irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 14:36:39

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (ULY) ھەققىدە

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى-ULY) كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق بولۇپ، 2001-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىبراھىم مۇتىھى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسلان ئابدۇللا، ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم .. قاتارلىق ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور ۋە پروفېسسورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان لايىھىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن لايىھە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە تىل-يېزىق كومىتېتىگە يوللانغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ يىلى باھاردا «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىسى ۋە UKY توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا UKY نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇندىن كېيىن شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە قايتا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەن.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلاردا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) نى ئىشلىتىش يېزىق ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلىش بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ...» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەم تەكىتلەنگەن. UKY نىڭ بىرلىككە كېلىشى مۇشۇ بەتتە ساقىت قىلىنغان نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە تورداشلارنىڭ ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق نەتىجە بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر شەخس ياكى تور بېكىتىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس. UKY ئېلىپبەسى نۆۋەتتە نۇرغۇن تور بېكەتلىرى، كۈندىلىك ئالاقە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھەم باشقا ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. UKY ئېلىپبەسى جەدۋىلى تۆۋەندىكىچە:

(تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن موشۇ رەسىمنى ئىشلىتىڭ)(تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن موشۇ رەسىمنى ئىشلىتىڭ)

ئەسكەرتىش: 1. ئەگەر «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا «Oo, Uu, Ee» لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى http://www.ukij.org/teshwiq/uey%20eou.HTM دا تەپسىلىي كۆرسىتىلدى.

2. بولسا «ژ» (ژۇرنال) ھەرپىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تولۇقلىما سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ژۇرنال .

دىققەت: 2005-يىلىنىڭ باشلىرىدا تورداشلارنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) دېگەن ئاتالغۇنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) دەپ ئېلىش مۇۋاپىق كۆرۈلگەن . بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت UKY نىڭ كومپيۇتېر تىلى/يېزىقى بولغان 0 ۋە 1 لەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ كىشىلەردە ئاتالغۇ ياكى ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. UKY ۋە ULY لار بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئارىسىدا قىسقارتىلما ئاتالغۇ شەكلىدە ئىشلىتىلگەندە ماس ھالدا«ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دەپ ئوقىلىدۇ (يەنى قىسقارتىلغان سۆز «ش ئۇ ئا ر» نى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئوقىغاندەك).

ULYئىملا قائىدىسى

بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا خەت يازغاندا تۆۋەندىكى قائىدىلەرگە بويسۇنۇش كېرەك:

1. جۈملىنىڭ بىرىنچى سۆزىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

2. ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى، دۆلەت ناملىرى، مىللەتلەرنىڭ ناملىرى ۋە يەر-جاي ئىسىملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: Mehmud Qesqeri, Uyghur, Amérika, Ürümchi

3. خاس ئىسىملارنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. چەتتىن كىرگەن خاس ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىغا بويسۇندۇرۇپ يېزىلىدۇ، ئەسلى شۇ تىلدا يېزىلىشىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.

مەسىلەن: Qesqer, Yüsüp Xas Hajip, Nyuyork (New York), Béyjing (Beijing), Arman

4. قىسقارتىلغان ئىسىملار چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: AQSh, BDT, UKY

5. خەلقئارا بىرلىكلەر، قىسقارتىلما سۆزلەر ۋە تاۋار ناملىرى ئۆز پېتى يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: MTV, VCD, DVD, m, cm, volt, Microsoft

6. قىسقارتىلغان سۆزلۈكلەرنىڭ ئىچىدە قوشما ھەرپ بولسا شۇ ھەرپنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ يېزىلىپ ئىككىنچى ھەرپى كىچىك يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: A.Q.Sh (ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى)، B.D.T. (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ، ShUAR شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

7. مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ ناملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni

8. يۇقىرىكىلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا ھەرپلەر بىردەك كىچىك يېزىلىدۇ.

9. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف (") بىلەن ئايرىپ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: sen"et, chet"el, qet"iy, jem"iyet

10. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف بىلەن ئايرىپ يېزىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر گراماتىكىسى بويىچە يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ھەر بىر بوغۇمدا بىر سوزۇق تاۋۇش بولىدۇ، ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كېلىشىنىڭ ئۆزىلا بوغۇم ئايرىشنىڭ بېشارىتىدۇر.

مەسىلەن: maarip, muellim, daire, mueyyen, tebiiy, paaliyet

11. پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن s"h, n"gh, n"g, ng"h لار ئارىسىغىمۇ ئاپوستروف قوشۇپ قويىلىدۇ.

مەسىلەن: Is"haq, Özbékistan"gha, Hin"gan, Cheklen"gen, Ganggirap, Bashlan"ghuch.

«ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى www.ukij.org» دىن ئېلىندى .

sindibad يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 16:05:08

Men Uyghur latin yeziqini yaxshi korumen. Qerindash turkiy milletler bilen bolghan ,mediniyet-soda alaqisida , kem bolsa bolmaydighan yeziktur . bu yeziqni ogunush hergiz yeziq ozgertish yaki kona yeziqtin waz keqish emes.

sindibad يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 16:09:55

مەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ياخشى كۆرۈمەن . قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان ،مەدىنىيەت-سودا ئالاقىسىدا ،كەم بولسا بولمايدىغان يېزىقتۇر. بۇ يېزىقنى ئۆگۈنۈش ھەرگىز يېزىق ئۆزگەرتىش ياكى كونا يېزىقتىن ۋاز كېچىش ئەمەس.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 18:33:12

بۇ يېزىقنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. تور بەتلەردە بېمالال ئۇيغۇرچە كۆرگىلى، يازغىلى بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا يەنە بۇنى تەكىتلەپ يۈرۈش توغرا ئەمەس. بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. QQ ۋېيشىن دىگەندەك ئالاقە قوراللىرىدىمۇ ئۇيغۇرچە يوللىغىلى بولىدۇ. تېلفوندىمۇ ھەم شۇنداق. لاتىن يېزىقىنى تەشۋىق قىلىپ، بىرلىككە كەلتۈرىمەن دەپ يۈرگەندىن، ئۇيغۇرچە يېزىقنى تېخىمۇ بىمالال قوللايدىغان، ئىشلىتىدىغان ئۇسۇللارنى تەشۋېق قىلغان ياخشى.

WP8 ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئورنىتىش دىگەندەك ئىشلارنى تەشۋېق قىلىش، بۇ خىل يېزىقنى تەشۋېق قىلغاندىن كۆپ ياخشى.

لاتىن يېزىقى 2000- يىللىرى ھەقىقەتەنمۇ ئاز بولمىغان پايدىلىق روللارنى ئوينىغان، بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. لىكىن بۇ يېزىقنى ھازىرغىچە سۆرەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 21:11:01

ھازىر تور ناملىرىنىمۇ مۇشۇ يىزىق بويىچە يازسا بولىدىكەن ئەسلى

atarut يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 21:32:07

خ ھەرىپىنىڭ ئىپادىلىنىشى مۇۋاپىق بولمىدىمۇ قانداق؟

otyurek يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 01:58:21

ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» ۋە «ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى» دېگەن يېزىقلارنى قىلچىمۇ يۈز خاتىرە قىلماستىن يېزىق مەيدانىدىن قاتتىق سۈر تۇقاي قىلىش ۋە قەتئىي قوغلاپ چىقىرىش كېرەك!چۈنكى، بۇ يېزىقلار بىزنىڭ ئۆز يېزىغىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈش، كۆزگە ئىلماسلىق كەيپىياتى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، ماھىيەت جەھەتتىن مەركەزدىن قاچۇرۇش، ھەتتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولغۇسىز تارىخىي ئۈزۈكچىلىك ، تارىخىي يوقۇلۇش بىلەن مۇجەسسەملەنگەن جىنايەتچى يېزىقلاردۇر.

ئۇنۇتالمايمىزكى، 1957-يىلىلا لەنەت تەككۈر يېزىق ئالماشتۇرۇش قارا بورىنى چىقىپ ، پەيدىن – پەي كۈچۈيۈپ، 1962 –يىلىغا كەلگەندە بىراقلا «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى»نى قوللۇنۇش بۇيرىغى كەلدى ۋە گۈھەردەك يېزىغىمىز «تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ» ، «جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ» دېگەن تۆھمەت – ھاقارەتلەرگە دۇچار بولدى ۋە قوللىنىشتىن قالدۇرۇلدى . ئورنىغا خەنزۇ تىلى لاتىن ئېلىپبەسى سېستىمىسىغا ئۇيغۇن ئېلىپبەلىك يېزىق سېستىمىسىنى قوللۇنۇش ، سۆز–ئاتالغۇلارنى خەنزۇچىدىن قوبۇل قىلىش ئىشى ئەۋجىگەكەلدى!!!شۇنىڭ بىلەن زور كۆپ سانلىق زىيالىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئۇيغۇرخەلقى ساۋاتسىز قالدى ۋە قاتتىق نارازىلىق پەيدا بولدى. ئەمما ئەۋجىگە كەلگەن بۇ قارا بۇران 1966-يىلى پەيدا بولغان لەنەت تەككۈر «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى » مەزگىلىدە تېخىمۇ كۈچىيىپ، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر زىيالىلىرىمىز «ئوڭچى»، «يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇر»ئاتىلىپ دەھشەتلىك كۈرەش قىلىندى ھەتتا تۈرمىلەرگەتاشلىنىپ پاجىئەلىك قىيىن –قىستاقلار بىلەن ئۆلتۈرۈلدى!                                                                                                شۇنداق بولسىمۇ خەلقنىڭ نارازىلىغى يانىلا بېسىقمىدى. نەتىجىدە 1982- يىلىغا كەلگەندە ھۆكۈمەت قارار چىقىرىپ ، «كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى يېڭى يېزىقنى ئىشلىتىپ باقمىدى ھەم ھازىر تېخى شارايىت پىشىپ يىتىلمىدى.» (ۋېي سۈييى : «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ 1950- يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى» (مەركىزى ئاسيا ژورنىلى ، 1993- يىل 3-، 4-سان، ئىنگىلىزچە نەشرىگە قاراڭ)دەپ، ئەنە شۇ ئاتالمىش «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى»نى ئەمەلدىن قالدۇردى.

مانا شۇ ھالدا 20 يىللاپ قوللۇنۇشتىن توختاپ قالغان يېزىغىمىز ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ھەر ساھە –ھەر كەسپتىكى كاتتا تايانچىلىق رولىنى بىر ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ خەلقئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىمۇ ئاجايىپ سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى، ئۇيغۇر سوفت كومپيوتېر شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئەپەندىمنىڭ بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن «ئەل كاتىپ»، «ئەل كوررېركتورى» قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ رولىغا قاراپ بېقىڭ، .«يۇقىرى ئىقتىدار، ئاقىلانە ئىستىمال!» نىڭ شانلىق ناماياندىسى بولغان «مۇئەللىم «تىلچى» سىزىمچان رەڭلىك ئېكرانلىق ئېلېكترون لۇغەت(M900) كە قاراپ بېقىڭ، ۋىندوۋز8 گە قاراپ بېقىڭ.يەنە قاراıڭ ________

مۇئەللىم «تىلچى» سىزىمچان رەڭلىك ئېكرانلىق ئېلېكترون لۇغەت(M900)

يۇقىرى ئىقتىدار، ئاقىلانە ئىستىمال!

      ئەمدى ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ كېڭىيىش، ئومۇملىشىشى بۇيىچە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا بىر نەزەر سېلىپ بېقىڭ: ......

ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ تىزىملىگى

       بۇ ئۈچۈن تۈۋەندىكى تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ:

http://www.ulinix.com http://www.7k77.cn          www.uywww.cn   

       بۇ تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئومۇمىي تور بەت سانى 5000 دىن ئارتۇق بولۇش بىلەن ئۇيغۇر توربەتچىلىگىنىڭ نەقەدەر تەرەققىي قىلغانلىغىنى، زادى مۇشۇ دۇنيادا ئۇيغۇر تورلىرىدا بىلىشكە كەم قالغان ساھەلەرنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى چۇڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ!!!

مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، يەنە نىمە دەپ«ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى» ، «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» دېگەنلەرگە ئېسىلىۋالىمىز؟

زادى بىزنىڭ مۇشۇ يېزىغىمىز نېمىشكە ھە دېگەندە «ئۇر ، قوغلا» زەربىسىگە دۇچ كېلىدۇ؟ زادى بىزنىڭ زىيالى ئاتالغان ئەرباپلىرىمىز نېمىشكە دەرھال مۇنداق تەتۈر شامال ، قارا قۇيۇنلارنى پەرق قىلالمايدۇ ۋە زادى يېزىق ئۆزگەرتىش سەۋەپلىك پەيدا بولىدىغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر تۇنۇپ يىتەلمەي ھە دېگەندە ئەگىشىپ كېتىدۇ؟

زادى بىزنىڭ ئۆز يېزىغىمىزنىڭ گۈناھى نىمە؟

مۆھتەرەم خانىملار، ئەپەندىلەر !

كاللاڭلار سەگەك بولسۇن ۋە :

(1)تور بەت ناملىرىنىلا لاتىن ھەرىپلىرى بىلەن يېزىشتىن باشقا ئورۇندا مۇتلەق ۋە مۇتلەق ئۆز يېزىغىمىزنى قوللۇنۇش؛

(2)تور بەت ۋە باشقا ئىلمىي ساھەلەردە ئۆز يېزىغىمىزدا يېزىلمىغان ئەسەر - ئىنكاسلارنى قەتئىي قوبۇل قىلماسلىق؛

مانا شۇ ئاساستا ئۆز يېزىغىمىزنىڭ كۈتۈلمىگەن زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ كىتىشىدىن ساخلىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىلىشىنى جىددىي تەشەببۇس قىلىمەن!

قاراپ بېقىڭ!ـــــــــــــــ

ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندىم «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق كىتاۋىنىڭ « خانلىق كۇتۇپخانىدا ئانا يۇرتنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن مۇڭدىشىش» ناملىق ماۋزۇسى (20-باپ ،318-بەت)بىلەن يازغانلىرىدا، شۋېتسىيە خانلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق تۇنۇشتۇرما بىرىپ ، بۇ كۇتۇپخانىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىشنىڭ بەكمۇ مۇشكۈللىگىنى ، چۈنكى سىرتقا بىرىلگەندە يوقۇلۇپ كېتىدىغانلىقتەك خەۋپنىڭ مەۋجۇتلىغىنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرستتىكى كىتاپ-ماتېريالغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىغىنى، مەسئۇلىيەتسىزلىكلا ئەمەس بۇزغۇنچىلىقنىڭمۇ مەۋجۇتلىغىنى قاتتىق ئېچىنىش بىلەن تىلغا ئېلىپ، «...ھەتتا ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە ئۇنىۋېرستنىڭ كۇتۇپخانىسىنى قايتا رەتلەيمىز، دەپ 60-70-يىللاردا ئۇيغۇر ۋە قازاق يېڭى يېزىقلىرىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنى قەغەز قاتارىدا ساتقانلىغىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم. ..... » دەپ يازىدۇ.

مانا،بۇنىڭغا نىمە دەيمىز؟

شۇ يېڭى يېزىقنى قوللۇنۇش بۇيرىغى بىلەن سانسىزلىغان ئۇيغۇر ، قازاق خەلقىنىڭ ساۋاتسىز بولۇپ قالغانلىغى ئاز بولۇپ قالغاندەك، شۇ زاماننىڭ زىيالىلىرى يازغان كىتاپلار مانا شۇنداق «رەتلەش، شاللاش» نىڭ ئوبيېكتى قىلىنىپ يوقىتىۋېتىلىشى زادى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

كىتاپ دېگەن بىر مىللەتنىڭ تارىخى، مائارىپى، مەدەنىيىتى ، ئۆرپ-مانا ئەمدى ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»ياكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى دېيىلگەن يېزىقلار ئاستا-ئاستا ئومۇملاشسا، دېمەك «شارايىت پىشىپ يىتىلگەن» بولغاندا، كۈتۈلمىگەندە يۇقارقىدەك بەد-بەشىرە قارا قۇيۇن كۆتۈرۈلۈپ يېڭىۋاشتىن «رەتلەش» سىياسىتى چىقىپ ، نۆۋەتتىكى يېزىغىمىز بىلەن يېزىلغان 50 نەچچە يىللىق كىتاۋى بايلىغىمىز بىراقلا يوق قىلىۋېتىلسە قانداق قىلماقچىمىز؟؟؟؟؟

