ibirlik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 09:21:23

قارابۆلجۈرگەن ئۈچۈن يەنە بىر ئېچىنىشلىق كۈن بولدى

قارابۆلجۈرگەن ئۈچۈن يەنە بىر ئېچىنىشلىق كۈن بولدى. شىركەت پەسىللىك ئەڭ ناچار نەتىجىنى، يەنى 965 مىليون دوللار زىيان تارتقانلىقىنى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلدى.

قارا بۆلجۈرگەن ھەپتە ئىلگىرى بۇ چوڭ زىياندىن ئەنسىرىگەن ھەمدە يىل ئاخىرغىچە 4500 ئىشچىنى ئىشتىن بوشىتىشنى ئېلان قىلغان.

شىركەتنىڭ جۈمە كۈنى دېيىشىچە، رىقابەتكە تولغان ئەقلىي تېلېفۇن ئىشلەپچىقارغۇچىلار بازىرىدىكى ئىككىنچى پەسىللىك سېتىش ئۇمۇمىي سوممىسى ئاران بىرمىليارد 600 مىليون بۇلۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 45 پىرسەنت چۈشكەن.

      بۇ زىيان سېتىلماي بېسىلىپ قالغان تۇنجى "قارابۆلجۈرگەن 10.0سىستېمىسى"نى قوللىنىپ ئىشلىگەنZ10تىپلىق تېلېفونغا سېلىنغان  934 مىليون دوللار سېلىنمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىركەتنىڭ ئىزاھلىشىچە، بۇ پەسىللىك سېتىلىش ئومۇمى سوممىسىنىڭ ئىچىدە قارا بۆلجۈرگەن 7 نىڭ سېتىلىشى ئاساسى سالماقنى ئېگەللەيدۇ.

بۇ بىر مەغلۇبىيەتلىك يىل بۇلىشى مۇمكىن، قارا بۆلجۈرگەن شىركەت لىدىرى سورىستىنھ ھېينىس مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنىداشىركەت بۇنەتىجىدىن "تولىمۇئەپسۇسلاندى" دېدى.

ھېينىس تەكىتلەپ،بىزنىڭ بەزى قىلىۋاتقان ئىشلار گۇمان پەيداقىلىشى مۇمكىن، ئەمما بىز شىركىتىمىز ئقتىسادى كۈچىنى قەرىزسىز ئىككى مىليارد 600 مىليون بىلەن ساقلاپ قالدۇق.

قارابۆلجۈرگەن پايچېكى باھاسى دەسلەپتە بازارغا سېلىنغاندا سەل ئۆسكەن. لېكىن قارابۆلجۈرگەن پايچىكى 2013 يىلى 30پىرسەنت، ۋە ئالدىنقى بەش يىل ئىچىدە 90 پىرسەنت چۈشكەن. جۈمەكۈنىدىكى بۇنەتىجە، قارابۆلجۈرگەننىڭ ئاممىغا ئاشكارىلىغان ئەڭ ئاخىرقى دوكلاتى ھېسابلىنىدۇ.

     دۈشەنبەكۈنى، قارابۆلجۈرگەننىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى بولغان كانادا سۇغۇرتا شىركىتى فېيىرفاكىس شىركىتى ئۆزىنىڭ قارابۆلجۈرگەننى 4 مىليارد 700مىليونغا سېتىۋېلىشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. سىنىكنىڭ پەرزىچە، فېيىرفاكىس شىركىتى باشقا ئىتىبارلاردىن پايدىلانماقچى ۋە ئۆزىنىڭ 10 پىرسەنت پېيىنى نەخ پۇلغا ئايلاندۇرىۋالماقچى. ئەگەر فېيىر فاكىس شىركىتى ھەقىقەتەن قارابۆلجۈرگەننى سېتىۋېلىپ قالسا، قارابۆلجۈرگەننىڭ قىممەتلىك پاتىنتلىرى ئۈستىدە كەسكىن جەڭگە دۇچ كېلىدۇ.

مۇشۇ پاتىنتلار دىنسىرت قارا بۆلجۈرگەننىڭ ئاساسەن قىممىتى قالمايدۇ. ئۆتكەن ھەپتە شىركەت ئالتەخىل پاتىنتدىن ئىستىمال بازىرىدىن چېكىنگەن تۆت خىل زېرەك تېلېفۇن پاتىنتنى سېتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا، قارابۆلجۈرگەننىڭ بازاردىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالما ۋە سامسۇڭ قاتارلىق گوگول ئاندىرويىد سىستېمىسى ئىشلەتكەن شىركەتلەر بىلەن بولغان رىقابەتتە ئېغىر دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى.

   قارابۆلجۈرگەن شىركىتى شىركەت ئابونتلىرى ۋە "كەسپى ئىستېمالچىلار"غا كۆڭۈل بۆلمەكچى بولغانسېرى، كەسپى ئىستېمالچىلار ئەكسىنچە ئالما ۋە ئاندىرويىد قاتارلىق زېرەك تېلفۇنلارنى تاللىشى كۈچىيىپ كەتتى.

   قارابۆلجۈرگەن شىركىتىنى ساقلاپ قالىدۇ دەپ قارالغان قارابۆلجۈرگەن 10.0 سىستېمىسى شىركەتنىڭ ئىستېمالچىلار رىقابىتىدە ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. سىستېمىنىڭ بازارغا چىقىشى بىر قانچە قېتىم ئارقىغا سۈرۈلگەنلىكىدىن، قارابۆلجۈرگەن ئىستىمالچىلىرىنىڭ يىڭى تېلېفۇن تاللاش ئىمكانىيىتى يوق بولدى. يېڭى مەھسۇلات بىرىنچى ئايدا ئاخىرى بازارغا سېلىنىشى بىلەن، بازاردىكى سېتىلىشى شىركەتنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.


بۇ ماقالىنى رامسار ئەرەنچە كىيملىرى تەۋسيە قىلدى.


تەرجىمان:مەلىكە


تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى:تاھىر ئىمىن.

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:32:57

قارا بۆلجۈرگەن نى چۈشەنمەي قالدىم، شىركەت ماركىسىنى يېزىپ قويسىڭىز.  رەھمەت.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:36:05

blackbarry

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 14:43:46

قارا بۆلجۈرگەن ئۇيغۇرچە خەتنى ئالمىغا ئوخشاش راۋان قوللامدۇ ؟ ياكى ئاندىروئىد تېلىفونلاردەك چاپاق چىقىۋالامدۇ ؟


\"\"



\"\"ماۋۇ قارا بۆلجۈرگەننىڭ 18888 يۈەندىن سېتىلىۋاتقان تېلىفونى .


Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 15:56:50

كۇنۇپكا باسىدىغان تېلفۇننىمۇ تېلفۇن دەپ ئىشلىتىپتىكەنمىز، ماۋۇ تېلفۇن تېلفۇندەك كۆرۈنمەيدىكەن

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 16:01:11

2- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

blackbarry

ئاستىدىكى توغرىمۇ بۇمۇ؟

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 18:31:27

ئەسلىدە بۇ شىركەت نوكىياغا ئوخشاش Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكەن بولسا بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپمۇ قالماس بولغىيتى. ھازىر ئالما، سامسۇڭ، نوكىيا قاتارلىق گىگانىتلار ئارىسىدا بۇنىڭدەك ئومۇملاشمىغان مەشغۇلات سىستېمىنى بازارغا سېلىش ئەلۋەتتە ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنگە تەڭ. ئەگەر ئۇلار بىرەر يىل ئىچىدە يېڭىلىق يارىتالمىسا بۇ ساھەدىن ئېچىنىشلىق ئايرىلماي بولمايدۇ. كىم بىلىدۇ بۇ شىركەتلەرنى ئالما، سامسۇڭ، نوكىيا، مىكروسوفت، گۇگللار سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتامدۇ تېخى...

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 19:41:33

توغرىسى blackberry .

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 22:05:38

ساۋاتسىزلار ئاخىرى ئادەمنى تېرىكتۈرۈپ ۆلتۈرىدىغان ئوخشايدۇ!



تەرجىمان دېگەن بولمىدى دېگەندە ئىككى خىل تىلنى بىلمىسە بولمايدۇ!!!!



چۈشەندىڭلارما؟



بۆلجۈرگەننىڭ قارىسى قانداق بولىدۇ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 19:22:46

چىرايلىق قارا ئۈژمە دەپ قويساڭلار بولىدۇ، بۇنىڭغىمۇ چىچىلماي.

ھەممە ئادەم تۇغما تىلىماچ بولمايدۇ، ئاستا-ئاستا پىشىدۇ، قاتتىق گەپ قىلغاندىن يۇمشاق تەربىيە ياخشى ئەمەسمۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 19:23:45

بۇدا ئەڭ ياخشىسى ماركىلارنى ئۆزپىتى ئىلىڭ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدۇ، زىخمۇ كۆيمەيدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 22:58:53

IPHONE 5C نىڭ باھاسى 3000 يۇەنكەن. ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟ مۇشۇنىڭدىن بىرنى ئالايمىكىن دىگەنتىم. خەنچە تورلاردا بۇنىڭغا چۈشكەن ناچار پىكىرلەرمۇ ئاز ئەمەستەك ئاڭلىسام.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 18:56:16

قارا بۆلجۈرگەننى مىكروسوفت سېتىۋېلىپ، ۋىنفون بۆلجۈرگەنلىرى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  {:92:}

apla يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 08:52:30

مەنمۇ blackberry9500 نى بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن،سېستىما ۋە يۇمتاللارنى ئۆزەم قاچىلاپ ئىشلىتەتتىم، ئاڭلىشىمچە ئىلگىرى blackberry نىڭ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ئىكەندۇق، شۇڭا بىر قىسىم دۆلەتلەر blackberry نى چەكلىگەن، لېكىن blackberry زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلەلمىگەن، ئەگەر سېستىمىسىدا يېڭىلىق يارىتالمىسا بىر نەچچە يىلدىلا ۋەيران بولىشى مۈمكىن.
بەت: [1]
: قارابۆلجۈرگەن ئۈچۈن يەنە بىر ئېچىنىشلىق كۈن بولدى