nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 12:28:18

ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايوندىكى ئىبادەتخانىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى



ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايوندىكى زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن سۈزۈك بۇلاق ئىبادەتخانىسى


ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قالدۇق ئوتنى ئۆچۈرمەكتە




      جۇڭگو تورىنىڭ 30- سېنتەبىردىكى
خەۋىرى: ئۈرۈمچى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىدىن
ئېگىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن كەچ سائەت 00:00 دە، ئۈرۈمچىنىڭ « ئون مەنزىرىلىك
جايلىرىنىڭ بىرى» بولغان سۈزۈك بۇلاق ئىبادەتخانسىدا تۇيۇقسىز بىر
قېتىملىق زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق
ئەترىتى ئالدى- كەينى بولۇپ 10 دانە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، 53 نەپەر ئوت
ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئوتنى ۋاقتىدا كونتىرول قىلىش ئارقىلىق،
يانداش بولغان بەش يۈرۈش قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى ئوت ئاپىتىدىن ساقلاپ
قالغان.



      سائەت 00:25 دە، بىرىنچى سەپتىكى
ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى كۈچلەر نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. ئوت
ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئورۇننىڭ
ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي سارىيى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.  بۇ ساراي ياغاچ
قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، شىددەتلىك بولغان ئوت ئاستىدا قالغان ئىدى، ئوت
كەتكەن دائىرە 400 كۋادىرات مېتىر ئەتىراپىدا بولۇپ، ئوتنىڭ تۇتىشىش
دەرىجىسى ئەتىراپدىكى بۇتخانىلارغا يامرىماقتا ئىدى.





ئوت ئاپىتىدىن كېيىنكى سۈزۈك بۇلاق ئىبادەتخانىسى





        ئوت ئۆچۈرۈش
ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى 16 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ پۈركەش پومپىسىنى ئىشقا
سېلىپ، ئوت بېسىمىنى تۆۋەنلەتتى، بۇ ئارقىلىق ئەتىراپتىكى باشقا قۇرۇلۇشنىڭ
ئوت ئاپتىگە ئۇچىراشنىڭ ئالدىنى ئالدى. كەينىدىنلا، شىمالىي شىنخۇا يولى
ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ياردەمچى كۈچلىرى نەق مەيدانغا كەلدى،
ئىككى دانە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى بىلەن 21 توننا سۇ ئەكىلىپ، ئوت
ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سۇ بىلەن تەمىنلىدى.




        سائەت 01:30 دە، ئوت ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن كونتىرول قىلىنغان
بولۇپ، ئەتراپتىكى باشقا بەش يۈرۈش قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ئوت ئاپىتىدىن
ساقلىنىپ قالدى.


خەۋەر مەنبەسى: جۇڭگو تورى


sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 13:34:27

水磨沟风景区 دېگەن شۇغۇ ؟

ئۇ يەرنىڭ يىنىدا 玫瑰花园 ( ئەتتىرگۈل ئولتۇراق رايونى ) بار ...

ئاشۇ تەرەپكە ئۆتۈپ قالساڭلار مۇشۇ ئىككى يەر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ ...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 13:36:44

ئوت ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن كونتىرول قىلىنغان بولۇپ، ئەتراپتىكى باشقا بەش يۈرۈش قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىپ قالدى.

.........................................

ئەتراپتىكى باشقا بەش يۈرۈش قەدىمىي ئۇسلۇپتا سېلىنغان قۇرۇلۇش بولۇش كېرەك !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

bayram يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 15:25:54

بەش يۈرۈش قەدىمى قۇرلۇش دىگەنلەر ئىككىنچى پارچە رەسىمدىكى شۇكەندە.

kadir7448 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 15:39:57

300دىن كۆپرەك راھىپ بارنىڭ گىپى تۇرغاندەك قىلامتى-ھە؟

خەنزۇچسىدا

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 18:19:48

خوتەندىكى ئوت ئاپىتىدىمۇ 25 مىنوتتا بېرىپ بولغان بولسا ھە!!!!

ئۈرۈمچىدەك قاتناش قىستاڭ يەردىمۇ 25 مىنوتتا بېرىپ بوپتۇ.

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 14:21:34

يامان بۇپتۇ. 24سائەت باقىدىغان دىجۇرنى خادىملار يوق بولغىمىتى؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 14:21:39

بۇ قەدىمىي قۇرۇلۇشلار 20-ەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا سېلىنغان وخشايدۇ.
بەت: [1]
: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايوندىكى ئىبادەتخانىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى