perex323 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 22:19:39

ئامىرىكا ھۆكۈمىتى تاقىلىپ قالدى.

خەۋەر مەنبەسى:


http://news.163.com/13/1001/12/9A3O407L00014JB6.html


مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر:


http://news.163.com/special/usgovernmentshutdownroll


    ئامىرىكا ھۆكۈمىتى  دېموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر  ھۆكۈمەت خامچوتى توغرىسىدا بىرلىككە كېلەلمىگەچكە 1– ئۆكتەبىر كۈنى يەنى ئامېرىكىنىڭ 2014– مالىيە يىلىنىڭ 1– كۈنى رەسمىي تاقالدى. بۇ يېقىنقى 17 يىلدىن بۇيان ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تاقىلىپ قېلىشى. ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىنمىسى بولمىغاچقا ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ قىسىم تارماقلىرى تاقىلىدىكەن، تەخمىنەن 800مىڭ نەپەر ھۆكۈمەت خادىملىرى مائاشسىز دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىلىدىكەن. پەقەت پوچتا مۇلازىمىتى، ياشانغاندا  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تارقىتىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاز بىر قىسىم تارماقلارلا ئىشلەيدىكەن.


ئامىرىكا فىدراتسىيە ھۆكۈمىتى 1977–يىلىدىن 1996– يىلىغىچە جەمئىي 17 قېتىم تاقىلىپ قالغان.

Espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 00:42:43

بارلىق فېدىرال باغچىلارنىڭ تاقىلىپ قالغىنى لېكىن چاتاق ئىش بولدى. نۇرغۇن ساياھەتچىلەر باغچىلارغا بېرىپ تۈنەپ ئويناپ كېلىش ئۈچۈن بىرەر ئاي بۇرۇن تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەچكە .ىقتىسادى ۋە روھى زىيان خېلىلا بوپتۇ.

بۈگۈن ئەتىنىڭ ئىچىدە بىرلىككە كېلىش ئېھتىماللىقى باركەن ئىككى پارتىيە سۆھبىتىنىڭ خەۋەرلەرگە قارىغاندا.

function يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 01:23:43

ھەي ئامېرىكا

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 05:52:59

بەكلا قاملاشمىغان ئىش بولدى. ھەممىسى دىموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر ئارىسىدىكى سىياسى ئويۇن. ھۆكۈمەت تاقىلىپ قىلىپ مېنىڭ بىر قىسىم شەخسىي ئىشلىرىمغىمۇ بىۋاستە تەسىر قىلغاچقا ھەر ئىككىلى پارتىيەگە ئۆچلۈكۈم كەلدى...

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 05:58:09

ھۆكۈمەت تاقالدى دېسە، ھەممە ئىشلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان، جوڭگودەك قۇدرەتلىك دۆلەتتە ياشاپ كۆنۈپ قالغان ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن.

ئۇلار خۇددى دۆلىتىمىزدىكى خۇسۇسىي كارخانىلاردەكلا تۇيغۇر بېرىدىكەن.

جاھاننىڭ ئىشىغا ئارلىشىمەن دېگۈچە، ئۆزىنىڭ ھالى بىلەن قالسىچۇ، ئۆزىنىمۇ باقالمىغان ھالىغا، ھېلى ئۇ ئىشقا، ھېلى بۇ ئىشقا تولا ئارلىشىۋالىدىكەن. پەقەت ھەل قىلالمىسا دۆلىتىمىزدىن پىدائىيلارنى تەكلىپ قىلسىمۇ ئۇلاردىن ياخشى قىلىۋېتەتتى.

دىمكىراتىيە، ئەركىنلىك دەپ داۋراڭ سالىدۇ. دېمكىراتىيە دېگەننى ھۆكۈمەت دىكتاتۇرا ئارلىق ئىجرا قىلمىسا، دېمكىراتىيە نېمە ئىش قىلسۇن. يەنىلا بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز داناكەن.

مەنمۇ بىر مۇنچە بىلجىرلاپ كېتىپتىمەن. قارىغاندا ئۇلار مەنچىلىكمۇ بىر نېمە بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 07:24:20

پاي بازىرى شىددەت بىلەن چۈشىدۇ. ( جوڭگودا )

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

forever يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 09:23:01

ھۆكۈمەت تاقىلىپ قاپتۇ دېگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 09:41:12

ھۆكۈمەت تاقىلىپ قالسا ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى كىم، قانداق يۇسۇندا بىجىرىدىغاندۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 09:44:32

تاقىلىپ كەتسە تىخى ياخشى، گۈزەل ئامرىكا

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 09:46:40

ئامرىكا ھۆكۆمىتىنىڭ تاقىلىپ قىلىشنى جۇڭگۇدىن كۆرەمدۇ تىخى.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 10:43:57

تاقىلىپ قالدى دىگەن بايرام قىلىپ دەم ئالدى دىگەندەكلا ئىشتەك قىلىدۇ. بەرىبىر يەنە ئاچىدۇ.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 10:44:27

ئۇزۇنغا قالماي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر مۇنچە شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىدا زور داۋالغۇش كۆرۈلىدىكەندە!

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 11:10:18

ھۆكىمەت تاقىلىپ قالسا كوچىدىكى تېرورچى، ئوغرى-يانچۇقچى، بۇلانچى-قاراقچىلارنى كىم تۇتىدىكىنە؟

نوپۇس بېجىردىغانلار نەگە بېرىپ بېجىردىغاندۇ؟ \"\"

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 11:49:43

ئىش توختاتتى، دەم ئالدى دېسە بولىدىغان گەپكەن

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 12:27:09

ھۆكىمەت تاقالسىمۇ دۆلەت باردە . بىز ھۆكىمەت بىلەن دۆلەتنى بىر دەپ قارايمىز ئەمما ئۇ دۆلەتلەردە بۇ ئىككىسى ئايرىۋىتىلگەن .

badur0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 13:00:18

زوڭتوڭ ئوباما باشچىلىقىدىكى ئاقساراينىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھۈكۈمەت پۇلىنى خالىغانچە خەجلىيەلمەيدۇ.

ئوباماغا پۇل كىرەك بولسا پارلامىنت تەستىقلىسا ئاندىن ئوباما پۇل خەجلىيەلەيدۇ.خىزمەتچىلىرىگە مائاش تارقىتالايدۇ.

شۇڭا بۇ قىتىم شۇ پۇلنىڭ جىدىلى بىلەن ئوباما سورىغان پۇلنى پارلامنىت تەستىقلىماي ۋاقتى توشوپ كەتكەچكە ئوباما ھۈكۈمىتى ۋاقىتلىق تاقالدى.

ئوبامانىڭ قولىدىكى 8مىليونغا يىقىن دۈلەت مەمورى مائاش ئالالمىدى.

ئوبامادا پۇل يۇق بولغاچقا ئوبامانىڭ يىقىندا مالايسىيەگە قىلدىغان زىيارىتى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ھۈكۈمەت خادىملىرى ھۈكۈمەت تاقالغان ۋاقتىدا دەم ئىلىشتىكى خىراجىتىنى ئۈز يانچوقىدىن چىقىرىپ قىلىدۇ ،ھەرگىز ھۈكۈمەت مالىيەسىدىن چىقمايدۇ.

لىكىن دۈلەتنىڭ بىخەتەرلىك .ئۇرۇش تەييارلىقى،ھەم باشقۇرۇش ھۇقۇقى يەنىلام ئوبامانىڭ قولىدا بولىۋىرىدۇ.ئوباما باشقۇرۇپ تۇرىۋىرىدۇ.


يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bayram يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 14:28:03

بۇ خەۋەر ئۈتكەندە بىلىمخۇمار ئاكىمىز دىگەن بىر گەپنى ئىسىمگە سىلىپ قويدى. ھۆكۈمەتنىڭ دەپ خالىغانچە ئىشىلتىدىغان ئىش ئامېرىكىدا يوق ئۇخشايدۇ. ئەگەر بۇ ئىش(ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قىلىشى) جۇڭگودا يۈز بەرسە دۆلەتنىڭ يۈزىگە بەك سەت بولدى دەپ قارىلىشى ئېنىق ئەمما بۇ ئامېرىكدا نورمال ئىش بولسا كېرەك. قارىغاندا بەزىلەر ئامېرىكنى ئۆزنىڭ نۇقتىىئىنەزەرى بۇيىچە باھالاۋاتقان ئۇخشايدۇ. يەنى ئەگەر شۇ گەپنى قىلغۇچىلار ئامېرىكىدەك بىر كۈچلۈك دۆلەت ماشىنسىنى ئىگلىسە بايلىق ئىگلەش ئۈچۈن بۇ دۆلەتنى باشقا دۆلەت ئۈستىدە ئادالەتسىز ھەركەتلەندۇرىدۇ ياكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ شۇنداق قىلىشقا ھەققى بار دەپ قارايدۇ.

freebird يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 14:32:34

ئامىرىكىدەك قانۇن-تۈزۈملەر مۇكەممەللەشكەن دۆلەتتە ھۆكۈمەت تاقالغان تەقدىردىمۇ ھەممە ئىشلار جايىدا كېتىۋىرىدۇ .
بەت: [1] 2
: ئامىرىكا ھۆكۈمىتى تاقىلىپ قالدى.