birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 00:29:36

كىتاب ئوقۇغۇچ تەۋسىيە قىلاي

Paperwhite


ھازىر ئۆزى ياكى پەرزەنتلىرى ئۈچۈن، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچ سېتىۋالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئايپەد، ئاندرويد قاچىلانغان پەد ياكى يانفون ئارقىلىق كىتاب ئوقۇيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما بۇ خىل LED ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەردە كىتاب ئوقۇسا، ئادەمنىڭ كۆزى ئاسان چارچاپ كېتىدۇ، ھەم ئۈنىمىمۇ قەغەزچە كىتابنى ئوقۇغاندەك بولمايدۇ.


يېقىندا ئامازون شىركىتى چىقارغان «قەندەل» Kindle ماركىلىق كىتاب ئوقۇغۇچ يۇقىرىقىلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭغا ئامازوننىڭ ئاق قەغەز تېخنىكىسى (Paperwhite) ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مەن ئىشلىتىش ئارقىلىق خۇددى قەغەزچە كىتابنى تۇتۇپ تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەپ قالدىم.


«ئاق قەغەز (Paperwhite) تېخنىكىسى سانسىز ئاق چىراق ئارقىلق ئېكراننى تەكشى يورۇتۇپ، ئېكراندىكى كىتاب رەڭگىنى قەغەزچە كىتابنىڭ رەڭگى بىلەن ئوپمۇئوخشاش قىلىدىغان تېخنىكا بولۇپ، كۆزگە بولغان تەسىرى LED ئېكراننىڭ تەسىرىدىن كۆپ تۆۋەن. قۇياش نۇرى ئۇدۇل چۈشىدىغان جايدىمۇ ئوخشاشلا نورمال كىتاب ئوقۇغىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئاپتاپ ئورۇندا LED ئېكراندىن ھېچنەرسە كۆرگىلى بولمايدۇ.








دىققەت قىلىڭلار،

قەندەل ماركىلىق ئوقۇغۇچنىڭ ئاندرويد سىستېمىلىق ۋە LED ئېكرانلىق نۇسخىسىمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭ باشقا تۈردىكى پەدلەر بىلەن پەرقى يوق، شۇڭا تەۋسىيە قىلمايمەن، شۇڭا سېتىۋالغاندا «ئاق قەغەز تېخنىكىسى» Paperwhite دېگەن خەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار.


بالىلىرىغا ئۆگىنىشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن پەد ئېلىپ بەرمەكچى بولغانلارغا، ئاق قەغەز تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن «قەندەل» Kindle ماركىلىق ئوقۇغۇچنى ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.


بۇ قوللايدىغان ھۆججەت تىپلىرى:


TXT,PDF,MOBI,PRC,HTML,DOC,DOCX,JPEG,GIF,PNG,BMP

ئېلېكتىرونلۇق كىتابلار ئادەتتە يۇقىرىدىكى ھۆججەتلەردىن باشقا تىپلىقمۇ بولمايدۇ.


ئامازوننىڭ باش بېتىدىن سېتىۋېلىش ئورنى:

ئامازون


بۇ ئوقۇغۇچ ئارقىلىق بىرھوندىكى كىتابلارنى نورمال ئوقۇغىلى بولىدۇ.


مەزكۇر مەھسۇلات ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىم بۇ يەردىن كۆرۈڭ

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 01:12:54


https://uyghur-archive.com/izdinix/forum.php?mod=viewthread&tid=46622

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 06:01:57

ئالىپتا مۇشۇ نەرسىنىڭ گىپى بولۇپ مەنمۇ بەك قىزىقىپ قالغان , ئۇيغۇرچە تېكىست ۋە ۋورد ھۈججەتلىرىنى قوللىشى قانداقراقكىن بىلمىدىم. ئىشەنچلىك دەپ ئامازوننىڭ ئۆزىدىنلا ئالاي دىسەم بىزنىڭ بۇ تەرەپلەرگە ئەۋەتىپ بېرەلمەيدىكەن ,شۇڭا ھازىرچە توختاپ تۇردۇم  , ئىشىلتىپ باققانلار ۋە توردىن ئەكەلدۈرۈپ باققانلار پاراڭلىشى
باقساق .

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 06:59:40

ھەقىقەتەن بەلەن چىققان ئوقەت، كىتابخۇمارلار ئېلىپ ئىشلەتسە رازى بولىدۇ. مەن ئىككىنى ئالغان، بىرى نەس بېسىپ ماشىنىڭ تېگىدە قېلىپ كاردىن چىقتى. يەنە بىرى ئايالىمدىن ئاشمايۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق نەرسىلەر ئومۇملاشسا، بىزدىمۇ يېڭى چىققان كىتابلارنىڭ سۈپەتلىك PDF سىنى ھەقلىق ساتىدىغان ئىش ئومۇملاشسا بولاتتى. @birhon بولسا مۇشۇ ئىشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭلار. نەشىرىياتلار، ئاپتورلار بىلەن كېلىششىمۇ تەسكە چۈشمەس. مۇمكىن بولسا ئامازون بىلەن دېيشىپ شۇ يەرگىلا قويىدىغان ئىشنى قىلساڭلار ئاۋارچىلىقى ئاز بولىدۇ.



@gewala ئىشەنچلىك دەپ ئامازوننىڭ ئۆزىدىنلا ئالاي دىسەم بىزنىڭ بۇ تەرەپلەرگە ئەۋەتىپ بېرەلمەيدىكەن.

---

ئۇنداق ئەمەسقۇ، ئاشۇ بىر ھون قالدۇرغان ئامازوننىڭ خەنچە ئادرېسىدىن ئالسىڭىز ھەممە يەرگە دېگۈدەك ئەۋەتىپ بېرەلەيدۇ. ئېنگلىزچە ئامازوندىن مال ئالىدىغان ئۇسۇلمۇ بارتى، كېيىنچە ئايرىم دېيىشەرمىز.

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 07:41:49

ھەي نامراتچىلىق، بۇ نەرسىنى ئالالماي يۈرگىلى 2 يىل بولدى \"\"

كىتاب ئوقۇشقىلا ئالىدىغان بولسا يەنىلا شۇ مەخسۇس كىتاب ئوقۇيدىغان مۇشۇنى ئالسا بولامدىكى، ئايپەد، ياكى باشقا ئاندىرويىد سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتىرلارنىلا سېتىۋىلىپ كىتاب ئوقۇي دېگەن ئادەم، كىتاب ئوقۇشنى ئۇنتۇپ، تورغا چىقىپ كېتىدۇ

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 08:33:22

3- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەقىقەتەن بەلەن چىققان ئوقەت، كىتابخۇمارلار ئېلىپ ئىشلەتسە رازى بولىدۇ. مەن ئىككىنى ئالغان، بىرى نەس بېسىپ ماشىنىڭ تېگىدە قېلىپ كاردىن چىقتى. يەنە بىرى ئايالىمدىن ئاشمايۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق نەرسىلەر ئومۇملاشسا، بىزدىمۇ يېڭى چىققان كىتابلارنىڭ سۈپەتلىك PDF سىنى ھەقلىق ساتىدىغان ئىش ئومۇملاشسا بولاتتى. @birhon بولسا مۇشۇ ئىشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭلار. نەشىرىياتلار، ئاپتورلار بىلەن كېلىششىمۇ تەسكە چۈشمەس. مۇمكىن بولسا ئامازون بىلەن دېيشىپ شۇ يەرگىلا قويىدىغان ئىشنى قىلساڭلار ئاۋارچىلىقى ئاز بولىدۇ.



@gewala ئىشەنچلىك دەپ ئامازوننىڭ ئۆزىدىنلا ئالاي دىسەم بىزنىڭ بۇ تەرەپلەرگە ئەۋەتىپ بېرەلمەيدىكەن.

---

ئۇنداق ئەمەسقۇ، ئاشۇ بىر ھون قالدۇرغان ئامازوننىڭ خەنچە ئادرېسىدىن ئالسىڭىز ھەممە يەرگە دېگۈدەك ئەۋەتىپ بېرەلەيدۇ. ئېنگلىزچە ئامازوندىن مال ئالىدىغان ئۇسۇلمۇ بارتى، كېيىنچە ئايرىم دېيىشەرمىز.

ئامازوننىڭ يانفون، kindle دېگەندەك ئېلىكترونلۇق مەسھۇلاتلىرى شىنجاڭغا ئەۋەتىلمەيدىكەن. سەۋەبىنى مەنمۇ بىلىپ بولالمىدىم.  بولمىسا ئامازوندىكى يانفونلارنىڭ باھاسى ئەرزان، ھەم ئىشەنچىلىك ئىدى.

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 08:33:35

يېڭىدىن چىقۋاتقان كىتاپلارنىڭ ئېلكىتاپ نۇسقىسىنى چىقرىشقا قۇشۇلمىسمۇ يەنلا چىقىپ كىتىدۇ،،شۇڭا ياخشىسى باشلامدىلا شۇنڭغا ماقۇل دىگۈلۈك......ئادەمنىڭ بىكار قالسلا ئېلكىتاپ ئىشلىگۈسى كەپكىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇپەقەت قىزقىش ئۇچۈنلا ياسالدى لازىم بولغانلار ئەسلىسىنى كىتاپخانىدىن سېتىۋېلىڭ دەپ قۇيۇپ ياساپ تاشلايدىغان ئىشكەن....

