TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 10:09:02

تاشپولات: 10 ياشلىق تالانتلىق ماتېماتىك

10 ياشلىق تالانتلىق ماتېماتىك

تاشپولات روزى

شۋېيتسارىيىلىك 10 ياشلىق ئۆسمۈر Maximilan Janisch، شۋېيتسارىيىدىكى
ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغۇچىلار ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، شۋېيتسارىيەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى
بولغان Zurich ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلاش ئالاھىدە پروگراممىسىغا
قوبۇل قىلىنغان.

بۇ ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرىنىڭ دېيىشىچە، Maximilan Janisch ئەسلى ماتېماتىكا
پروفېسسورىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى گېرمانىيەلىك ئىكەن. ئۇ بۇ
مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئۆسمۈر ئوقۇغۇچى
ھېسابلىنىدىكەن. مۇدىرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بالا بەكمۇ ئەقىللىق بولۇپ، ئۆزىنىڭ
يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا ناھايىتى كوپ ماتېماتىكىلىق چۈشەنچىلەرنى
چۈشىنەلەيدىكەن.

ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە دەپ قارالغان Maximilan Janisch، باشلانغۇچ
مەكتەپتە ئۇدا 3 يىل سىنىپ ئاتلاپ ئوقۇغان ئىكەن. بىراق ئۇنىڭدا ئوتتۇرا
مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك دىپلوما بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ قايىدىسىگە
ئاساسەن ئۇ ئالىي مەكتەپكە رەسمىي قوبۇل قىلىنالمايدىكەن. شۇڭا ئۇ
مەكتەپنىڭ ئالاھىدە تالانتلىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تاييارلانغان ئالاھىدە
دەرس پروگراممىسىغىلا قوبۇل قىلىنىپتۇ.

بۇ تالانتلىق ئۆسمۈر مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئوقۇۋاتقان
سىنىپىدىكى بالىلار ئۇنۇڭدىن چوڭ بولغاچقا، ھازىرچە تېخى دوست تۇتۇش
ئىمكانىيىتىنىڭ بولمايۋاتقانلىغنى بايان قىلغان . ئۇ يەنە مۇنداقمۇ ئىنكاس
قىلغان، ماتېماتىك ئارخىمەتىك توغرىلىق پاراڭ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوق
ئىكەنلىكىنى ھەم گېرمان ماتېماتىكا ئالىمى گائۇسنى بىلمەيدىغان
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەرنىڭ مەنبەسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا.

http://www.thenews.com.pk/article-120817-10-year-old-takes-Zurich-university-maths-class

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 20:45:26

بۇنداق ئۆتكۈر بالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپقۇ دەيمەن، شۇنى ئۇلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يوق.

نەۋرە ئاچامنىڭ بىر ئوغلى بولىدىغان، بىر ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن نەرسىسىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتىۋالىدىغان، مەكتەپتىمۇ 1- بولۇپ ئوقۇيتتى، 4-5- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا 7-8 -سىنىپلارنىڭ دەرسىنىمۇ بىلەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆز تەڭتۈشلىرى بىلەن ئوقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىدى، لېكن مەكتەپمۇ ئۇنى يۇقىرى سىنىپقا يۆتكەپ قويمىدى، ئامال قانچە، مائارىپ تۈزىمىمىز شۇنداق تۇرسا. ئاڭلىسام ھازىر ئۇ قارىمچىلىقتا ئوقۇۋېتىپتىمىش.

murad يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 06:34:55

1- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

-----------------------------------------------------------------

«قىممەتلىك» ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپسىز. بولسا قەيەردە، كىمنىڭ قولىدا ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ يېزىپ قويسىڭىز «مۇكەممەل» بولاتتىكەن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 08:24:11

ھەقىقەتەن قىممىتى بار ئۇچۇركەن{:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 09:58:03

بىز كىچىك چاغلاردىمۇ ئاشۇنداق تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ ئاتلىتىپ ئوقۇتىدىغان ئىش بار ئىكەنتۇق ، مىنىڭ ئاكاممۇ شۇنداق ئوقۇپتىكەن باشلانغۇچنى(3يىلدا تۈگىتىپتىكەن). ئەمما ھازىر ياخشى ئوقۇغانلارنىغۇ سىنىپ ئاتلىتىشقا بولمايدۇ، تخى ياخشى ئوقۇمىغاننى( ساۋاتسىز قالغاننى ياكى بىر قانچە پەن ئىمتىھانىدا لاياقەتسىز بولغاننى) سىنىپ چۈشۈرگىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن تەنقىدلەشنىڭ تازا ئەھمىيتى بولمايۋاتىدۇ .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 20:25:25

2- قەۋەتتىكى muradنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇنداق ئۆتكۈر بالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپقۇ دەيمەن، شۇنى ئۇلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يوق.

نەۋرە ئاچامنىڭ بىر ئوغلى بولىدىغان، بىر ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن نەرسىسىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتىۋالىدىغان، مەكتەپتىمۇ 1- بولۇپ ئوقۇيتتى، 4-5- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا 7-8 -سىنىپلارنىڭ دەرسىنىمۇ بىلەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆز تەڭتۈشلىرى بىلەن ئوقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىدى، لېكن مەكتەپمۇ ئۇنى يۇقىرى سىنىپقا يۆتكەپ قويمىدى، ئامال قانچە، مائارىپ تۈزىمىمىز شۇنداق تۇرسا. ئاڭلىسام ھازىر ئۇ قارىمچىلىقتا ئوقۇۋېتىپتىمىش.

-----------------------------------------------------------------

«قىممەتلىك» ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپسىز. بولسا قەيەردە، كىمنىڭ قولىدا ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ يېزىپ قويسىڭىز «مۇكەممەل» بولاتتىكەن.

ئۇ تۇققانلار بىلەنمۇ ئۇچراشمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، نەدە ئوقۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن. بىلسەممۇ يازماس ئىدىم، چۈنكى سەۋەبىنى ئۆزىڭىز بىلىسىز.

بايقىسىڭىز، ىسزنىڭ ئەتراپىڭىزدىمۇ شۇنداق بالىلار بار.

بەت: [1]
: تاشپولات: 10 ياشلىق تالانتلىق ماتېماتىك