن قازغۇچىلاردىكى ئادەم قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىك ، ئادەم تەبىئىيتىدىكى ئۆزگىرىشچانلىقلارنى تەسۋىرلەشتىكى ماھىرلىقىغا قول قويغان ئىدىم . ۋە شۇنداقلا بىزنىڭ كاتتا يازغۇچىلىرىمىز ياراتقان رومانلاردىكى بىر بولسا ھىچقانداق ئەيىۋى يوق پەرىشتە سۈپەت ئوبراز بىر بولسا ھىچقانداق ياخشى تەرىپى يوق ئەبلەخ قىلىنىپ تەسۋىرلەنگەن ئوبرازلاردىن كەيپىم ئۇچاتتى . قاچان بۇ يازغۇچىلىرىمىز داۋاملىق ئىزدىنىدىغان بولار ؟ قاچان شۇ 20 يىل ئالدىدا يېتىلدۈرىۋالغان يېزىقچىلىق ھۈنىرى (تۆمۈرچىلىق ھۈنىرىدەك ھۈنەر دەپ ئاتىساق بولىدۇ) ئىچىدە يازغۇچىلىق قېلىپىغا سېلىپ ئاددى ئەسەرلەرنى يەنە داۋاملىق يارىتىپ ئەدەبىياتتىكى جانباقتىلىق بىلەن ساددا خەلقىمىزنى يەنە قانچىلىك ئالدار دەپ ئويلايتتىم .

  بىر چاغدا بىر يازمىدا فىرانسىيەلىك بىر پاھىشىنىڭ گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى قانداق باپلىغانلىقى توغرىلىق ئوقۇغان ئىدىم . ئۇنىڭدا ئاشۇ پاھىشىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە مەدھىيە ئوقۇلغان .

دىمەك بىز 100% ناچارغا چىقىرىپ تەھلىل قىلىدىغان بىر توپ ، ئاشۇ ياۋروپادا ئۇنىڭمۇ ئىنسان ئىكەنلىكى ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ياخشىلىققا ئىگە ئىكەنلىكى يورۇتۇلدى.

  مەن بىر كۈنى مەن خېلى چوڭ بىلىدىغان بىر نەچچە كىتاپ چىقارغان شائىر بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭغا گىراف مونتى كىرىستو ناملىق 4 توملۇق رومان ھەققىدىكى ھاياجانلىق كۆز قاراشلىرىمنى ۋە ئويلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ، ئالىكساندىر دىيۇمانىڭ نەقەدەر بىلىملىك ، ئوبراز يارتىشقا نەقەدەر ئۇستا ، ۋەقەلىك ئۇلاشتا ، جەلپ قىلارلىقى جەھەتتە نەقەدەر ئۇستا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ، ئەپسۇس بۇ دوستۇم بۇ روماننى قەتئى ئوقۇپ باقمىغان ئىكەن . ۋە ‹مەن چەتئەل رومانلىرىغا قىزىقمايمەن ، ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىمەن › دىدى ، شۇندىن كېيىن مەن ئۇلاپلا ھېمېڭۋاينىڭ بوۋاي ۋە دېڭىزنى ئوقۇغان ئوقۇمىغانلىقىنى ، ئاننا كارىننانى ، دېڭىز بۆرىسى ، ئەلۋىدا قورال ، ئاتامانلارنى ئوقۇغان ئوقۇمىغانلىرىنى سورىدىم . ئەپسۇس بۇ بىچارە «ئۇلۇغ شائىر » بۇ رومانلارنىڭ بىرىنى ئوقۇماپتۇ . چۈنكى ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئۆز خەلقى ئۈچۈن شېئىر يېزىش ئىكەن .

مەن ئېنىق بىلىمەنكى ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شېئىر يېزىش بولسىمۇ ئاننا ئەخمەدوۋا ، ئېمىلى دېكىنسونلارنىڭ ھىچانچە شېئىرلىرىنى ئوقۇمىغان بولۇشى مۆمكىن . چۈنكى خەنزۇچە تۈزۈك ماتىرىيال كۆرەلمەيدىغان بىر قسىىم ئەبگا يازغۇچى شائىرلىرىمىزدىن قانداقمۇ ئېنگىلىزچە چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن گەپ ئاچقىلى بولىدۇ .  

