TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 09:44:53

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Pierre de Fermat

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Pierre de Fermat



تاشپولات روزى





فېرمات (Pierre de Fermat) بولسا فىرانسىيەلىك ماتېماتىكا ئالىم بولۇپ
فىرانسىيەنىڭ Toulouse رايون ئەتراپىدا، 1601-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى خۇرۇم
سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ قانۇن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن
ئادۋوكات ھەم 1631-يىلى Toulouse رايوننىڭ پارلامېنت ئىزاسى بولىدۇ.
فېرمات بىكار ۋاقلىرىدا ماتېماتىكا ئۆگىنىدۇ ھەم ئۇنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ
ئۆزى ياراتقان نەتىجىلىرىنى خاتىرىسىگىلا يېزىپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان
قىلمايدۇ. 1679-يىلى ئۇنىڭ ئوغلى دادىسىنىڭ قالدۇرغان خاتىرە يازمىلىرىغا
ئاساسەن “Varia Opera”نى نەشر قىلدۇرىدۇ. ئۇ 1665-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى
ۋاپات بولىدۇ. فېرمات ئادۋوكات بولسىمۇ بىراق ماتېماتىكىغا ئاجايىپ
تۆھپىلەرنى قوشقان. بولۇپمۇ ئۇ ئوتتۇرىغا قويغا فېرمات تېئورېمىسى
ماتېماتىكىدا يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن. فېرمات تېئورېمىسى
تۆۋەندىكىدەك:



ئەگەر “n”بولسا 2 دىن چوڭ بولغان تەبىئىي سان يەنى (n=3, 4, 5,…) بولغاندا،



x^n + y^n = z^n



نى قانائەتلەندۈرىدىغان نۆل بولمىغان پۈتۈن سانلار يېشىمى x,y, z لار مەۋجۇت ئەمەس.

ئەگەر n=2 بولسا يەنى x^2 +y^2 = z^2 بولسا بۇ پىفاگور (Pythagoras)
تېئورېمىسى بولدى. بۇ چاغدا تەڭلىمە پۈتۈن سانلار يېشىمىگە ئىگە بولىدۇ.



فېرمات بۇنىڭدىن باشقا نەتىجىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ Apollonius
كونۇس ئەگىر سىزىق نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىپ ئانالىتىك گېومېتىريەدىكى
ئۇرۇنما سىزىق ئۇسۇلى، ماكسىمۇم ۋە مىنىمۇم ئۇسۇلى، يىغىندا تېپىش ئۇسۇلى
قاتارلىقلارنى چوڭقۇر مۇنازىرە قىلىپ دىففېرېنسىئال ئىنتېگرال ئىلمىنىڭ
ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان داڭلىق ماتېماتىكىچى بولغان. بولۇپمۇ نۇر
ئىلمىدىكى نۇر سىزىقلارنىڭ ئۆتۈش يولى قاتارلىق نەزەرىيىگە نىسبەتەن ئەڭ
كىچىك ئەكس ئېتىش پرىنسىپىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.



يۇقىرىدا دېيىلگەن فېرمات تېئورېمىسىنىڭ ئىسپاتى ئۈچۈن 300 يىلدىن كۆپرەك
ۋاقىت كېتىدۇ. ماتېماتىكا ئالىمى Andrew J. Wiles بۇ تېئورېمىنى 1995-يىلى
مۇكەممەل ئىسپاتلاپ چىقىپ 300 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ داڭلىق ماتېماتىكا
مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىدۇ.



تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چەكسىڭىز Andrew J. Wiles توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىسىز.


https://uyghur-archive.com/izdinix/forum.php?mod=viewthread&tid=55029







kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 19:31:02

بۇ تىئورىما ئىسپاتلىنىپ بوپتۇدە. ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقلېرىمدا ئۆزۈمچە قىزىقىپ بىر نەچچە دەپتەرنى جىجاپمۇ بولغانتىم...
بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Pierre de Fermat