ئاشقازان-ئۈچەي يارىسىغا داۋا
مىنىڭمۇ ئاشقازىنىم ئاغرىيدۇ ،دادامنىڭمۇ ئاغرىيدۇ ،ئاكامنىڭمۇ ئاغرىيدۇ ،،ئاشقازان كىسىلى ئىرسىيەت بولامدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم ياكى دادام ئاكام ئوچەيلەن قۇساققا بەك ئامراق لەڭمەننى دەھشەت چاققان يەيمىز ئاپام بىزگە لەڭمەن سۇزۇپ ئولگۇرتەلمەي لەڭمەن ئەتكەنگە پوشمان قىلىپ كىتىدۇ ھىلىمۇ ياخشى ئاكام ئىككەيلەننىڭ خوتۇنى ياردەملىشىدۇ ئاپامغا، بۇلمىسا ئايدا بىر لەڭمەن ئىتەتتى ،مۇمامنىڭ دىيشىچە تاماقنى چاققان،چاينىماي يەيدىغانلار ئاشقازان كىسىلى بولارمىش ،بەزىلەرنىڭ دىيشىچە ئىچى كوچلوك ئادەملەر ئاسان ئاشقازان بولارمىش ،ئاشقازان كىسىلى ياخشى بولمىغىنى تەس بىر ئومۇر دەردىنى تارتىسەن دىققەت قىلمىساڭ بىشىڭغا چىقىدۇ دەيدۇ تىخى بىزنىڭ مەھەللىدىكى دورا پورۇچ ياسىنكام سەن نىمىنى بىلەتتىڭ رىسقىم تۇشسا سەن مەندىن بالدۇر ئولەمسەن تىخى دوراڭنى كوپرەك ساتماقچىغۇ،، دىدىم ئىچىمدە ئو بەرگەن ئاشقازان دورىسىغا پۇل تۇلەۋىتىپ... ساقلىۋالاي... ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تادۇ بەگ قېرىندىشىم . مەن كۆپىگى دەريانى 12 بارماق ئۆچەي يارىسى كېسىلىمگە دورا قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلەتكەن ، ئۈنىمى خېلى ياخشى بولغان ئىدى . بۇ نەرسە سۇدا ئېرىمەيدىغاندەك قىلىدۇ ، ئىچكى ئەزالاردا تاش پەيدا قىلش خەۋىپى بارمىكىن دەپ توختۇتۇپ قويدۇم . سىزنىڭچە شۇنداق خەۋىپى بارمۇ ؟ ئەگەر بولسا بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ ، بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟
3- قەۋەتتىكى sherqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تادۇ بەگ قېرىندىشىم . مەن كۆپىگى دەريانى 12 بارماق ئۆچەي يارىسى كېسىلىمگە دورا قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلەتكەن ، ئۈنىمى خېلى ياخشى بولغان ئىدى . بۇ نەرسە سۇدا ئېرىمەيدىغاندەك قىلىدۇ ، ئىچكى ئەزالاردا تاش پەيدا قىلش خەۋىپى بارمىكىن دەپ توختۇتۇپ قويدۇم . سىزنىڭچە شۇنداق خەۋىپى بارمۇ ؟ ئەگەر بولسا بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ ، بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كۆپىكى دەريانىڭ ئەسلى ماددىسى تاش بولمىغاچقا تاش پەيدا قىلىش خەۋپى تۆۋەن ياكى يوق بولىدۇ ھەم بۇ ھەقتە كىتابلاردىمۇ ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن. كۆپۈكى دەريانى يۇمشاق سوقۇپ مۇناسىپ شەربەتلەر بىلەن ئىچىسىڭىز بولىدۇ. كۆپ رەخمەت ئىچى سۈرۈشمۇ ھەزىم ياخشى بولماسلىقتىن ئىكەندە ...
سوراپ باقسام، بوۋاقلار ۋە بالىلاردا شۇنداق ھەزىم ياخشى بولماي تولا ئىچى سۈرسە يۇقارقى دورىلار شىپا قىلامدۇ ياكى باشقا ئامال بارمۇ ؟
DaveJones نىڭ ئىنكاسلىرىنى ئەمدى ئوقۇپ بولغۇچە چەكلىۋېتىپسىلەر ... مۇشۇنداق بەزىدە تاققا-تۇققا سۆزلەيدىغانلارنىڭ سۆزلىرىدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ، ھازىر پەقەت ساراڭ بىلەن مەس ئادەملەرلا راس گەپ قىلالىسا كىرەك، پاراڭ ئاڭلىغىلى قويماي بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ كەتسە ئانىسىغا بەرسە بولىدۇ ياكى بىھى شەربىتى بىلەن قەلەمپۇر ئىچۈرسە بولىدۇ.
بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ كەتسە ئانار پوستىنى سوقۇپ بەرسە ياكى ئانار گۈلقەنتى بەرسە بولىدۇ ، بىھى شەربىتىمۇ ياخشى. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تادۇبەگ،
مەنمۇ مۇشۇ ئاشقازاننىڭ ياخشى بولماسلىقدىن تېۋىپنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋالىمنى دىسەم،تومرۇمنى تۇتۇپ سوغۇق يەل كۆپ ئىكەن،ئاشقازان بىلەن بۆرەك سوۋۇپ كېتىپتۇ دەپ،جاۋارىش ئەنبەر،قۇرسى ئەفى،جاھارىش زەر ئۇنى،ئامىلە نوشدارى،قاتارلىق دورلارنى بەرگەن ئىدى،شۇ دورلارنى 1 ئاي يىدىم تازا ياخشى بولالمىدىم،بولسا مۇشۇ ئالامەتلەرگە بىر دورا قىپ بەرگەن بولسىلا...!!!
