TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 10:04:27

تاشپولات: ھىگگس (Higgs) زەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلاندى

ھىگگس (Higgs) زەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلاندى



تاشپولات روزى




ماددىلارغا ئېغىرلىق پەيدا قىلىدىغان ھىگگس (Higgs) زەرىجىسى، توكيو
ئۇنىۋېرسىتېت ھەم يۇقىرى ئېنېرگىيە تېزلەتكۈچى تەتقىقات ئورگىنى قاتارلىق
خەلقئارا گۇرۇپپىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن بېكىتىلدى. بۇ نەتىجە 10-ئاينىڭ
7-كۈنىدىكى ياۋروپادا چىقىدىغان دۇنياغا داڭلىق ژۇرنال (Physics Letters B)
دا ئېلان قىلىنىدىكەن. ھىگگس زەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەرەز قىلغان Peter
Higgs بولسا ھازىر 84 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان
قىلىدىغان نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كاندىداتلىرىنىڭ بىرى
ئىكەن. بۇ نەتىجە ئۇنۇڭ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى ئېلىشقاكۈچلۈك تەسىر
قىلىشى مۇمكىن.



بۇلتۇر 7-ئايدا شۋېتسارىيەدىكى ياۋروپا ئاتوم يادرو تەتقىقات ئورگىنى
99.9999 % دىن يۇقىرى ئېھتىماللىق بىلەن ھىگگس زەرىجىسى دەپ قارالغان يېڭى
زەرىجىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.بىراق ئۇنۇڭ ئۈچۈن داۋاملىق
تەجرىبە ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىگەن بولۇپ ئېنىق يەكۈن
چىقىرىلمىغان ئىدى.



بۇ گۇرۇپپا ھىگگس زەرىجىسىنى پارچىلاپ ئۇنۇڭ باشقا زەرىجىگە ئۆزگىرىش
شەكلىنى تەكشۈرۈپ، ماسسا پروتوننىڭ 134 ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان 125.5
gigaelectronvolt ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلدى. زەرىجىنىڭ ئايلىنىش مىقدارىنى
ئىپادىلەيدىغان "Spin" مۇ نەزىريىدە دېيىلگىنى بويىچە نۆل تەڭ بولغان.
مانا بۇ نەتىجىلەر ئارقىلىق ئىلمى نەتىجە بېكىتىلگەن.



ھىگگس زەرىجىسى:



فىزىكا ھەم ماتېماتىكا ئالىمى Peter Higgs 1964-يىلى بۇ زەرىجىنى پەرەز
قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆلچەملىك فىزىكا نەزىريىسىدە 17 خىل زەرىجە بولۇپ
مۇشۇ ھىگگس زەرىجىلا بايقالماي كەلگەن ئىدى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان سىر
بولۇپ كەلگەن ھىگگس زەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلانغانلىقى ئۆلچەملىك
فىزىكا نەزەرىيىسىنىڭ مۇكەممەل نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
بۇنۇڭ بىلەن بىرگە زەرىجە فىزىكىسىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى
كۆرسىتىدۇ.



بۇ بايقاش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بايقاشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولۇپ،
ئالەمنىڭ پەيدا بۆلىشىنى، قارا ئۆڭكۈرنى، قارا جىسىمنى بىلىشتە ناھايىتى
چوڭ تۆھپە قوشىدۇ!



تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.




http://headlines.yahoo.co.jp/hl?a=20131004-00000008-mai-sctc




kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 22:46:40

مۇشۇ ئاتومدىنمۇ كىچىك كىچىك زەررىچىلەرنى قانداق بايقايدىغاندۇ...

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 09:08:55

1- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ ئاتومدىنمۇ كىچىك كىچىك زەررىچىلەرنى قانداق بايقايدىغاندۇ...

زەرىجىلەرنى نەزەرىيىۋى تەتقىقات ھەم چوڭ تىپتىكى تېزلەتكۈچ ئارقىلىق بايقايدۇ.



بۇ ھىگگس زەرىجىسىنى جەنۋەنىڭ سىرتىغا جايلاشقان ياۋروپا ئاتوم يادرو تەتقىقات ئورگىنىغائورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى تېزلىكنى ئاشۇرۇش تونېلى ئارقىلىق بايقىغان. بۇ تونېل ئېلىپىس شەكىلدە بولۇپ يەر يۈزىدىن چوڭقۇرلۇقى 100 مېتىر، ئايلانمىسى 27 كىلومېتىر. بۇ تونېلنىڭ ئىچىدە پروتوننىئوخشاش دەرىجىدە تېزلىتىپ ئۆزئارا سوقۇشتۇرىدۇ. بۇ سوقۇشۇش جەريانىدا چوڭ پارتلاش(Big Bang) پەيدا بولىدۇ. بۇنۇڭ نەتىجىسىدەھىگگس زەرىجىسى پەيدا بولغان.

jaytirak يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 10:21:56

ھىگگس (Higgs) زەرىجىسى دىگەن نىمدىگەن گەپ بولدى ئەمدى؟ \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 11:41:23

پەرىشتە ۋە ئالۋاستى دېگەن فىلىمدىمۇ زەررىچىلەرنى شۇنداق سوقۇشتۇرىدىغان تونىل چىقاتتى.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 17:04:31

پىتىر ھىگگىس نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
بەت: [1]
: تاشپولات: ھىگگس (Higgs) زەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلاندى