birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 15:27:57

مال كەلگەندە پۇل تۆلەشنى توغرا چۈشىنىڭ

ھازىر نۇرغۇن تورسودا دۇكانلىرى مالنى تاپشۇرۇۋالغاندا پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى يولغا قويغان بولۇپ، بەزى سودىگەرلەر «مالنى كۆرۈپ، ياقتۇرغاندىن، ھەقىقىيلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن پۇل تۆلەيسەن... مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە....» دېگەندەك ئېلانلار بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ تاۋباۋدا ئاشۇنداق يازىدىغان ئىشلار بەك جىق.


مال تاپشۇرۇۋالغاندا پۇل تاپشۇرۇشنى توغرا چۈشىنىڭ. بۇ پەقەت مەندەك ئالىپاي ھېساباتى يوق، ياكى ئېچىشنى ئۇقمايدىغان ياكى ئاچقۇسى يوق، تور بانكا دېگەنلەرنى ئىشلەتمەيدىغان ياكى ئىشلىتەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ توردا مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان ئۇسۇل بولۇپ، بۇ مالنىڭ ھەقىقىي-ساختىلىقىنى تەكشۈرۈش بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز. بۇ خىل ئۇسۇل ئەڭ ئاۋال قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ.


ساتقۇچىلارنىڭ مالنى تاپشۇرۇۋالغاندا كۆرۈپ، تەكشۈرۈپ، ياقتۇرساڭ پۇل تۆلەيسەن دېگىنى يالغان. مال كەلگەن ھامان سىزگە پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتى يۈكلىنىدۇ. پۇلنى تاپشۇرۇپ، ئىمزا قويغاندىن كېيىنلا مالنى كۆرەلەيسىز. پۇل تاپشۇرمىسىڭىز مېلىڭىزنى كۆرەلمەيسىز، كۆرەلىگەن تەقدىردىمۇ، پۇلنى چوقۇم تۆلىمىسىڭىز، سىزگە مال يەتكۈزگەن پوچتا خادىمى ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىدۇ. ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئارقىلىق پۇل تۆلەتكۈزىدۇ. (ئەگەر كەلگەن مالدا مەسىلە بولسا، بۇنىڭ يولى باشقا).


-------


ئەمما www.gome.com.cn


www.jd.com


www.tmall.com


www.suning.com


www.amazon.cn


www.dangdang.com


قاتارلىق نۇرغۇن تور سارايلىرىنىڭ ماللىرى ئاساسەن ئىشەنچىلىك بولۇپ، پۇل تۆلەشتىن بۇرۇن مالنى كۆرۈڭ ياكى كۆرمەڭ مۇھىم ئەمەس، پۇل تۆلەپ بولۇپ، مالنى كۆرسىڭىز، مالدا مەسىلە بولسا، سېتىۋالغان تور بېكەتنىڭ مال قايتۇرۇش تەرتىپلىرى بويىچە ئىش قىلسىڭىز بولىدۇ. پوچتا خادىمى پەقەت توشۇغۇچى. ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى ئۈستىگە ئىسمىڭىز يېزىلغان بىر خالتىنى سىزگە يەتكۈزۈپ، پۇلنى ئېلىش. مالنىڭ سۈپىتىگە ئۇ مەسئۇل بولمايدۇ. كەلگەن خالتىدىن بىر كەتمەن پوق چىقسىمۇ، ئۇ سىزدىن پۇلنى ئالىدۇ، چىرايلىقچە ئالىدۇ ياكى دەۋالىشىپ ئالىدۇ. سىز بۇ پۇلنى تۆلىمەي قۇتۇلالمايسىز. ئەگەر مالدىن ھەرقانداق مەسىلە چىقسا، بارلىق دەۋايىڭىزنى ساتقۇچى بىلەن قىلىشىڭىز كېرەك.


----------


مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ھېچقانداق بىر پوچتا مۇلازىمىتى پۇل ئېلىپ، ئىمزايىڭىزنى قويغۇزۇشتىن بۇرۇن مالنى كۆرسەتمەيدۇ. (يۇقىرىدا تور ئادرېسى يېزىلغان بېكەتلەر ئىشەنچىلىك بولغاچقا، بەزىدە پوچتا خادىملىرىمۇ شۇ بېكەتلەرنىڭ ئىناۋىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، سىزگە يول قويۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ پىرىنسىپىدا، پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرىسىز.)


-------


شۇڭلاشقا، مال تاپشۇرۇۋالغاندا پۇل تاپشۇرۇش پەقەت سىز ئىلگىرى سودا قىلىپ باققان ئىشەنچىلىك سودىگەرلەر، يۇقىرىدا ئادرېسى يېزىلغان بېكەتلەر ۋە سىز بىلىدىغان باشقا ئىشەنچىلىك ئورۇنلارغىلا ماس كېلىدۇ.


-----


www.taobao.com غا ئوخشاش ھەرقانداق ئادەم 1000 كوي تۆلەپ قويۇپ «ئىشەنچىلىك» دۇكان ئاچالايدىغان تور بېكەتكە نىسبەتەن يەنىلا Alipay ئارقىلىق تۆلەش كېرەك. چۈنكى مال كەلگەندە، ئۇنىڭدىن مەسىلە چىقسا، مال قايتۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن جەرياننى بىراۋلارغا يالۋۇرماي تۇرۇپلا، توردا ئۆزىڭىز قىلالايسىز. ھەتتا مالنى بىر نەچچە كۈن سىناپ ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاندىن «ئەلىپەي ئارقىلىق تۆلەنگەن پۇلنى ساتقۇچىنىڭ ھېسابىغا كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلالايسىز».


----------------


www.taobao.com دىكى بەزى ئەرزان باھالىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن مال كەلگەندە پۇل تاپشۇرۇشمۇ ئانچە خاتا ئەمەس، ئەلۋەتتە، سودىگەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن دۇرۇس سودا قىلىدۇ.


ئەمما كۆپ سوممىلىق سودىلاردا يەنىلا ئېھتىياتچان بولغان ياخشى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 16:19:19

تۆر

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 16:23:23

كەچۈرۈڭلار، خەت بېسىشتا خاتالىق كۆرۈلۈپ، «مال» سۆزى «ماك» بولۇپ قاپتۇ. ئۆزۈر!

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 16:25:44

مەن تېخى يېڭى ئىملا قائىدىسىدە «مال»نى «ماك» دەپ يازىمىزمىكىن دەپتىمەن.  {:90:}

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 16:31:47

مەنمۇ يېقىندا تاۋباۋدىن ياڭراتقۇدىن بىرنى سېتىۋالسەم، يىگىرمە نەچچە كۈنگىچە مال كەلمىدى، شۇنىڭ بەلەن ئەرز قىلىپ پۇلنى قايتۇرىۋالدىم....

ئالدىنقى قېتىم تېلىفۇندىن بىرنى سېتىۋېلىپ قارىسام تازا يارىمىدى، ئوتتۇرال باھا بېرىپ قويغان، ساتقۇچى تېلىفۇن قىلىپ يالۋۇرۇپ كەتتى، باھانى ئەلاغا يۆتكەپ قويدۇم....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 16:33:07

تاۋباۋدىن ئالغاندا مال كەلگەندە پۇل تاپشۇرغاندىن كۈرە ، ئاۋال پۇل تاپشۇرسا سېتىۋالغۇچىغا ئىشەنچلىك ، چۈنكى پۇلىڭىز ئۈچىنچى تەرەپتە ۋاكالىتەن تۇرىدۇ ، مال يارىمىسا قايتۇرۇپ ، پۇل قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش بىر قەدەر ئوڭاي .

مال كەلگەندە كۆرۈپ ئالاي دەيسىز ، بۇنى چۈشىنىشكە بۇلىدۇ ، ئەمما بەرىبىر پۇلنى تۆلىمىسىڭىز ، 90 % پوچتالىيۇن سىزگە مالنى كۆرسەتمەيدۇ ، تۆلىمەي قايتۇراي دىسىڭىز ساقلاپ ۋاقتىڭىز زايا بولدى ، پۇلنى تاپشۇرۇپ مالدا مەسىلە بولسا پوچتالىيۇندىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرەلمەيسىز ، بەرىبىر پۇلىڭىزنى ئالغىنى ئالغان ، ئۇنداقتا قانداق قىلىىسىز ، پۇل قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىسىز ، ئەمما پۇلىڭىزنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە ، پوچتالىيۇن سىز ئىمزا قويغان مال تاپشۇرۇۋېلىش تالۇنىنى يوللاپلا قويسا قارشى تەرەپ مال پۇلىنى ئېلىپ بۇلىدۇ ، سەگەك بولسىڭىزغۇ سىز نوچى سەللە بىخەستە بولسىڭىز سىزنى سۇقۇپ كىتىدۇ ، نەچچە مىڭ يۈەنلىك بىر سودىنى پۈتتۈرۈۋالسا توردىن يوقاپ كىتىدىغانلىرىمۇ بار ، ساتقۇچىلار ھەقىقى ئىسىم بىلەن تىزىملىنىدۇ ، چىڭ تۇرسىڭىز تاپالايسىز ، ئەمما خەقنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى تاوباۋمۇ ساقچى تەكلىپ قىلىپ دىلو بىجىرىپ بولغىچە ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ .....



ساختا تاۋباۋدىن ئېلىپ قالسىڭىزغۇ بولدى ، پۇلىڭىز يوق ......



ئەڭ ياخشىسى تور سودىسىدا قۇيۇلۇپ كەتمەي دىسىڭىز پۇلنى 支付宝 غا تۆلەڭ ، مالنى كۆرۈپ پۇل تۆلەش قارىماققا بىخەتەر ئۇسۇلدەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە 支付宝 غا تۆلىگەندىن خەتىرى ھەم ئاۋارىچىلىقى چوڭ ....

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 16:33:34

ئاۋۇ تاۋارىمنىمۇ يوقلاپ قويىشالا

http://tawarim.com/

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 18:04:07

ماڭىغۇ ماۇۋ www.51buy.com بەك يارايدۇ. ئىچكىرىدە تۇرۇۋاتقانلار بولسا سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.

شېنجېندا ، سائەت 9 دا توردا بۇيرۇپ قويسام، 11 گىچە ئىشخانامغا ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئاندىن تەكشۇرۇپ ، سىناپ پۇلىنى بېرىمەن. بۇلار ئۆزىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان مۇلازىمىتى باركەن.

ھازىرغىچە بىر تېلفون، بىر ياندىسكا، كامىرا جازىسى ....دېگەندەك نەرسىلەرنى ئاپتىمەن. سۈپىتى ۋە باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمىتى ياخشى. ياندۇرىمەن ياكى ئالماشتۇرىمەن دېسەم ئۆزى ئىشك ئالدىغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 00:53:05

تاۋباۋدىن كۆچەت سېتىۋالسا ئىشەنچ قىلغىلى بولامدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-10 17:29:13

مەندىن ئېلىڭە كۆچەتنى
بەت: [1]
: مال كەلگەندە پۇل تۆلەشنى توغرا چۈشىنىڭ