irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 14:31:16

ئېينىشتېيىنAlbert Einstein



ئالبېرت ئېينىشتېيىن زامانىمىزدىكى ئۇلۇغ فىزىك. لېنىن ئۇنى تەبئىي پەن تەرەققىياتىدا بۈيۈك يېڭىلىق ياراتقۇچى دەپ ئاتىغان. ئېينىشتېيىن 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيىنىڭ ئۇلم شەھىرىدە بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىدىلا، تەبىئەت ھادىسلىرىگە قىزىقىپ يۈرگەن، شامال ۋە يامغۇرغا، ئاينىڭ نېمە ئۈچۈن چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىغا ھەيران قالغان. بۇلارنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىش ئۇنىڭدا ئۆتكۈر كۆزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىشتۈرگەن. ئۇ 12 يېشىدا، ئاممىباب ئىلمىي كىتاپلارنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، تېزلا ”«ئىنجىل» دىكى ھېكايىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى راست ئەمەس“دېگەن تونۇشقا كەلگەن.

1896-يىلى ئېينىشتېيىن شىۋېتسارىيىدىكى سىيۇررىخ فىدراتسىيە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىدۇ. ئۇ ۋاقتىنىڭ تولىسىنى فىزىكا تەجرىبىخانىسىدا ئۆتكۈزىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ كەلگۈسىدە نېمە قىلىشنى بايقاپ، فىزىكا نەزىرىيىسىنى بېرىلىپ ئۆگىنىدۇ. فىزىكا ئالىمى بولۇشقا نىيەت باغلاپ، نەزىرىيە تەتقىقاتىغا كىرىشىدۇ، لېكىن ئۇ بۇ مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىشسىز ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، تۇرمۇش تەرەپتە ئاۋارە بولىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئېينىشتېيىن ئەل-ئاغىينىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، شىۋېتسارىيىنىڭ بېرن شەھەرلىك مەنپەئەتدارلىق ئىدارىسىدىن خىزمەت تېپىپ، كىچىك خىزمەتچى بولىدۇ. تۇرمۇش ئىنتايىن قىيىن بولغان شارائىتتىمۇ، ئۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىشىنى قەتئىي بوشاشماستىن داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ كۆپلەپ كىتاپ كۆرۈپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ.

1905-يىلى، ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن ئېينىشتېيىن ناھايىتى قىيىن شارائىت ئاستىدا، نۇرغۇنلىغان ئىلمىي تەجرىبە پاكىتلىرىغا ئاساسەن، نيۇتوننىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مۇقەددەس دەخلىسىز بولۇپ كەلگەن مۇتلەق زامان ۋە مۇتلەق ماكان قارىشىنى ئىنكار قىلىپ، نىسبىيلىك قائىدىسىنى ۋە يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ نەزىرىيىۋى تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان تار مەنىلىك نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇنداقلا شۇ يىلى 6-3-ئايلاردا ئۇ يەنە فوتو ئىففېكتىر نەزىرىيىسى ۋە بروئۇن ھەرىكىتى نەزىرىيىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۈچ مۇھىم ساھە بويىچە تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى ئۇستاز بولمىغان ئەھۋالدا، مۇشۇنداق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىگە بولۇشى ئىلىم-پەن تارىخىدا بولۇپ باقمىغان ئىدى.