   ئەنە، رۇسلار تىلىمىزدىكى < ئىبراھىم > نى <ئىبراگىم > ، نېمىس تىلىدىكى <ھىتلېر> نى < گىتلىر > دەپ يازىدۇ، ئەجەبا ئۇلار : « بىزنىڭ يېزىغىمىزدا باشقىلارنىڭ تىلىدىكى ئىسىم – ناملارنى توغرا يازالمايدىكەنمىز» دەپ «رۇس لاتىن يېزىغى» ئىجات قىلىپ بېقىپتىمۇ؟ ئىنگىلىزلار<ئۇيغۇر> ئاتالغۇسىنى «ۋىگۇې» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ ۋە <uigu><uygu><uyghu> دەپ يازىدۇ . ئەجابا ئۇلارمۇ «بىزنىڭيېزىغىمىز باشقىلارنىڭ ئىسىم – ناملىرىنى توغرا يېزىشقا يارىمايدىكەن» دەپ «ئىنگىلىز ئۇيغۇر يېزىغى» پەيدا قىپتىمۇ؟ ماۋۇ خەنزۇلارمۇ <ئۇيغۇر> نى <ئۇيغۇر> دېيەلمەي ۋە يازالماي < ۋېيزۇ> دەپ يازىدۇ. ئەجەبا ئۇلارمۇ «بىزنىڭ يېزىغىمىز باشقىلارنىڭ ئىسىم –ناملىرىنى توغرا يېزىشقا يارىمايدىكەن» دەپ «خەنزۇ ئۇيغۇر يېزىغى» دېگەندەك بىر يېڭى يېزىقنى ئىجات قىلىپتىمۇ؟.................؟؟؟

ئۇنداق بولسا بىزگە نىمە لاۋىزىلىق؟ .........!!!

خەير، ئەمدى مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر قانداق زىيالى، ھەر قانداق ئىلىم ئەھلى، يەك دىللىك بىلەن مۇشۇ يېزىغىمىزنىڭ كەڭ ۋە ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىشىغا قاتتىق ئەھمىيەت بىرەيلى! بۇ يېزىغىمىزدا ساۋادى يوقلار سەۋرچانلىق بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگۈنۈش ئاساسىدا ئۇيغۇر بىلىم دۇنياسىغا قەدەم تاشلايلى!بىزنىڭ بۇ يېزىغىمىز-گۈلدەك يېزىق ، تىلىمىز بۇلبۇلدەك تىل. سۆيۈملۈك 32 ھەرپتىن تۈزۈلگەن مۇشۇ تىل – يېزىغىمىز بى باھا گۈھەر! مۇشۇ تىل – يېزىغىمىز بىلەن 50 نەچچە يىلدىن بۇيان سانسىزلىغان كىتاۋىي بىلىم خەزىنىسى بەرپا قىلدۇق!ئۇنى ئەمدى ئەخمىقانە خىياللار بىلەن نابۇت قىلىۋەتسەك ئەۋلاتلىرىمىز ۋە تارىخ ئالدىدا كەچۈرگۈسىز جىنايەتلەرنى سادىر قىلىمىز!

urkesh_ili يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 07:45:37

ئۇيغۇر لاتىن يېزىغىنىڭ تېزراق ئومۇملۇشۇپ ئەرەبسىمان يېزىقىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 10:12:48

7-قەۋەتتىكى يولداش، ئۈمىدىڭىز ئەمەلگە ئاشماي ئۆلۈپ كېتىسىز، بالىڭىزمۇ، نەۋرىڭىزمۇ، يەتمىش پۇشتىڭىزنىڭ يەتمىش پۇشتىمۇ ئۇنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ... \"\"

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 10:52:19

6- قەۋەتتىكى otyurekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەك قايناپ كېتىپسىزمۇ نېمە؟

توردىكى ئىسمىڭىزنى موشۇ جىنايەتلىك يېزىق بىلەن تىزىملىتىپ كىرىۋاپتىسىزغۇ؟

ئازراق سوغۇققان بولۇپ، ئىلمىي پىكىر قىلىڭ.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 11:05:36

بۇ بىزنىڭ يېزىقىمىز ئەمەس، ئۇيغۇرچىنى لاتىنچە ئىپادەلەشتە پايدىلىنىدىغان قورال.

بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىگەنلەر ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ يۇقارقى بىرنەچچەيلەندەك.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 11:34:20

بۇ يېزىقنى قوللايسا بولىدۇ ئەمما كونا يېزىقنىڭ ئورنىغا دەسستىشكە قەتئى بولمايدۇ . بىزنىڭ قاراخانىيلاردىن كېيىنكى پۈتۈن تارىخى ۋەسىقىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئەرەپ ئېلىبەسى ئاساسىدىكى كونا يېزىقتا يېزىلغان . شۇڭا لاتىن يېزىقىنى قوشۇمچە پايدىلىنىپ كونا يېزىقنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك .

urkesh_ili يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 11:56:30

8- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7-قەۋەتتىكى يولداش، ئۈمىدىڭىز ئەمەلگە ئاشماي ئۆلۈپ كېتىسىز، بالىڭىزمۇ، نەۋرىڭىزمۇ، يەتمىش پۇشتىڭىزنىڭ يەتمىش پۇشتىمۇ ئۇنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ... \"\"

===================

تۇغۇلغان ئېكەنمىز ئۆلىمىز، ئەمما ئۆمۈدسىز ئۆلۈشنى قوبۇل قىلمايمەن.

مەن ئۆلسەم ئۆمۈدۈمنى بالامدىن، بالاممۇ ئۆلسە نەۋرەمدىن كۆرەەيسىز..ئەلۋەتتە شۇ چاغقىچە ھايات تۇرسىڭىز...

urkesh_ili يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 12:08:02

11- قەۋەتتىكى mustapaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يېزىقنى قوللايسا بولىدۇ ئەمما كونا يېزىقنىڭ ئورنىغا دەسستىشكە قەتئى بولمايدۇ . بىزنىڭ قاراخانىيلاردىن كېيىنكى پۈتۈن تارىخى ۋەسىقىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئەرەپ ئېلىبەسى ئاساسىدىكى كونا يېزىقتا يېزىلغان . شۇڭا لاتىن يېزىقىنى قوشۇمچە پايدىلىنىپ بىكونا يېزىقنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك .

========================

ئۇنداق بىر ئېلاھى ھۆكۈم يوق.خالىغاننى ساقلاپ قالغىلى بولسىدى، يېزىقتىن قىممەتلىك نەرسىلىرىمىز كۆپ ئېدى ئېرادە ۋە جاسارىتىمىزنى كۆرسىتىپ ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك.

نۆۋەتتە بۇ بىز ماسلىشىش زۆرۈر بىر يۈزلىنىش.پىكىر بىرلىگىنى ساقلاپ تەدرىجى يۈزلىنىش كېرەك .يېزىقلا ئەمەس باشقا مەسىلىلەرمۇ شۇ،،

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 12:11:22

ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئۇچۇر ساھەسىدىكى ھەرقايسى سۇپىلاردا ئاساسەن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇڭا لاتىن يېزىقىنى قوللۇنۇپ تېخىمۇ چۇڭقۇر يەرگىچە قوللىتىمىز دېيىشنىڭ مېنىڭچە ھاجىتى يوق. لاتىن يېزىقىنى مەلۈم مەزگىل مەلۇم ساھالەرگە ئىشلىتىش خاتامۇ ئەمەس، لېكىن جەزمەن شۇنداق قىلىش كېرەك ئەمەس، شۇڭا ھازىرقى مەسىلە بۇنى تالىشىش ئەمەس، بەلكى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كونا يېزىقىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، مۇشۇنى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يۈزلەندۈرۈش، يەنە يېزىق ئالماشتۇرش كېرەك دەيدىغانلار بولسا، ئاغزىڭلارغا بىر كەتمەن پوق....

urkesh_ili يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 12:23:55

14- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئۇچۇر ساھەسىدىكى ھەرقايسى سۇپىلاردا ئاساسەن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇڭا لاتىن يېزىقىنى قوللۇنۇپ تېخىمۇ چۇڭقۇر يەرگىچە قوللىتىمىز دېيىشنىڭ مېنىڭچە ھاجىتى يوق. لاتىن يېزىقىنى مەلۈم مەزگىل مەلۇم ساھالەرگە ئىشلىتىش خاتامۇ ئەمەس، لېكىن جەزمەن شۇنداق قىلىش كېرەك ئەمەس، شۇڭا ھازىرقى مەسىلە بۇنى تالىشىش ئەمەس، بەلكى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كونا يېزىقىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، مۇشۇنى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يۈزلەندۈرۈش، يەنە يېزىق ئالماشتۇرش كېرەك دەيدىغانلار بولسا، ئاغزىڭلارغا بىر كەتمەن پوق....

=====================

قوللىنىش يېزىقنىڭ پەقەت يۈزەكى بىر ئالاھىدىلىگى.ئۇندىن باشقاش يېزىقنىڭ مەدەنىيەت ۋە سېياسى ئارقا كۆرۈنىشىنىمۇ

ئويلىشىش كېرەك.

قوللىنىشقا كەلسەكئەرەبسىمان يېزىق قوللىنىش تەرەققىياتىمىزغا لازىملىق ئېھتىياجىنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتسا ،ئاستا ئلگىرلەشمۇ چېكىنىش سانىلىۋاتقان بۈگۈنكى زاماندايېزىق تونۇتۇش ئۈچۈن ئايىغى چىقماش كۆرەشلەر بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان زاماندا خەق نەلەرگە ئۇزاپ كەتتى بۇنىمۇ ھېساب قىلىش كېرەك..

urkesh_ili يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 12:30:52

ئەرەبسىمان يېزىقنىڭ بىزلەرگە مەنىسى گۈزەل ئەرەبچە ئىسىم ۋە سۆزلۈكلەرنى ھەدىيە قىلىۋاتقىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، مەھرۇم قىلىۋاتقانلىرىمۇ ئاز ئەمەس..

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 13:50:01

يېزىق سەۋەبىدىن بىرەر نەرسىدىن مەھرۇم قالغىنىمنى بىلمەيدىكەنمەن،لېكىن نادانلىقىم تۈپەيلىدىن نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدىم،ھەي ئېسىت!

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 14:52:27

ھازىرقىدەك تېلېفۇنلاردىن تۇتۇپ ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللاۋاتقان ۋەزىيەتتە بۇ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئارتۇقچە بىلىندۇ، ئەمما ماڭا ئوخشاش دائىم توردىن ماتىرىيال ئىزدەپ تۇردىغانلارغا نېسبەتەن بۇ بەك زۆرۈر دەپ قارايمەن. مەن دائىم توردىن ئۇيغۇرچە ناخشا، سىن ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ تۇرىمەن، ھەم خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى

مەسىلەن: ھەزرىتىئېلىنىڭ سۈرەتلىك ناخشىسىنى يوۋكۇدىن ئىزدىمەكچى بولسام (يوۋكۇدا بىر قەدەر كۆپ)

يېزىپ باقىمەن 1. hazriteli بىر نەچچىنى تاپىمەن

2. hezritieli دەپ يازسام چىقىدۇ نەچچىسى

3. يەنە hazrit ali دەپ يېزىپ باقىمەن

يەنە نۇرغۇن

مۆمىنجاننىڭكىنى ئىزدىمەكچى بولسام

1. mumunjan

2. mominjan

3. mvminjan

4. mu min jan

دىگەندەك

شۇنداق چاغدا ئويلايمەن نېمىشقا بىرلا خىل mominjan دەپلا ئىزدەپ تاپمايمىز دەپ شۇڭا ھېلىھەم ئىشلىتىش قىممىتى بار دەپ قارايمەن

kariz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 16:40:53

ئون يىل بولدى مەن ئۇيغۇرئىدىتنى ئىشلتىپ كېلىۋاتىمەن ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا خەت يېزىشقا توغرا كەلسە بۇ دېتال تەمىنلىگەن ئېلىپبەگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. http://kenjisoft.homelinux.com بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرسەڭلا بولىدۇ. ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى چوقۇم بىرلىككە كېلىشى كېرەك.
بەت: [1] 2 3 4
: ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (ULY) ھەققىدە