TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 09:47:26

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Albert Eistein

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Albert Eistein



تاشپولات روزى




ئالبېرت ئېينىشتېين (Albert Eistein) جەنۇبى گېرمانىيسىنىڭ Ulm رايونىدىكى
بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە، 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ
1900-يىلى Zürich بىرلەشمە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن
شۋېتسارىيىنىڭ(Swiss) گىرازدانلىقىغا كىرىدۇ. ئېينىشتېين بۇ يەردە ئۆزىگە
ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى تاپالماي Bérnنىڭ پاتېنت ئىشخانىسىدا تېخنىك بولۇپ
ئىشلەيدۇ. ئۇ 1905-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. بۇ يەردە ئۇ خىزمەت
قىلغاچ نۇر زەررىچە پەرىزى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ھەم Brown ھەرىكەت
نەزەرىيىسى قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ 1909-يىلى
Zürich ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، 1913 يىلى Bérlin ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ
پروفېسسورى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.



1916-يىلى ئۇ كەڭ دايىردىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئېلان
قىلىپ،1921-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ 1933-يىلى گېرمان
فاشىستلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەندىن
كېيىن 1945- يىلىغىچە Prinseton ئالىي تەتقىقات ئورنىدا پروفېسسور بولۇپ
ئىشلەيدۇ. 1939-يىلى ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىش ئېھتىماللىقىنى ئامېرىكا
پرېزىدېنتقا ئۇقتۇرغان بولسىمۇ ئۇرۇشتىن كېيىن يادرو قوراللىرىغا قارشى
تۇرۇش خەلقئارا سەپنى تەشكىللەيدۇ.



ئېينىشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بولسا ۋاقىت، بوشلۇق ۋە ماددىلارغا
نىسبەتەن تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ ئاساسىغا ئىگە بولغان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا
قويۇپ، كەڭ دائىرىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىگە باغلاپ
كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى نەزەرىيە جەھەتتە بەكمۇ مۇھىم ئورۇننى
ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ داۋامى بولغان
بىرلىك مەيدان نەزەرىيىسى ھازىر كېچە-كۈندۈزلەپ تەتقىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.




ئېينىشتېين، 1955-يىلى ئامېرىكا New Jérséy Prinseton دا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىزى ئىككى ئوغۇلى بار ئىدى.


بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Albert Eistein