iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 16:15:26

مۇسۇلمانلارغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىچكى قىسىمدىكى ئاشقۇنلاردىن كېلىۋاتىدۇ[كۆچۈرۈلمە]




ب د ت تورىنىڭ 29-سېنتەبر خەۋىرى: مالايسىيا باش مىنىستىرى ئابدۇل رازاق 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ب د ت دا سۆز قىلغاندا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقنى قاپلىغان «ئەرەب باھارى» ئاۋام ھەرىكىتىدە، ئاشقۇن ئۇنسۇرلار پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ زوراۋانلىق سەۋەبلىك ھەددى-ھېسابسىز ئازاب-ئوقۇبەتتە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، چوقۇم دىنىي مۆتىدىللىكنى يولغا قويۇش ھەمدە سىياسىي ئىسلاھات قىلىش ئارقىلىق ئاشقۇن ئۇنسۇرلار بېسىۋالغان جايلارنى قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك، دېگەن.

ئابدۇل رازاق ب د ت دا سۆز قىلغاندا، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى غەرب ۋە شەرق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ياكى مۇسۇلمانلار، كاتولىك دىنى، يەھۇدىي دىنى ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئەمەس، بەلكى بارلىق دىنلاردىكى مۆتىدىللەر بىلەن ئاشقۇنلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ، دېگەن.

ئابدۇل رازاق يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت سىرتتىن ئەمەس ئىچكى قىسىمدىن كەلگەن. سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپى ئارىسىدىكى توقۇنۇش نەچچە مىليون مۇسۇلماننىڭ ھاياتى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالماقتا. بىرلا ۋاقىتتا، ئىسلامدىن ئىبارەت تىنچلىق ۋە كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ئاشقۇنلار تەرىپىدىن بۇرمىلاندى، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا ئاشقۇنلار دىن تونىغا ئورۇنىۋېلىپ ئائىلە ۋە دۆلەتنى پارچىلىماقتا. بۇ يىلقى مۇقەددەس ئاي رامىزاندىمۇ مۇسۇلمانلار چوڭقۇر ئويلىنىۋاتقاندا، ئاتا قىلىش ۋە ھېسداشلىق تەپەككۇرى ۋە ھېسىياتىدا تۇرۇۋاتقاندا، ئاشقۇنلار توختاپ قالمىدى. بۇ ئايدا سۇرىيەدە 4400 ئادەم ئۆلدى، ئىراقتا 371 ئادەم، پاكىستاندا 120 ئادەم ئۆلدى. ھەربىي قېتىملىق زوراۋانلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە ئەگىشىپ، جىددىي كەيپىيات تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، تىنچلىق تېخىمۇ يىراقلاشتى، دېگەن.

ئابدۇل رازاق يەنە:«ئاشقۇنلارنىڭ بۇ خىل چىرىتىش خاراكتېرىدىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش تەس، ئەمما بىز تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىزمۇ ئەمەس، مەن دىنىي مەسىلىدە قەتئىي مۆتىدىل مەيداندا تۇرۇش ھەمدە سىياسىي مۇساپە ئارقىلىق مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ھاياتلىق ۋە ئەركىنلىك زىيانلىرىنى توسۇش كېرەك دەپ قارايمەن» دېگەن.

ئابدۇل رازاق تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى تىراگىدىيىلىك زوراۋانلىقلارنىڭ ئارقىسىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار كۈرەش بولماقتا. مۆتىدىل نىيەتتە چىڭ تۇرۇش ھەمدە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئاشقۇنلارنى چەتلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق، گۈللىنىش ۋە ھەققانىيلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېگەن.



diktatur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 16:45:19

مۇسۇلمانلارغا كىلۋاتقان ئىچكى جەھەتتىكى خەۋىپنىڭ بەزىلىرى سىرتقى دۇشمەن كۇچلەرنىڭ ئويناۋاتقان ئۇيۇنى ، بۇ تەرەپكە كۆز يۇمۇشقا ۋە سەل قاراشقا بولمايدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 17:29:47



مۇسۇلمانلارغا كىلۋاتقان ئىچكى جەھەتتىكى خەۋىپنىڭ بەزىلىرى سىرتقى دۇشمەن كۇچلەرنىڭ ئويناۋاتقان ئۇيۇنى ، بۇ تەرەپكە كۆز يۇمۇشقا ۋە سەل قاراشقا بولمايدۇ ..



