TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 09:41:00

تاشپولات: ساتۇرن (Saturn) نىڭ سەييارى پالۋان (titan) دا پىلاستىك خام ماتىرىيالى بايقالدى

ساتۇرن (Saturn) نىڭ سەييارى پالۋان (titan) دا پىلاستىك خام ماتىرىيالى بايقالدى.



تاشپولات روزى




ناسا بۈگۈن يەنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ساتۇرننىڭ ئەڭ چوڭ سەييارى پالۋاندا پىلاستىك مەھسۇلات خام ئەشياسى گىندوكاربون پروپىل (hydrocharbon propylene)  نى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى سەييارلاردىن پىلاستىك خام ئەشيانى بايقىغانلىق بىرىنچى قېتىم بولىدىكەن. پالۋان بولسا ساتۇرننىڭ بىر سەييارى بولۇپ ئۇ خۇددى بىزنىڭ ئايغا ئوخشايدۇ. ئۇ 1655-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بايقالغان، ئۇنۇڭ دىئامېتىرى 5150 كىلومېتىر.



يەر شارىدا پروپىل ئاساسلىقى نېفىتتىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ يېمەك ئىچمەكلەرنى قاچىلاش ۋە ماشىنا قوغداش رامكىسى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.



ناسا، كاسىنى (cassini) تەكشۈرۈش ماشىنىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئانالىز ئەسۋابىنى قوللىنىپ پالۋاننىڭ ئاتموسفېراسىنى ئۆلچىگەن. ئېنىقلاپ چىققان دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق توۋەن قاتلامدا ئاز مىقداردا پروپىل بارلىقىنى بايقىغان.



ھازىرغا كەلگۈچە پالۋان ئاتموسفېراسىدا پاتقاق گاز (methane) ھەم نىتروگىن گازى (nitrogen) لىرى ئېنىقلىنىپ چىقىلغان بولسىمۇ بىراق ناھايىتى مۇرەككەپ قۇرۇلۇشقا ئىگە پروپىلنى ئېنىقلاپ چىقىش ناھايىتى تەسكە توختىغان ئىكەن.



بۇ نەتىجە ئالىملارغا پالۋاننىڭ ئاتموسفېراسىدا بۇنىڭدىن باشقىمۇ خىمىيىلىك ماتېرىياللارنىڭمۇ كۆپلەپ چىقىشىغا ئىشەنچ بەرگەن.



http://www.theregister.co.uk/201 ... upperware_on_titan




iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 15:27:39

تىتان ساتۇرننىڭ ئەڭ چوڭ ھەمراسىدۇ ؟

6 ھەمراسى بار دەپ كۆرگەندەك ئېسىمدە بار

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 18:19:44

ساتورىننىڭ نۇر ھالقىسى بەك چىرايلىق ھە..ئەڭ چىرايلىق پىلانىت يەر شارىدىن قالسىلا..

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 16:54:47

ھەجەپ  ياخشى ساتۇرنىنڭ ،ئەڭ چوڭ ھەمراسنى بىلۋالدىم

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 17:18:39

  ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تاشپۇلات ئاكا ياخشى تۇردىلىمۇ، يىقىندا كۆپ تىما يوللىمايدىغان بۇپ قالدىلا، بۇ پەسىلغۇ كۆپرەك ساياھەت قىلىۋالىدىغان ۋاقىت ئەلۋەتتە.
ئامىركا شۇنچە پۇل سەرىپ قىلىشتا يىڭى ئىنىرگىيە مەنبەسى ياكى ئالاھىدە ماتىريال ئىزدەمدىغاندۇ؟ بىر كۈنى تەركىبى پۈتۈنلەي توررى بولغان پىلانىتتىن بىرنى تىپىۋالسا  ئامىركا يەنە بىر مەزگىللەرگىچە دۇنيانىڭ خۇجا ئاكىسى بۇلىدۇ دىسىلە...
بەت: [1]
: تاشپولات: ساتۇرن (Saturn) نىڭ سەييارى پالۋان (titan) دا پىلاستىك خام ماتىرىيالى بايقالدى