bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 09:45:27

NASA: كائىناتتىكى ھازىرغىچە رەسىمگە تارتىلغان ئەڭ يىراقتىكى جىسىم

NASA: كائىناتتىكى ھازىرغىچە رەسىمگە تارتىلغان ئەڭ يىراقتىكى جىسىم




بىلىمخۇمار

2013-10-5




بەزى تورداشلار مەندىن كائىناتتىكى ھازىرغىچە رەسىمگە تارتىلغان ئەڭ يىراق يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ قانچە نۇر يىلى ئىكەنلىكىنى سوراۋاتىدۇ.  بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئىككى ئۇقۇمنى ئازراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.  خېلە كۆپ ئوقۇرمەنلەر بۇ ئۇقۇمنى ئوبدان بىلىدىغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇلارنى بۇرۇن بىر قانچە قېتىم چۈشەندۈرۈپ بولدۇم.  ئەمما، مۇشۇ ئۇقۇملارغا ئائىت سوئاللارنىڭ ئايىغى زادىلا ئۆزۈلمەيۋاتىدۇ.




1.نۇر يىلى




نۇر يىلى ئاسترونومىيەدە ئىشلىتىلىدىغان ئارىلىق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە باسىدىغان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ.  كائىناتتىكى جىسىملارنىڭ ئارىلىقلىرى بەك يىراق بولغاچقا، ئۇنداق ئارىلىقلارنى بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى «كىلومېتىر» بىلەن ئۆلچەپ بولغىلى بولمايدۇ.  مەسىلەن، بىزگە ئاخشىمى ئاسماندا كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.26 نۇر يىلى بولۇپ، بىر نۇر يىلى تۆۋەندىكىدەك ئۇزۇنلۇققا تەڭ:




بىر نۇر يىلى دېگىنىمىز (365 كۈن) x (24 سائەت) x (60 مىنۇت) x (60 سېكۈنت) x (300000 كىلومېتىر/سېكۇنت) بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى سان نۇرنىڭ تېزلىكىدىن ئىبارەت.  يەنى نۇر بىر سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ. يۇقارقى سانلارنى ئۆز-ئارا كۆپەيتسەك (يۇقىرىدىكى « x » كۆپەيتىش بەلگىسى):




بىر نۇر يىلى = 9،460،730،472،580،800 مېتىر

Bir nur yili = 9,460,730,472,580,800 métir







2.يۈز نۇر يىلى يىراقلىقتىكى يۇلتۇزنى كۆرۈش




بىز ئاسماندىكى بىر يۇلتۇزنى كۆرگەندە، ئاشۇ يۇلتۇزدىن بىزگە كەلگەن نۇرنى كۆرىمىز.  ئەگەر بىز بىر 100 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى يۇلتۇزنى كۆرگەن بولساق، ئۇ يۇلتۇزدىن چىققان نۇرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 100 يىل ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئاشۇ يۇلتۇزنىڭ بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرىكى ھالىتى بولىدۇ.  ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.26 نۇر يىلى بولغاچقا، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئاشۇ يۇلتۇزنىڭ بۇنىڭدىن 4.26 يىل ئىلگىرىكى ھالىتى بولىدۇ.  قالغان يۇلتۇزلار بولسا بىزدىن تېخىمۇ يىراقتا بولۇپ، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بۇرۇنقى ھالىتى بولىدۇ.  شۇڭلاشقا مەن بارلىق قېرىنداشلاردىن بۇ ئۇقۇمنى مۇشۇ يەردىلا ئوبدان چۈشۈنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.




ئەمدى ئەسلى تېمىغا كېلەيلى.  2012-يىلى ئاۋغۇست ۋە سىنتەبىر ئايلىرى ناسا «خابۇل ئالەم تېلېسكوپى» (Hubble Space Telescope) بىلەن تۆۋەندىكى رەسىمنى تارتقان بولۇپ، 2012-يىلى دىكابىردا بىر گۇرۇپپا ئالىملار مەزكۇر رەسىمدە يەر شارىدىن 13 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكى يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان گالاكسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.  يەنى، بۇ قېتىم كامېراغا چۈشكىنى بىر قانچە گالاكسى (يۇلتۇزلار توپلىمى) لەرنىڭ بۇنىڭدىن 13 مىليارد يىلدىن بۇرۇنقى كۆرۈنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  مەزكۇر رەسىمدە بۇ گالاكسىلەرنىڭ ئورنى رەڭلىك تۆت قىرلىق كاتەكچىنىڭ ئىچىدە كۆرسىتىلگەن.  چوڭ پارتىلاش بولۇپ، كائىنات پەيدا بولغىلى ھازىر 13.7 مىليارد يىل بولغان بولغاچقا، يۇقىرىدىكى سۆز مۇنداق بىر ئىشتىن دېرەك بېرىدۇ: ناسا چوڭ پارتىلاش يۈز بېرىپ، 700 مىليۇن يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى رەسىمگە ئېلىپ بولدى.