مەندىكى ئاساسلىق ئالامەتلەر_ئادەتتە قورسىقىم ئېچشىپ ياكى قىززىپ ئاغرىمايدۇ،كۆپرەك ۋاقىتلاردا قۇرۇق يەل كۆپ،دوۋسۇن بېقىن تەرەپلار چىڭقىلقپ ئارام بەرمەيدۇ،ئاغزىمغا ئاچچىق سۇ پەيدا بوپ قېلىش،بەزى تاماقنى سەل كۆپ يەۋالسام قورسۇقۇم يىغلىېپ قالغاندەك چوڭراق تىنسام قورسىقىم ئەسلىگە كەلگەندەك،بولمىسا ئىچگە چۇشۇپ كېتدۇ،يەنە ھەر كۇنى ئورنۇمدىن تۇرغان ۋاقىتتا ئاغزىم لاۋزا تۇكرۇك بەك كۆپ،بەزى ئاغزىمغا ئاچچىق سۇ بەك كېلىپ كەتكەندە تاتلىق نەرسە (گۇلقەنىت،ياكى شېكەر) يەۋالسام ئازراق پەسلەيدۇ،بۇئۇسۇلنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى بارمۇ؟مۇشۇ ئالامەتلەرگە بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا!!!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سىز بىر مەزگىل بۇزۇرى شەربىتى بىلەن ھەسەل ،گۈلقەنت ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ.
ئۇنىڭدىن كىيىن مەجۈنى جاۋارىش كۇمۇنى ياكى مەجۈنى نانىخۇا يەپ بېرىڭ. باشقا دورا يىمسەممۇ بولامدۇ؟! باشقا دورا يىمسەممۇ بولامدۇ؟! باشقا دورا يىمسەممۇ بولامدۇ؟! كۆپ رەخمەت
مۇشۇنداق تېمىلار كۆپىرەك يېزىلسا، ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، تادو بەگ
يېقىندىن بۇيان تولا تەرلەيدىغان (بولۇپمۇ بەل سوغۇق تەرلەيدۇ) بولۇپ قالدىم، تىبابىتىمىزنىڭ قايسى داۋالاش ئوسۇلى، دورىلىرىنى ئىستىمال قىلسام بولا؟
9- قەۋەتتىكى assabiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تادۇبەگ،
مەنمۇ مۇشۇ ئاشقازاننىڭ ياخشى بولماسلىقدىن تېۋىپنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋالىمنى دىسەم،تومرۇمنى تۇتۇپ سوغۇق يەل كۆپ ئىكەن،ئاشقازان بىلەن بۆرەك سوۋۇپ كېتىپتۇ دەپ،جاۋارىش ئەنبەر،قۇرسى ئەفى،جاھارىش زەر ئۇنى،ئامىلە نوشدارى،قاتارلىق دورلارنى بەرگەن ئىدى،شۇ دورلارنى 1 ئاي يىدىم تازا ياخشى بولالمىدىم،بولسا مۇشۇ ئالامەتلەرگە بىر دورا قىپ بەرگەن بولسىلا...!!!
مەندىكى ئاساسلىق ئالامەتلەر_ئادەتتە قورسىقىم ئېچشىپ ياكى قىززىپ ئاغرىمايدۇ،كۆپرەك ۋاقىتلاردا قۇرۇق يەل كۆپ،دوۋسۇن بېقىن تەرەپلار چىڭقىلقپ ئارام بەرمەيدۇ،ئاغزىمغا ئاچچىق سۇ پەيدا بوپ قېلىش،بەزى تاماقنى سەل كۆپ يەۋالسام قورسۇقۇم يىغلىېپ قالغاندەك چوڭراق تىنسام قورسىقىم ئەسلىگە كەلگەندەك،بولمىسا ئىچگە چۇشۇپ كېتدۇ،يەنە ھەر كۇنى ئورنۇمدىن تۇرغان ۋاقىتتا ئاغزىم لاۋزا تۇكرۇك بەك كۆپ،بەزى ئاغزىمغا ئاچچىق سۇ بەك كېلىپ كەتكەندە تاتلىق نەرسە (گۇلقەنىت،ياكى شېكەر) يەۋالسام ئازراق پەسلەيدۇ،بۇئۇسۇلنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى بارمۇ؟مۇشۇ ئالامەتلەرگە بىر
.
سىز ئۆتىڭىزنى تەكشۇرتۇپ بېقىڭ .
شېكەرنى ھەرگىز يىمەڭ . مەن بىر تىبابەت كىتاۋىدا ئاشقازان كېسىلى بارلار شېكەر يىمەسلىگى كېرەك دەپ ئوقىغان . تەپسىلى يازاي دىسەم قايسى تىبابەت كىتاۋىدا كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق ، ئىشقىلىپ ئاشقازاننى تېشىۋېتىش خەۋىپى باركەن ، كەنپىتمۇ ئوخشاش . باشقا دورا يىمەي شۇ تەرتىپتەداۋالىنىڭ. نۇربىلىگ
سوغۇق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇڭ.سۇ ئىچىملىك،قېتىق،مىۋە -چىۋە ،سۇيۇقئاش دېگەنلەردىن.
جاۋارىش زەرئۇنى دىگەن دورا مادەتۇلھايات يەڭ.