  شۇنداق بىر ھال بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ . يەنى كىتاپ ئوقۇماسلىق ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بىلىم ئىگەللىمەسلىك ، پەلسەپە ئۈگەنمەسلىك . ھەتتا پەلسەپەنى ئەڭ ئاددى باشلانغۇچ سەۋىيەدە شۇنداق ياخشى چۈشەندۈرگەن ‹سوفىيەنىڭ دۇنياسى› ۋە ئەرەپ پەلسەپىسى › ‹ئەپلاتون پاراڭلىرى› ‹زورۇئاستىر شۇنداق دەيدۇ › قاتارلىق مۇشۇ تۆت كىتاپنى تولۇپ ئوقۇپ چىققان يازغۇچىدىن قانچىسى بار ؟

مەن ھازىرغىچە ‹زوروئاستىر شۇنداق دەيدۇ› نى 7 قېتىم ئوقۇدۇم . ئەپلاتون پاراڭلىرىنى 3 قېتىم ئوقۇدۇم . ۋە ئۆمرۈمدە ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىتاپلىرىمنىڭ تىزىملىكىدە .

پەلسەپە ئەڭ ئاددى يوسۇندا چۈشەندۈرۈلگەن مۇشۇنداق بىر نەچچە كىتاپنى ئوقۇمىغان يازغۇچىلىرىمىزدىن ، ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش روھى بولمىغان توختام سۇدەك توختاپ قالغان يازغۇچىلىرىمىزدىن ئورخان پامۇقنىڭ ‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل› رومانىدەك كاتتا رومانلارنى ، روماندىكىدەك ئىنچىكە تەسۋىرلەرنى تەسۋىرلەش ماھارىتى تەلەپ قىلىش خۇددى مەن باشتا دەپ ئۆتكەندەك ئاۋۇ بىر كىچىككىنە كاتەك ئىچىدە چوڭ بولغان بالىدىن جەمىئىيەتتىكى ھەر خىل مىجەزدىكى كىشلەرنى چۈشىنىپ شۇلار بىلەن چىقىشىپ ئۆت دەپ بىردىنلا تەلەپ قىلغاندەك ئىش .

  يەنىلا دىسەك كونا گەپ بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزدا تا ھازىرغىچە رۇس يازغۇچىلىرىغا تەقلىد قىلىش ، رۇس ئۇسلۇبىدا رومان يېزىش تېخى تۈگىگىنى يوق . ئەڭ ئاددىسى بىز كاتتا دەپ ئۇلۇغلىغان ئانا يۇرت مۇ تىنچ دون نى ئۈلگە قىلغان دەپ قارىلىدۇ .

تەلىيمىزگە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىن باشقا يېزىقنى تونۇمايدىغان بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىز تەلىيىگە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى چەتئەلنىڭ داڭلىق رومانلىرى ئارقا - ئارقىدىن تەرجىمە قىلىنىپ (خېلى سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىندى دىيىشكە بولىدۇ) ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلدى. ئەمدى باھانەڭ بارمۇ ؟ شۇ چەتئەل ئەدەبىياتىدا 100 يىللاردىن ئارتۇق مابەينىدە دەۋر سۈرىۋاتقان كاتتا رومانلارنى ئوقۇماسلىققا ؟

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 11:20:48

ماقالە ۋە ئېنكاسلار مەسىلىنىڭ ھەرتەرىپىنى تەھلىل قىلىپتۇ . ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ بىر رامكىغا كىرىپ قېلىشىدا بىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزنىڭ كۆپرۈك مەسئۇليىتى بار . چۈنكى باشقىچىرەك يېزىلغان ئەسەر ياكى رومانلار مەتبۇئاتلاردا ئانچە قارشى ئېلىمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن يازغۇچىلاردا مەتبۇئاتنىڭ ‹‹ئۆلچىمى ›› گە ئۇيغۇن كېلىدىغان ، ئاممىباب ئەسەر يېزىشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدۇ . ئون نەچچە مىڭ يۈەن پۇلى بارلا ئادەم بىر ئەخلەت يازمىنى كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلالايدۇ . ھەقىقى سەنئەت پۇرىقى بار ئەسەرلەر بولسا مەتبۇئاتلارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتەلمەي توپا بېسىپ تۇرىدۇ . ئىشەنمىسەڭلار پەرھات تۇرسۇننىڭ يەنە قانچە پارچە كىتاۋى نەشىر قىلىنماي تۇرىدۇ سوراپ بېقىڭلار !

yaman يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 14:55:22

‏ئەسلى بارئىدى،كىيىن يوق بولدى.يۇقالغاننى سەزگەندە نالە قىلىشتۇق.ئەمما،يۇقاتقىنىمز تېخىمۇ كۆپەيدى!مانابۇ بىزدىكى ئومومى ھالەت.

تىما ،ئاستىدىكى ئىككى ئىنكاسلار بىلەن قوشۇلۇپ،تەسىر كۈچى تېخىمۇ ئېشىپتۇ.‏

jallat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 15:28:20

بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا زادى كىملەر قەسىت قىلدى ؟----مەسىللىرىنى ئەتىراپلىق تەھلىل قىلدىم .يىقىندىن بىرى مەن ئوقۇپ چىققان ئەدەبىيات مەسىللىرىنى ئەتىراپلىق تەھلىل قىلىپ چىققان ياخشى ئەسەر

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 21:08:35

«يېڭى ھايات» نىڭ نۇقسانلىرى نەدىكەن؟! ئۆزەڭ تەرجىمە قىلساڭ بولمامتى ئەمىسە!!!

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 21:19:22

سىز غوجام يامان چوڭ كىتابلارنى ئوقاپتىكەنسىز، ئەمما ئۇقۇشماسلىقتىن پەقىر ساۋاتسىزمۇ شۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرىنى قولغا ئېلىپ ۋاراقلاپ باققان بولسام كېرەك، راستىنى ئېيتسام نېمە دېمەكچى ئىدىڭىز؟ «جېين ئېير» يۈز يىلدىن ئېشىپ پالان بولاپتۇ دەيسىز، يۈز يىلدىن ئاشمىغان گۇناھمۇ دەيلى، ئۆزىڭىز بېشىدا ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ يېشىنى جانابىڭىزنىڭ يېشىدىنمۇ تۆۋەن ھېسابلاپ بېرىپسىز. يەنە شۇنىڭدەك «بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئىدى» دېگۈچىلەرنى خوشنا مىللەتنى دورىغان مۇناپىققا چىقىرىۋېتىپسىز، مەن بىلمىدىم ، جانابىڭىز ھەر قانچە بولسا ھەم يۈز ياشقا كىرگەنسىز، سىزدىنمۇ كىچىك ئۇيغۇر رومانچىلىقى قانداقسىگە 166 يىللىق ئەسەردىنمۇ بەك ئۇزۇن دەۋر سۈرەلەيدۇ؟ ياكى جانابىڭىز ئەدەبىياتتا بەك «شۇناس» بولۇپ كېتىپ، ماتېماتىكىغا يېتەرلىك كۆڭلىڭىزنى بېرەلمىگەنمۇ؟





«جىنايەت ۋە جازا» يەنە بىرنېمە بىرنېمە دەپسىز، جانابىڭىزنىڭ پىكىر چەشمىلىرى بەكلا چاشما ئىكەن، زادى نېمىنى يورۇتۇپ بەرمەكچى؟


ئۇيغۇرلار نېمىشقا شۇنىڭدەك يازمايدۇ دېمەكچىمۇ؟ شۇنىڭدەك يازمىسا نېمە بولاپتۇ؟ ئۆزلىرىمۇ دەپلا «بۇ دېگەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ...» دەپ، بەلكىم بەك كونىراپ كەتكەنلىكتىن شۇنداق يازمىغاندۇ؟!


سوۋېت ئەدەبىياتىنى دورىغان بولسا نېمە بوپتۇ؟ سىلىگە باشقا تەلەپمۇ قويمايلى، «تۆتىنچى ئېگىزلىك»، «پارلاق يول»، «پولك ئوغلى» ياكى «ۋاسيوك تروباچيۇپ ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرى» دېگەنچىلىك كىچىك بالىنى ئالدايدىغان بىرنېمە يېزىپ باقماملا؟ بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا مۇشۇ شوئارلارغا ئالدىنىپتىكەنمىز. ئاۋۋال ھازىرقى بالىلار سىلى يازغانغا بىر ئالدانسۇن، ئاندىن كېيىن پۇتنى ئالماپ قوياپ سوتسىيالىستىك رېئالىزمنى پىپەن قىلماملا؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 00:04:44

ماقالىڭىزنىڭ خۇلاسە قىسمى ئوبدان يىزىلىپتۇ. بولۇپمۇ ئوخشىمىغان پىكىر، ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەرنىڭ يەكلىنشى ۋە مۇناسپ ھۆرمەتكە ئېرىشمەسلىكى، كىشىلەرنىڭ پىكىر شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تەپەككۇر قىلىپ بىقىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىنىدۇرىدىغان مەسىلە، بۇ ئەلۋەتتە ئەدەبىياتقىلا خاس ئەمەس ھەممە يەردە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىز مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.

لىكىن تۆۋەندىكى بايانىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. سىزنىڭ قايسى چەت دۆلەتلىرىدىكى قانچىلىك سان ۋە سەۋىيەدىكى كىتابخانلار بىلەن پىكىرلەشكىنىڭىزنى بىلمىدىم. ئەمما بۇ گەپكە مەن ئىشەنمەيمەن.



مەن چەتئەللىكلەرنىڭ، ھەتتا كۆپ جەھەتتىن خاراكتېرى بىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۈركلەرنىڭمۇ ئاددىي كىتاپخانلىرىنىڭ يازغۇچىلارغا باھا بېرىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەدەبىياتچىلارنىڭ باھالىرىغا قارشى تالاشمايدىغانلىقىنى بايقىدىم.

===========================================

سىز بۇنى قانداق بايقىدىڭىز؟ سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بولسا تەمىنلىسىڭىز. بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا مېنى ئىشەندۈرمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم ئېنىق سىتاتىستىكىلانغان سانلىق مەلۇمات كۆرسىتىڭ. كىشى ئەسەرنى ئوقۇغان ئىكەن، كىتابقا، ئاپتۇرغا مەلۇم قاراشتا بولىدۇ ۋە باھا بىرىدۇ. مەن چەتئەلدە ياشاپ تۇرۇپ يازغۇچىنى ۋە ئوقۇغان ئەسەرنى باھالىمىغان كىشىنى كۆرمىدىم ھەم بۇ ئەقىلغا سېغمايدۇ. چەتئەلدە مەخسۇس ئوبزروچىلار قوشۇنى بار، يەنىلا شۇلارنىڭ باھالىرى ھېساب ۋە شۇ باھالار نەزەرگە بەكرەك ئېلىنىدۇ. لىكىن بۇ شەخىسلەرنىڭ ئۆز باھاسىنى ساقلاپ قىلىش ياكى بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلىمەيدۇ.



يەنە بىرى پاكىتقا ئىشەنمەسلىك يالغۇز ئۇيغۇر تور ئوقۇرمەنلىرىنىڭلا مەسلىسى ئەمەس. ساپاسى ھەر خىل ئادەملەر ھەممە جەمئيەتتە تىپىلىدۇ. چەتئەل بىلەن ئۇيغۇرلارنى سېلىشتۇرما قىلغان ھەر بىر بايانىڭىزدا پاكىت ۋە سەمىمىيەت ناھايتى كەمچىل بولۇپ قاپتۇ. يۇقىرىدىكى بايانىڭىز بويىچە بولغاندا مەن «ئەدەبىياتشۇناس» ئەمەس تۇرۇپ سىزنىڭ يازغىنىڭىزغا مۇنداق پىكىر بايان قىلىشىم سىزگە «قانۇنغا خىلاپ» تەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن بۇ ماقالىڭىزغا قىزىقىپ ئوقۇغانكەنمەن ئويلىغىنىمنى يىزىپ قويۇشۇم ئادەتتىكى بىر ئىش. خالىمىسىڭىز ئىنكاسىمنى نەزەرگە ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 00:16:05

بەكلا ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن، كۇپ رەخمەت.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 08:55:08

مۇشۇنداق گەپلەرنىڭ ئورنىغا دىككىدە بىرنى يېزىپ روماندىن ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە رومان دېگەن مۇنداق نەرسىكەن دەپ بىلىپ قالساق دەيمەن

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 09:17:15

ئاپتورغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ماقالىگە ئەلا كەتتى! \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 09:22:08

دۇنيادا ئەڭ ئاسان ئىشنىڭ بىرى باشقىلارنىڭ تەنقىت قىلىش. بۇ ھۈنەر ماڭىمۇ بەك خوشياقىدۇ. \"\"

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 09:25:05

تېما ئىگىسى، توپلۇمسال ئىسلاھاتچى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.......

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 10:16:40

تۆتىنچى قەۋەتتىكى تورداش: ھازىر «زورۇ ئاستىر شۇنداق دەيدۇ» دېگەن كىتابنى تاپقىلى بولارمۇ؟

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 14:10:34

16- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۆتىنچى قەۋەتتىكى تورداش: ھازىر «زورۇ ئاستىر شۇنداق دەيدۇ» دېگەن كىتابنى تاپقىلى بولارمۇ؟




ئەفىيفى ،  مەن تۇرىۋاتقان جايدا بىر نەچچە شەخسى كىتاپخانە بار . مەن سۈرۈشتۈرۈپ باقاي .


