يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن
يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىزدىنىشلىق دوستلارنىڭ يول كۆرسىتىشىگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم، نوپۇسنى شىخەنزىگە يۆتكەش توغرۇلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈشتىن بۇرۇن سىلەردىن مەسلىھەت ئالاي دىگەن، نوپۇسنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىخەنزىگە يۆتكەش قىيىنمۇ؟ نوپۇسنى مۇشۇنداق يۆتكەپ باققان دوستلار بولسا قانداق باسقۇچلار بىلەن يۆتكىگىنى توغرىسىدا ئورتاقلاشقان بولساق.
ئاۋال شىخەنزە شەھىرىدىكى ئۆزىڭىز نوپوسنى يۆتكىمەكچى بولغان ئورۇنغا قاراشلىق ساقچىخانىغا بىرىپ سۇرۇشتۈرىسىز ، نوپوسڭىزنى يۈتكەپ كەلسىڭىز بوللامدۇ شۇنى ئاۋال سۇرۇشتۇرۈڭ ، ساقچىخانا سىزدىن نىمە ئۈچۈن يۆتكەلمەكچى ، مۇقۇم خىزمىتىڭىز ياكى كىرىمڭىز بارمۇ ؟ يۆتكىمەكچى بولغان ئادىرىس قاتارلىقلارنى سورايدۇ ، يەنى قايسى ئادىرىسقا يۆتكىمەكچى (ئۆزىڭىزگە تەۋە ئۆيى بارمۇ ئۆي خېتى بۇلۇشى كېرەك ،ياكى بىۋاستە توققانلىرىڭىزنىڭ نوپوس ئادىرسىغا يۆتكىلەمسىز(چوقۇم بىۋاستە تۇققان بولۇشىنى تەلەپ قىلدۇ)) مۇشۇلار ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئۇلار سىزنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلىمىشىڭىز بارمۇ يوق؟ دەپ سۈرۈشتۇرىدۇ ، يوق بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى نوپوسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىدىن قانۇنغا خىلاپ قىلىمشى يوق دىگەن مەزمۇندىكى ئىسپات ئېلىپ كېلىشىڭىز كېرەك ناۋادا قانۇنغا خىلاپ قىلىشىڭىز بار بولسا ، نوپوسىڭىزنى يۆتكەپ كېلىشىڭىزگە قوشۇلماسلىقى مۇمكىن .مۇشۇلار تەل بولغاندىكى كېيىن ،ساقچىخانىغا بىر پارچە نوپوسىڭىزنى يۆتكەپ كىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس يازىسىز ، بۇ ئىلتىماسىقا ساقچىخانا مەسئولى ئىمزا قويىشى كېرەك ،شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىخانا سىزگە نوپوسنى يۆتكەپ كەلسە بولىدۇ دەپ ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ (准迁证)مۇشۇ ئىسپاتنى ئېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بىرىپ نوپوسىڭىزنى سۆكۈپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ . بىلىدىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىكەن ،كەم قالغان بولسا باشقىلار تولۇقلاپ قويسا ،1- قەۋەتتىكى tarihنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋال شىخەنزە شەھىرىدىكى ئۆزىڭىز نوپوسنى يۆتكىمەكچى بولغان ئورۇنغا قاراشلىق ساقچىخانىغا بىرىپ سۇرۇشتۈرىسىز ، نوپوسڭىزنى يۈتكەپ كەلسىڭىز بوللامدۇ شۇنى ئاۋال سۇرۇشتۇرۈڭ ، ساقچىخانا سىزدىن نىمە ئۈچۈن يۆتكەلمەكچى ،مۇقۇم خىزمىتىڭىز ياكى كىرىمڭىز بارمۇ ؟يۆتكىمەكچى بولغان ئادىرىس قاتارلىقلارنى سورايدۇ ،يەنى قايسى ئادىرىسقا يۆتكىمەكچى (ئۆزىڭىزگە تەۋە ئۆيى بارمۇ ئۆي خېتى بۇلۇشى كېرەك ،ياكى بىۋاستە توققانلىرىڭىزنىڭ نوپوس ئادىرسىغا يۆتكىلەمسىز(چوقۇم بىۋاستە تۇققان بولۇشىنى تەلەپ قىلدۇ)) مۇشۇلار ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئۇلار سىزنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلىمىشىڭىز بارمۇ يوق؟ دەپ سۈرۈشتۇرىدۇ ،يوق بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى نوپوسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىدىن قانۇنغا خىلاپ قىلىمشى يوق دىگەن مەزمۇندىكى ئىسپات ئېلىپ كېلىشىڭىز كېرەك ناۋادا قانۇنغا خىلاپ قىلىشىڭىز بار بولسا ،نوپوسىڭىزنى يۆتكەپ كېلىشىڭىزگە قوشۇلماسلىقى مۇمكىن .مۇشۇلار تەل بولغاندىكى كېيىن ،ساقچىخانىغا بىر پارچە نوپوسىڭىزنى يۆتكەپ كىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس يازىسىز ، بۇ ئىلتىماسىقاساقچىخانا مەسئولى ئىمزا قويىشى كېرەك ،شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىخانا سىزگە نوپوسنى يۆتكەپ كەلسە بولىدۇ دەپ ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ (准迁证)مۇشۇ ئىسپاتنى ئېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بىرىپ نوپوسىڭىزنى سۆكۈپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ . بىلىدىغىنىم بۇشۇنچىلىك ئىكەن ،كەم قالغان بولسا باشقىلار تولۇقلاپ قويسا ،
نەق تەرتىپنى دەپسىز مەن غولجىدىن جەنۇبى شىنجاڭغا بىرنوپوسنى ساق 4يىلدا يۆتكەپ ئەكەلگەن، ئارلىق يىراق بولغاچقا شۇنداقمۇ بىلمىدىم، ئىش قىلىپ بۇئورۇندا ئىش بىجىرمەك ئانچە ئاسەن ئەمەس.
كۆپچىلىكنىڭ ئەتراپلىق يول كۆرسەتكىنىگە كۆپ تەشەككۈر، شىخەنزىگە نوپۇس يۆتكەشمۇ شۇنداق قىيىن بولارمۇ؟ چوقۇم بىۋاسىتە تۇغقانلارنىڭ نوپۇس ئادرىسىغا يۆتكىلىش تەلەپ قىلىنىكەندە. ياخشى تېما بوپتۇ. ئانا تەرەپ تۇققانلىرىم غۇلجىدا ئىدى،شۇڭا مەنمۇ غۇلجىغا كۈچۈپ بىرېش ئۈچۈن بۇ يىل ئاق يەر (يەر خېتى بار) ئېلىپ ئۆي سېلىپ قويدۇم. يەر خېتى بولغاندىكىن نۇپۇس يۆتكەش تەسكە چۈشمەس ھە،،،،،،،مەن ئاقسۇدىن ئوقۇش سەۋەبىدىن يۆتكىمەكچى بولغان بولسىڭىز بەك ئاسان ئىدى ! شىخەنزىدە نوپۇس يۆتكىيەلەيدىغان شەخسى ئىگىلىكتىكى مەكتەپلەر بارمىدۇ؟
بەت:
[1]