ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 20:01:39

مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل توغرىسىدا پاراڭ قىپ بېرەيمۇ؟

ئىنسانلارنىڭ قاچاندىن باشلاپ مەدەنىيەتكە..........بۇنى
ئۈزەڭلار ئىزدەپ ئوقىۋالساڭلىرا........راستىمنى دىسەم تېما بىلەن ئۇنچە ئالاقىسى
يوق.





ئالاقىسى بار يەرنىلا دىسەك،ئىنسانلار ئۇزۇن يىللىق مەدىنىيەت
تارىخى جەريانىدا ئاسماندىن پوككىتىلا«ئالتۇن» چۈشۈپ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنى
ئۈمىد قىلغان.زالىم پادىشاھلار ئۆز سەلتەنىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن دەۋر سۈرىشى ئۈچۈن
دورىگەر پېرىخۇنلارنى يىغىپ ئۆلمەيدىغان دورا ياساشقا سالغان.ئاجىز قەبىلىلەرنى
بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل قۇراللارنى ياسىغان.......بۇ ئاقىۋەتتە خىمىيە ئىلمىنىڭ
باشلىنىشى بولۇپ قالغان.ئاددى پۇقرالارغا كەلسەك،تاڭ سۈزۈلگەندىن باشلاپ كۈن
ئولتۇرغىچە ئىشلەپمۇ قۇرسىقى توق كىيمى پۈتۈن بوپ بولالماي،شۇنداق بىر نەرسىنىڭ
بولىشىنى،ئازراق بولسىمۇ يۈكىنى يەڭگىلىتىشنى ئويلىغان،ۋە شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى
ئەقىللىقراقلىرى بۇ خىل نەرسىلەرنى ھەرخىل ياساپ باققان.ئەمما بىرىمۇ مۇۋاپىقىيەت
قازىنالمىغان.نەق بۇ نەرسىلەرنى ھازىرقى ئاتالمىش مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىلنىڭ ئەڭ
دەسلەپكى نۇسخىلىرى ياكى لاھىيەلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. زالىم پادىشاھلارنىڭ
زۇلىمى تۈگىمىگەندەك،پۇقرالارنىڭ ئېغىر كۈنىمۇ ئاخىرلىشىپ باقمىغان.شۇنداقلا
يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋىرگىچە كەلگەن.بۇ خىل ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن يەنى
ئىشنى ئۈزى قىلىشتىن باشقا ئامالنىڭ يوقلىقىنى،ئەگەر قىلىشنى خالىمىسا زالىم
پادىشاھلارنى.............گەپ قېچىپ كەتتى.قانلىق ساۋاقلار نەتىجىسىدە ئىسسىقلىق
ۋە كۈچكە ئائىت قانۇنىيەتلەرنى رەتلەپ چىققان.شۇڭا بىز مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل توغرىسىدا
پاراڭ قىلىشتىن بۇرۇن تېرموداينامىك ئىلمىنىڭ 4 قانۇنىيىتى بىلەن تۇنۇشۇپ
چىقايلى.ئاۋۇ سەت ئۇزۇن گەپكە ھەيران بولۇپ قاراپ قېلىش كەتمەيدۇ.ئىلمى ئاتالغۇ
بولغاچقا ئىلمى پېتى شۇنداق ئالدىم.مۇنداقچە دىگەندە ئىسسىقلىق ۋە كۈچ
ئوتتۇرسىدىكى قانۇنىيەت دەپ چۈشەنسەك بولىۋرىدۇ.بۇ قانۇنىيەتلەر باشقا مەقسەت
ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىللارنى ئىنكار
قىلىش مەقسىتىدىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.مەن شەخسەن ئۈزەم بۇ قانۇنىيەتلەرنى چۈشىنىش
مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىللارنى نىمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ
يېقىن يولى دەپ قارايمەن.



ئاۋال ئەسكەرتىدىغىنىم.بۇ نەزەرىيە
ياكى قانۇنىيەتلەرنى كىمنىڭ قانداق شەكىلدە شەرھىلىگەنلىكى مۇھىم ئەمەس.مەزمونىدا
تىلغا ئېلىنىدىغان كەسپى ئاتالغۇلارنى چۈشەنمىسەڭلەرمۇ ھېچقىسى يوق.پەقەت يىشىمىنى
بىلسەڭلەرلا كۇپايە.ئەلۋەتتە بۇ تېمىنى ئېچىشتىكى مەقسىدىممۇ بۇ 4 قانۇنىيەتنى
ئېغىز تىلىدا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ھازىرچە «مودا» بولىۋاتقان ھەر خىل تۈردىكى
مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىللارنىڭ نىمىشقا مەغلۇب بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى نەزىرىيەنى
ئەمەلىيەتكە باغلاپ چۈشىنىشلىك قىلىپ رەتلەپ چىقىش.ئەلۋەتتە ئالدىنقى كۈنى
تورداشلار  چاقچاق قىلىپ يوللىغان ماگىنىت
تارتىپ ماڭغۇزىدىغان ماشىنىمۇ بۇ تېمىنىڭ ئىنكار قىلىش ئوبىكتى.راستىمنى دىسەم
بۇنداق تېمىنى يېزىشنىڭ،بۇنداق بولىشى مومكىن ئەمەس دەپ چۈشەنچە بېرىپ ئولتۇرۇشنىڭ
قانچىلىك زۆرۆرلىكىنى بىلمەيمەن.بىر ئاكا ئاغىنەم يېزىپ باق دىدى.تېمىنى ئېچىپ
سالدىم.


ھىم.


كونا گىپىمنى تەكرارلاپ قويسام.


بۇ تېمىنى چوقۇم ئاخىرىغا
چىقىرىمەن.



تېمىغا كىلەيلى.


ئىسسىقلىق-ئىنىرگىيە بىرىنچى قانۇنىيىتى


يېپىق سېستىمىنىڭ(سىرىت بىلەن
ئايرىۋېتىلگەن مۇستەقىل سېستىما) ئىچىكى ئىنىرگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى سېستىمىغا
قوشۇلغان ئىسسىقلىق بىلەن سېستىمىغا ئىشلەنگەن ئىشنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ.بۇنى
قىسقارتىپ ئىنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى دەپمۇ قويىدۇ


بۇ قانۇنىيەت مىنىڭچە تۇلۇق ئوتتۇرىغىچە
ئوقىغانلار ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەس.شۇڭا بەك
تولا چۈشەنچە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.ئەمما نىمىشقىدۇر،مۇشۇ قانۇنىيەتكە
ئەمەل قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇپ بولغان مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىللار ئەڭ كۆپ بولسا
كېرەك.ئەمەلىي مىسالغا ئالغاندا بۇ قانۇنىيەت قانداق ئىشلىتىلىدۇ تەپسىلىي قاراپ
چىقارمىز.



ئىسىسقلىق ئىنىرگىيە 2-قانۇنىيىتى


بۇ قانۇنىيەتنى ئىنتورۇپىنىڭ ئېشىش
قانۇنىيىتى دەپقۇ قويىدۇ.كەسپى ئاتالغۇ چىقتى دەپ قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.تىلغا
ئانچە كەپ كەتمەيدىغان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى قالايماقانچىلىق دەرىجىسى دەپ چۈشەنسەك
بولىدۇ.مەسلەن.سۇ بار دەيلى،قايناتتۇق. چاي سالدۇق.سۇ چاي بولدى،سۈت قۇيدۇق،ئەتكەن
چاي بولدى.ئەسلى سۇ ئىدى،چاي ۋە سۈت قۇيۇپ ئەتكەن چاي قىلىش جەريانىدا،بۇ چەينەكتە
بار بولغان نەرسىلەر ئېشىپ ماڭدى.نەرسىلەر جىق بولسا قالايماقانچىلىق دەرىجىسى
ئاشتى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.


شۇنداق بولغىنىدا بۇ قانۇنىيەتنىڭ
مەنىسى،ماددىلارنى قويۇپ قويساق قالايمىقانچىلىق دەرىجىسى ئېشىپ بارىدۇ دىگەن
مەنىدە بولىدۇ.


بۇ قانۇنىيەتنىڭ يەنە ئىسسىقلىق
تىمپىراتورىسى يۇقىرى تەرەپتىن تۈۋەن تەرەپكە ئاقىدۇ.بۇنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ
دەپمۇ شەرھىيلەيدۇ.يەنى،ئىككى ماددىنى بىرگە قويۇپ قويساق تېمپىراتورىسى يۇقىرى
بولغان ماددىدىن تۈۋەن بولغان ماددىغا ئىسسىقلىق ئۈتىدۇ.تاكى ئىككىسىنىڭ
تىمپىراتورىسى تەڭ بولغانغا قەدەر.سۇ يۇقىرى جايدىن تۈۋەنگە ئۈزى ئېقىپ
چۈشىدۇ.ئەمما بىز بۇنى يۇقىرىغا قايتۇرماقچى بولىدىكەنمىز تەر تۆكمەي تۇرۇپ
مەۋجۇتقا چىقارماق مومكىن ئەمەس.