بەزىسى ئەمەس ھەممىسى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ ،

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 17:32:48

مىسىر ، سۈرىيە ، ئىراق ، ئافغانىستاندىكى پاجىئەلەرنىڭ قايسى بىرىدە جاھانگىرلارنىڭ قۇلى يوق .......



بەزىسىگە بىۋاستە ئارىلاشسا ، بەزىسىنى مەبلەغ بىلەن يۆلەيدۇ ، بەزىلىرىگە سىياسەت جەھەتتىن يېشىل چىراق ياقىدۇ ،،،،

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 18:28:56

مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالى خىلمۇ خىل تۇرسا، قانداقسىگە بۇنداق ئومۇملاشتۇرۇپ گەپ قىلغىلى بولسۇن؟ مەسىلەن، پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا تەھدىت ئىسرائىلىيەدىن كېلىۋاتىدۇ. سۈرىيە مۇسۇلمانلىرىغا ئاسادنىڭ ئارمىيەسىدىن، مىسىر مۇسۇلمانلىرىغا ھەربىي ھۆكۈمەتتىن، سەئۇدى مۇسۇلمانلىرىغا سەئۇدى خان جەمەتىدىن، بىرما مۇسۇلمانلىرىغا بۇددىستلاردىن، بىنگال مۇسۇلمانلىرىغا دەھرىي ھاكىمىيەتتىن تەھدىت كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە دىنىي ئاشقۇنلۇق تەھدىت سېلىۋاتقان مۇسۇلمان ئەللىرىمۇ بار. مەسىلەن ئىراق، ئافغانىستان، پاكىستان دېگەندەك. شۇڭا بۇنداق ئۇخلاپ قوپۇپ، جۆيلۈگەندەك گەپ قىلماي، ئوبيېكتىپ رىئاللىققا يېقىنراق گەپ قىلىش كېرەك.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 18:33:39

ئەرەب باھارى بىلەن دىنى ئاشقۇن دېگەن ئىككى ئاتالغۇنى ماڭا تەپسىر قىلىپ بېرىڭلارچۇ

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 18:37:51

3- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىسىر ، سۈرىيە ، ئىراق ، ئافغانىستاندىكى پاجىئەلەرنىڭ قايسى بىرىدە جاھانگىرلارنىڭ قۇلى يوق .......



بەزىسىگە بىۋاستە ئارىلاشسا ، بەزىسىنى مەبلەغ بىلەن يۆلەيدۇ ، بەزىلىرىگە سىياسەت جەھەتتىن يېشىل چىراق ياقىدۇ ،،،،




جاھانگىرلار  ھازىرمۇ  مەۋجۇدمۇ؟

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 18:39:11

مىنىڭچە بۇ مىنىستىر ناھايىتى توغرا دەپتۇ!

((بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزۈڭدىن كۆر)) دەپ ئەجدادلارناھايىتى توغرا ئېيتقان!!،

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 19:23:02

تاشقى كۈچلەرنى تەسىرى بار دېگىنىمىزدە مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ بار . مەسىلەن سەئۇدى مىسىردىكى ھەربى ھۆكىمەتنى قوللاپ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى تېرورچىغا چىقاردى . ئىران ئەسەدنى قوللاپ ھەرجەھەتتىن سۈنئى مەزھەپتىكىلەرنى باستۇرۇشىغا ياردەمدە بولىۋاتىدۇ . پەلەستىدىكى خاماسنى ئىران ، فاتاھنى ئىسرائىلىيە قوللايدۇ . تۈركىيە سۈرىيەدىكى ئۆكچىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا دەپ كېلىۋاتىدۇ . ئەمدى غەرىپتىكى كۈچلەرنىڭ بۇ رايوندا تەسىر دائىرە تالىشىشىنى ئاۋۇلارغا قارىغاندا نورمال دېسەكمۇ بولار .

  يۇقارقى تېمىدا ئېيتىلغان ئاشقۇنلار دېگىنى پەقەت ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى مۇمكىن .

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 19:24:23

مۇسۇلمانلار چىچىپ سالسىمۇ سىيىپ سالسىمۇ غەرپنىڭ ئىشى.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 20:37:26

مېنىڭچە مۇسۇلمانلارغا 60% تەھدىت (مىسىر، سۈرىيە، بىنگال، تۈركىيە، ئالجىرىيە، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان، ...) ئىچكى قىسىمدىكى دەھرىيلەردىن كېلىۋاتىدۇ. 20% تەھدىت (پەلەستىن، چىچىنىيە، كەشمىر، بىرما، ...) تاشقى كۈچلەردىن كېلىۋاتىدۇ. يەنە 20% تەھدىت (ئافغانىستان، ئىراق، پاكىستان، ...) دىنىي ئاشقۇنلاردىن كېلىۋاتىدۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 21:01:30

4- قەۋەتتىكى tumaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالى خىلمۇ خىل تۇرسا، قانداقسىگە بۇنداق ئومۇملاشتۇرۇپ گەپ قىلغىلى بولسۇن؟ مەسىلەن، پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا تەھدىت ئىسرائىلىيەدىن كېلىۋاتىدۇ. سۈرىيە مۇسۇلمانلىرىغا ئاسادنىڭ ئارمىيەسىدىن، مىسىر مۇسۇلمانلىرىغا ھەربىي ھۆكۈمەتتىن، سەئۇدى مۇسۇلمانلىرىغا سەئۇدى خان جەمەتىدىن، بىرما مۇسۇلمانلىرىغا بۇددىستلاردىن، بىنگال مۇسۇلمانلىرىغا دەھرىي ھاكىمىيەتتىن تەھدىت كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە دىنىي ئاشقۇنلۇق تەھدىت سېلىۋاتقان مۇسۇلمان ئەللىرىمۇ بار. مەسىلەن ئىراق، ئافغانىستان، پاكىستان دېگەندەك. شۇڭا بۇنداق ئۇخلاپ قوپۇپ، جۆيلۈگەندەك گەپ قىلماي، ئوبيېكتىپ رىئاللىققا يېقىنراق گەپ قىلىش كېرەك.





توغرا . ئىچكى ئامىل بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .ئۆزى ئىتتىپاقلىشالماي ، ھەممە ئىشنى غەرپ ئەللىرىگە دۆڭگىسە ئىش تۈگىمەيدۇدە؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 21:16:48

بۇ يولداش خوشنىسى بېرمىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ باقسۇن ئاۋال...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 21:55:35

يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ مايماق قاراشلىرىغا تارتقىلى تۇرۇپتىغۇ نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىنى بۇرمىلاپ،تەتۈرىگە ياندۇرۇپ،زادى بەزىلەرگە ئامال يوق.....

بەزىلەر ئامېرىكىنى ، غەرپنى تىللىغاندەك قىلغىنى بىلەن بىزدىنمۇ چوڭ بىلىدۇ ، ئۆزلىرى ياكى مۇسۇلمانلارسىيەلمىسىمۇ ، چىچالمىسىمۇ،ئاي چىقمىسىمۇ، بوران چىقىسىمۇ غەرپتىن، ئامېرىكىدىن،جاھانگىرلاردىن كۆرىدۇ،قىزىق ، جاھانگىر دىيىشلىرى \"\"

