TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 12:20:08

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Georg Friendrich Bernhard Riem

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Georg Friendrich Bernhard Riemann



تاشپولات روزى




رىمان1826-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيسىنىڭ Breslenz دېگەن يېرىدە
بىر دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا بۇ رايوننىڭ
تۇرمۇش ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىدى. شۇڭا ئۇ 12 ياشقا كىرگىچە مەكتەپ
يۈزىنى كۆرەلمىگەن. بىراق ئۇ 12 ياشقا كىرگىچە ئۆز دادىسىدىن مائارىپ
تەربىيىسى ئالغان. ئۇ Göttibgen ۋە Bérlin ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ،
1851-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋان ئالغاندىن كېيىن مۇشۇ مەكتەپنىڭ لېكتورلۇققا،
1857-يىلى ياردەمچى پروفېسسورلۇقىغا، 1859-يىلى دىرىكلەت (P.GL.Dirichlet)
نىڭ ئىزباسارى بولۇش سۈپىتى بىلەن پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلىدۇ. 1862-يىلدىن
كېيىن رىمان، ئۆپكە كېسىلى سەۋەبلىك خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ كېسەل بىلەن
كۈرەش قىلىش تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈپ، 1866-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاپات
بولىدۇ. ئۇ ياشلا ئىلىم ساھەسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ
ماتېماتىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرگە دەۋرى خاراكتېرلىك ئاجايىپ نەتىجىلىرىنى
قالدۇرۇپ كەتتى.



ئۇنىڭ 1851-يىلى ئېلان قىلغان دوكتورلۇق ماقالىسىدە تەڭ بۇلۇڭلۇق ئەكس
ئېتىشنىڭ ئاساسى تېئورېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تېئورېما
گېومېتىرلىك فۇنكسىيە نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. 1854-يىلى ئۇ
ئوتتۇرىغا قويغان ماقالىسىدە، رىمان ئىنتېگرالىغا ئېنىقلىما بېرىپ
ترىگونومېتىرىيە قاتارنىڭ يېقىنلىشىغا نىسبەتەن رىمان شەرتىنى ئوتتۇرىغا
قويىدۇ. مۇشۇ يىلى ئۇ يەنە گېومېتىريەنىڭ ئاساسىنى تەھلىل قىلىپ، n
ئۆلچەملىك كۆپ تەرەپلىك گەۋدە ھەم رىمان بوشلۇق چۈشەنچىسىنى كىرگۈزۈش
ئارقىلىق رىمان بوشلۇقىدىكى ئەگرىلىككە ئېنىقلىما بېرىدۇ. ئۇ 1858-يىلى
تۈپسان تەقسىملىنىشىگە نىسبەتەن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، Zéta (ζ)
فۇنكسىيىسىنى (ζ(s) = 1 + 1/2^s + 1/3^s + ..., s = x + iy) قوللىنىپ
تۈپسان تەقسىملىنىشىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئانالىتىك پۈتۈن سان
نەزەرىيىسىنىڭ دەسلەپكى ھالىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. رىماننىڭ مۇشۇ ماقالىدا
ئېلان قىلىنغان Zéta (ζ) فۇنكسىيىنىڭ نۆل نۇقتا تەقسىملىنىشىگە نىسبەتەن
رىمان پەرىزىنىڭ توغرا بولۇش بولماسلىقى ھازىرمۇ تېخى ھەل بولمىغان
ماتېماتىكىدىكى مۇھىم مەسىلەرنىڭ بىرى. 1957-يىلى ئۇ يەنە ئابېل
فۇنكسىيىسىگە نىسبەتەن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، رىمان يۈز چۈشەنچىسىنى
كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئابېل ئىنتېگرالى ۋە ئابېل فۇنكسىيە نەزەرىيىسىنى
سىستېمىلاشتۇرىدۇ. ئۇ مۇشۇنىڭغا ئۇلاپلا W. Wébérنىڭ تەسىرىدە نەزەرىيە
فىزىكىغا قىزىقىپ فىزىكىدا قوللىنىدىغان خۇسۇسى دىففېرېنسىئاللىق
تەڭلىمىلەرنى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ يەنە ئېۋكىلىت (Euclid)
گېومېتىريەسىدىكى تەكشىلىك ئۈستىدىكى بىر تۈز سىزىق سىرتىدىكى بىر نۇقتىدىن
بۇ تۈز سىزىققا پارالىل بولغان پەقەت بىرلا تۈز سىزىقنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ
دېگەن چۈشەنچىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بۇنداق سىزىقلاردىن چەكسىز دانىسىنى
ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ دېگەن يېڭى چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.



رىماننىڭ ماتېماتىكا ھەم فىزىكىغا قوشقان تۆھپىسى بەكمۇ چوڭ. ئالبېرت
ئېينىشتېينمۇ ئۆزىنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى * رىمان نەزەرىيىسى ئارقىلىق
ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.




*See George Gamows article, The Evolutionary Universe, Scientific
American, September, 1956, which tells how Einstein developed a geometry
appropriate to général relativity from the ideas of Georg Friendrich
Bernhard Rieman


ataxan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 12:57:45

تاشپولات ئاكا مۇشۇ تېئورېمىلارنىڭ ئورنىغا سان قۇيۇپ ئىشلەپ باقساق قانداق بولار؟

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 14:29:40

ئۇيغۇر ئالىملارغا ئائىتمۇ ماتېرىياللار بارمۇ؟ ئاڭلىسام فارابى ئەينى زاماندا چەمبەر تۇراقلىقىنى ئەڭ توغرا ھېساپلاپ چىققانكەنتۇق، يەنە 2نىڭ 89-دەرىجىسى تەرەپلىك ئارقىلىق چەمبەر تۇراقلىقىنى ھېساپلىغان دېيىلىدىكەن....

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 23:05:17

مەكتەپتە ئوقۇمىغان شۇ بالىلار قانداق قىلىپ ئالىم بولۇپ قالىدۇ ئاخىر.. تەربىيە ئۇسۇلىدا كەمچىلىك ئاز ئوخشايدۇ، مەسىلەن يۆلىنىۋېلىش..
بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Georg Friendrich Bernhard Riem