شىيەندەي رۈينا ئاجايىپ ئىش
مەن 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا شىيەندەي رۈينادىن بىرنى ئالغانتىم ،مۇنۇ ئىشلارنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
1. ئەتىگىنى مېڭىش ئالدىدا ئوت ئالدۇرۇپ ماتورنى قىزىتىمىز، بۇ ماشىنىدا يا ماتور تېمپىراتۇرىسىنى يا سوۋۇتۇش سۈيىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى كۆرسىتىدىغان سائەت ، سېترىلكا يا چىراق دىگەندەك ھېچنىمە يوقكەن ، پەقەت بىلەلمىدىم قانچە ۋاقىت قىزىتىشنى ، شۇ ماتورنىڭ ئايلىنىشىنى كۆرسىتىش سائىتىگە قاراپ بىردىن سەل تۆۋەنلەپ 900-800 لەرگە كەلگەندە ماڭدىم.
مۇشۇ ماتور قىزىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى قانداق بىلىمەن ؟
2.بۇ ماشىنىنىڭ كەينى تۇمان چىرىقىنى ياقسام سول تەرەپ تۇمان چىرىقى قىزىل يېنىپ ئوڭ تەرەپنىڭ تۇمان چىرىقى يانمايدىكەن ( ئاق رەڭدە يانىدىكەن )، ئىككىلىسى تەڭلا يانمايدىكەن ، ئىشقىلىپ غەلىتىلا، ئىككىلىسىنى تەڭلا ياندۇرالمىدىم، يېنىش رەڭگىمۇ ئوخشىمايدىكەن. يانمايدىغىنى رەسىمدىكى ئاستى ئاق رەڭلىك چىراقنىڭ سول تەرىپىدىكى.
غەلىتە يېرى شۇكى ئالدى تۇمان چىراقلىرى ئاق رەڭدە يانىدىكەن، كەينى بىرى قىزىل بىرى ئاق، يەنە كېلىپ بىرى يانمايدىكەن، ئىشقىلىپ بۇ نورمال ئەمەس، زاۋۇتتا لايىھىلىگەندە چوقۇم ئىنچىكە لايىھىلەيدۇ، مەسىلە مەن بىلەلمىدىم ، مۇشۇ چىراقلارنى پىششىقراق بىلىدىغانلار بىر دەپ بەرسەڭلار .
3. مەن ماشىنىنى 4s دۇكىنىدىن يېڭى سېتىۋالغان ، يېڭى ماشىنا ئالغاندا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىمىز، ماشىنىنى قانداق ئاسرايمىز؟
يېڭى ئۆگەنچى بولغاچ بۇ ھەقتە ھېچنىمە بىلمەيمەن دىسەممۇ بولىدۇ ، شۇڭا خەت بېسىشنى ئېغىر كۆرمەي كۆپرەك مەسلىھەت بەرسەڭلار
75000 مىڭغا كىيا ئالساڭلا بولماسمىدى ۋە ياكى 90000 غا چىداپ خوندا ئالغۇلۇق. ئىلمان ماشىنا ئوخشىمامدۇ ئۇ؟ مۇبارەك بولسۇن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلارمىنىڭچە ھەممىسى نورمالكەن . مەنمۇ لىۋىنادىن بىرنى ئالغان،ئۇنىڭمۇ موتۇرنىڭ گىرادۇسى يوق ئىكەن...
بۇنىڭ شۇ سىزنىڭ قىلغان ئۇسۇلىڭىز توغرا ئىكەن.
يەنە بىرسى تۇمان چىراق
ھازىر كۆپۇنچە ماشىنلارنىڭ ئالدىدىكى تۇمان چىراقنىڭ ئىككىلىسى تەڭ يانىدۇ...
سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ كەينىدە بىرلام تۇمان چىراق بار بىلىشىمچە...
كەينىدىكى ئاق چىراق بولسا كەينى خوتنىڭ چىرىقى بولىشى ئىھتىمال...
4- قەۋەتتىكى ihlasman2005نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ كەينىدە بىرلام تۇمان چىراق بار بىلىشىمچە...
كەينىدىكى ئاق چىراق بولسا كەينى خوتنىڭ چىرىقى بولىشى ئىھتىمال...
توغرا دەپسىز،كەينىدە بىرلا تۇمان چىراق باركەن،قىزىل يانىدىغىنى
ئاق رەڭدىكى كەينى خوت چىرىقى ئىكەن
لېكىن توردىن ئاقتۇرسام مۇنۇ چىراقنى ( ئەڭ ئاستىدىكى كىچىك قىزىل چىراقنى) تۇمان چىرىقى دەپتۇ ، ھېچ ئەقلىم يەتمىدى، يانمايدىغان چىراقكەن ئۇ،ئىچىدە لامپىسىمۇ باردەك ئەمەس،ۋېلسىپىتنىڭ كەينىدىكى نۇر قايتۇرۇش سۇلياۋ تاختىسىدەك نەرسە ھېس قىلدىم
3- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇبارەك بولسۇن
رەھمەت دوستۇم،بىرگە بولسۇن ھەممسى نۇرمال .ھازىر 100مىڭنىڭ تۈۋىندىكى چەتئەل ماركىلىرنىڭ ھەممسى شۇنداق. بۇلۇپمۇ يېڭى چىققانلىرى. كونا تىپتىكىلىرنىڭ ئۇنداق ئەمەس . مەنمۇ ئويلاپ قالىمەن. شۇ چىراق، شۇ سوۋتۇش بەلگىلىرنى قوشسا قانچىلىك پۇل كىتىدغاندۇ دەپ. ئاشۇنچىلىك ئىقدارلىرى بىلەن ھەشەمەتلىك تىپقا كىرىپ كىتدۇ. ئۇچاغدا باھاسمۇ 8مىڭدىن 12مىڭغچە يۇقىرى بۇلۇپ كىتىدىكەن. ھازىرچە ئۇنداق ماتۇرنى قىزىتپ ھايدىمسسمۇ بۇلىدۇ. لىكىن قىشتا چۇقۇم قىزىتىش كىرەك.