urkax5 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 21:58:31

ئىنقىلاپ بولمىغىندىن بولغىنى ياخشى ،بۇنى خەلىقمۇ ئارزو قىلغان بولىشى مۈمكىن ،لىكىن ئىنقىلاپ بولغاندىن كېيىن ھەممە ئىشلارنىڭ بىر ئىزدىلام ئۇتۇقلۇق بولۇپ كېتىشى مۈمكىنمۇ ،ھەر ھالدا ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى بىر سىلكىپ قويغاندەك قىلىدۇ ،بۇ قىيىنچىلىق چوقۇم كېيىنكى ئاسانلىقتىن بىشارەت ،ئاللاھنىڭ زىمىندىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مەقلۇقاتلىرى ئىچىدىكى مۇسۇلمان ئۈممىتىنى نا ئۈمۈت قويىدىغىنىغا مەن ئىشەنمەيمەن!شۇڭا مۇسۇلمان بولغۇچى ئاللاھقا ئىشەنگەنلىگى ئۈچۈنلا ھەرقانچە قىيىنچىلىق ئىچىدىنمۇ ئۈمۈتنى كۆرەلەيدۇ ،بۇ ئۈمۈت پەقەت مۇسۇلمانغىلا خاس!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 22:05:21

بۇ ئېدىيىسى بۇرمىلانغان ، مېڭىسى يۇيۇلغان ، قاتمال ، كاللىسى چۆيۈندەك بوپكەتكەن ئاشقۇنلارغا سەيمىل خانتىڭتوننىڭ « مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى » دىگەن كىتاۋى بەك تەسىر قىلغان،

بۇ كىتاپ چىققاندا مەن ئازراق ئوقۇپلا تاشلىۋەتكەن

تىپىك ئەخلەت كىتاپ، قاراشلىرى بىر تەرەپلىمە ، ئادەمنى خاتا ئېدىيە بىلەن زەھەرلەيدىغان كىتاپ

بۇ كىتاپنى كەسكىن تەنقىد قىلىش ۋە ئاپتورنىڭ قوڭىغا ئەپلەپ ئىككىنى تېپىش كېرەكتى ئەسلى......

كىتاپ مەزمۇنى ، خاتالىقلار ئۈستىدە بۇ يەردە توختالمايمەن

ئىشقىلىپ بىزدىكى نۇرغۇن نېرۋىسى ئاجىز ياشلار مۇشۇ كىتاپنىڭ ۋە قاراشلىرىنىڭ چوقۇنغۇچىسىغا ئايلاندى.

asad يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 22:06:53

خەۋپ زادى سىرىتتىن كېلىدۇ.

بىىر يەنە بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپىقىنى يېرىپ قويسىمۇ جاھانگىرلار كۈشكۈرتكەن بۇلۇدۇ.

كۈشكۈرتكەنگە چىشلەشكەننى ئىتتىن كۆرۈپتىكەنمەن.غەرپ كۆشكۈرتتى، شۇڭا ئۇرۇشتۇم- تالاشتىم دىيىلسە مۇۋاپىق بۇلۇرمۇ.

   ئەلۋەتتە،سىرتنىڭ تەسىرىمۇ ئەلۋەتتە رول ئۇينايدۇ،لېكىن نىمىلا بولمىسۇن سىرتنىڭ تەسىرى ئككىلەمچى تەسىر،بۇ گەپنىغۇ چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 22:08:51

ما سۆزنى قىلغان مالايسىيا باش مىنىستىرى ئابدۇل رازاق دىگەن ئادەممۇ مۇسۇلمانكەن

كاللىسى قىزىپ كەتكەن تەلۋە ئەمەس ئوخشايدۇ

Otunchi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 09:02:54

دىنىمىزدىكى ياكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ئاشقۇنلۇق ، قاتىللىق قىلىۋاتقان  تېرورچىلارنى ئەيىپلەش ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ئىسلامنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلسا قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ ئىسلامنىڭ ئىناۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەيدۇ ، يىقىندا كىنىيە دە يۈز بەرگەن سودا سارايدىكى قىرغىنچىلىقتا بىر توپ ئۆزىنى مۇسۇلمان دىگەن ئىپلاسلار سودا سارايدىكىلەرگە ئەرەبچە قۇرئان ئايتىنى كۆرسىتىپ ئۇنى ئوقۇيالمىغانلارنى قارا قويۇق ئېتىپ تاشلىغان نەتىجە 60 تەك ئادەم ئۆلۈپ 200 دەك ئادەم يارلانغان ، بۇنداق ئوچۇقتىن ئوچۇق تېرورلۇققا ئىسلامنى ۋاستە قىلىش ئەلۋەتتە دىنىمىزغا خىلاپ ھەم پايدىسىز ، مۇشۇنىڭدەك ئاشقۇنلۇقنىمۇ توغرا دەپ قارىساڭلار ئۇ ۋاقىتتا سىلەرمۇ ھەم بىلىپ بىلمەي دىن دۈشمەنلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىسىلەر خالاس . ئىلامدا ئىنسان پەرۋەرلىكنى تەكىتلەش بىر مۇىم نوقتا پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋىلىپ ئۇلار بىلەن ئىنقىلاپ قىلىمەن دىيىش كومىنىزىمچىلارنىڭ ئىشى ، بەزى كاللىسى رودىمىنت ئاغىنىلىرىمىز مۇسۇلمانلا بولسا ئۇنىڭ قىلغىنى توغرا يامان ئىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى غەرىب دەپ چىچالمىسىمۇ  سىيەلمىىمۇ خەقتىن كۆرۈپ ، يانچۇقىدا پۇل قالمىسا يەھۇدىلار سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ ، بۇ غەرىب بۇ يەھۇدىلار ھېچ ئىش قىلماي ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ دەپ قاراپ ، ئۆزلىرىچە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلماقچى بولۇپ   بەنگىنىڭ خىيالىنى قىلىپ يۈرىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداقلار ئىسلامنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقانلار قاتارىدىندۇر.

DaveJones يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 10:35:41

ئىزدىنىشنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرىنىڭ تۇل ياكى بالىسى يوق!!لىكىن بۇ ئەۋلاد تەربىيىسى بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش،ئۇ مىللىتىمىزنى ساقلايمىز ئىمانىمىز ساقلايمىز دىگەن قۇرۇق شۇئار بىلەن ئەمەس ھەقىقىي مۇسۇلمان ئۇيغۇر پەرزەنت تەربىيلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ!!بىز ئاخىرەتتە سەن نىمىشقا ئامرىكا ،ئەرەب سىياسىتىنى چۈشەنمىدىڭ دەپ ئەمەس ئۆز ئەھلىمىزدىن سورىلىمىز!!!شۇڭا ھەممىمىز يامان ئىشنى ،گۇناھ ئىشنى كۆسەك توسىساق!!بولۇپمۇ ما ئاقسۇ خەلقىنىڭ بالىسىنى ئەخلاقلىق ئىمانلىق تەربىيلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!ئاقسۇلاقلار قەشقەرلىك قوقانچاقلارغا،خوتەنلىك خىيالىيلارغا ئوخشىمايدىغان ئاقسۈر (بۆرىنىڭ تۈرى) تۇرۇپ نىمىشقا باللىرىڭلارنى ياخشى تەربىيلىمەيسىلە؟؟مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەيىپىنى ئاچمايدۇ،مەن مىسال ئىلىپ سۆزلىمەي !ھازىر تاس تاماس ئوبۇرنىگە كىرسىمۇ كىملىك كۆرسەتكەچكە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى ئىشلارنى كۆرۈپ ئادەمنىڭ بەك ئىچى سىيرىلىپ كىتىدىكەن!ئۇلۇغ ئاللاھ كەرىم دىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلا!! تۈزۈك مۇسۇلمان ئەۋلاد تەربىيلەيلى !بىزنىڭ ئاشۇ كىچىك سۆيۈپ ئەركىلەتكەن باللىرىمىز چوڭ بولۇپ خەقنىڭ ئويۇنچۇقى غا ئايلانمىسۇن!!
بەت: [1] 2 3
: مۇسۇلمانلارغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىچكى قىسىمدىكى ئاشقۇنلاردىن كېلىۋاتىدۇ[كۆچۈرۈلمە]