NASA: ئالەم بوشلۇقى ساياھىتىگە تىزىملاتقانلار 600 كىشىدىن ئاشتى
NASA: ئالەم بوشلۇقى ساياھىتىگە تىزىملاتقانلار 600 كىشىدىن ئاشتى
بىلىمخۇمار
2013-10-5
ئەنگلىيەدىكى خۇسۇسىي شىركەت «Virgin Galactic» ئالەم بوشلۇقىغا ساياھەتكە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنى تىزىملاشنى باشلىغان بولۇپ، 2013-يىلى 17-ئىيۇل كۈنى پۇل تۆلەپ ئۆزىنى تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 600 كىشىگە يەتكەن. بۇ شىركەت ياساۋاتقان، ئىنگلىزچە «SpaceShip Two» دەپ ئاتىلىدىغان ئالەم كېمىسىگە بىر ۋاقىتتا 6 ساياھەتچى چىقالايدىغان بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ بېلىتى 250 مىڭ دوللار ئىكەن. بۇ ئالەم كېمىسى ھازىر سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرقى مۆلچەردە تۇنجى قېتىملىق ئالەم ساياھىتى كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىدا، يەنى 2014-يىلى 25-دىكابىر كۈنى، باشلىنىدۇ. بۇ ساياھەتكە بارىدىغانلار يۇقىرىدىكى ئالەم كېمىسىدە 110 كىلومېتىر ئىگىزلىكتىكى يەر شارى ئوربىتىسىغا چىقىپ، ئۇ يەردە 4 مىنۇت ئۆز ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ھالەتتە تۇرىدۇ، ھەمدە يەر شارىنىڭ يۇمىلاق قىرغىقىنى بىر قاپ-قاراڭغۇ ئارقا كۆرۈنىشتە ئېنىق كۆرەلەيدۇ.
بۇ ساياھەت سەپىرىدە، بىر ئىنگلىزچە «White Knight Two» دەپ ئاتىلىدىغان، ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان توشۇش ئايروپىلانى يۇقىرىدىكى ئالەم كېمىسىنى ئۆزىنىڭ قانىتىدا كۆتۈرۈپ، ئۇنى 15 كىلومېتىر ئىگىزلىككە ئاپىرىپ قويىدۇ. ئاشۇ ئىگىزلىككە بارغان ئالەم كېمىسى ئۆزىنىڭ ماتورىنى ئوت ئالدۇرۇپ، سائەتىگە 4000 كىلومېتىر ماڭىدىغان تېزلىك بىلەن 110 كىلومېتىر ئىگىزلىككە ئۆزى چىقىدۇ. ئاشۇ ئىگىزلىككە چىقىپ بولغاندىن كېيىن ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپ، يەر يۈزىگە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن قايتىپ كېلىدۇ.
ھازىرقى مۆلچەرچە، يەنە 10-15 يىلدىن كېيىن بۇ ئالەم بوشلۇقى ساياھىتىنىڭ بېلىتى 20 مىڭ دوللارغا چۈشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ شىركەت مەزكۇر تېخنىكىنى ئادەتتىكى يولوچىلار ئايروپىلانىغا ئىشلىتىش يولىدىمۇ تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئۇ تېخنىكا ئەمەلگە ئاشسا، لوندوندىن ئاۋۇسترالىيەنىگن سىدنېي شەھىرىگىچە بولغان 17 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىقنى بىر قانچە سائەتتىلا باسالايدىكەن.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
http://www.space.com/21595-virgin-galactic-spaceshiptwo-female-astronauts.html
http://www.ausbt.com.au/richard-branson-commercial-virgin-galactic-spaceflights-in-2014
http://io9.com/virgin-galactic-says-its-on-track-to-begin-tours-of-sp-1263035189
رەسىملەرنىڭ تور ئادرېسى:
1) <http://img.gawkerassets.com/img/18zbjpaxl29p8jpg/ku-bigpic.jpg>
2) <http://www.ausbt.com.au/photos/view/maxsize:467,260/519d74313cf0470c809c7c41767f2254-virgin-galactic-first-space-flights.jpg>
3) <http://www.ausbt.com.au/photos/view/maxsize:467,262/4e3b339658c44d99aa30559f767f2254-virgin-galactic-in-flight.jpg>
4) http://www.ausbt.com.au/photos/view/maxsize:467,368/4e3b375df18040fcae3554b3767f2254-drop-shot.jpg

 http://www.ausbt.com.au/photos/view/maxsize:467,260/519d74313cf0470c809c7c41767f2254-virgin-galactic-first-space-flights.jpg)
 http://www.ausbt.com.au/photos/view/maxsize:467,262/4e3b339658c44d99aa30559f767f2254-virgin-galactic-in-flight.jpg)
 http://www.ausbt.com.au/photos/view/maxsize:467,368/4e3b375df18040fcae3554b3767f2254-drop-shot.jpg)




بەت:
[1]