بولسا بىرنى ئېلىپ سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي .


ئامازون تورىدىن ئېنگىلىزچە نۇسخسىىنى سېتىۋالغان ئىدىم . ئەگەر ئېنگىلىزچە كۆرەلىسىڭىز بۇ يەردىن ئېلىڭ .




http://www.amazon.cn/%E8%8B%B1%E6%96%87%E4%BC%A0%E4%B8%96%E5%B0%8F%E7%BB%8F%E5%85%B8%E2%80%A2%E6%9F%A5%E6%8B%89%E5%9B%BE%E6%96%AF%E7%89%B9%E6%8B%89%E5%A6%82%E6%98%AF%E8%AF%B4-%E5%BC%97%E9%87%8C%E5%BE%B7%E9%87%8C%E5%B8%8C%C2%B7%E5%A8%81%E5%BB%89%C2%B7%E5%B0%BC%E9%87%87/dp/B00190VDMY/ref=sr_1_fkmr1_2?ie=UTF8&qid=1381306028&sr=8-2-fkmr1&keywords=%E6%9F%A5%E6%8B%89%E5%9B%BE%E6%96%AF%E7%89%B9%E6%8B%89%E5%A6%82%E6%98%AF%E8%AF%B4%E7%9A%84%E8%8B%B1%E6%96%87%E7%89%88

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 08:30:24

ئورخان پامۇكتىن رومانچىلىقىمىزغا نەزەر سېلىش،بۇ ھەقتە ئىككى ئېغىز لىللا پىكىر قىلىشنى مەقسەتلەش، ئەمەلىيەتتە،ئۇيغۇر رومانچىلىق تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۈلۈش،ئېنىرگىيە توپلاش مەقسەت قىلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.تىما ئىگىسى ئورخان پامۇكنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن،ئۇيغۇر رومانچىلىقى،بۇلۇپمۇ رومانلىرىمىزدىكى سۈپەت مەسىلىسى ھەققىدە تولىمۇ ئېچىنىش تۇيغۇسىدا بولغان.

ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ سۈپەت مەسىلىسىدە ھەقىقەتەن نامراتلىق،بىچارىلىق مەۋجۇت،رىئالىزىمچە ئەنئەنىنىڭ تەسىرى ئېغىر.بۇنداق سەۋەپلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا،ئەرتۈرك دىگەندەك،زامان ۋە ماكان مەسىلىسى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. تارىخنىڭ زۈرۈرىيەتسىز ئاچچىق قىسمەتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن،ئالدىنقى بىر ئەۋلات يازغۇچى-شائىرلىرىمىز،خېلى بىر زامانلارغىچە جاھان ئەدەبىياتىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى كۈرۈش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن.ئۇلاردا پەقەت،شۇ زاماننىڭ نەشىرىيات پىلانىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيىسىنىلا كۈرۈش،شۇ نەرسىلەرنى ئەدەبىيات دەپ پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىلا بار ئىدى.شۇ ۋاقىتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىلىرىمۇ رۇسلارنىڭكىدىن تەرجىمە قىلىنغان،سوتسىيالىزىمچە رىئالىزىم ئىدى. رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ پىشۋاسى فىرانسىيىلىك يازغۇچى بالزاك بۇلۇپ،بالزاكچە ئەدەبىيات يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پۈتكۈل ئىدىيىسىدە،ئىجادىيەت خاھىشىدا،يېزىقچىلىق ماھارىتىدە ئابىدە بۇلۇپ تىكلەنگەن.بالزاك،‹ئەدەبى ئەسەر،ئوبىيكتىپ رىئاللىقنىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىىكى سۇبىيكتىپ ئىنكاسنىڭ مەھسۇلى...ئۇ رىئاللىقنى ئەينەن ئىپادىلەيدۇ،تىپىك ۋەقەلەر ئىچىدە تىپىك قەھرىمانلار بۇلىدۇ،ئەسەر قەھىرمانلىرى ئىجابى ۋە سەلبى بۇلۇپ،ئىككىگە بۆلۈنىدۇ،ۋەقەلىكتە جەريان،بايان،راۋاج،يېشىم ۋە يەنە ئەقلى خۇلاسە بۇلۇپ،بۇ تەرتىپلىك جەريانلار ئەدەبى ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ،يازغۇچى پەقەت ئۆزىنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئىدىيىسىنى ئەسەرگە سىڭدۇرىدۇ،مۇشۇنداق يېزىش ئارقىلىق،يازغۇچى يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە يېتىدۇ،مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى،ئەدەبىياتنىڭ بۇ نەزەرىيىلىرى مۇتلەق ئۆزگەرمەيدۇ....› دىگەندەك ئەدەبىيات نەزىرىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.بالزاكنىڭ بۇ زەئىپ تەلىماتى ئاللا قاچان،جاھان ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى پىكىر ئېقىملىرىدا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىنىپ،ئۇنىڭ بىر دەۋىر تارىخى قىممىتى ھاياتى كۈچىنى يوقاتقان بولسىمۇ،بىزدە يەنىلا شۇ قاتمال،ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كونا رامكا ئىچىدە ھېكايە،رومان ۋە شېئىرلار يېزىلىۋەردى. يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىدە ئاجايىپ ئۇلۇغۋار ئىدىيە يېتەكچىسى،شەرەپلىك مەقسەت نىشانلار ۋە خاھىشچانلىق تۇرغۇزىۋېلىپ ئەسەر يازغاچقا، ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا بىر دۆۋە تۇرمۇش خاتىرلىرى،بىر توپ ئىجتىمائىلاشقان قەھرىمانلار مەيدانغا كەلدى.بۇ بىر توپ ساختا قەھىرمانلار مەقسەتلىك يارالغاچقا،ئۇلارنىڭ تەقدىرى يازغۇچىلار تەرىپىدىن بەلگىلەندى،ئۇلارنىڭ ئادىمىيىتى نەزەرگە ئېلىنمىدى،ئۇلار يازغۇچىنىڭ شۇئارىنى،ئىدىيىسىنى يۈدۈپ يۈرەتتى،ئەڭ ئېچىنارلىق يېرى شۇ بولدىكى،يازغۇچىلار پەقەت ئىشلەپ چىقارغۇچى زاۋۇت ئورنىغا چۈشۈپ قالدى.

