xahrulla55 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 12:22:49

iPhone 5s سېتىۋالغان پۇلغا نۇرغۇن ساۋابلىق ئىش قىلالايسىز[كۆچۈرۈلمە]


ئالما يانفونلىرى بازارغا سېلىنىشى بىلەن بىر خىل مودىغا ئايلىنىپ، كىشىلەر ئۇنىڭ باھاسى بىلەن ھېسابلاشماي، قانچىلىك پايدىلىنالايدىغانلىقىغىمۇ قارىماي جان تالىشىپ سېتىۋىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالمىنىڭ تېلېفونلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ھەرخىل نۇسخىلىرى بارلىققا كەلدى، كىشىلەرمۇ قولىدىكىسىنى ئامال قىلىپ يېڭى تىپقا ئالماشتۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كەتتى، ھەتتا پەقەت ئامال قىلالمىغاندا ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىۋىتىشقا رازى بولىدىغانلارمۇ بولدى. سىز مۇشۇنداق ئەھمىيەتسىز بىر ئىش ئۈچۈن پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشكەندە، ئەتراپىڭىزدا قانچىلىك كىشىلەرنىڭ تېلېفون ئەمەس ئەمەس بەلكى قورساق غېمىدە جان تالىشىپ يۈرگەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟





دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئاچارچىلىقتا ياشىماقتا، ئۇرۇش ئوتىدا جان تالاشماقتا، ئۇلارنىڭ كۆرىۋاتقان كۈنىنى سىز، بىزدەك كۈندىلا تېلېفوننىڭ كويىدا يۈرىدىغان «مەستانىلەر» ھەرگىز ھېس قىلىپ يېتەلمەيمىز. بەلكىم بىزنىڭ قولىمىزدىن دۇنيادىكى ھەممە كىشىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، باي-باياشات تۇرمۇش كەچۈرگۈزۈش كەلمەيدۇ، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. توغرا، بىزنىڭ قولىمىزدىن ئۇنچىلىك چوڭ ئىشلار كەلمەيدۇ، ئەمما كىچىك ئىش كېلىدۇ. ھەربىر ئىنسان پەقەت ئازراقلا ئىقتىسادچىل بولۇپ، خەير-ئېھسانلىق بولالىسا بەلكىم بۇمۇ ئۇنچىلىك قىلغىلى بولمايدىغان ئىش بولماسلىقى مۇمكىن. ئىشەنمەمسىز؟ ئەمىسە تۆۋەندە بىر  iPhone 5sسېتىۋالغان پۇلغا نېمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.












بىر  iPhone 5sسېتىۋالغان پۇلغا دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار تەشكىلاتىدىن ئالتە مۈشۈكئېيىقنى بىقىۋالالايسىز. بۇ سىزنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلارنى قوغداشقا قوشقان تۆھپىڭىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئىلگىرى تەبىئەتنىڭ خوجايىنى ئىدى، ئەمما بىز ئىنسانلارنىڭ ئاچكۆزلىگى تۈپەيلى ئۇلار يۇرت-ماكانسىز قېلىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالماقتا. تەبىئەتنى قوغداش، ئۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ھەربىر ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتى بولغانىكەن، سىزنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدىشى ئەلۋەتتە ھەقلىققۇ.















بىر  iPhone 5sسېتىۋالغان پۇلغا «ئافرىقىغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتى» دىن ئالتە يەشىك دورا سېتىۋىلىشقا بولىدۇ. ئافرىقىدىكى ئاچ-يالىڭاچ يۈرگەن بالىلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگىنىڭىزدە، ئەجىبا سىزدە ئازراقمۇ ھېسداشلىق قوزغالماسمۇ؟








بىر  iPhone 5sسېتىۋالغان پۇلغا مۇساپىرلار تەشكىلاتى ئاپپاراتىدىن 75 نەپەر سۈرىيەلىك بالىغا بىر ئاي يەتكۈدەك زاكا سېتىۋالالايسىز. ھەرقانچە زور ئىش بولغان تەقدىردىمۇ بالىلار گۇناھسىز، ئەنە شۇ گۇناھسىز مەسۇم بالىلار زادى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا، بۇ دۇنيادىكى خوشاللىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپلا ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىماقتا، قازا قىلماقتا. ئۇلارغا قىلغان كىچىككىنە ياردىمىڭىزمۇ بەلكىم سىزنى زور ساۋابلارغا ئىگە قىلىشى مۇمكىن.







