tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 16:20:31

تامچە سۇدا دېڭىزنىڭ ئەكسى

بىردەم ھېكايە ئوقايلى...


ئىككى كىشى ماللىرىنى بىر قېرى كەمپىرگە  تاپشۇردى ۋە :


ئىككىمىز  قاچان كەلگۈدەك بولساق شۇچاغدا ئالىمىزدېيىشتى.


بىر نەچچە  كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىرى كېلىپ :


مېنىڭ شېرىكىم ئۆلۈپ كەتتى ، ماللارنى ماڭا بەرگىن دېدى. كەمپىر نائىلاج ماللارنى ئۇنىڭغا بەردى.


يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يەنە بىرى كېلىپ ماللارنى تەلەپ قىلدى .


شېرىكى كىلىپ سېنى ئۆلدى  دەپ ماللارنى تەلەپ قىلدى ، ھەر قانچە قىلدىم ۋە ھۆججەت تەلەپ قىلدىم ،لېكىن سۆزۈمنى ئاڭلىماي ھەممە ماللارنى ئېلىپ كەتتى دېدى كەمپىر.


مەزكۇر كىشى كەمپىرنى قازىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ ئادالەت تىلىدى.


قازى كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ ،كەمپىرنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى پەملىدى ۋە ئۇ كىشىگە مۇنداق دېدى:


سىلەر ئاۋۋال  ھەر قاچان بىرگە كېلىمىز  ۋە مالنى ھەر ئىككىمىز  بىرلىكتە ئالىمىز  دەپ شەرت قىلغان ئىكەنسىلەر .سەن شېرىكىڭنى ئېلىپ كەلگىن-دە ،مالنى بۇنىڭدىن ئالغىن ،سەن نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە يالغۇز كەلدىڭ؟


ئۇ كىشى جاۋاب تاپالماي يولىغا راۋان بولدى.



_________________________________


بىر كىشى يەنە بىر كىشى بىلەن بەسلەشتى :


-ئەگەر مەن ئۇتتۇرۇپ قويسام ،بەدىنىمدىن بىر مىقدار گۆشنى كېسىۋالغىن ،-دېدى ئۇ.


ئاقىۋەت ئۇ كىشى ئۇتتۇرۇپ قويدى،قارشى تەرەپ ۋەدىگە ۋاپا قىلماقنى تەلەپ قىلدى،ئۇ كىشى ئۇنىمىدى،ھەر ئىككىلىسى قازىنىڭ ئالدىغا باردى. قازى قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم قىلىشنى تىلىدى، لېكىن ئۇ قازىنىڭ سۆزىگە كۆنمىدى. قازى غەزەپلىنىپ:


-بىر مىقدار گۆشنى كىسىپ ئالىسەن، ئەمما ۋەدە قىلغاندىن كىچىككىنە زىيادە كېسىۋالغۇدەك بولساڭ، ساڭا جازا بەرگەيمەن دېدى.


قارشى تەرەپ نائىلاجلىقتىن زورىغا ئۇنى كەچۈردى.




___________________________


بىر كۈنى بىر شائىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويدى


پادىشاھ: مېنىڭ ئالدىمدا ئۆلتۈرگەيسەن -دەپ بۇيرۇق قىلدى جاللاتقا.

شائىرنىڭ تېنىگە تىترەك چۈشتى. پادىشاھنىڭ بىر نەدىمى(يېقىن كىشىسى) شائىرغا مۇنداق دېدى:


بۇ نېمەدىگەن نامەردلىك ۋە يۈرەكسىزلىكتۇر،ئەر كىشى دېگەن مۇنداق قورققاق بولمىغاي.


-ئەي نەدىم- دېدى شائىر، - ئەگەر سەن ئەر كىشى بولساڭ كەل، مېنىڭ ئورنۇمدا ئولتۇرغىن، مەن بۇ يەردىن قوپقايمەن.


پادىشاھ بۇ لەتىپىدىن كۈلدى ۋە گۇناھىنى كەچۈردى.