ئىسىسقلىق ئىنىرگىيە3-قانۇنىيىتى


ئىنتوروى ئېشىپ بارىدۇ دىدۇق.ئۇنداق
بولسا نۆل ئىنتوروپى دىگەن نىمە؟3-قانۇنىيەتتە نۆل ئىنتوروپى ئۇقىمىغا .ېنىقلىما
بېرىپ مۇتلەق نۆل تىمپىراتورىدا ماددا ئىنتوروپىسى نۆل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن.


ئۈستىدە ئالغان چۈشەندۈرۈش بويىچە
چۈشەنگەندە،مۇتلەق نۆل تىمپىراتورىدا ماددىنىڭ قالايمىقانلىق دەرىجىسى تەڭ تۈۋەن(ئەڭ
رەتلىك) بولىدۇ دەپ بىكىتكەن.شۇنداقلا ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسىدا ماددىلار
مۇتلەق نۆل تىمپىراتورا ئەتراپىدا كىرىستال شەكىلگە كىلىدىغانلىقىنى،بۇ كىرىستاللارنىڭ
مولىكولا تۈزىلىشىنىڭ ئىنتايىن رەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.



ئىسىسقلىق ئىنىرگىيە4-قانۇنىيىتى


خاتا بوپ قاپتۇ.


4-قانۇنىيەت ئەمەس بەلكى
0-قانۇنىيەت.


يەنى ئىسىسقلىق ئىنىرگىيە0-قانۇنىيىتى


بۇ نەزەرىيەنىڭ قۇرۇق گەپ دىسەك
قۇرۇق گەپ،يەنى ئا بىلەن ب ئوتتۇرىسىدا ئىسسىقلىق تەمپۇڭلىقى بولسا،ب بىلەن س
ئوتتۇرىسدىمۇ ئىسىسقلىق تەمپۇڭلىقى بولسا،ئۇنداقتا ئا بىلەن س ئوتتۇرسىدىمۇ
ئىسىقلىق تەمپۇڭلىقى بار.



مۇشۇنداق قۇرۇق گەپمۇ بىر
قانۇنىيەت. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن باشقا ئىسىىقلىق كۈچ ئوتتۇرسىدىكى قانۇنىيەتلەرمۇ
مۇشۇنداق قۇرۇق گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس.نەق مۇشۇنداق قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئۇلۇغ
ئىنسانلارنىڭ ئەقىپ پاراسىتىنىڭ يەنە بىر جەۋھىرى مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىلنىڭ
مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغىلى بولامدۇ يوق.دېققىتىڭىز مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ھەققىدىكى
ئەمەلىي مىساللاردا بولسۇن.






ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 20:03:26

ئۆزھالكامنىڭ چانايمەن دىگەن ناخشىسىنى قوشۇپ قويساڭلار رەھمەت دەيىتتىم.

بۇ تېمىدا بارلىق مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىللارنى چانايمەن \"\"

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 20:20:57

مەنمۇ شۇ مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىل دىگەن ئۇقۇملارغا چىش تىرنىقىغىچە قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ بىرسى. چۈنكى ئۆزۈممۇ شۇ دىۋىگاتىل، ماتور دىگەندەكلەرنىڭ ئىشلەش پېرىنسىپىنى تولۇق چۈشىنىدىغان بولغاچ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 20:25:51

بۇنداق تېمىنى يوللاشنىڭ قانچىلىك زۆرۆرىيىتى بارلىقىنى راستىنلا بىلمەيمەن.

بۇ تېمىنى ئېچىشقا سەۋەپ بولغان ئىش،ئالدىنقى كۈنى بىر تورداشنىڭ چاقچاق قىلىپ يوللىغان ماگىنىت ماشىنىنى تارتىدىغان ماشىنىنىڭ رەسمىنى يوللىشى بولدى.بىزغۇ چاقچاق دەپ ئۆتكۈزۋەتتۇق.ئەمما شۇنى راسىت دەپ ئويلاپ قالغانلار قانچىلىكتۇ؟

بۇنداق ماشىنىنىڭ ماڭمايدىغانلىقىنى ھەممە بىلىپ بولغان بولسا تېما ئاياقلاشتى  {:92:}  

بۇ تېمىغا مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ياساۋاتقانلارنى چاقىرىپ بەرسەڭلەر،ئۈزەم بىرگە بىر ئېتىشىۋالساملا بولىدۇ \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 20:47:20

مەن رەسىم سىزىشقا ئۇستا ئەمەسكەنمەن \"\"

رەسىم سىزغان

نەگە چىقارسام بولار؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 20:54:13

مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىلنى ئۆزەم ياسايمەن ، قېنى زىيالى ئىككىمىز ئېتىشىپ باقايلى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 20:56:41

5- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىلنى ئۆزەم ياسايمەن ، قېنى زىيالى ئىككىمىز ئېتىشىپ باقايلى

سىزنىڭ ئىنىرگىيە مەنبەيىڭىز ئايالىڭىز،دۇنياغا كىلىشكە ئاز قالغان بالىڭىز شۇنداقلا ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز\"\"


مەن يىڭىلگەن بولاي\"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 21:00:25

خاتىرجەم بولۇڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنى سۆرەپ چىقمايمەن






ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 21:04:07

بۇرۇن بىز مەھەللىمىزدە كونا ئاياغنىڭ چەمىنى ، ماشىننىڭ بالونلىرىنى كۆيدۈرسەك بەك كۆيەتتى ، شۇنى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلساق قانداق بولا ھە  {:92:}   {:92:}  



ھە راست قاراڭغۇ ئېنىرگىيە توغىرلىق سۆزلەپ بەرمەمسىلەر

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 21:04:57

{:92:}  

خاتا چۈشىنىش بولمىسۇن

ئەگەر تېمانىڭ ئاخىرىنى يازسام دەپ ئالدىنقى قەۋەتلەردىن ئورۇن تۇتۇپ قويدۇم.

قېنى

چاقچاقلارمۇ

ئەستايىدىل پاراڭلارمۇ مەرھەمەت



تېما ھەپتە ئاخىرى يىڭىلىنىشى مومكىن.

بۇ توختىكامنىڭ ئوبراز ھوقوقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ئىش  {:90:}  

رازىلىقىنى ئالمىسام بولمايدۇ  {:92:}

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 21:06:21

مېنىڭچە مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ياساش تامامەن مۇمكىن. ئىلمىي ئاساسلىرىنى تۆۋەندە تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويىمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 21:11:52

ئۆچرەت تۇرۇڭلا،زىلتارنى چاناپ بولسام كىيىنكىسى تۇماق سەن \"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 21:13:19

نۇرغۇن «مۇتلەق»،«ساپ»،«نۆللۈك» دېگەندەك شارائىتلار قوشۇلار شۇ

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 21:22:13

مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ياسالسا، جاھان ئەرزانچىلىق بوپ كېتەرمىكى.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 21:23:29

نىسپىلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا،ئادەمنىڭ ئۆمۈرى بىرلىك قىلىنغان ۋاقىت ئۇزۇنلىقدا، قوياشنى مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل دەپ قاراشقا بولىدۇ. دىمەك مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل ياساش تامامەن مۇمكىن.  {:92:}  



يالغان گېپىمگە ئېينىشتىننى گۇۋاھ قىلدىميا، قەۋرىسىدە جىم ياتقۇزماي. \"\"



يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە پاراڭ قىلىپ بەرسەڭلار بولاتتى. مەسىلەن تۆمۈر پالۋان كېنوسىدىكى مىكرو رېئاكتۇر دىگەنگە ئوخشاش. يېڭى ئېنىرگىيەنى قايسى دۆلەت كونترول قىلسا دۇنيانى شۇ دۆلەت سورايدۇ دەپ بىر ئىنكاس كۆرگەندەك قىلغانتىم ئىزدىنىشتا.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 21:26:24

مەسىلەن: قوياشتا ئوكسىگىن بولمىسىمۇ، قوياشتا غايەت زور ئىنىرگىيە مەۋجۇتقۇ؟







ئىنسانلار ھامان بىر كۈنى مەڭگۈلۈك ئىنىرگىيگە ئىرىشىشى مۇمكىن.  قۇياشنىڭ ئىنىرگىيە ئايلىنىش قانۇنىيتىنى ئىگەللىگەن ۋاقىتتا.









