talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 19:55:45

يۇقىرى تىزلىكتىكى ئاپرات[تېخنىكا]

كىنولاردا،ياكى ئېلانلاردا ياكى باشقا پىروگراممىلاردا  ئادەتتە كۆزىمىز بىلەن بىۋاستە كۆرۈش تەس بۇلغان ئاستا سۈرئەتتىكى كۆرىنىشلەرنى كۆرىمىز.مەسلەن ھايۋاناتلار دۇنياسىدا قانىتىنى ئاستا قېقىۋاتقان ھەرە قۇش ،ئىلانلاردا مىۋىنىڭ ئاستا سۈتكە چۈشكەن ،ئەتراپىدا چىرايلىق سۈت تامچىسى چاچراپ چىققان كۆرىنىش،،،،قاتارلىقلار،بىز ئەمەلىيەتتە گۆش كۆزىمىز بىلەن ناھايىتى تىز سۈرئەتتە تاماملىندىغان ھەركەتلەرنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىشكە ئامالسىز،مەسلەن قۇتىنى تىشىپ ئۈتكەن ئوق ،مۇش بىلەن ئۈستەلگە ئۇرۇلغان چاغدىكى ،ياغاچنىڭ ئىلاستىكلىقى.سۇنىڭ يىغىلىشچانلىقى ،،،قاتارلىقلار.

تەتقىقات ۋە كىنۇلاردىكى ئالاھىدە كۆرىنىشلەر ئۈچۈن ،ئادەتتە بۇنداق كۆرىنىشلەرنى ،يۇقىرى تىزلىكتە كۆرىنىشنى خاتىرلىيەلەيدىغان ئاپىراتلار ئىشلىتىلدۇ.

ئادەتتە بىز تىلۋىزۇردا كۆرۋاتقان كۆرىنىش سىكۇنتىغا 25 پارچە ئۇلانما سۆرەتنىڭ قۇيىلىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۇلانما سۈرەت.(بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىكونتىغا 30 پارچە )يەنە مەلۇم بىر كۆرىنىشنىڭ بىر سىكۇتلىق يېرىنى تۇتۇپ رەسىم شەكلىدە چىقارساق 25 پارچە رەسىمگە ئېرىشىمىز.بۇنى يەنە سىن ھالىتىدە قۇيغىلى بۇلىدۇ.يە سۈرئەتكە ئېلىش ئاپراتىمۇ مۇناسىپ ھالدا سىكوتىغا 25 پارچە سۈرەتنى خاتىرلەيدۇ.

تەپىئەت دۇنياسىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ھەركەتلەرنى مانا مۇشۇ سىكونتىغا 25 پارچە سۈرەتنى خاتىرلىيەلەيدىغان ئاپىراتلار ئارقىلىق ھەركەت تەپسىلاتىنى بىلسەكمۇ.ئەمما يەنە ئاز قىسىم تىز سۈرئەتتە يۈزبىرىدىغان ھەركەتلەرنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىشكە ئامالسىز قالىمىز.

بۇنى ئادەتتە يۇقىرى تىزلىكتە سۈرەتكە ئالدىغان ئاپىرات ئارقىلىق تاماملايمىز.يەنە ھەر سىكوتتا 50 پارچە،100 ،200، 300،،،،،،800،،،،،1000ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى،توردىن ئىزدەپ سىكوتىغا 25مىڭ پارچە سۈرەتنى خاتىرلىيەلەيدىغان،بىرنى كۆردىم.

مەلۇم بىر بۈلەك ھەركەتنى مىسالغا ئالايلى.يەنە بىر ئالما ،بىر مىتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشكەن ھەركەت ،بۇ ھەركەت تەخمىنەن2 سىكوت ئەتراپىدا تاماملىنىپ بۇلىدۇ (يەنە  قۇلدىن ئاجىراپ ،يەر يۈزىگە تەككىچە بۇلغان جەريان) دەپ پەزەر قىلىپ تۇرايلى!!!ئادەتتىكى ئاپىرات ئىككى سىكۇتتا 50 پارچە سۆرەتنى خاتىرلەيدۇ.يەنە ھەرئىككى سانتىمىتىردا (ئالمىنى يەنە تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت قىلۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلساق بۇلغۇدەك)بىر پارچە سۆرەت خاتىرلەيدۇ.ئەمدى بۇ ھەركەتنى سىكوتىغا 250 پارچە رەسىم خاتىرلەيدىغان ئاپىرات بىلەن سۆرەتكە ئالساق ئىككى سىكونتا 500 پارچە رەسىمنى خاتىرە قالدىرىدۇ.يەنە ئالما ھەر ئىككى مىللىمىتىر يۈتكەلگەندە بىر پارچە.بۇنى ھەر سىكونتا 25 پارچە ئۇلانما رەسىم قۇيالايدىغان ۋاستىدە قۇيساق،ئىككى سىكوتلىق ھەركەت ،سۈزۇكلىكىنى ساقلىغان ھالەتتە 20 سىكۇتقا ئۇزىرايدۇ،يەنە 10 ھەسسە ئاستىلايدۇ دىگەن گەپ.مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مۇرەككەپ ھەركەتلەرنىڭ ھەربىر ھالقىسنى تەپسىلى كۈزەتكىلى،كىنو تىلۋىزۇرلاردا ئالاھىدە كۆرىنىش ئۈنۈمىنى ياراتقىلى بۇلىدۇ .

ئەمما بۇخىلدىكى ئاپراتلارنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا باھاسى ئادەتتىكى ئاپراتلاردىن خىلىلا يۇقىرى.ھەتتا بەزى كىنۇ دەرىجىسى ئاپىراتلارنىڭ باھاسىنى شەخىسلەرلا ئەمەس ،ئادەتتىكىدەك ،شىركەت-كارخانىلارمۇ قۇبۇل قىلالمايدۇ.




تۈۋەندىكىلەر يۇقىرى تىزلىكتە تارتىلغان كۆرىنىشلەر

http://v.ku6.com/show/Ek7ttqiU7unu9sKAQy5W0Q...html



http://video.sina.com.cn/v/b/16817481-1336588320.html





http://v.youku.com/v_show/id_XNjEzNDA0OTg0.html









atarut يوللانغان ۋاقتى 2013-10-6 22:16:08

3- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

.يۇكۇ ياكى 56 دىكى سىن ھۆججەتلىرىنى قانداق قىلىپ بىۋاستە قۇيغىلى بۇلىدۇ مۇنبەردە؟





http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=43448

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 10:00:48

ئۆتكەندە تۈمەن يەكەنگە كەلگەندە، پىلە قۇرىتىنىڭ غوزەكتىن چىققان ھالىتىنى ئاشۇنداق ئاپپاراتتا ئالىمىز دەۋاتاتتى. \"\"

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 10:01:09

تېمىنىڭ ئايىغى قېنى؟تازا قىززىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ كەتتا‹؟

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-10-4 20:52:14

ئۇف،،،،تېما مەزمۇنىنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ ئاندىن ئۇنى تېما يىزىش بېتىگە چاپلاپ يازغان بىۋاستە يازسام لاتىن ھەرپى چىقىۋالدى.بىر قېتىم تەھرىرلىسەممۇ يەنە بەزى جايلىرى خاتا چىقىپ قاپتۇ.يۇكۇ ياكى 56 دىكى سىن ھۆججەتلىرىنى قانداق قىلىپ بىۋاستە قۇيغىلى بۇلىدۇ مۇنبەردە؟



بەت: [1]
: يۇقىرى تىزلىكتىكى ئاپرات[تېخنىكا]