iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 21:28:23

[تەۋسىيە] Windows Phone غا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەكلىپ بېرىڭ

Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ ياكى بېلەت تاشلاڭ.

Windows Phoneيانفون ۋە پەدلىرىگە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قاچىلاپ يۈرمەيسىز، بۇ تەكلىپىڭىز بىۋاستە ئامېرىكا مايكرو سوفت شىركىتىگە يوللىنىدۇ.


ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز بەش مىنۇت ۋاقىت چىقىرىڭ.



ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ.

http://windowsphone.uservoice.com




ئاندىن سەل ئاستىغا سۈرۈپ، Please enter your feature suggestion (تەۋسىيەلىك تەكلىپلەرنى كىرگۈزۈڭ) دېگەن جايغا ئىنگلىزچە تەكلىپ يازسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئىدىيەيىڭىزنى كىرگۈزۈڭ (Enter your idea here) دېگەن جايغا Uyghur دەپ كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى باشقىلار بەرگەن تەكلىپلەرگە بېلەت تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىر قېتىمدا كۆپ بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.



ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە Microsoft شىركىتى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، Windows نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن باشقا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە بىزگە (ماڭا) بەرگەن ئېنىق ئىپادىسى بار. ئەمەلىيەتتە Windows Phone ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ھامان قوشىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەكلىپ بېرىشى ۋە بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن. بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يەردە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.



ئىنگلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ ماۋۇ رەسىمدىكىدەك جايغا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ، ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىكى Vote 3 نى (يەنى 3 بېلەت تاشلاش)نى بېسىۋەتسىڭىزلا تامام. رەھمەت.

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 10:56:04

Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ[كۆچۈرۈلمە]

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 11:07:32

20 بىلەتنىڭ ھەممىنى تاشلاپ بولدۇم ...

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 18:11:58

بۇ پىكىرلەرنىڭ ئارىسىدا ئاللىقاچان ئىككىنىچى بەتكە كەپتۇ. كۈن ئۆتسە بېلەت تولۇقلىنىدىكەن، كۈندە بىر بىلەت تاشلاپ قويساق، بىلەت ئاۋۇيۋىرىدىكەن.
بەت: [1]
: [تەۋسىيە] Windows Phone غا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەكلىپ بېرىڭ