مەسىلەن: گىلى، ھىدروگىنغا ئوخشاش ماددىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن پارچىلىنىپ، يەنە ئۆزلىكىدىن بىرىكىش خۇسۇسىيتىنى كونتىرول قىلغان ۋاقىت رىئاللىقا ئايلىنىدۇ.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 21:32:53

ئوكسىگىن ئېنىرگىيە مەنبەسى ئەمەس ، يېنىك يادىرولار بىرىككەندە قويۇپ بەرگەن ئېنىرگىيە ئېغىر يادىرولار پارچىلانغاندا قويۇپ بەرگەندە قويۇپ بەرگەن ئېنىرگىيىنىڭ مانچە ھەسسىسىگە تەڭ دەپ ئۆگەنگەن، قۇياشنىڭ ئېنىرگىيىسى شۇنداق يەردىن كېلەمدىكىنتاڭ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 09:27:04

راس گەپنى دىسەم زىيالىنىڭ زىيادە ئەقىللىق بىلەن قويغان تىمىسى ۋە تىما مەزمۇنىنى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم. تەپەككۇر قىلغۇچىلارنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىغا توپا چاچقاندەك بىر تىما بوپتۇ.





ئاددى مىسال ئالسام: ئالىملار 300 يىل دەمدۇ، ئىنىرگىيسى يىتىدىغان سائەتنىڭ باتارىيسىنى كەشىپ قىلدىغۇ؟



ئامرىكا يادرۇ ئاۋىئاماتكىلىرىغا 1 قىتىم يادرو ئىنىرگىيسى قاچىلانسا، 15 يىلدىن ئارتۇق يىتىدىكەن ئەمەسمۇ؟



مەڭگۈلۈك دىۋگاتىلنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشى پەقەتلا بىر ۋاقىت مەسىلىسى. بۇ ھامان رىئاللىق بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 09:31:13

ھەي زىيالىكا:



ئىينىشتىن ياكى بىرەر فىزىكا، خىمىيە ئالىملىرىدىن بىرەرسىنىڭ، ھازىرغىچە مەڭگۈلۈك دىۋگاتىل ( ياكى ماتور) ۋە ياكى مەڭگۈلۈك ئىنىرگىيە قويۇپ بىرىدىغان (ئىنىرگىيسىنىڭ كۆپ-ئازلىقى نەزەرگە ئىلىنمايدۇ) ماددىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا، بىرەر پاراڭ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟


ئەگەر تىمىڭىزنى مۇتلاقلاشتۇرسىڭىز، مەن ھەقىقەتەن قارىشى، ئىينىشتىن  قانۇنىغا نەچچە ئەسىر بولدى. بەلگىلىك ھەقىقەتلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭدا نۇقساننىڭ بولىشى تەبىئىي.


ئەگەر مەڭگۈلۈك ئىنىرگىيە يوق دەپ قارالغان بولسا، نىمىشقا فىزىكا، خىمىيە دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن. شۇڭا بۇرۇنقىلارمۇ مەڭگۈلۈك ئىنىرگىيە مەنبەسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان بولىشىى مۇمكىن.



ئاڭلىغان بولسىڭىز دەڭە!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 09:51:54

15- قەۋەتتىكى udun007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەسىلەن: قوياشتا ئوكسىگىن بولمىسىمۇ، قوياشتا غايەت زور ئىنىرگىيە مەۋجۇتقۇ؟

ئىنسانلار ھامان بىر كۈنى مەڭگۈلۈك ئىنىرگىيگە ئىرىشىشى مۇمكىن. قۇياشنىڭ ئىنىرگىيە ئايلىنىش قانۇنىيتىنى ئىگەللىگەن ۋاقىتتا.

مەسىلەن: گىلى، ھىدروگىنغا ئوخشاش ماددىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن پارچىلىنىپ، يەنە ئۆزلىكىدىن بىرىكىش خۇسۇسىيتىنى كونتىرول قىلغان ۋاقىت رىئاللىقا ئايلىنىدۇ.

ئىنىرگىيە دىگەن نىمە؟


ئوكسىگىن دىگەنچۇ؟


ئوكسىگىن بىلەن ئىنىرگىيەنىڭ قانداق بىۋاستە باغلىنىشى بار؟


ئىنىرگىيە توغۇرلۇق پاراڭ باشلاش ئۈچۈن نىمىشقا ئوكسىگىننى تىلغا ئالمىساق بولمايدىغان بولۇپ قالدى؟


مەڭگۈلۈك ئىنىرگىيە دىگەن نىمە؟


مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل دىگەنچۇ؟


بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى ياكى باغلىنىشىچۇ؟


قۇياشتا قانداق رىئاكسىيە بولۇپ،يۇرۇقلۇق ۋە ئىنىرگىيە تارقىتىدۇ؟


گىلى ھىدروگىنلارنىڭ ئۆزلىكىدىن پارچىلىنىش ۋە ئۆزلىكىدىن بىرىكىش خۇسۇسىيىتى دىدىڭىز.قايسىسى ئۆزلىكىدىن بولىدۇ؟بىرىكىشمۇ ياكى پارچىلىنىشمۇ؟تېخىمۇ تەپسىلىي دەپ بەرسىڭىز بەك مىننەتدار بولاتتىم.


................


.................


مازاق قىلغىنىم ئەمەس


ئىككى قۇرلۇق ئىنكاسىڭىزدىن مۇنداقلا ئوقۇپ كەلگەن سۇئاللار مۇشۇنچىلىك.يەنە سورايمەن دىسەم سۇئال داۋاملىق چىقىدۇ.


خىمىيەنى ياكى پىزىكىنى بىلمىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.


سىزگە بىر نىمىنى بىلىپ قويۇش تەكلىپى بېرەي.بۇ گەپنى مەن تېمىدىمۇ تىلغا ئالغان.


سۇ يۇقىرىدىن تۈۋەنگە قاراپ ئاقىدۇ.بۇنى ئۆزلىكىدىن دەيمىز.


سۇنى تۈۋەندىن يۇقىرى چىقىرىش ئۈچۈن سىز ئامالىنى قىلمىسىڭىز سۇ يۇقىرىغا قاراپ ئاقمايدۇ.بۇنى ئۆزلىكىدىن دىمەيمىز.


خىمىيەلىك تەڭلىمىلەرمۇ ھەم شۇنداق.


ئۆزلىكىدىن بولىدىغان رىئاكسىيە بار دىيىلسە،ئۇنىڭ ئەكسى رادىئاكسىيەسى ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن بولمايدۇ.



مەن بۇ تېمىدا ئىزدىنىش خىيالىدا بولىۋاتقان ياش باللارنىڭ قىزىقىشىغا سوغاق سۇ سەپمەكچى ئەمەس.تىرىشىش ياخشى ئىش.مەن قوللايمەن.ئەمما قوللاش دىگەن ھەر خىل بولىدۇ.قانلىق تەجرىبىلەردىن مومكىن بولمايدۇ دەپ نەتىجىسى چىقىپ بولغان ئىشقا داۋاملىق ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقنى ئەسكەرتىشمۇ قوللاشنىڭ ياخشى ئىپادىلىنىشى دەپ قارايمەن.


تىرىشىساڭلار بولىدۇ.بىزمۇ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن شۇنى قوللاۋاتىمىز.ھېس قىلساڭلار ئىزدىنىش مۇنبىرىمىزگە يېقىندىن بېرى يوللىنىۋاتقان تەبىئى پەنگە ئائىت ماقالە ياكى خەۋەرلەر بۇرۇنقىغا قارىغاندا جىق ئاشتى.بۇمۇ شۇ ئاكىلىرىمىزنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاققانلىقىنى قوللاش ئۈچۈن.




مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل توغرىسىدىكى ماتىرياللارنى رەتلەۋاتىمەن.رەسىملەرنى مۇقىمراق بىرەر بوشلۇققا يوللاپ بولسام مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قىلىپ يازىمەن.شۇ ۋاقىتتا قانداقلا سۇئالىڭىز بولسا سورىسىڭىز بولىدۇ.بۇنداق تېمىغا كىرىپ يەنە ھېچنىمە يۇقماي چىقىپ كەتسىڭىز مىنىڭ بۇ تېمىنى ئاچقىنىم مەغلۇپ بولغان بولىدۇ.بۇنداق ئۇيۇنچۇق تېمىنى مەن كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئەمەس،قارا قۇرساق دېخانلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ رەتلەشكە كۈچ چىقارماقچى.

بەت: [1] 2 3 4 5
: مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل توغرىسىدا پاراڭ قىپ بېرەيمۇ؟