__________________________


بىر كىشى تېۋىپنىڭ ئالدىغا بېرىپ:


-قورسىقىم ئاغرىيدۇ،بۇنىڭغا داۋا قىلغايسەن دېدى.


تېۋىپ:


نېمە يىگەنىدىڭ؟ دەپ سورىدى.


-كۆيۈك نان يېگەنىدىم - دېدى ئۇ.


تېۋىپ ئۇنىڭ كۆزنى داۋالاشقا كىرىشكەنىدى، ئۇ كىشى تېۋىپتىن:


-قورساق ئاغرىقى بىلەن كۆزنىڭ نېمە ئالاقىسى بار؟دەپ سورىدى.


تېۋىپ مۇنداق جاۋاب بەردى:


-ئاۋال سېنىڭ كۆزۈڭگە داۋا قىلماقلىق كېرەك،چۈنكى كۆزۈڭ ساق بولغىنىدا، كۆيۈك ناننى يېمەس ئىدىڭ.



________________________________


چىرايى سەت بىر كىشى تېۋىپنىڭ ئالدىغا بېرى:


مېنىڭ يامانراق يېرىم ئىششىپ قالدى،دورا بەرگىن دېدى.


تېۋىپ ئۇنىڭ يۈزىگە قارىدى ۋە  مۇنداق دېدى


- يالغان ئېيتىۋاتىسەن ،چۈنكى مەن سېنىڭ يۈزۈڭگە قارىسام ھېچقانداق ئىششىق يوققۇ.



قىياپەتنامە ۋە سائەتنامە دېگەن كىتابتىن.


داۋامى بار

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 19:02:42

رەھمەت، يەڭگىل ھېكايەتلەركەن.



داۋامىنى ساقلايمىز.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 19:51:05

بىرشائىر بىر باينىڭ ئالدىغا بېرىپ،ئۇنى كۆپ ماختىدى. باي بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولۇپ:

-ھازىر مېنىڭ قولۇمدا پۇل يوق، لېكىن ئاشلىق كۆپ. ئەتە كەلگىن، ئاشلىق بەرگەيمەن دېدى. شائىر ئۆيىگە قايتتى. ئەتىسى باينىڭ ئالدىغا كەلگەنىدى،باي ئۇنىڭدىن سورىدى:

-نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ؟

-ئۆتكەن كۈنى ئاشلىق ۋەدە قىلغان ئىدىڭ، شۇسەۋەبتىن كەلدىم ،- دېدى شائىر جاۋاب بېرىپ.

-ئەجەپ ئەخمەق نېمىكەنسەن،- دېدى باي- مەن سېنىڭ سۆزۈڭدىن خۇرسەن بولغانىدىم،سەنمۇ مېنىڭ سۆزۈمدىن خۇرسەن بولغان ئىدىڭ،يەنە نېمىدەپ ئاشلىق بەرگۈدەكمەن؟!

شائىر شەرمەندە بولۇپ قايتىپ كەتتى.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 19:59:57

ئېسىل ھېكايەتلەر ئىكەن.

fahru23 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 20:08:56

داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ بىز ئوقۇپ تۇرىمىز \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-3 11:56:22

ساقىلى ئۇزۇن بىر كىشى چۈشىدە شەيتانغا يولۇقتى ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇردى. ئارقىسىدىن ئۇنىڭ ساقىلىنى مەھكەم تۇتۇپ :

ئەي مەلئۇن،سەن مېنىڭ دۈشمىنىمسەن، سەن ئادەملەرنى ئالداش ئۈچۈن ساقىلىڭنى ئۇزۇن قۇيۇپ بېرىپ يۈرىسەن دېدى . ئارقىدىن ئۇ شەيتاننىڭ يۈزىگە يەنە بىر شاپىلاق ئۇرۇۋىدى  ئويغىنىپ كەتتى.

ئۇ بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ ساقىلىنى ئۆزىنىڭ قولىدا كۆرۈپ شەرمەندە بولدى ۋە ئۆزىگە ئۆزى كۈلدى.
بەت: [1]
: تامچە سۇدا دېڭىزنىڭ ئەكسى