tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 08:56:50

بالا تەربىيىسىدىكى ھىكمەتلىك ئۈزۈندىلەر

            ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى شۇنداقلا  ئۇزۇن يىللىق مائارىپچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن
بۈگۈندىن باشلاپ بالا تەربىيلەش ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆگەنگەن ، شۇنداقلا
يېقىندىن بۇيان ئۆگىنىۋاتقان بىلىملەرگە ئاساسەن كۈندە ۋاقت چىقىرىپ قىسقا-قىسقا
ھىكمەتلەر بىلەن تورداشلارنى بەھىرلەندۈرۈشنى مۇۋاپىق تاپتىم . كۆپچىلىكنىڭ
ناتوغرا تەرىپى بولسا چىقىرۋىتىپ ، ياخشى تەرىپىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
.  بۇ ھىكمەتلىك نەسىھەتلەر سىزنىڭ پەرزەنت
تەربىيلىشىڭىز شۇنداقلا مەكتەپتە ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى تەربىيلەشتە ئەسقىتىپ
قالسا ئۆزۈمنى تېخىمۇ بەختلىك ھىس قىلغان بۇلاتتىم .


         بۇ قىسقا ئۈزۈندىلەر كۈندە بىر پارچە ھېساۋىدا داۋاملىق   يوللىندۇ .  تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار نى كۆرمەكچى بولسىڭىز ۋە پەرزەنت تەربىيىسىدە پىكىر ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز  ئۈندىدار نۇمۇرى : 422727172 نى قوشىۋالسىڭىز بۇلىدۇ .


-----------------------------------------


بىرىنچى
كۈنى


  [ئائىلە تەربىيىسىدىكى يېڭى
ئىدىيە]
  



1)بالىلارغا
نىسبەتەن بىز چۇقۇم يېڭىۋاشتىن ئۆگىنىشىمىز زۈرۈر!


2)
بالىلاردىن ئاغرىنىشتىن بۇرۇن ،سەۋەپنى ئۆزىمىزدىن  ئىزدەپ باقايلى!


3)ئائىلە
تەربىيىسى ياخشى بولمىسا، بالىلارنى ھەر قانچە ئىسل مەكتەپكە بەرگەننىڭمۇ  پايدىسى يوق.


4)ھەددىدىن
ئېشىپ كەتكەن غەمخورلۇق بالىغا نىسبەتەن غەرەزسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.


5)ھىسسىيات
ئالماشتۇرۇش بالىلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ،مىننەتدارلىق ۋە تەشەككۈرلۈك تۇيغۇسىغا ئىگە
قىلىدۇ .


6)
ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۈۋەن بۇلىشى كۆپ ھاللاردا پىسخىك ساغلاملىق مەسلىسىدىن
بۇلىدۇ.


7)
پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ئۆز كەسپىڭىزنى قۇربانلىق بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق .


8)تەبىئىي
ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار ئەڭ ساغلام بالىلاردۇر !


-----------------------


ئىككىنچى
كۈنى  


[ بالا تەربىيىسىدىكى تۆت مۇھىم
نوقتا ]  



1)بالا
تەربىيىسىدە ئەڭ ئالدى بىلەن ساغلاملىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ.


2)
بالىلاردا ھالال-ھارامنى ،ھەق –ناھەقنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ،سەمىمىي پەزىلەت
يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىڭ .


3)ئۆزىگە
تايىندىغان، مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان، ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرەلەيدىغان
ئىسىل روھنى تۇرغۇزۇڭ .


4)
بالىلار مىھرى-مۇھەببەتنى ھېس قىلسۇن ، مېھرى –مۇھەببەتنى ئۆگەنسۈن .





-----------------------


ئۈچىنچى  كۈنى



[ ئاتا-ئانىلار دىيىشكە بولمايدىغان گەپلەر ]  



1)ساڭا
بىر قول يېڭىلىپ بېرەي،


2)
مەغلۇپ بۇلۇش ، باشقىلاردىن يېڭىلىپ قېلىشقا بولمايدۇ .


3)نىمانداق
سوراۋىرىسەن ، بولدى قىلساڭ بولمامدۇ ، ئىچىمنى پۇشۇرماي !


4)نىمانداق
كۆڭلۈڭ قارا بوپ كەتتى سېنىڭ !


5)مەن
سېنى دەپ خەقتىن كەچۈرۈم سورىدىم ،بۇندىن كىيىن ماڭا ئىش تېرىپ بەرگۈچى بولما !


6)
يالغان ئېيتىشقا پېتىنۋاتىسەنا ! نىمانداق ئەسكى بالا سەن !


7)
سەن قىلالمايسەن ، ئۆزەم قىلاي .


8)
سەن تېخى مەن بىلەن ھىساپلىشۋاتىسىنا ! نىمانداق ۋاپاسىز ، ھىممەتنى بىلمەيدىغان
بالا سەن ؟!


9)
سەنمۇ بىرەر ئىشنى چىرايلىق پۈتتۈرەلەرسەنمۇ ، نانقېپى !


-------------------------------------------


تۆتىنچى  كۈنى


[
ھەر كۈنى بالىلار ئۈچۈن ئىمكانقەدەر قىلىپ بېرىشقا تىگىشلىك توققۇز ئىش ]  



(1بالا ئويغانغاندا ئەركىلىتىپ سۆيۈپ قۇيۇش
ياكى ئىللىق كۈلۈمسىرەپ سالام بېرىش .

(2ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى ئېتىپ ، ياخشى
يىگۈزۈش .

(3بىر يۈرۈش پاكىزە كىيىم تەييارلاپ بېرىش .

(4بالىنى ئىمكانقەدەر ئاپىرىپ قۇيۇش .

(5بالىنى ئالغىلى بارغاندا ئىللىق مېھرى
بىلەن قۇچاقلاش.

(6بالىنى بىللە ئېلىپ ئەمگەككە قاتنىشىش.

(7تاماقتىن كىيىن بىرلىكتە ئايلىنىپ تاماق
سىڭدۈرۈش.

(8بالىغا ھەمراھ بۇلۇپ بىر سائەت ئويناش .

(9ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىتاپ ئوقۇپ ، ھىكايە
سۆزلەپ بېرىش .



hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 16:39:48

1)ساڭا بىر قول يېڭىلىپ بېرەي،       (دىمەيمەن ئەمما يىڭلىپ بىرىمەن )



2) مەغلۇپ بۇلۇش ، باشقىلاردىن يېڭىلىپ قېلىشقا بولمايدۇ . ( مەن دىگەنتىم ، بالىلارنى چېلىشىشقا ، ئاغامچا تارتىشىشقا سالغانتىم ، 6 ياشلىقىنى ، تاماق يىگۈزۈشكە باھانە بولدى )



3)نىمانداق سوراۋىرىسەن ، بولدى قىلساڭ بولمامدۇ ، ئىچىمنى پۇشۇرماي !   (نىمانداق سوراۋىرىسەن ، دىققەت قىلىپ ئاڭلىساڭ بولمامدۇ ؟ دىگەن )



4)نىمانداق كۆڭلۈڭ قارا بوپ كەتتى سېنىڭ !  ( زىنھار دىمىگەن )



5)مەن سېنى دەپ خەقتىن كەچۈرۈم سورىدىم ،بۇندىن كىيىن ماڭا ئىش تېرىپ بەرگۈچى بولما !  ( بالام باشقا بالىلار بىلەن ئۇرۇشقاندا ھەرگىز يىغلاپ كىرمەڭ ، ئۇرسا سىزمۇ ئۇرۇڭ ، دىگەن ، بالىڭىز خەقنىڭ بالىلىرىدىن تاياق يەپ كەلسە سىز چىقىپ ئۇرۇپ بىرىشنىڭ ئورنى بارمۇ ، يىغىلاپ تۇرسا ئىچىڭىز ئېچىشمامدۇ ، بالىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىىشىنى ئۆزى ھەل قىلىشى كېرەك ) .



6) يالغان ئېيتىشقا پېتىنۋاتىسەنا ! نىمانداق ئەسكى بالا سەن !  ( يالغان ئېيتسىڭىز ئاللاھ جازالايدۇ )



7) سەن قىلالمايسەن ، ئۆزەم قىلاي .  ( مەن ئۆگىتىپ قۇياي ئاندىن قىلىڭ )



8) سەن تېخى مەن بىلەن ھىساپلىشۋاتىسىنا ! نىمانداق ۋاپاسىز ، ھىممەتنى بىلمەيدىغان بالا سەن ؟!



9) سەنمۇ بىرەر ئىشنى چىرايلىق پۈتتۈرەلەرسەنمۇ ، نانقېپى !   ( ئىش قىلسىڭىز ئادەم سۈيۈنگۈدەك قىلىڭ ھە )


tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 06:54:51

بەشىنچى كۈنى

[ بالىلارنى ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى بىلەن بالدۇر ئۇچراشتۇرۇشنى زىيىنى]



كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۈۋەنلىتىدۇ.

ئۆگىنىش ئېقتىدارىنى تۈۋەنلىتىدۇ .

شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشى بىر تەرەپلىمە بۇلۇپ قالىدۇ. سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئېقتىدارى تۈۋەنلەپ كېتىدۇ .

كىشلىك ئالاقە ئېقتىدارى ناچارلىشىپ ، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا بولغان مېھرى مۇھەببىتى سۇسلىشىپ كېتىدۇ .


شۇڭا مۇتەخەسىسلەر 2 ياشتىن بۇرۇن بالىلارنى تىلۋىزور، كومپىيۇتېر ، يانتېلفۇن قاتارلىق ھەرقانداق ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا يېقىنلاشتۇرماسلىق ، 2-3 ياش ۋاقتىدا ئويناش ۋاقتى 30مىنۇتتىن ئاشماسلىق ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ . ئەڭ ياخشىسى بالىلارنى ئۇيۇن خاراكتىرىدىكى ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا يېقىن يۇلاتماسلىق كېرەك .


\"\"

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 06:55:32

ئالتىنچى كۈنى

[ 4 ياشلىق بالىلار كىتاپ كۆرۈشنى ئۆگەنسە مېڭە تەرەققىياتى تېز بۇلىدۇ ]



ئامىرىكا مېڭە تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن مەلۇم بۇلىشىچە ، ئەگەر بالىلار 4 ياشتىن باشلاپ كىتاپ كۆرسە ، 18-19 ياشقا بارغۇچە چوڭ مېڭىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تېخىمۇ تېز بۇلىدىكەن .

شۇڭا بالىڭىز 3-4 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ كىتاپخانىلارغا ئاپىرىپ ئۇنىڭدا كىتاپقا بولغان قىزىقىشنى يىتىلدۈرۈش . رەسىملىك كىتاپلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىش ، 4 ياشتىن باشلاپ خەت ئوقۇشنى ئۆگىتىش ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 06:55:55



[ بالىلارغا تەن جازاسى بېرىش ھەققىدە ]



  بالىلارنى ئۇرۇش ئاجىزلىقنىڭ ، ئېقتىدارسىزلىقنىڭ ئىپادىسى !

  شۇنداق ئۆزىدىن نەچچە ئون ياش كىچىك پەرزەنتىنى ، ئۆز ئوقۇغۇچىسىنى ئۇرۇش، تەن جازاسى بېرىش ئارقىلىق باشقۇرغان ئاتا-ئانىنى ، ئوقۇتقۇچىنى قانداقمۇ لاياقەتلىك دىگىلى بولسۇن ؟!

ھەقىقىي لاياقەتلىك ئاتا- ئانا ، ئوقۇتقۇچى گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى ئارقىلىق ئۇلارغا ئۈلگە بۇلىدۇ . بالىلارنى تاياق – توقماق ، ۋاقىراپ-جاقىراش بىلەن ئەمەس بەلكى ئىللىق كۈلكىسى ، كۆز ئىشارىسى ، قول ئىشارىسى ۋە ياكى بالىلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلغۇدەك ئىللىق سۆزلىرى ئارقىلىق باشقۇرىدۇ .

بالىلار قەلبىدە كىچىكىدىن باشلاپ ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچمايلى !



  بىزدە شۇنداق بىر گەپ بار : ئىللىق سۆز تاشنى يارار !

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 06:56:36

8- كۈنى





[ ئەمەلىيەتتە ھەر بىر بالىدا تۇغما تالانت بۇلىدۇ ]

بالىڭىزنى ئەقىللىق قىلاي دىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ ، ئوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ياخشى ئوسۇللار :

مۇزىكا ئۆگىتىش.

رەسىم سىزىش ئارقىلىق ھېسسىي ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش.

ئۆزى قىلالايدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۈرۇش.

تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇش.

بالىلار چۆچەكلىرىنى ئاڭلىتىش .

بوشلۇقنى پەرقلەندۈرۈش ئېقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش

بالا بىلەن بىرلىكتە بازار ئايلىنىش .

بارماق مەشىقى قىلدۇرۇش .

ئۆمىلەپ ماڭدۇرۇش ۋە چاچ تاراش .

ئەقىلنى ئاچىدىغان ئۇيۇنچۇقلارنى ئوينىتىش .

چەتئەل تىلى ئۆگىتىش .

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 06:57:07

9- كۈنى

[ بالىلاردا توغرا بولغان خاراكتىر يىتىلدۇرۇش ]



ئامىرىكىدىكى نوپۇزلۇق مائارىپ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرى :



بالىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە بەك باشقۇرۇپ كەتمەڭ !

بالىڭىزنى كۆپرەك دوست تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ .

بالىڭىزغا باشقا ئادەملەر بىلەن يېقىن باردى-كەلدى قىلىشنى ئۆگىتىڭ .

بەك ھەشمەتچىلىك قىلىپ بالىغا يامان تەسىر بېرىشتىن ساقلىنىڭ.

بالىنىڭ قىزىقىشى كەڭرى بۇلىشىغا يول قۇيۇڭ .

بالىغا قيىنچىلىقتىن قانداق قۇتۇلۇش جەھەتتە كۆپرەك يىتەكلەش ئېلىپ بېرىڭ.

بالىڭىزدا مۇۋاپىق مىقداردا ئۆزىگە ئىشىنىش يىتلدۈرۈڭ.

خۇشال-خورام بولغان ئائىلە كەيپىياتى يارىتىڭ .

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-5 06:57:47

10- كۈنى

[ بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن ئاۋال بالىنىڭ ئانىسىنى ياخشى تاللاڭ ]



كەلگۈسىدە بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلىمەكچى بولسىڭىز ، توي قىلماستىن بۇرۇن ئالدى بىلەن كەلگۈسىدىكى بالىلارنىڭ ئانىسىنى توغرا تاللاش كېرەك . چۈنكى ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى. بىز دادىلار ئائىلىنىڭ رىزقىنى تېپىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن خىزمەت ياكى تىجارەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتلاردا يۈرۈيدۇ. ئەتىگەن چىقىپ كەتسە، كەچتە ئاران ئۆيگە پەيدا بۇلىدۇ .بالىلار بىلەن دىئالوگ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش بەكمۇ قىسقا ھەتتا يوق دىيەرلىك بولىدۇ. بالا ئەقىل يېشىغا كەلگىچە ھەر نەرسىنى ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ، ئانىسىنى ئۆرنەك ئالىدۇ ۋە ئانىسىنى دورايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئانىسىنى توغرا تاللاش كەلگۈسىدە بالىنىڭ سۈپىتىنى، خاراكتېرىنى توغرا تاللاشتۇر دەپ قارايمەن.

تۈركلەردە «بالاڭنىڭ قانداق بولۇشىنى خالىساڭ، شۇنداق ئايال ئالغىن» دەيدىغان بىر سۆز بار.

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 06:21:14

[ بالا تەربىيىسىدىكى 6 مۇھىم نوقتا ]

   1. مۇۋاپىق ئىلھاملاندۇرۇش ،تەقدىرلەش ،ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تىكلىگىلى ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ.    2. بالا باراۋەر مۇئامىلىدە ئادىللىقنى سەۋر-تاقەتنىڭ ئىچىدە قانائەتنى ئۆگىنىدۇ.    3. بالىنىڭ مەۋجۇتلىغىغا ھەر ۋاقىت ھۆرمەت قىلىش ،ئۇنىڭ ئارزۇسىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قانائەتلەندۈرۈش كېرەك.    4. بالا بىلەن يۇزمۇ-يۇز  توقۇنۇشۇپ قىلىشتىن، ئاچچىقلانغاندا بالىغا ئىمكانىيەت بەرمەي  كۆتۇلداۋىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاچچىق بېسىلغاندا ئاندىن ئۆز قارىشىڭىزنى ئېيتسىڭىزمۇ  كېچىكمەيسىز بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى چۇشۇنۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.    5.بالىدا مەسئۇليەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، ئىنتىلىش ۋە غەيرەتنىڭ كامالەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇش كېرەك.    6.بالىنىڭ يۇرەك ساداسىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تىڭشاش  قېيىداشنىڭ ئەھمىيىتىگە ئېتىبار بىلەن قارا ش. كىچىك دەپ سەل قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى كونىلاردا « ئەگرى دەرەخ بىر كۈندىلا چوڭ بولمىغان» دىگەن گېپى بار.

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 06:21:48

[ئامرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيەلىشىدىكى 17 ھالقا ]

  بىرىنچى ھالقا : قانداق قىلساق بالا يىغلىمايدۇ ؟! بوۋاقنىڭ يىغلاڭغۇ بولىشىغا ئاتا – ئانا سەۋەپچى . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق گەپ ئۇقمايدۇ ، ئۇلار پەقەت شەرتلىك رېفلىكىس ئاساسەن ئىش قىلىدۇ . بوۋاق يىغلىغان ھامان ياتقۇزۇپ قويۇش ، يىغلىمىغاندا ئاندىن قۇچاققا ئېلىش ، يەنى بىزنىڭ قىلغىنىمىزنىڭ ئەكسىنى قىلىش . بۇنداق بولغاندا بوۋاقلار شۇنى بىلىۋالىدۇكى يىغلىمىغان ۋاقتىدا ئاندىن قۇچاققا چىقالايدۇ ، بۇ چارە ھەقىقەتەن ئەسقاتىدۇ . يىغلاڭغۇ بوۋاقنى ياتقۇزۇپ قويۇپ چېنىقتۇرىمىز ، ۋاقىتقا قاراپ تۇرىمىز ، يىغلىسىمۇ قۇچاققا ئالمايمىز ، ئون مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن قۇچاققا ئالىمىز . بىرىنچى قېتىم بەش مىنۇتقا توغۇرلىساقمۇ بولىدۇ ،كېيىنكى ھەر قېتىمدا ۋاقىتنى ئازراقتىن ئۇزارتىمىز

ئەمما چوقۇم چىدىشىمىز كېرەك . بوۋاققا يىغلاش ئارقىلىق ئاپىسىنى چاقىرىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك . ” بالىنى يىغلىمايدىغان قىلىش مەشقى ” يىغلاشنىڭ تۆت سەۋەبىدىن باشقا شارائىتتا ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ: سىيىپ قويغان ، ئاغرىپ قالغان ، قورسىقى ئاچقان ، ئۇيقۇسى كەلگەن ۋاقتتىن باشقا ..

ئامىرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيسى بىزگە ماس كېلىشى ناتايىن ئەمما كۆرۈپ قويسىڭىز ھەرگىز زىيىنى يوق !

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-8 06:22:16

[ئامرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيەلىشىدىكى 17 ھالقا ]

  ئىككىنچى ھالقا : قانداق قىلساق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىر ئۇخلىسا تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغان بولىدۇ ؟  بەزى يېڭى تۇغۇتلۇق ئانىلار كىچىسى بالا ئىمىتىمەن دەپ ئۇخلىيالماي ، بالا بېقىشنىڭ تەسلىكىدىن زارلىنىدۇ . ئامىرىكىلىق دوختۇر بىر ئانىغا بۇۋاق كىچىسى قورساققا بىر نەرسە يىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ، بۇ ئانا گالۋاڭلارچە نىمىشقا؟ دەپ سورايدۇ . دوختۇر يۇقىرى ئاۋازدا چۈنكى بىز ئىنسان دەپ جاۋاپ بەرگەن . كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بوۋاقنى كىچىسى قورسىقى ئېچىپ قالىدۇ دەپ ئەنسىرەش ئارتۇقچە ، ئون سائەتتىن ئون ئىككى سائەتكىچە بولغان ئۇيقۇ بوۋاققا نىسبەتەن ئېمىشتىن 100 ھەسسە مۇھىم .

شۇڭا ئاتا- ئانىلار بۇۋاقلارنى شۇنىڭغا تەدرىجى كۆندۈرۈش كېرەك .

ئامىرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيسى بىزگە ماس كېلىشى ناتايىن ئەمما كۆرۈپ قويسىڭىز ھەرگىز زىيىنى يوق !

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 10:55:36

مېنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىمنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىن كۆرىۋالسىڭىز بۇلىدۇ . بەزى تورداشلار بۇنى ئاممىۋى ئۇچۇر سۇپىسى دەپ ئويلاپ قاپتۇ . كىيىنچە ئاچارمەن !

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 20:13:08

[[ئامرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيەلىشىدىكى 17 ھالقا ]

  ئۈچىنچى ھالقا : بالىنى تىنچ ئۇخلىتىش . دوختۇر ئېيتتىكى : بىر خوشال بوۋاق ئۇخلىغاندا كارىۋاتتا يېتىپ ناخشا ئېيتىدۇ . ( راست ناخشا ئېيتىش ئەمەس ، بەلكى ئى ئى ئاۋاز چىقارغىنى . ) بوۋاقنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى كارىۋاتتا ئۇخلاپ ئۆتىشى كېرەك ، بۇ يەردە ئاتا – ئانىلار بىلىشى كېرەككى ، بوۋاقنى ئىمكانقەدەر تەۋرەتمەسلىك كىرەك ، بالا بوۋاق ۋاقتىدا كاللىسى تېخى تۇلۇق قاتمىغان ، ئۇيۇتما ھالەتتە بولىدۇ ، ئاسان زەخمىلىنىدۇ ، شۇڭا جىق تەۋرىتىش ، بۇلۇپمۇۇ كۈچەپ تەۋرىتىش تازا پايدىلىق ئەمەس . ئەكسىچە بالىنىڭ مېڭە تەرەققىياتىغا تۇسالغۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن .

بۆشۈككە بالىنى بۆلەپ ئۇخلاتسڭىز بۇلىدۇ . ئەمما بۇۋاقنى تەۋرىتىپ ئۇخلاشقا كۆندۈرۈپ قويماڭ . بالا ئۇخلىماي يىغلاپ تۇرىۋالسا تېخمۇ كۈچەپ تەۋرىتىشتىن ساقلىنىڭ .

ئامىرىكىلىقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيسى بىزگە ماس كېلىشى ناتايىن ئەمما كۆرۈپ قويسىڭىز ھەرگىز زىيىنى يوق !

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 20:13:45

[[ئامرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيەلىشىدىكى 17 ھالقا ]



  ئالتىنچى ھالقا : بۇۋاقلارنى پاكىزە بېقىش ، ئىمكانقەدەر كۈندە پاكىز سۇدا يۇيۇش ، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك . ئامىركىلىق تۇغۇت دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە : بۇۋاقلارنىڭ ساغلام بولىشىنىڭ يەنە بىر ئاساسىي سەۋەبى كۈندە يۇيۇنۇش ئىكەن . بالىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتى جىق ، تەر پۇرىقى، سۈيدۈك پۇرىقى بولۇپ ھەر خىل پۇراقلار يىغىلىپ كىتىدۇ ، چوقۇم يۇيۇنۇش ، بۇۋاقنى پاكىزە تۇتۇش كېرەك ! بۇۋاقلارغا ئاسانلىقچە سوغوق ئۆتمەيدۇ ، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا ئون ھەسسە يۇقىرى . دوختۇر ئەسكەرتىدۇكى : بوۋاقنى يۇغاندا پاكىز سۇ ئىشلىتىش ، ھەر قانچە داڭلىق بالىلار مەھسۇلاتلىرىمۇ ساپ سۇغا يەتمەيدۇ ، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى ، چاچ يۇيۇش چۇيۇقلۇقى دىگەنلەرنىڭ ھاجىتى يوق ، پاكىز سۇ بولسىلا يىتەرلىك .

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 20:15:21

[ئامرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيەلىشىدىكى 17 ھالقا ]

يەتتىنچى ھالقا : ئامىرىكىلىق دوختۇرنىڭ دىيىشىچە : بالىسىغا سۈت يىتىشمەيدىغان ئانا مەۋجۇت ئەمەس، ئىككى يېرىم ياشقىچە سۈت ئەمگەن بوۋاق ئەڭ بەختلىك بوۋاق . بالىنىڭ سۈتكە ئېھتىياجى قانچىلىك بولسا ئانىنىڭ سۈت بىرەلىشىمۇ شۇنچىلىك بولىدىكەن ، قوشكىزەك تۇققان ئانىلارنىڭ سۈتىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىككى بالىغا يىتىدىكەن .

ئانا سۈتى دۇنيادىكى بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە ئەڭ پايدىلىق، بۇلغانمىغان، ساپ،تەبىئىي يېمەكلىك، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ . ھېچقانداق يېمەكلىك بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ. ئانا سۈتى بىۋاستە سۈت بەزلىرى ھۈجەيرىسى ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇ دېزىنفېكسىيە قىلىش ھاجەتسىز بىخەتەر يېمەكلىك. قىزىتىپ پىشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، بۇلغىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. تەركىبىدە يەنە خىلمۇخىل يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئىممۇنىتېت تەركىبى ھەم كۆپ مىقداردا ئىممۇنىتېت ئاقسىلى بولۇپ، باكتېرىيىنى ھەيدەش، كونترول قىلىش، ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە. شۇڭا، ئانا سۈتى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىممۇنىتېتلاش ئىچىملىكى بولۇپ، بوۋاقنى تەبىئىي ئىممۇنىتېتلايدۇ.

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 07:14:25

[ئامرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيەلىشىدىكى 17 ھالقا ]

سەككىزىنچى ھالقا :

    بالىنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتمەسلىك كېرەك . قانچىلىك كىچىك بالا بولسىمۇ ، تېلىۋىزور كۆرىۋاتقان ، ئۇيۇنچۇق ئويناۋاتقان ، رەسىم سىزىپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ھەرگىز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چاچماڭ . تاماق ۋاقتى بولغان ياكى كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ شۇنداق قىلىش لازىم . بالىنىڭ زىھنىنى يىغىش ئىقتىدارىنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بىرىلسە بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەر قانداق ئىشنى دىققىتىنى يىغىپ قىلالايدىغان بولىدۇ .

   ئۆزىچە ئەقىللىقلىشىپ كىنو كۆرىۋاتقان ياكى باشقا ئىش قىلىۋاتقان بالىدىن توختىماي سوئال سورايدىغان ئاتا – ئانىلاردىن قورقۇش كىرەك ، بالىنىڭ يۈرىكىنى ئۈششىتىدىغان ، سېسىق گەپ قىلماڭ ، بالىغا دىققىتىنى يىغىپ بىر ئىش قىلىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بىرىڭ ! ئەمما يەنە شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى : تېلۋىزۇرغا سائەتلەپ مەپتۇن بۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 07:15:05

[ئامىرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيەلىشىدىكى 17 ھالقا ]

توققۇزىنچى ھالقا :

بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ بولمىسىلا تۇتۇپ بېقىشقا رىخبەتلەندۈرۈش . جوڭگولۇقلار بالىنى قائىدە – يۇسۇن دەپ قورقۇنچاق تەربىيىلەيدۇ . ” مىدىرلىما ، خەتەرلىك … تۇتما ، چوقۇلۇپ كېتىدۇ … ئولتۇرما ، مەينەت ….ئۇنى قىلما ، بۇنى قىلما … ” ئامېرىكىلىق ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەڭ كۆپ دەيدىغىنى بولسا ” سىناپ باق ، تۇتۇپ باق … ” بالىنى رىغبەتلەندۈرۈڭ ، ھاياتىغا خەۋپ بولمىسىلا تۇتۇپ بېقىشىغا ، دۇنيانى تۇنىشىغا ياردەم قىلىڭ . يامىنى كەلسە كىيىملىرى مەينەت بولىدۇ ، يەردە دومىلاپ ئوينىيالايدىغان بالىلىق دەۋرى تولىمۇ قىسقا ؛ تاماقنى يەرلەرگە چېچىپ مەينەت قىلىۋەتسىمۇ تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ ، بالا بولسا بالدۇرراق چوكا – قۇشۇق تۇتۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ ؛ سۇ ئوينىسا يامىنى كەلسە زۇكامداپ قالىدۇ ؛ قۇم ئوينىسا ئايقىنىڭ ئىچىگە قۇم كىرىپ كېتىدۇ . كىيىم مەينەت بولسا يۇغىلى بولىدۇ . ناھايىتى كۆپ چەكلەشلەر بالىلىرىمىزنىڭ خوشاللىقىنى ئازايتىپ چوڭ ئادەم بىلەن ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ ، گەپ ئاڭلايدىغان ياۋاش بالا قىلىدۇ ، ئەمما قىزىقىشى ئاز بولۇپ قالىدۇ . بالىنىڭ خوشاللىقى ھەممىدىن مۇھىم !

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 07:15:48

[ئامىرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيەلىشىدىكى 17 ھالقا ]

ئونىنچى ھالقا :

بالىنى تەنقىدلەش بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك . ئىمكانقەدەر بالىنى تەنقىدلەشتىن ساقلىنىڭ . بالا ۋاقتىدا تەنقىدلەۋىرىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوق قىلىۋەتكەننىڭ نىمە پايدىسى ؟!  بالىلارنى ياخشى گەپ بىلەن قايىل قىلىشقا تىرىشىڭ، ئۇلاردىن نېمىنى قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز ئۇنى سىلىق گەپ بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيۇڭ !  بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، قايتا - قايتا بەش -ئون قېتىم بولسىمۇ مەيلى، زېرىكمەستىن سۆھبەت يولى بىلەن قايىل قىلىشقا تىرىشىڭ.

تەربىيچىدە بولۇشقا تىگىشلىك سۈپەتلەر سەۋرچانلىق، ئەپۇچانلىق ۋە جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكتۇر.

بالىلارغا سەن كىچىك، مەن چوڭ، سەن ئاجىز، مەن كۈچلۈك ، شۇڭا ماڭا بويسۇنۇشۇڭ لازىم دەپ تۇرۋىلىشقا بولمايدۇ، مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. قايىل قىلىش ئۇسۇلى بالىلارنىڭ ئىجابىي ئىقتىدارىنى ئۆستۇرۇشكە پايدىلىق .

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 07:18:27

\"\"


ئۈندىدار نۇمۇرىنى مۇشۇ ئارقىلىق قۇشۇۋىلىڭ

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 21:03:05

ئىنكاس ئورنى ئېلىپ قويدۇم ... خاپا بولماي ئۆچۈرۋەتمەڭلار
بەت: [1] 2
: بالا تەربىيىسىدىكى ھىكمەتلىك ئۈزۈندىلەر