بىر  iPhone 5sسېتىۋالغان پۇلغا ئوكسفورد ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ھەيئىتى بىلەن 500 تۈپ دەرەخ تىكەلەيسىز. دەرەخ تىكىش، ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا سەدىقە بېرىش قاتارلىقلارنىڭ قانچىلىك ساۋاب ئىش ئىكەنلىكى ئەلۋەتتە ھەممەيلەنگە ئايان ئىش.











ب د ت بالىلار فوندىغا 60 مىڭ تال بۇلغانغان سۇنى تازىلاش تاختىسى ئىئانە قىلالايسىز.







مانا بۇ بىر  iPhone 5sسېتىۋالغان پۇل بىلەن قىلغىلى بولىدىغان ساۋابلىق ئىشلار، بۇ سىزنىڭ شۇ بىر تال يانفوننىڭ پۇلىغا دۇنيادا مىقياسىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا قوشالايدىغان تۆھپىڭىز. ئۇنداقتا جەمئىيىتىمىزدىچۇ؟ بىر   iPhone 5s سېتىۋالغان پۇلغا سىز ئەتراپىڭىزدىكى ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان بالىلارغا قانچىلىك ياردەم بېرەلەيسىز؟ قىيىنچىلىق تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كېسىلىنى داۋالىتالماي ئۈنسىز ياش تۆكىۋاتقان كىشىلەرگە قانچىلىك ياردەم قىلالايسىز؟






«كۆپنىڭ كۈچى كۆپ بولىدۇ» دىگەندەك مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلانغان ئىقتىسادچىللىق بەدىلىگە قانچىلىك ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ.


























nur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 22:07:40

خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرىدا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى تەشۋىق قىلىنمامدۇ ياكى تەشۋىق قىلىغۇدەك ئىشلارنى قىلمامدۇ؟قىلسىمۇ قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە قىلامدۇ؟

ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى توغۇرلۇق خەۋەرلەردە دائىم قايسى بىر خانزادە،قايسى بىر بايۋەتچىنىڭ مىليۇن مىليارد دوللارغا ماشىنا سىتىۋالغانلىق،مىلياردلاپ دوللار خەجلەپ ئاسمان پەلەك داچا-ئىمارەت سالغانلىق خەۋىرىنىلا ئاڭلايدىكەنمىز؟

بىزگە يىتىپ كىلىدىغان خەۋەرلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىنگلىزچە،خەنزۇچە مىدىيا ۋاستىلىرى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىپ يوللىنىلىدىغان بولۇپ دىنسىزلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورگانلار مىنىڭچە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان شەخىسلەر ھەققىدىكى ئىجابىي خەۋەرلەرنى كونترول قىلىشى ياكى نەزەرگە ئىلماسلىقى تۇرغانلا گەپ.مىنىڭچە بولغاندا ئەرەپچە مىدىيالاردىن خەۋەر ئۇچۇر تەرجىمە قىلىدىغانلار قاچانلا قارىسا ياۋرۇپادىكى پالانچى ئامىرىكىدىكى پۇستانچى ئىمان ئېيتتى،مۇسۇلمان بولدى.ئىراقتا سۈرىيەدە ئانچەمىڭ ئادەم ئۆلەپ كەتتى.ئەزھەردىكى پالانچى داموللا پۇستانچى قارىھاجىم ئانداق دىدى مانداق پەتىۋا بەردى دىگەنلەرگە قوشۇپ مۇسۇلمان شەخىسلەر مۇسۇلمان خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويساڭلار.

مىدىيالاردا مۇسۇلمان خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنىڭ بولماسلىقى سەۋەپلىك بىر قىسىم خەن زۇۋانلار ياكى بولىۋالغانلار مەندىن ئۇدا غەرپ دۇنياسى خەير ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى سىلىشتۇرما قىلىپ سورىغان ئىدى.

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 22:16:19

بىڭسىڭلار بولسا ئۆزى ۋەھشى ئەرزان لېكىن ئالمىدىنمۇ نوچى تېلفون ياساپ ئالمىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلا موتو پاراڭ قىلماي...

قىلغۇسى بار ئادەم ئالما ئىشلەتسىمۇ قىلىۋېرىدۇ ،خەقنىڭ پۇل خەجلىشىنىمۇ باشقۇرۇپ...

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 10:16:18

ئەڭ ئاستىدىكى ئانجىلىنانىڭ ياغلىق ئاتقان رەسىمىنى بەزىلەر ئۈندىدارغا چىقىۋاپتىكەن ئانجىلىنا مۇسۇلمان بولدى دەپ . ئەمەليەتتە ئۇ ئاشۇ رايونغا ب د ت نىڭ ۋەكىلى بولۇپ بارغاندا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ھۆرمەت قىلىپ شۇنداق كىيىنگەن ئىدى . نېمىلا بولمىسۇن ئاڭ سەۋىيە يۇقىرى بولغاچقا شۇنچىلىك ئىش قىلالاپتۇ .

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 11:54:42

ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىققا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، يەنە بىر يەرلەردىكى ئېزىلىۋاتقان كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشىمىز كېرەك، ئەمما ئەتراپىمىزدىكى بىزنىڭ بىۋاستە ياردىمىزگە ئېھتىياجلىق بولغانلار چەتتە قېلىپ قالمىسۇن. ھەر بىر كىشى ئۆز يۇرت- ماكانىنىڭ تىنچ- خاتىرجەم ۋە توق بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغىنى ھەممىدىن ئەۋزەل. تېمىدا دېيىلگەن «پالانى جەمىئىيەت، پالانى خەير- ساخاۋەت ئورگىنى» دېگەنلەرنى ئەنجىلىنادەك زىيادە باي كىشىلەر بىر قوللۇق قوللىمىسا، بىر دانە ئايفون سېتىۋېلىش ياكى ئۇ پۇلنى خەير- ساخاۋەتكە ئىشلىتىشنى قاتتىق ئويلىشىۋاتقان كىشىنىڭ چوڭ كۈچ چىقىرىپ كېتەلىشى ناتايىن. مېھىر- مۇھەببىتىمىز، ئېشىنچە ئازغىنا پۇلىمىزنى بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرغان ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇققانلىرىمىزغا، ئاندىن قالسا قوشنا- قولۇم، يۇرتداشلىرىمىزغا بېرەيلى.

بۇ كۆز قارىشىمنى ئالاھىدە تەكىتلىشىمدە مۇنداق بىر سەۋەب بار: دائىم كوچىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىزنىكىنى تاقاپ باشقىلارنى ئىئانىگە دەۋەت قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرەتتىم، بولۇپمۇ بالىلىرىم بىلەن يۈرگەندە ئۇلارغا ئۇچراپ قالغان چاغدا ئاجايىپ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئاڭلايتىم: «خانىم، خۇددى سىزنىڭ ئوماق بالىلىرىڭىزدەك بالىلار ئافرىقىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ...» دېگەندەك. چەتئەللىكلەردە ئىشتىن سىرتقى ۋاقتلىرىدا ھەر خىل تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ خالىس خىزمەت قىلىدىغان بىر ئادەت بار. مەن تېخى بۇ كىشىلەرنى شۇنداق بىر پىدائىيلاردىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايتىم. كېيىن تاسادىپى بىر پۇرسەتتە ئۇلارنىڭ مۇقىم ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ، مۇئاش ئالىدىغان، نۆۋەت بىلەن ئادەم توپلاشقان ئورۇنلاردا باشقىلارنى ئىئانىگە دەۋەت قىلىدىغان كىشىلەر شىركەت كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇلار ئادەتتە قەغەز- قەلەم تۇتقان بولىدۇ، يەنى سىزدىن ئالىدىغىنى نەچچە تەڭگە پارچە پۇل ئەمەس، بانكا ئۇچۇرىڭىزنى بېرىپ ھەر ئايدا قەرەللىك ئىئانە تاپشۇرىشىڭىز كېرەك. بەلكىم يەرلىكلەردەك ئۆز دۆلىتىدە ئىئانە بەرگۈدەك ئادەم تېپىلمايدىغان كىشىلەر بۇ ھەقتە كۆپ ئويلىماسلىقى مۇمكىن، ئەمما مەن ئويلاندىم: ئايدا مانچە دوللار بەرسەم بۇ پۇلنىڭ قانچىلىكى ئۇلارنىڭ شىركەت چىقىملىرى، مۇئاشىغا ھېسابلىنىپ، قانچىلىكى ئافرىقىغا، ھەقىقى ھاجەتمەنلەرنىڭ قولىغا بارار؟ باشقا دۆلەتلىك مۇسۇلمانلار بىلەنمۇ دائىم مۇشۇ ھەقتە پاراڭلىشىپ قالىمىز. بارا- بارا ھەتتا تېلىۋوزۇرلاردىكى سائەت- سائەتلەپ بېرىلىۋاتقان ئافرىقىغا ياردەم بېرىش ئېلانلىرىدىن بۇرۇنقىدەك ئېزىلمەيدىغان بولدۇم. مۇنداقچە دېسەم، كۆڭلۈم قالدى، ئىشەنچىم تەۋرىدى. \"\"

مەن تۇرىۋاتقان دۆلەت قاتارلىق نامراتلىق تۈگىگەن دەپ قارالغان ئەللەردە مۇسۇلمانلارنىڭ (جۈملىدىن بىزنىڭ ئائىلىنىڭ) بارلىق فىتر، فىديە ۋە باشقا بارلىق ئۇششاق- چوڭ سەدىقىلىرى مەسچىتلەر ئارقىلىق ئافرىقىدىكى نامراتلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.

نەچچە يىل ئاۋالقى كونا ئىنكاسىمنى يەنە يازسام، ئەرەب ئەللىرىدىكى ئۆزۈم كۆرگەنلىرىمدىن بىلىشىمچە، قۇربى يەتكەن كىشى خەير- ساخاۋەتنى لايىقىدا قىلىدۇ، ئىسلامدا زاكات دېگەن نەرسىمۇ بارلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىز بىلگەننى ئۇلار بىلمەسمۇ، بىزنىڭ قىلغۇمىز كەلگەننى ئۇلارنىڭ قىلغۇسى كەلمەسمۇ؟ ئۆزىمىز بىلمىگەن ئىشلار ھەققىدە ئورۇنسىز گۇمان قىلمىغىنىمىز ياخشى. ئاجايىپ- غارايىپ بىنالار سىنگاپوردا، مالايشىيا، شياڭگاڭدىمۇ سېلىنىدۇ، ئەمما ئەرەبلەرنىڭكىسى ھەمىشە تىل- ھاقارەتكە دۇچار بولىدۇ. ئىسراپچىلىق ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما ھېچبىر ئەرەبنىڭ بىنانى سېلىپ بولۇپ، ئۇنى چېقىپ ئۆرۈۋەتكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، دەل ئەكسىچە، بۇ خىلدىكى ئىشلارنى نامراتلىق ۋە پارىخورلۇق بىلەن تونۇلغان دۆلەتلەردىن كۆپرەك ئاڭلايمىز. ئۇلار مەبلەغ سالسا، شۇ مەبلەغنى نەچچە ھەسسە قاتلاپ قايتۇرىۋېلىشنىڭ كويىدا شۇنداق پۇل خەجلەيدۇ. مېنىڭ ئاشخانا ياكى مېھمانخانا دېگەندەك مۇلازىمەت خاراكتېرلىك بىرەر ئورۇن قۇرۇش خىيالىم بار بولسا سودامنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن، كۆزۈم يەتسىلا قەرز بىلەن بولسىمۇ كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ئېسىلرەك سېلىشنى ئويلىشىمەن. چۈنكى مەن ئەمەس، خېرىدارلار شۇنى ئارزۇ قىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادى سەۋىيىسىدىكى ئاساسلىق ئاھالە ئۈچۈن سېلىنغان ھەرەمباغ ۋە ياكى شۇنىڭدەك رېستورانلاردىن بېرى كېلەلمەي (كىرىم- چىقىم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىسا بۇنداق سەۋىيىدىكى تاماقخانا بەلكىم دۇنيادا كەم تېپىلىدۇ)، باشقىلارنى تىللىساق ئادىللىق بولماس دەپ ئويلايمەن.

مۇناسىۋەتلىك- مۇناسىۋەتسىز تاققا- تۇققىلىرىمنى خۇلاسىلاپ قوياي: ياخشى ئىش قىلىش ئۈچۈن بەك يىراقتىن ئىزدەش؛ ۋىجدانىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەممىنى قارا- قويۇق تىللاشنىڭ ھاجىتى يوق.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 12:13:51

پۇل ئىسراپ بولۇۋاتقان ساھەنىڭ گېپى بولۇنسا، ھەشىمەتچىلىك تەنقىدلىنىدىغان ئىش بولسا تىللاشقا تېگىشلىك ئىشلار قاتارىدا كىنوچىلىق ۋە مودا ساھەسى بار ئەمەسمۇ؟ ئامېرىكىلىقلار پەقەت كىنونىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، (ۋە يەنە بەلكىم سەنئەت ئۈچۈن) مىليون- مىليون مەبلەغ سېلىپ بىرەر ئاي ئەتراپىدا قويۇلۇپ، بېسىقىدىغان كىنولارنى ئىشلەيدۇ، كىتاب- سىنارىيە ئوقۇپ، ياكى بولمىدى دېگەندە شۇ ۋەقەلىك ئاساسىدا ئىشلەنگەن كارتون فىلىم ئىشلەپلا ئىشنى تۈگەتسە بولمامتى؟ فىرانسىيەلىك خەقمۇ ئادەم دېگەننىڭ ئۇچىسى يالىڭاچ قالمىسىلا بولىدىغان ئىشقا بىر قۇرى نەچچە ئونمىڭ دوللار بىلەن پۈتىدىغان، ئىككى- ئۈچ قېتىم كىيىلسە چوڭ ئىش ھېسابلىنىدىغان مودا كىيىملەرنى تىكىدۇ. يۇقىرى ئىستىمالغا بولغان ھەۋىسىمىزنى يوشۇرالمايمىز- يۇ، ئۇنى- بۇنى «كۆزىمىزگە سىغمىدى» دەپلا تىللاپ قويىمىز.

بۇ ئىنكاسىم مۇشۇ تېمىنىڭ داۋامىغا چۈشۈشى مۈمكىن بولغان ئىنكاسلار ئۈچۈن ئالدىنئالا يېزىلدى. \"\"

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 12:35:25

1- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرىدا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى تەشۋىق قىلىنمامدۇ ياكى تەشۋىق قىلىغۇدەك ئىشلارنى قىلمامدۇ؟قىلسىمۇ قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە قىلامدۇ؟

ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى توغۇرلۇق خەۋەرلەردە دائىم قايسى بىر خانزادە،قايسى بىر بايۋەتچىنىڭ مىليۇن مىليارد دوللارغا ماشىنا سىتىۋالغانلىق،مىلياردلاپ دوللار خەجلەپ ئاسمان پەلەك داچا-ئىمارەت سالغانلىق خەۋىرىنىلا ئاڭلايدىكەنمىز؟

بىزگە يىتىپ كىلىدىغان خەۋەرلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىنگلىزچە،خەنزۇچە مىدىيا ۋاستىلىرى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىپ يوللىنىلىدىغان بولۇپ دىنسىزلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورگانلار مىنىڭچە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان شەخىسلەر ھەققىدىكى ئىجابىي خەۋەرلەرنى كونترول قىلىشى ياكى نەزەرگە ئىلماسلىقى تۇرغانلا گەپ.مىنىڭچە بولغاندا ئەرەپچە مىدىيالاردىن خەۋەر ئۇچۇر تەرجىمە قىلىدىغانلار قاچانلا قارىسا ياۋرۇپادىكى پالانچى ئامىرىكىدىكى پۇستانچى ئىمان ئېيتتى،مۇسۇلمان بولدى.ئىراقتا سۈرىيەدە ئانچەمىڭ ئادەم ئۆلەپ كەتتى.ئەزھەردىكى پالانچى داموللا پۇستانچى قارىھاجىم ئانداق دىدى مانداق پەتىۋا بەردى دىگەنلەرگە قوشۇپ مۇسۇلمان شەخىسلەر مۇسۇلمان خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويساڭلار.

مىدىيالاردا مۇسۇلمان خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنىڭ بولماسلىقى سەۋەپلىك بىر قىسىم خەن زۇۋانلار ياكى بولىۋالغانلار مەندىن ئۇدا غەرپ دۇنياسى خەير ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى سىلىشتۇرما قىلىپ سورىغان ئىدى.

مۇسۇلمانلار گېزىتكە چىقىش ئۈچۈن ساۋاپلىق ئىش قىلمايدۇ دەپ بىلىمەن.


ئەيشى- ئىشرەت، ھەشەمەت خەۋەرلىرىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى دىندىكىلەر تارقىتىدۇ.

Koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 17:33:10

الما يىڭى نۇسخىسىنىڭ ۆزىدىكى بار خەرىتىدە دىياۋ يۈ ارىلى ياپۇنىيەگە تەۋە سىزىلىپتۇدەك ،خەنسۇلار يەنىلا بەس بەستە سىتىۋاپتۇدەك.نەزىرىمىزنى افرىقىغا قاراتمىساقمۇ ەتراپىمىزلا يىتىپ اشىدۇ.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 18:07:20

ئالما بۇ يەردە ئىدىيەنى يورۇتىدىغان بىر ۋاستىدۇ خالاس.

خەقنىڭ يامان نىيىتى يوقلۇقىنى ياكى ماز ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ زادى نېمە ئۈچۈن شەخسىيىتىگە تېگىمىز؟زادى نېمە ئۈچۈن؟بۇنداق ئىش نېمىشقا شۇنچە جىق؟

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 22:55:11

توۋا، بايىلا باھاسى بەش مىلىيوندىن ئاشىدىغان بىر ماشىنا سېتىۋېلىشنى ئويلاپ قاپتىمەن، ئەمدى توۋا قىلدىم، غىت قىسىپ موتورىمنى مىنىپ يۈرىۋېرەي، پۇل تاپسام قېرىنداشلىرىم جىق....

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 22:59:35

ئا ۋاكا ۋاكاغا ياغلىق يارىشىپتۇ ھە

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 11:07:23

3- قەۋەتتىكى mustapaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  ئەڭ ئاستىدىكى ئانجىلىنانىڭ ياغلىق ئاتقان رەسىمىنى بەزىلەر ئۈندىدارغا چىقىۋاپتىكەن ئانجىلىنا مۇسۇلمان بولدى دەپ . ئەمەليەتتە ئۇ ئاشۇ رايونغا ب د ت نىڭ ۋەكىلى بولۇپ بارغاندا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ھۆرمەت قىلىپ شۇنداق كىيىنگەن ئىدى . نېمىلا بولمىسۇن ئاڭ سەۋىيە يۇقىرى بولغاچقا شۇنچىلىك ئىش قىلالاپتۇ .

چەتئەللىكلەردە يەنى مۇشۇ ئاسىيادىن باشقا قىتئەدىكىلەردە قەيەرگە بارسا شۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە يۈرۈش- تۇرۇش ئادىتى باركەن.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 13:51:39

12- قەۋەتتىكى tawlan5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى mustapaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەڭ ئاستىدىكى ئانجىلىنانىڭ ياغلىق ئاتقان رەسىمىنى بەزىلەر ئۈندىدارغا چىقىۋاپتىكەن ئانجىلىنا مۇسۇلمان بولدى دەپ . ئەمەليەتتە ئۇ ئاشۇ رايونغا ب د ت نىڭ ۋەكىلى بولۇپ بارغاندا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ھۆرمەت قىلىپ شۇنداق كىيىنگەن ئىدى . نېمىلا بولمىسۇن ئاڭ سەۋىيە يۇقىرى بولغاچقا شۇنچىلىك ئىش قىلالاپتۇ .

چەتئەللىكلەردە يەنى مۇشۇ ئاسىيادىن باشقا قىتئەدىكىلەردە قەيەرگە بارسا شۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە يۈرۈش- تۇرۇش ئادىتى باركەن.



    مەدىنىيەتنىڭ نېملىگىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەدىنىيىتىنى ھۆرمەت قلىشنى كۈتكىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 16:23:32

ئارافات كىچىك ۋاقتىدا ناخشا ئېيتىپ چولپان بولۇش يولىنى تاللىسا، \"ھەي مۇشۇ بالا خاتا قىلدى جۇمۇ، دادىسى بۇ بالىدىن پايدىلىنىپ كۆپ پۇللارنى تاپماقچى ...بالىسىنى خارلاۋاتىدۇ\" دىگەن ئوي-خىياللارنى قىلىپ باققان ئىدىم. ئۇنىڭ ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ خاتا قىلمىغىنىنى ھىس قىلىۋاتىمەن. ئۆزىدە بولمىسا نىمىنى بېرەر بولغىيتتى ؟ شەخىسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۆزىگە تەئەللۇق، ئۇنىڭدىن ئۇ ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىلەرگە نەپ يەتكەن چاغدا ئاندىن كىشىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئەرزىيدۇ.

دىققەت قىلمىساق ئاسانلا قىزىل كۆزلۈك قىلىپ قالىدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ خەيىر -ساخاۋەت پائالىيتى تەشۋىق قىلىنماسلىغى كىرەكتەك. چۈنكى ئۇلار تەشۋىق قىلىنسا ئۇلار تېخىمۇ نام-ئاتاق قازىنىپ كېتىدۇ، پۇلىنى تېخى شۇ نام-ئاتاق قازىنىش ئۈچۈن خەجلەۋاتامدۇ تېخى ... ئەمما ئۇلار قانداق مەنپەئەتكە ئېرىشىپ كەتسۇن، ئۇلار ياردەم قىلغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشكىنى راست، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ئەمەسمۇ ؟ تاراتقۇلارنىڭ مەقسىدى داڭلىق شەخسلەرنىڭ يۈزىدىن پايدىلىنىپ ساخاۋەت ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كىمگە زىيان ؟ چىڭلوڭدىن تەسىرلىنىپ خەنخوڭ چىقىپتۇ، بەلكىم ئارافاتمۇ شۇلاردىن تەسىرلەندى ...



ئانجولىنا \"\" \"\" ئەزەلدىن تەننازمۇ،چىرايلىقمۇ دىققەت قىلمايدىغان، ئەمما ئۇ ب د ت نىڭ ساخاۋەت ئەلچىسى ئىكەن، نۇرغۇن پۇلنى ئىئانە قىلىپتۇ، نام چىقىرىشىتىن بۇرۇن بىر پىيەنچۈك، زەھەرلىك چىكىملىك چەككۈچى ئىكەنتۇق ... ئۇنىڭ ئادەم بولۇپ يېتىلىش جەريانى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەتنى قوزغىماي قالمايدۇ، ئۇ بىر تەنناز ئايال ئەمەس، بىر ياخشى ئىنسان.



يېنىمىزدىكى بىرسىگە ياردەم قىلىش ئېسىمىزگە كىلىدۇ،ئاسانراق، ئەمما يىراقتىكى بىر ئىنسانغا، ئۇ قايسى ئىرىقتىن بولسۇن، قايسى دىندىن بولسۇن، قايسى دۆلەتتىن بولسۇن، ئايرىماي ياردەم قىلىش ئاسان ئەمەس، بولۇپمۇ كاللىمىزنى سۇنئى سىنىپى كۆرەش قاپلاپ كەتكەن چاغلاردا ... شۇڭا، قىزىل كۆزلۈك قىلمايلى.

جۇڭگۇلۇق بىر دورداي كالپۇك ئايال ئارتىس بار، چىرايلىق ئەمەس ئەمما رولنى ياخشى ئالىدۇ. شۇمۇ ئەنە شۇ ئانجولىنادەك ياغلىق ئارتىپ ب د ت ئەلچىسى سۈپىتىدە ئافرىقىغا، ئافغانىستانغا بېرىپتۇ. CCTV زىيارەت قىلىپ نىمىشقا دۆلەت ئىچىدە ساخاۋات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماي چەتئەللەردە يۈرۈيسىز دەپ سورىغاندا، ئۇ \" دۆلەت ئىچىدە شۇغۇللىنىۋاتقانلار كۆپ، تېخىمۇ مۇھىمى باشقا ئەللەردىكى كىشىلەر بىر سېرىق تەنلىك ساخاۋەتچىنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىغىنى بىلگىنىدە دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ ئۆسىشىگە پايدىسى بولىشى مۈمكىن\" دەپ جاۋاپ بەردى. ياخشى ئىش قىلىش بىلەن بىرگە ۋاقىتتا ئۇنى تەشۋىق قىلىشمۇ مۇھىم ئىكەن ...



تىما ئىگىسىمۇ ساۋاپ تاپتى، چوقۇم، iPhone پەقەت بىر ۋاستىغۇ.

atarut يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 17:14:20

5مىڭ نەچچە يۈز يۈەنگە 6مۈشۈكئېيىق بىقىۋالغىلى بولامدىكەن؟ چەتئەللەرنىڭ باغچىلىرىغا بىرەرىنى چىقارسىمۇ بالىسىنى جۇڭگوغا ياندۇرۇپ ئەكىلىدىغان تۇرسا، ئۇنداق ئەرزان بولسا ناھىيىمىزنىڭ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئەكىلىپ بولمامتى.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 17:28:28

‏ئاۋۇ 22چى رەسىمدىكى چېڭلۇڭ ئاخۇننى نېمىدەپ چېڭلۇڭخان قىلىپ قويغاندۇ؟قايسى دوپپا كىيىشنى بىلمەيدىغان تىتەپپەتى كىيدۈرۈپ قويغاندۇ ئايال كىشىنىڭ دوپپىسىنى.
بەت: [1]
: iPhone 5s سېتىۋالغان پۇلغا نۇرغۇن ساۋابلىق ئىش قىلالايسىز[كۆچۈرۈلمە]