  تىما ئىگىسى بىر نۇقتىدا ئادەم ۋە ئادەمدىكى مۇرەككەپ روھى جەريان توغىرىسىدا قىسقىچىلا توختۇلۇپ ئۈتۈپ كەتكەن.مىنىڭچە تىمىنىڭ يارقىن نۇقتىسىمۇ دەل شۇ يەردە.چۈنكى كونا ئەنئەنىدىكى يۈزەكىلىك،ئاددىلىق ئۈستىدە زارلىنىۋاتقان ئىكەنمىز،ئۇنداقتا رومانلىرىمىز چوقۇم ئەشۇ ئاددىلىقتىن،كونا ئەنئەنىدىن يىراق تۇرىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا،ئەدەبىيات ئادەمنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئىجتىمائىلاشقان قەھىرمانلارنى ئەمەس،يەنى مەغلۇبىيەت ئىچىدىمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدىغان روھى قەھىرمانلارنى يېزىشى كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنى،ئۇنىڭدىكى مۇرەككەپ روھى جەرياننى چۈشەنمەي بولمايدۇ.چۈنكى،ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى-ئادەمدىكى يۇشۇرۇن ئاڭ ۋە ئۇنىڭدىكى تەبىئى ئىقتىدارلاردىن كېلىدۇ.