ئېينىشتېيىن بۇ شانلىق نەتىجىلەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۆز غەلبىسىدىن مەس بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ ھەقىقەتنى تېپىش يولىدا، زادى توختىمايدۇ. تېزلىنشچان ھەرىكەتنىڭ نىسبىيلىكى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزلىنىدۇ. ئۇ 1907-يىلى، تارتىش كۈچى مەيدانىدا ھەممە جىسىملار ئوخشاش تېزلىنىشتە بولىدىغانلىقى ئۈستىدىكى تەجرىبە ئەمىلىيىتىگە ئاساسەن، بىر خىل تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەكشى تېزلىنىش بىلەن تەڭ قىممەتتە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 8 يىللىق جاپالىق تىرىشىش ئارقىسىدا، بۇ غايەت زور خىزمەتنى 1915-يىلى ئورۇنلاپ، خۇلاسە خاراكتېرلىك ئەسەر «كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك قائىدىسى» نى ئېلان قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىكتىكى تارتىش كۈچى نەزىرىيىسى ۋە ھەرىكەت تەڭلىمىسىگە ئاساسەن، نۇرنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا قايىدىغانلىقى، مېركۇرىنىڭ قۇياشقا يېقىنلاشقان نۇقتىسىدا قوزغىلىش پەيدا بولىدىغانلىقى ۋە تارتىش كۈچى مەيدانىدىكى سپېكتىر سىزىقلىرىنىڭ قىزىل تەرەپكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۈچ چوڭ بىشارەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 1919-يىلى، ئەنگلىيە ئاسترونوملىرى كۈننىڭ تۇتۇلىشىنى كۈزىتىش ئارقىلىق، ئېينىشتېيىننىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا نۇرنىڭ قايىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىشارەتنى دەلىللىگەن. كۈزىتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىش بىلەن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە زور تەسىر قوزغىغان.

ئېينىشتېيىن 1921-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ دۇنيا بويىچە داڭلىق، پۈتۈن يەر شارى بويىچە شۆھرەتلىك ئەرباپ بولۇپ قالغان، لېكىن ئۇ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي يەنىلا مەلۇم بولمىغان ھەقىقەت ئۈستىدە كەمتەرلىك بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىزلىنىپ، ئىلىم-پەننىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم قورغانلىرىغا توختىماي ھۇجۇم قىلغان. ئۇ: «مەن بىر پارچە تاختاينىڭ، ئەڭ نېپىز، ئەڭ ئاسان تەشكىلى بولىدىغان يېرىنى تېپىۋېلىپ نۇرغۇن تۆشۈكلەرنى تېشىۋېتىدىغان ئالىملارغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن» دېگەن ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەنە نىسبىيلىك نەزىرىيىسى، ئالەمشۇناسلىق ۋە بىرلىككە كەلگەن مەيداندىن ئىبارەت بەكمۇ قىيىن بولغان ساھەلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا ئىزلىنىش خاراكتېردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ تەتقىقاتلاردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ نەتىجە ھاسىل قىلىش ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ شەخسىي پايدا-زىيىنى بىلەن ھېساپلاشماي، پۈتۈن زېھنىنى مۇشۇ تەتقىقاتقا سەرپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىزلىنىشكە كېيىنكى ھاياتىدىكى پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن قىلچە پۇشايمان قىلمايدۇ.

ئېينىشتېيىن نوپۇزغا خۇراپىيلارچە ئىشىنىپ كەتمىگەن، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە خۇراپىيلارچە ئىشىنىپ كېتىشىگە ۋە چوقۇنىشىغا قارشى تۇرغان. ئۇنىڭ: «ھەقىقەتكە ئىگە بولۇشقا قارىغاندا ھەقىقەتنى تېپىش تېخىمۇ قىممەتلىك» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار. دەرۋەقە، ئۇ ھەقىقەتنى تېپىش يولىدا مەڭگۈ تويماي ئۆتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىلىم-پەننىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىدا باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، ئېينىشتېيىن بىر كۈنمۇ تىنىم تاپمىغان. ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ياساش، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش، قوزغىتىلغان نۇر تېخنىكىسىنى كەڭ قوللىنىش، مانا مۇشۇ پەن-تېخنىكىدىكى ئۇلۇغ نەتىجىلەرنىڭ ھەر قايسىسىغا ئېينىشتېيىن ئۆز ھاياتىدىكى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق نەزىرىيىۋى ئاساس سېلىپ بەرگەن.

ئېينىشتېيىن ئىلىم-پەن ئىشىغا بېرىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ مەدىنىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئۇ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزىنى، گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى ئاشكارا ئەيىپلىگەن. شۇڭا ئۇنى فاشىستلار قولغا ئالماقچى بولغان. مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان، ئەسەرلىرى كۆيدۈرۈلگەن. ئۇ گېرمانىيىدىن قېچىپ چىقىپ، ئاۋال فرانسىيىگە، ئاندىن بېلگىيىگە، ئۇ يەردىن ئەنگلىيىگە بارغان. ئاخىرىدا تا 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76 يېشىدا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئېينىشتېيىن ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئىگە بولدى. قەدىرلىك جۇزۇڭلى مۇنداق دېگەن ئىدى: «يەھۇدىي مىللىتىدىن ئىككى ئۇلۇغ ئەرباپ چىقتى، ئۇنىڭ بىرى ماركس، يەنە بىرى ئېينىشتېيىن، ئېينىشتېيىننى ئۇلۇغ ئەرباپ دېيىش تولىمۇ مۇۋاپىق.

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 14:39:49

بۇرۇتىغا يامان ئىچىم كۆيىدۇ مۇشۇ ئادەمنىڭ، بىزنى فاكۇلتېتنىڭ ئالدىغا ھەيكىلىدىن بىرنى توختاتقان ئەينى ۋاقىتتا...

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 15:26:39

نىسبىيلىك نەزىريەسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بەرمەپتۇ دىسە!؟

function يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 20:20:29

لېنىن ۋە جۇئېنلەينىڭ باھاسى بىر ئوبدان ماقالىنى  سىياسى ئۆگىنىش ماقالىسىدەك قىلىپ قويۇپتۇ،

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 19:22:47

ئۇ 12 يېشىدا، ئاممىباب ئىلمىي كىتاپلارنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، تېزلا ”«ئىنجىل» دىكى ھېكايىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى راست ئەمەس“دېگەن تونۇشقا كەلگەن.

-------

بۇ ئېنىقلا بىر ساپاسىز تەرجىماننىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلغان تەرجىمىسى.

سوبىكتىپ ھېسىياتىڭىلارغا بېرىلىپ ئەسلى ماتىريالنى خاتا تەرجىمە قىلساڭلار بولمايدۇ. ئەسلى ماتىريالدا 圣经 دەپ ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ توغرا تەرجىمىسى «مۇقەددەس كىتاب» ياكى «كىتابۇل قۇددۇس» دەپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە قۇرئانغا ئوخشاش بىرلا ئادەمنىڭ كىتابى ئەمەس، بەلكى نۇرۇغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرگە نازىل بولغان پارچە- پارچە كىتابلارنىڭ توپلىمى. «ئىنجىل» دەپ ئاتالغىنى پەقەت مۇشۇ توپلامغا ئېلىنغان كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدىلارنىڭ «مۇقەددەس كىتاب»ى بىلەن خىرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىنىڭ كۆلىمى ئوخشىمايدۇ. يەنى يەھۇدىيلار «ئىنجىل»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابۇل قۇددۇسنىڭ كىيىنكى قىسىمىنى ئېتراپ قىلمايدۇ. ئېنىشتىيىن يەھۇدى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆرگەن 圣经 ى يەھۇدىيلارنىڭ كىتاب بولۇشى مۇمكىن. ئۇندا لوگېكىلىق جەھەتتىن ئېنىشتىيىننىڭ ئىنجىل ھېكايىلىرىدىن خاتالىق ئىزدىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنىشتىيىن ئۆزى مېھىر-مۇھاببەتكە (خۇداغا) ئىشىنىپ ئۆتكەن ئادەم.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 09:40:37

2- قەۋەتتىكى 86نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىسبىيلىك نەزىريەسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بەرمەپتۇ دىسە!؟



چۇنكى ئۇچاغدا نىسبىيلىك نەزىرىيەسىنى ئىينىشىتىندىن باشقا ئادەم تۇلۇق چۇشەنمەيتى،  


نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش جەمئىيتى ئىينىشتىنغا يەنە ئىككى نوبىل مۇكاپاتى قەرىز

بەت: [1]
: ئېينىشتېيىنAlbert Einstein