تۆۋەندىكى 2-رەسىم 2013-يىلى تارتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 10000 (ئون مىڭ)  گالاكسىنىڭ سۈرىتى بار ئىكەن.  كائىناتتا جەمى 200 مىليارد گالاكسى بار بولۇپ، بىز تۇرىۋاتقان سامان يولى گالاكسىدە 100 مىلياردتىن 400 مىلياردقىچە بولغان ساندىكى يۇلتۇزلار بار.  سامان يولى گالاكسىنىڭ كەڭلىكى 100 مىڭ نۇر يىلى، قېلىنلىقى 3000 نۇر يىلى كېلىدۇ.




خۇلاسە: ناسا بىزدىن 13 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكى بىر قىسىم گالاكسىلەرنى رەسىمگە تارتىپ بولدى.  ئۇ رەسىمگە چۈشكىنى، ئاشۇ گالاكسىلەرنىڭ چوڭ پارتىلاش يۈز بېرىپ 600-700 مىليون يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى كۆرۈنىشلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  




پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

http://hubblesite.org/newscenter/archive/releases/2012/48/image/a/




رەسىم ئادرېسى:

http://imgsrc.hubblesite.org/hu/db/images/hs-2012-48-a-web_print.jpg

http://www.astrodigital.org/astronomy/px/MilkywayEdgeon.jpg




1





3

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 22:29:21

نۇرنىڭ 13 مىليارت يىلدىن كېيىن يېتىپ كەلگەنلىكىنى، يەنى ئاپارات كۆزىگە كۆرۈنگەن ئەشۇ نۇرنىڭ بۇندىن 13 مىليارت يىل ئىلگىرى يولغا چىققانلىقىنى قانداق بىلىدىغاندۇ؟

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 23:39:06

دېمەك، ياخشى-ياماننىڭ ئايرىلىپ، قەلەمنىڭ كۆتۈرۈلۈپۇ دەپتەرنىڭ يېپىلىپ بولغىنى ھەق ئىكەن.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 16:56:01

ھەممە نەرسە ئەڭ ئاخىرىدا سان بىلەن باغلىنىپ توختايدىغان ئوخشايدۇ ، نۆل - 0 ۋە بىر -1 .......

نۆل بىر نۆل بىر ......

..................................2.3.4.5.6.7.8.9

nijat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 17:13:19

ئەگەردە چوڭ پارتىلاشنىڭ باشلىنىش ئورنى ئاشۇ 13 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكى ئورۇنغا يېقىن يەردە بولغان بولسا ئۇنداقتا،نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئىنسانلارنىڭ چوڭ پارتىلاشنىڭ دەسلەپكى ھالەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىيالاش ئھتىماللىقى باركەندە.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 18:16:07

ئالەم كىيىمىسىنى نۇر تىزلىكىدە ئۇچۇرىشنىڭ مۇمكىنچىلىك بارمۇ؟بۇ جەھەتتىن نەزەرىيەۋىي ياكى ئەمەللى تەتقىقاتلار بارمۇ-يۇق؟ مۇشۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ قۇلىدىن كىلەرمۇ؟

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 21:48:13

بولدىلا ،سۇئالىمغا ئۈزۈم جاۋاپ بىرۋىتەي،تۇساتتىن تۇغۇلغان بۇ خىيالدىن،خەنزۇچە بىكەتلەردىن ئىزلەپ باقتىم.بىرلىككە كەلگەن قاراش.

ئېينىشتىيىنىڭ نىسپىلىك نەزىريەسىگە ئاساسلانغاندا،پەقەت ماسسا پەقەت 0بولغاندىلا نۇر تىزلىكىدە ھەركەت قىللغىلى بۇلدىكەن.ئالەم كىيمىسىنىڭ ماسسىسى 0بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس.ماسسىغا ئىگە بولغان جىسىم نۇر تىزلىكىنىڭ 0.1چىلىك تىزلىكتە ھەركەت قىلغاندا ماسسا 0.5% ئاشىدىكەن،ماسسا ئاشقانكەن،ئالەم كىيمىسىنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۈچۈن لازىم بۇلدىغان ئىنىرگىيە ئاشىدۇ دىگەن گەپ .مۇبادا تىزلىك نۇر تىزلىكىنىڭ 0.9 چىلىك بولغاندا ماسسا بىر ھەسسە ئاشىدۇ،،،،نۇر تىزلىكىگە چەكسىز يېقىنلاشسا ماسسا چەكسىز ئاشىدۇ.شۇڭا ماسسىغا ئىگە بولغان نەرسىنىڭ نۇر تىزلىكىدە ھەركەت قىلىشى،ياكى چەكسىز يېقىنلىشىشى .نىسپىلىك نەزىريەسىگە ئاساسلانغاندا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشكەن.


ئەگەر بىر كۈنلەردە ئېينىشتىينىڭ نەزىريەسى ئاغدۇرۇلۇپ كەتسە بۇ باشقا گەپكەن.


http://zhidao.baidu.com/link?url=QSCR2aJOCNFJCGpxtd9wtkeTMXsZsuT_5kaL3ZVB5sxgUAA_pvt47wP8LxczN2naMB10FpezmwYoba4uQYDBFa

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 09:31:38

5- قەۋەتتىكى 86نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نۇرنىڭ 13 مىليارت يىلدىن كېيىن يېتىپ كەلگەنلىكىنى، يەنى ئاپارات كۆزىگە كۆرۈنگەن ئەشۇ نۇرنىڭ بۇندىن 13 مىليارت يىل ئىلگىرى يولغا چىققانلىقىنى قانداق بىلىدىغاندۇ؟



تېلفونغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان ئارلىق ئۆلچىگىلى بولىدىغان بىر ئەپ بار. گېئومېتىرىك قانۇنىيەتتىن پايدىلانغان. مەن ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم. خاتالىق پەرقى 3 مېتىردىن ئاشمايدىكەن.


يول قۇرۇلىشىدا ئىشلىتىدىغان تەكشىلىك ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەنمۇ ئارلىق ئۆلچىيەلەيمىز، خاتالىق پەرقى بىر مېتىرغا بارمايدۇ.


يول قۇرۇلىشىدا ئىشلىتىدىغان ئارلىق ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ خاتالىق پەرقى ئاران 3 مىللىمېتىر. بۇ ئەسۋاپ نۇرنىڭ ئوپتىكىلىق قانۇنيەتلىرىدىن پايدىلانغان.


ئاي شارى بىلەن يەرنىڭ ئارلىقىنى ئۆلچەش ئۈچۈنمۇ نۇردىن پايدىلىنىدۇ. ئوخشاشلا نۇرنىڭ ئوپتىكىلىق قانۇنىيەتلىرىدىن پايدىلىنىدۇ.


بىلىشىمچە ھازىرقى ئاستورۇنومىيە ۋە ئاستورونومىيەلىك ئەسۋاپلارنىڭ ئەڭ موھىم بولغان ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى دەل ئارلىق ئۆلچەش.


يۇقۇرىدا مىسال ئالغان ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىدىغان تېلفوندىن تارتىپ بوشلۇق تېلسىكوپىغا ئائىت بولغان ھەر قانداق بىر ئارلىق ئۆلچەشتە، ھەممىسىلا بىز بىلىدىغان گېئومېتىرىيەلىك، فىزىكىلىق قانۇنىيەلەرگە بويسۇنىدۇ.


ھېس قىلىشىمچە ھازىرقى نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان تېخنىكىلىق يېڭىلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپلىرى شۇنداق ئاددى. بۇ خىزمەت پىرىنسىپلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بىز تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغدىلا ئۈگۈنۈپ بولغان مەزمۇنلار.

misal يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 11:24:56

دېمەك چوڭ پارتلاشنىڭ مەركىزىنى كۆرۈش ئۈچۈن ياكى 700مىليۇن يىل ساقلاش كېرەك ياكى تىلىسكوپنى 700 مىليۇن نۇر يىلى يىراقلىققا ئاپىرىش كېرەك شۇنداقمۇ ؟!

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 12:15:14

يېقىن ئارىلىقنى ئۆلچەش بىلەن يىراق ئارىلىقنى ئۆلچەشتە قوللىنىدىغان ئۇسۇلدا سەل پەرقلەر باردەك قىلىدۇ. قۇياش سېستىمىسىغا بەك يىراق بولمىغان يۇلتۇزلارنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىلىقىدىن ئىبارەت ئاستۇرنومىيە بىرلىك ئارىلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۆرۈش پەرقىدىن پايدىلانسا ، خېلى تۇغرا ئۆلچىگەن بىلەن، بەكلا يىراق بولغان يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچىگەندە خاتالىق پەرقى چوڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىرقى 13 مىليارت نۇر يىلى يىراقلىقتا دەپ ئۆلچىگەن ئارىلىقنىڭ ئۆلچەش خاتالىق پەرقى نەچچە پىرسەنت ئەتراپىغا كەلتۈرگەندۇ؟
بەت: [1]
: NASA: كائىناتتىكى ھازىرغىچە رەسىمگە تارتىلغان ئەڭ يىراقتىكى جىسىم