   فىروئىد ‹‹ ئۈچ قاتلاملىق ئادىمىيەت قۇرۇلمىسى›› نەزەرىيىسىدە،ئادەمنىڭ ئادىمىيىتىنى ئەسلى ئۆز،ئۆز ۋە ھالقىما ئۆزدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامغا بۆلگەن. ئەسلى ئۆز-ئادەمدىكى تەبىئى ئىقتىدارلارنى كۆرسىتىدۇ.ئەسلى ئۆز نىمىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى،نىمىنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەمدە نىمىنىڭ ئەخلاق ئىكەنلەىكىنى قەتئى چۈشەنمەيدۇ.ئۇنىڭدىكى تەبىئى ئىقتىدارنىڭ قېنىشى ھامان چىقىش يولى ئىزدەيدۇ.ئەسلى ئۆز ئەقىل،ئەخلاق،قانۇن ۋە ھەرخىل ئىجتىمائى ئادەتلەرنىڭ كونتىروللىقىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.ئەگەر ئۇنى ئۆز مەيلىگە قۇيىۋەتسە،جەمىيەت ۋە شەخىسكە زىيان يەتكۈزىدىغان ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.  ئۆز— رىئاللاشقان تەبىئى ئىقتىدار بۇلۇپ،ئۇ ئەسلى ئۆزگىمۇ،ھالقىما ئۆزگىمۇ ئوخشىمايدۇ.ئۇ تاشقى دۇنيا بىلەن ئەسلى ئۆز ئوتتۇرىسىدا تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.ئەسلى ئۆز ئۆزىدىكى تەبىئى ئىقتىدارنى قارىغۇلارچە قاندۇرۇشقا جېنىنىڭ بارىچە تىرىشىدۇ،تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۈستۈنلىكىگە ھەرگىز پەرۋا قىلمايدۇ،ئەگەر ئۆزنىڭ قوغدىشى بولمىسا،ئۇ ھالاك بۇلۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.ئۆز پۈتۈنلەي تاشقى دۇنيانىڭ ئەھۋالى بۇيىچە ئىش قىلىدۇ.  ھالقىما ئۆز—يۈكسەك ئەخلاقلاشقان ئادىمىيەت بۇلۇپ،ئۇ ئەخلاق پىرىنسىپى بۇيىچە ئىش قىلىدۇ.ئۇنىڭدا يەنە ۋىجدان بىلەن ئۆزلۈك غايىسىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ بۇلىدۇ.ئەخلاق،ۋىجدان ۋە غايە ئادىمىيەتتىكى ھالقىما ئۆزنى شەكىللەندۈرىدۇ.ھالقىما ئۆز ئادەمدىكى ئەڭ يۇقۇرى قىممەت بۇلۇپ،ئۇ قاتتىق پىرىنسىپلار ئارقىلىق ئۆزىگە بېسىم ئىشلىتىپ،ئەسلى ئۆزنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ روھى دۇنياسىدا خىلمۇ-خىل ئارزۇ-ئارمانلار يۇشۇرۇن ئاڭ ئىچىدە،ئېنىرگىيە ھالىتىدە ساقلانغان بۇلىدۇ،ئۇلار توختىماي ھەرىكەت قىلىپ،ئۈستىگە چىقىپ،قېنىشقا ئېرىشىشكە ئىنتىلىدۇ،ئەمما بۇلار ئىجتىمائى مىزان،ئەخلاق،قانۇن،ۋىجدان،ئادەت قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.....

  يۇقۇرىدىكىسى فىروئىدنىڭ نەزەرىيىلىرى،ئادەمنىڭ قانداق مۇرەككەپ قۇرۇلمىلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشتا ئاجايىپ سېھرى كۈچكە ئىگە نەزەرىيە.رومانلىرىمىزدا ھەقىقى روھى قەھىرمانلار ئىپادىلەنگەندە،بىزنىڭ زور ئېنىرگىيە سەرپ قىلىپ يازغان رومانلىرىمىزنىڭ بەدىئى قىممىتىمۇ،تارىخى قىممىتىمۇ يارالغان بۇلىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ يەردە ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى توغىرىسىدا سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق.ئەمەلىيەتتە بىز روماننىڭ قانداق يېزىلىدىغىنىنى،قانداق يازسا رومان بۇلىدىغىنىنى،روماننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. بىزدە بار رومانلار،بۈگۈن ئەنە شۇنداق يېزىلىدىغان رومانلار بۇلىشى مۈمكىن. ھەجىم جەھەتتە ئادەم ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ھەرخىل شەكىلدە يېزىلىۋاتقان رومانلارمۇ چىقىۋاتىدۇ.مەيلى توم-توملاپ رومان يېزىلسۇن،مەيلى پوۋېستنى رومان دەۋالسۇن،يازغانلىرىمىز يۈكسەك بەدىئى قىممەتكە،بەدىئى شەكىلگە ئىگە بۇلۇپلا قالماي،ھەقىقى ئادەم يېزىلىشى،ئۇنىڭدىكى مۇرەككەپ روھى دۇنيا قېزىپ چىقىرىلىشى كېرەك.

   مەن يەنە تۈزۈك ئەسەر يېزىپ باقمايلا، رومان يېزىپ ۋە ئۇنى ئېلان قىلدۇرۇپ،بىر كېچىدىلا يازغۇچى بۇلۇپ كېتىدىغانلارنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن،ئۇلارنىڭ رومانلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن.ئالدىنقىلاردىن رەنجىشتىن كۆرە،ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىش ئاقىلانە كۆزقاراش بولسا،كېيىنكىلەرنىڭ يەنىلا كونا مۇقامدا رومان يېزىشلىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرىدۇ....

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 09:57:23

مەن چەتئەللىكلەرنىڭ، ھەتتا كۆپ جەھەتتىن خاراكتېرى بىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۈركلەرنىڭمۇ ئاددىي كىتاپخانلىرىنىڭ يازغۇچىلارغا باھا بېرىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەدەبىياتچىلارنىڭ باھالىرىغا قارشى تالاشمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. بىزدە بولسا ئەھۋال تامامەن باشقىچە ئىكەن. بىر دىھقان ئوقۇرمەن ياكى ئىشچى ئوقۇرمەنمۇ بىر ئەدەبىياتشۇناسقا بىمال قارشى چىقىپ، ئۆز گېپىنى يورغۇلۇتالايدىكەن. بۇ ئوقۇرمەن تېخى ھەقىقەتەنمۇ شۇ باھا بېرىلىۋاتقان ئاپتورنىڭ بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇپ بېقىپ ئاشۇنداق تالىشىۋاتقان بولسا، ھۆششەرە؛ كۆپ چاغلاردا «قۇلاق موللىسى» تىپىدە ئاڭلاپ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ماختاشلىرىنىلا ئاڭلاپ، ياخشى كۆرۈش تۇتۇمىنى بەلگىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق چاپان چۆرۈپ، يەڭ شىمايلاپ مەيدانغا چۈشۈدىغىنى قىزىق.

-------------



قانداق بولۇپ چەتئەللىكلەرنى« يازغۇچىلارغا باھا بېرىپ ئولتۇرمايدىغان، ئەدىبىياتچىلارنىڭ باھالىرىغا قارشى تالاشمايدىغان» دەپ ئويلاپ قالغانلىقىڭىزنى بىلگۈم بار. چەتئەللىكلاردە مەخسۇس كىتاپ ئوقۇش كلۇبلىرىنى قۇرۇش بەك مودا ئىشلارنىڭ بىرسى. دائىم ئۆيلىرىدە، قەھۋەخانىلاردا، كىتاپخانىلاردا ياكى مۇشۇنداق مۈنبەرلەردە مەلۈم كىتاپنى تۇتۇپ، باشتا تەپسىلى ئوقۇپ ئاندىن قاتتىق مۇنازىرە قىلىشىدۇ. يازغۇچىلار دائىم يېڭى كىتاپلىرى نەشىردىن چىقىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن مۇشۇنداق جايلارغا بېرىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىر مۇنچە ئورتاقلىشىدۇ، سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىدۇ، ھەتتا مەلۇم پاراگراف ياكى باپنى ئاپتور ئۆزى ئوقۇپ بېرىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن بولغان دىيالوگنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىدۇ. مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە سىز قاقشاۋاتقان«دېھقان ئوقۇرمەن ياكى ئىشچى ئوقۇرمەن»نىڭ سىز ئۆزىڭىز قاتتىق چېگرا ئايرىۋالغان سىزدەكلەردىن پەرقى زور بولغاچقا(سىزنىڭ قارىشىڭىزچە) ، بۇلارنىڭ سىزدەكلەرگە بىۋاستە «قارشى چىقىپ گەپ يورغۇلىتىشى»سىز ئۈچۈن قوبۇل قىلىش تەس بولغان بىر ئىش بولسا كېرەك. لېكىن چەتئەلدە بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئېنىق چېگرىسى يوق. «ئىشچى ئوقۇرمەن»لەرنىڭ كۆپىنچىسى بەلكى ياخشى تەربىيە ئالغان لېكىن شوپۇرلۇق، ئىشىك باقارلىق قىلىدىغان ئادەملەر بولۇشى مۈمكىن. ئائىلە ئاياللىرى بەلكى ياخشى تەربىيە ئالغان لېكىن ئائىلىدە نەچچە يىل بالا بېقىپ ئۆي ئايالى بولۇپ قالغان خانىملار بولۇشى مۈمكىن. چۈشەنمىدىم سىزدەكلەرنىڭ ئەسەر يېزىشتىكى مەقسىتىڭىز زادى نىمە؟ كىتاپلىرىڭىزنى بازارلىق قىلىش ئەمەسما؟ كىتاپخاننىڭ خالىغانچە تەسەۋۇر قىلىشىغا تاشلاپ بېرىش ئەمەسما؟
بەت: [1] 2 3 4
: ئورخان پامۇكتىن ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا