bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 20:08:16

NASA: ئالەم ئۇچقۇرى جۇنو 9-ئۆكتەبىر يەر شارى يېنىدىن ئۆتىدۇ

NASA: ئالەم ئۇچقۇرى جۇنو 9-ئۆكتەبىر يەر شارى يېنىدىن ئۆتىدۇ




بىلىمخۇمار

2013-10-4




2011-يىلى 5-ئاۋغۇست كۈنى ناسا يۇپىتېرنى تەكشۈرىدىغان «جۇنو»(Juno)  ئىسىملىك ئالەم ئۇچقۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان ئىدى.  جۇنو يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋە يۇپىتېرگە بارىدىغان يۆنىلىشىنى توغرۇلاش ئۈچۈن، 2013-يىلى 9-ئۆكتەبىر كۈنى يەرشارىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدۇ.  ئۇنىڭ يەر شارى يېنىدىن ئۆتىدىغان ئورنى جەنۇبىي ئافرىقا شەرقىي-جەنۇبىي دېڭىزى قىرغىقىغا 200 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز ئۈستىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئاشۇ چاغدىكى ئۇنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 559 كىلومېتىر كېلىدۇ.  دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ جۇنونى كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، پەقەت جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كىشىلەرلا قاراڭغۇ كېچىدە ئۇنىڭ يەر ئاسمىنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.




جۇنو ھازىر يەر يۈزىگە نىسبەتەن سائەتىگە 25200 كىلومېتىر تېزلىكتە يول مېڭىۋاتقان بولۇپ، ئۇ يۇپىتېرگە 2016-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى يېتىپ بارىدۇ.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۇپىتېرنى ئوربىتلاپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.  




جۇنو ناسا يۇپىتېرنى تەكشۈرۈشكە ماڭدۇرغان 2-ئالەم ئۇچقۇرى بولۇپ، ناسا 1989-يىلى 18-ئۆكتەبىر كۈنى «Galileo» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى يۇپىتېرگە ماڭدۇرغان ئىدى.  Galileo 1995-يىلى 7-دىكابىر كۈنى يۇپىتېرگە يېتىپ بېرىپ، 8 يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئىشتىن توختۇتالغان بولۇپ، ناسا ئۇنىڭ يۇپىتېر ھەمرالىرىنى بۇلغاپ قويىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنى 2003-يىلى 21-سىنتەبىر كۈنى يۇپىتېرنىڭ ئاتموسفراسىغا كىرگۈزۈپ كۆيدۈرىۋەتكەن ئىدى.




يەر شارى بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئارىلىقى 4.2 ئاسترونومىيە بىرلىكىدىن 6.2 ئاسترونومىيە بىرلىكىگىچە بولۇپ، بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقىغا تەڭ:




بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى = 149597871 كىلومېتىر

بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى = 149،597،871 كىلومېتىر




جۇنونى ناسا ئۈچۈن JPL باشقۇرۇپ بېرىۋاتقان بولۇپ، 9-ئۆكتەبىر كۈنى بىزنىڭ ئىدارىدە بىر چوڭ تەبرىكلەش پائالىيىتى بولماقچى.  




ئوقۇرمەنلەرگە مۇراجەت:

ناسا ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان نەرسىلەر ئىنگلىزچىدە «Spacecraft» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىنتېرنېت يۇلغۇن لۇغىتى (http://dict.yulghun.com ) دە «ئالەم كېمىسى» دەپ ئىزاھلىنىپتۇ.  مەن بۇرۇن ئۆزەمنىڭ ماقالىلىرىدا مۇشۇ «ئالەم كېمىسى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىدىم.  كېيىن ۋەتەندىكى برى قېرىندىشىمىز ماڭا ئۇنى «ئالەم ئۇچقۇرى» دەپ ئېلىشنى تەكلىب قىلدى.  شۇنىڭ بىلەن مەن «ئالەم ئۇچقۇرى» سۆزىنى ئىشلىتىشكە باشلىدىم.  يېقىندا يەنە بىر قېرىندىشىمىز ئۇنى «ئالەم ئۇچقۇ» دەپ ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.  مەن ھازىر بىر ئاز قايمۇقۇپ قالدىم. بۇ سۆزنى زادى نېمە دەپ ئېلىش كېرەك، ماڭا بىر تەكلىب بەرگەن بولساڭلار.  رەھمەت.




1-resim





2-resim







86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 20:33:51

«ئالەم»مۇ ئىسىم، «ئۇچقۇ»مۇ ئىسىم، ئىككىسىنى بىرىكتۇرۇپ ئالسا «ئالەم ئۇچقۇسى»، ياكى ئالەم ئۇچقۇرى «ئالەم»نى قىسقارتىپ ئاتىغان چاغدا «ئۇچقۇ»، كۆپلۈك ئاتىلىشى «ئالەم ئۇچقۇلىرى»، «ئۇچقۇلار».

«ئالەم ئۇچقۇرى» دەپ ئالسىڭىزمۇ شۇنىڭغا كۈنۈپ قالاي دىدۇق، «ئۇچقۇر» دەپ ئالسىڭىزمۇ نىمىنى دەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىمىز.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 21:14:38

ئامېرىكىلىقلار بۇ ئالەم ئەسۋابىنى يوپىتىرغا ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمىغا ئۈلگەرتىپ چىقارماقچىكەن-دە!

رەسىمدىن بۇ نەرسىنى بىر ئالەم كېمىسى ياكى ئۇچقۇسىدەك ئەمەس، بىر ئەسۋابتەك كۆردۈمغۇ!

ئالەم كېمىسى ياكى ئالەم ئۇچقۇسى بولسا، چوقۇم ئادەم ياكى باشقا نەرسىلەرنى قاچىلاپ ئالەمگە ئېلىپ چىقالايدىغان قاتناش قورالىدەك بىر نەرسە بولسا بولاتتى. لېكىن ئۇ پەقەت بىر ئەسۋاپتەكلا قىلىدۇ. قالغىنى ئەركىنكام ئۆزى بىلەر!

يەنە بىرسىگە، «ئۇچقۇر» دېگەن سۆز ئىسىم ئەمەس، بەلكى سۈپەتتۇر. قىزىل تۇلپار دېگەندەك، ئۇچقۇر ئات دەيمىز. بۇ يەردە سۈپەتنى ئىسىم ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئالەم ئۇچقۇرى دېسە تازا مۇۋاپىق بولمامدىكىن دەيمەن. ئالەم ئۇچقۇرى دېسە، پالىۋانلار نوچىسى، كېيىمنىڭ پاكىزى دېگەندەك، ئالەمدىكى ئەڭ ئۇچقۇر نەرسىنى ئىپادىلىسە مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن.

ئەگەر بۇ نەرسە پەقەت ئەسۋاب بولۇپلا قالماي، يەنە قاتناش قورالى بولۇپ قالسا، ئالەم ئۇچقۇسى دېسىمۇ بولىدۇ.

ھازىر باشقا تۈركىي دۆلەتلەردە ئايروپىلاننى ئۇچاق دەيدىغان ئوخشايدۇ. ئاخىرقى جۈملە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ قوشۇپ قويدۇم.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 21:58:40

2011-يىلى 5-ئاۋغۇست كۈنى ناسا يۇپىتېرنى تەكشۈرىدىغان «جۇنو»(Juno) ئىسىملىك ئالەم ئۇچقۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان ئىدى. جۇنو يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋە يۇپىتېرگە بارىدىغان يۆنىلىشىنى توغرۇلاش ئۈچۈن، 2013-يىلى 9-ئۆكتەبىر كۈنى يەرشارىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدۇ

-----

يەرگە قاراپ يېقىنلاپ بارغان يۆنۈلۈشىدە، يەر شارينىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئۇچقۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنى ئاشۇرغان بىلەن، يەردىن يىراقلاياىغان چېغىدا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينىمامدۇ؟ يەنە بىرى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت يەردىن يىراقلىتىش جەريانىدا يۇپىتېرنى نىشانلاپ ئۇدۇل ماڭدۇرۇلمىغان ئوخشىمامدۇ ؟ ئارىلىقى 4 ئاستورنوميە بىرلىكىدىنمۇ ئارتۇق بولسا قۇياشقا ئىككى قېتىم بېرىپ كەلگەن ئارىلىقتىنمۇ يىراقكەندە ئۇ توپ .


\"\"

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 22:49:24

3- قەۋەتتىكى 86نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توغرۇلاش ئۈچۈن، 2013-يىلى 9-ئۆكتەبىر كۈنى يەرشارىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدۇ

-----

يەرگە قاراپ يېقىنلاپ بارغان يۆنۈلۈشىدە، يەر شارينىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئۇچقۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنى ئاشۇرغان بىلەن، يەردىن يىراقلاياىغان چېغىدا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينىمامدۇ؟ يەنە بىرى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت يەردىن يىراقلىتىش جەريانىدا يۇپىتېرنى نىشانلاپ ئۇدۇل ماڭدۇرۇلمىغان ئوخشىمامدۇ ؟ ئارىلىقى 4 ئاستورنوميە بىرلىكىدىنمۇ ئارتۇق بولسا قۇياشقا ئىككى قېتىم بېرىپ كەلگەن ئارىلىقتىنمۇ يىراقكەندە ئۇ توپ .


\"\"




تۆۋەندىكى سىن ھۆججىتىدە قانداق قىلىپ جۇنونى تېزلەتكىلى ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى يۇپىتېرگە قاراتقىلى بولىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.  بۇ يەردە قۇياشنىڭ تارتىش كۈنى بىلەن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەڭ رول ئوينايدىغان بولۇپ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى جۇنونىنى تېزلەتسە، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى ئۇنىڭ يۇپىتېرغا قاراپ مېڭىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن. يەر شارىنىڭ جۇنونى ھەم تېزلىتىپ، ھەم ئاستىلىتىپ قويماسلىقىنىڭ سەۋەبى، يەر شارى قۇياشنى ئاينىلىپ مېڭىۋاتقان بولغاچقا، يەر شارىنىڭ جۇنونى تېزلىتىش تارتىش كۈچى بىلەن ئۇنى ئاستىلىتىش تارتىش كۈچى ئوخشاش بولمايدۇ.  يەنى بۇ ئىشنى پىلانلىغۇچىلار جۇنونى تېزلىتىش كۈچىنىڭ ئۇنى ئاستىلىتىش كۈچىدىن جىق كۈچلۈك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.



http://missionjuno.swri.edu/earth-flyby



بۇرۇن بەزى تورداشلار مەندىن ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان-ئايلانمايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى.  بەزىلىرى ئايلىنىدۇ، بەزىلىرى ئايلانمايدۇ.  ئەمما، جۇنو ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىكەن.  بۇنى يۇقىرىقى سىن ھۆججىتىدىن كۆرىۋالالايسىز.




kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 23:23:55

ئالەم ،قوياش سىستىمىسىنى ئەمدىلەتىن ئازراق چۈشىنىشكە باشلىدىم.ئىلگىرى يەر شارى يۇمىلاق دىسە بىز زىمىننىڭ ئىچىدە ياشايدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 23:51:49

ئۇنى كۆرگەندە يۇلتۇزلارنى كۆرگەنگە ئوخشاش، قۇياشتىن قايتقان نۇر ئارقىلىق كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىدىكى ئىنىرگىيەدىن چىققان يورۇقلۇقتىن كۆرەمدۇ. قانچىلىك چوڭلۇقتا كۆرۈنىدىغاندۇ؟ \"\"

yatwash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 07:08:15





ئوقۇرمەنلەرگە مۇراجەت:

ناسا ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان نەرسىلەر ئىنگلىزچىدە «Spacecraft» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىنتېرنېت يۇلغۇن لۇغىتى (http://dict.yulghun.com ) دە «ئالەم كېمىسى» دەپ ئىزاھلىنىپتۇ.  مەن بۇرۇن ئۆزەمنىڭ ماقالىلىرىدا مۇشۇ «ئالەم كېمىسى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىدىم.  كېيىن ۋەتەندىكى برى قېرىندىشىمىز ماڭا ئۇنى «ئالەم ئۇچقۇرى» دەپ ئېلىشنى تەكلىب قىلدى.  شۇنىڭ بىلەن مەن «ئالەم ئۇچقۇرى» سۆزىنى ئىشلىتىشكە باشلىدىم.  يېقىندا يەنە بىر قېرىندىشىمىز ئۇنى «ئالەم ئۇچقۇ» دەپ ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.  مەن ھازىر بىر ئاز قايمۇقۇپ قالدىم. بۇ سۆزنى زادى نېمە دەپ ئېلىش كېرەك، ماڭا بىر تەكلىب بەرگەن بولساڭلار.  رەھمەت.






ئۇنى خالىغان شەخسلەرنىڭ \"ئالەم ئۇچقۇرى\"، \"ئالەم ئۇچقۇ\" دەپ ئاتىىشى بويىچە ئاتىماي، تىلشۇناشلار تۈزگەن \"ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇر لۇغىتى\"، \"ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى\" قاتارلىقلاردىكى ئاتىلىشى ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتىلىشى بويىچە \"ئالەم كېمىسى\" دەپ ئاتىغان مۇۋاپىق. شەخسنىڭ قانداق ئاتاش توغرىسىدىكى پىكرى ئۆزىنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە مەخسۇس ئىلمىي ماقالە يېزىپ، مۇناسۋەتلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇپ، شۇ سۆزنى لۇغەت تەركىبىگە كىرگۈزسە بولىدۇ )ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىغا كىرمىگەن ئاتالغۇلاردىن باشقىلىرى(. ئومۇملىشىپ كەتكەن سۆزلەرگە يېڭىدىن سۆز ياسايمەن دېيىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ھەم ئۆتمۈشنى كەينىگە بۇرش بىلەن تەڭ. شۇڭا، بىرلىككە كەلگەن بويىچە ئالسىڭىز مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن. )ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم، كەچۈرۈڭ(










86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 10:38:31

ئادەم ئېلىپ ماڭىدىغان ئۇچقۇنى «ئالەم كېمىسى» دىسە، يۇقۇرقىدەك ئالەمنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يىراقتىن كونترول قىلىدىغان ئەسۋاپنى «ئالەم ئۇچقۇ» دىسە مۇۋاپىق كېلۇر؟ مېنىڭچە، بۇنىڭ نامىنى نىمە دەپ ئاتاشتا ناسادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاللىشى ئەڭ ھەقلىق. شۇلار قايسى نامدا ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ تاللىسا شۇ نام بىلەن ئاتاپ ئومۇملاشسىلا بولىدۇ، تىلشۇناسلار لۇغىتىگە قۇشىۋالسۇن. «ئالەم كېمىسى» دىگەن نامنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپلا لۇغىتىگە كىرگۈزىۋالسا، ئەمىلىيەتتە ناسا كائىناتقا ئەۋەتكەن نەرسىلىرىنىڭ رولىنى ھەم شەكلىنى ئىقتىدارىنى ئۆزلىرى ھەممىدىن بەك بىلىدۇ. تىلشۇناسلار لۇغەتكە كىرگۈزىۋالغان ئىسىمنى ناسادىكىلەر مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، تەكلىپ بېرىلگەن ئىسىملاردىن ئەڭ مۇۋاپىق دەپ بىرىنى تاللاپ شۇ ئىسىمنى ئىشلەتسە، قالغانلىرىمىز شۇنى قۇبۇل قىلىپ ئومۇملاشتۇرساق بولىدۇ. مەن شۇنداق قارايمەن.

----------------------------------------------------------------------------

  بۇ يەردە قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەڭ رول ئوينايدىغان بولۇپ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى جۇنونىنى تېزلەتسە، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى ئۇنىڭ يۇپىتېرغا قاراپ مېڭىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.(bilimxumar)

----

ھە راست. يەر شارىدىن باشقا، يەنە قۇياشنىڭمۇ  تارتىش كۈچى تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئويلىماي قاپتىمەن.

ئالەمنى كۈزىتىش مەسىلىسىدە، يەنە مۇنداق سۇئاللار كاللامنى قاپلىدى:

1. كائىناتنىڭ سىرىنى تەكشۈرۈشتە ناسا دىن باشقا يەنە باشقا دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنداق ئىلغار سەۋىيەلىك شېركەتلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار بارمۇ؟

2. باشقا سەييارىلەرنىڭ تەركىپى يەر شارىنىڭ ماددا تەركىپى بىلەن ئوخشاشمىدۇ؟ يەنى، بەزى سەييارىلەر ساپ تۈمۈردىن ياكى ساپلا ئالتۇندىن تەركىپ تاپقان، بەزىلىرى يەنە باشقا مىتال ياكى سۇيۇق جىسىم، گاز جىسىمدىن تەركىپ تاپقان دىگەندەك ئەھۋاللارمۇ بايقالدىمۇ؟.

3. نۇرغۇنلىغان نۇر يىلى يىراقتىكى شارلارنى نۇر ئارقىلىق كۆرگەندە پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىلىش ئىمكانىيىتىمۇ بارمىدۇ؟

4.يىراقتىكى شارلارنى شۇلارغا يېقىنلاپ بېرىپ تەكشۈرمەكچى بولغاندا، مانچە مىڭ نۇر يىلى دىگەندەك يىراق يەرگە بېرىش مۇمكىن بۇلامدۇ؟

5. ھازىر ئەڭ يىراققا بارغان ئۇچقۇ 17 سائەت (نۇر يىلى ئارىلىقى) بولسا، بىر نەچچە نۇر يىلى يىراققا بارغاندا، ئالاقە قىلىشىش بەكلا قۇلايسىزلىشىپ بارامدۇ قانداق؟

6. ئىنسانلار قوللىنىۋاتقان ئۇچۇر ۋاستىسى نۇر ۋە ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنى بولغاچقا ، ئىنسانلارنىڭ يىراقتىكى شارلارنى تەكشۈرۈشتە تېزلىك، ئارىلىق، ۋاقىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلمىسىدە ، يىراققا بېرىش ئارىلىقى بەكلا چەكلىك بۇلۇپ قالامدۇ قانداق؟

7.قۇياش سېستىمىسىدىكى سەييارىلەر ناسا نىڭ ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيەسىدە يېقىنلاپ بېرىپ ئۇلارنى  تەكشۈرۈش ھېچ گەپ ئەمەستەك قىلىدۇ. ئۇلارنى تەكشۈرۈشتە قانداق يېڭى بايقاشلار بولغاندۇ؟

8. كائىناتنى ماكرو ۋە مىكرو جەھەتتىن تەكشۈرۈشتە، مۇشۇ كائىناتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى دىگەندەك جەھەتلەردە قانداق بايقاشلار بارمۇ؟

9. مەن بەزىدە مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىمەن: ناۋادا بىر ئادەمنىڭ بەدىنىنى نەچچە مىليارت ھەسسە نىسبەتتە چوڭايتىپ ، مالىكۇلىلار ئارىلىقلىرىنى خۇددى قۇياش سېستىمىس بىلەن باشقا سېستىمىلارىلىك ئارىلىققا چوڭايتىپ قارىسا، ئادەم بەدىنىمۇ بىر كائىنات بولۇپ كېتەرمۇ؟ بۇنىڭ ئەكسىچە تەسەۋۇر قىلىپ، بىز تەكشۈرۋاتقان كائىناتنى نەچچە مىليىارت ھەسسە نىسبەتتە كىچىكلىتىپ قارىسا، كائىناتمۇ بىرەر نەرسىنىڭ بىر بۇرجىسى شەكلىدىمىدۇ؟ دىگەندەك.

ئاندىن مەن قاندىقىغا ئويلىسام ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتىگە تەسلىم بولىدىكەنمەن، بۇ كائىناتنىڭ چوڭلىقىدا. ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇنىيەت مەۋجۇت بولغانكەن، چوقۇم بىر ئەقىل تەرىپىدىن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق، دەپ يۈكۈن چىقىرىمەن.

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 11:45:32

1- قەۋەتتىكى 86نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«ئالەم»مۇ ئىسىم، «ئۇچقۇ»مۇ ئىسىم، ئىككىسىنى بىرىكتۇرۇپ ئالسا «ئالەم ئۇچقۇسى»، ياكى ئالەم ئۇچقۇرى «ئالەم»نى قىسقارتىپ ئاتىغان چاغدا «ئۇچقۇ»، كۆپلۈك ئاتىلىشى «ئالەم ئۇچقۇلىرى»، «ئۇچقۇلار».

«ئالەم ئۇچقۇرى» دەپ ئالسىڭىزمۇ شۇنىڭغا كۈنۈپ قالاي دىدۇق، «ئۇچقۇر» دەپ ئالسىڭىزمۇ نىمىنى دەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىمىز.

ئالەم سۆزىنى چوقۇم قوشۇپ يېزىش كېرەك.

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 11:47:04

ئالەم ئايرۇپىلانى ئالەم ئۇچقۇرىغا تەڭمۇ؟ ئالەم كېمىسىچۇ؟

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 15:07:28

«ئالەم كېمىسى» خاتا ئەمەس، Spacecraft دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمى بوشلۇق كېمىسى، ئالەم كېمىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنبە تىلغا بىر قەدەر يېقىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە لۇغەت، دۇنيادىكى ئىشلار ۋە گېزىت-ژۇرناللاردا بىردەك ئالەم كېمىسى دەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

«ئالەم ئۇچقۇرى» مۇ ناھايىتى ياخشى.

ئەمما «ئالەم ئۇچقۇ» دېگەن خاتا. چۈنكى: ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى سۆز ئىزاھلىغۇچى-ئىزاھلانغۇچى شەكلىدە بىرىكىپ سۆز ياسالغاندا، ئىزاھلانغۇچى شەخس قوشۇمچىسى «ى  سى» بىلەن تۈرلىنىدۇ. «ئالەم» سۆزى بىلەن «ئۇچقۇ» سۆزىنى بىرىكتۈرۈپ سۆز ياسىغاندا، ئۇچقۇ سۆزىنىڭ ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بولغاچقا، بىر «ر» تاۋۇشى قوشۇلۇپ ئاندىن شەخس قوشۇمچىسى «ى» قوشۇلىدۇ ياكى شەخس قوشۇمچىسى «سى» بىۋاستە قوشۇلىدۇ. شۇڭا «ئالەم ئۇچقۇرى» ياكى «ئالەم ئۇچقۇسى» دېيىش كېرەك.

--------

«ئالەم ئۇچقۇ» دەپ ئالغانلىق خۇددى «ئاپتوبوس بېكەت»، «خەلق يول»، «ئامېرىكا دوللار»، «ئامېرىكا قوشما شىتات»... دېگەندەك شەخس قوشۇمچىسى قوشۇلمىغان خاتا گىرامماتىكىلىق شەكىل. بۇلار توغرا ھالەتتە «ئاپتوبۇس بېكىتى»، «خەلق يولى»، «ئامېرىكا دوللىرى»، «ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى»... بولىدۇ.

-------------------

2-چۈشەندۈرۈش:

ئۇچقۇ سۆزى «ئۇچ» سۆزىگە «غۇقۇگۈكۈ» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان بولۇپ، بۇ قوشۇمچە ئۇيغۇر تىلىدا ئانچە جانلىق ئەمەس، تۈرك-ئازەرى قاتارلىقلاردا سەل جانلىق. بۇ قوشۇمچىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋارىيانتى «غۇرقۇرگۈركۈر» دۇر. يەنى «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قالمىغان شەكلىدۇر. تۈركىي تىللار دىۋانىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. دېمەكچى بولغىنىم «ئۇچقۇ» ئەمەلىيەتتە «ئۇچقۇر» نىڭ «ر» چۈشۈپ قالغان شەكلى. خۇددى «يارماق» تىكى «ر» چۈشۈپ قېلىپ «ياماق» بولغاندەك، .....

ر چۈشۈپ قالمىغان شەكىلنى ئىشلەتسە، بىر قەدەر مۇۋاپىق، ئانا تىلىمىزنىڭ يىلتىزىغا يېقىنراق بولىدۇ.

شۇڭا بىلىمخۇمار ئەپەندى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان دەپ كېلىۋاتقان «ئالەم ئۇچقۇرى» ئىنتايىن توغرا. ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-7 22:23:03

مۇنداق قىلايلى:

ھەممىسىنى بىرلا ئىسىم بىلەن ئاتاش ئېھتىياجدىن چىقالمايدۇ، ئىشلىتىلىشى، رولىمۇ ھەر خىل.

ئالەم ئۇچقۇرى بولسا ئورتاق، ئۇمۇمىي ئىسىم. ئالەم كېمىسى، سۈنئىي ھەمراھ، راكېتا قاتارلىقلار بولسا تۈرگە ئايرىلغان خاس ئىسىم.


ئوق يولى بويىچە ئۇچىدىغان، يەنى ئاساسەن پارابولا شەكلىدە ئۇچۇپ يەرگە چۈشىدىغان، ئېگىز ھاۋا قاتلىمىغا چىقالمايدىغان، يەرنى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا چىقالمايدىغان بارلىق جىسىملار- ئالەم ئۇچقۇرى ئەمەس! ئەكسىچە، بىرىنچى ئالەم تېزلىكىگە ئىگە بولۇپ، يەردىن قۇتۇلۇپ ئۇچۇپ چىققاننىڭ ھەممىسى ئالەم ئۇچقۇرى! مەيلى چىقىپلا چۈشۈپ كەتسىمۇ..


يېقىلغۇ ساندۇقى ۋە پۈركۈش بېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسىمنى راكېتا دەۋاتىمىز.


قۇياش سىستېمىسى ئىچى- سىرتىغا تەكشۈرۈش ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن ئەسۋاپلارنى سۈنئىي ھەمراھ دېيىشكە بولمايدۇ، بۇرۇن ئالەم كېمىسى دەپ ئاتالغان چاغلارمۇ بار. ئالەم ئۇچقۇرى دېيىش مۇۋاپىق.


يۈك ياكى ئادەم توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغىنى- ئالەم كېمىسى.

بوشلۇقتىكى ئالەم تېلېسكوپى- بۇ مەخسۇس ۋەزىپىلىك بولغاچقا، ئالەم تېلېسكوپى دەپ خاس ئىسىم بىلەن ئاتاش ئورۇنلۇق، ھازىرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمىز.


يەرنى، ئاينى ۋە باشقا سەييارىلەرنى مۇقىم تەكرار ئايلىنىدىغان ئوربىتىغا چىقىرىلغاننى- سۈنئىي ھەمراھ دەيمىز. مەسىلەن، GPS سىستېمىسىدىكىلەر بولسا سۈنئىي ھەمراھ.


پەقەت تەكشۈرىدىغان، نەرسە توشۇمايدىغان، پىلانىت ياكى ئاي تۈرىدىكىلەرنى ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان، نەچچە ياكى نەچچە ئوننى ئايلىنىپ چۈشۈپ كېتىدىغان ياكى ئايرىلىپ كېتىپ قالىدىغانلارنى (ئوربىتىسى تۇراقسىزلارنى) ئۇمۇمىي ئىسىم- ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن ئالساق بولىدۇ.


بەزىدە، جۈملە ئىچىدە رولىنى بىۋاستە ئاتاش قولاي كەلگەنلەرنى، تەكشۈرۈش ئەسۋابى دەپلا ئېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، «ئاينى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇپ بېرىلدى» ئۇلارنى ئۆزىگە قويۇلغان نام بىلەن ئاتاپمۇ قالىمىز.


خاس ئىسمى يوق ياكى تۈرگە ئايرىش قولايسىز بولغانلىرىنى ئالەم ئۇچقۇرى دەپ ئالساق بولىدۇ.



ئومۇمەن، تىلىمىزدا ياساپ چىقارغىلى بولىدىغان ھەر قانداق ئىسىمنى چەكلەش توغرا ئەمەس. دەسلەپ شۇ ئىسىم- ئاتالغۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، كۈنۈش قاتارلىقلار مۇجىمەل بولۇشى مۇمكىن، لېكىن چوقۇم بىر ئامال بىلەن كۆنۈپ قالىمىز. بولۇپمۇ تىلىمىزنىڭ يېغى ئېرىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ چاغدا..

بەت: [1]
: NASA: ئالەم ئۇچقۇرى جۇنو 9-ئۆكتەبىر يەر شارى يېنىدىن ئۆتىدۇ