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:24:15

5- قەۋەتتىكى hezineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەقىقەتەن بەلەن چىققان ئوقەت، كىتابخۇمارلار ئېلىپ ئىشلەتسە رازى بولىدۇ. مەن ئىككىنى ئالغان، بىرى نەس بېسىپ ماشىنىڭ تېگىدە قېلىپ كاردىن چىقتى. يەنە بىرى ئايالىمدىن ئاشمايۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق نەرسىلەر ئومۇملاشسا، بىزدىمۇ يېڭى چىققان كىتابلارنىڭ سۈپەتلىك PDF سىنى ھەقلىق ساتىدىغان ئىش ئومۇملاشسا بولاتتى. @birhon بولسا مۇشۇ ئىشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭلار. نەشىرىياتلار، ئاپتورلار بىلەن كېلىششىمۇ تەسكە چۈشمەس. مۇمكىن بولسا ئامازون بىلەن دېيشىپ شۇ يەرگىلا قويىدىغان ئىشنى قىلساڭلار ئاۋارچىلىقى ئاز بولىدۇ.



@gewala ئىشەنچلىك دەپ ئامازوننىڭ ئۆزىدىنلا ئالاي دىسەم بىزنىڭ بۇ تەرەپلەرگە ئەۋەتىپ بېرەلمەيدىكەن.

---

ئۇنداق ئەمەسقۇ، ئاشۇ بىر ھون قالدۇرغان ئامازوننىڭ خەنچە ئادرېسىدىن ئالسىڭىز ھەممە يەرگە دېگۈدەك ئەۋەتىپ بېرەلەيدۇ. ئېنگلىزچە ئامازوندىن مال ئالىدىغان ئۇسۇلمۇ بارتى، كېيىنچە ئايرىم دېيىشەرمىز.

ئامازوننىڭ يانفون، kindle دېگەندەك ئېلىكترونلۇق مەسھۇلاتلىرى شىنجاڭغا ئەۋەتىلمەيدىكەن. سەۋەبىنى مەنمۇ بىلىپ بولالمىدىم.  بولمىسا ئامازوندىكى يانفونلارنىڭ باھاسى ئەرزان، ھەم ئىشەنچىلىك ئىدى.


مۇنداق ئىشمۇ بار دەيلى. ئەمىسە ئالىدىغانلار مېنىڭ ئادرېسىمغا سېلىپ بېرىڭلار، مەن سىلەرگە سېلىپ بېرەي. ئىشلەۋاتقان شىركەتكە ئاساسلىق تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ ئادەملىرى كۈندە دېگۈدەك كېلىدۇ، ئاۋارىچىلىقمۇ ئەمەس.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 12:19:01

3- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەقىقەتەن بەلەن چىققان ئوقەت، كىتابخۇمارلار ئېلىپ ئىشلەتسە رازى بولىدۇ. مەن ئىككىنى ئالغان، بىرى نەس بېسىپ ماشىنىڭ تېگىدە قېلىپ كاردىن چىقتى. يەنە بىرى ئايالىمدىن ئاشمايۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق نەرسىلەر ئومۇملاشسا، بىزدىمۇ يېڭى چىققان كىتابلارنىڭ سۈپەتلىك PDF سىنى ھەقلىق ساتىدىغان ئىش ئومۇملاشسا بولاتتى. @birhon بولسا مۇشۇ ئىشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭلار. نەشىرىياتلار، ئاپتورلار بىلەن كېلىششىمۇ تەسكە چۈشمەس. مۇمكىن بولسا ئامازون بىلەن دېيشىپ شۇ يەرگىلا قويىدىغان ئىشنى قىلساڭلار ئاۋارچىلىقى ئاز بولىدۇ.



@gewala ئىشەنچلىك دەپ ئامازوننىڭ ئۆزىدىنلا ئالاي دىسەم بىزنىڭ بۇ تەرەپلەرگە ئەۋەتىپ بېرەلمەيدىكەن.

---

ئۇنداق ئەمەسقۇ، ئاشۇ بىر ھون قالدۇرغان ئامازوننىڭ خەنچە ئادرېسىدىن ئالسىڭىز ھەممە يەرگە دېگۈدەك ئەۋەتىپ بېرەلەيدۇ. ئېنگلىزچە ئامازوندىن مال ئالىدىغان ئۇسۇلمۇ بارتى، كېيىنچە ئايرىم دېيىشەرمىز.

پىكرىڭىزگە رەھمەت، بەزى نەشرىيات ۋە ئاپتورلار بىزگە ئاللىبۇرۇن رۇخسەت بەردى. بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىشقا تېزلىكتە تۇتۇش قىلالمايۋاتىمىز.

honlar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 13:16:57

خەتكۈچ،خەتكۈچ،خەتكۈچ،خەتكۈچ،

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 14:01:48

مەنمۇ تېخى قەغەز نۇسقىسىدىن بىرنى ئۈچ كۈن بۇرۇن ئالغان...تېخى كىلىپ بۇلالمىدى..ئايپەد ۋە سۇرفەيستا كىتاب ئۇقىسا كۆز بەك ئاغرىپ كىتىدىكەن....كىتابخۇمارلارغا كاتتا ئوقەت جۇمۇ بۇ..باھاسىمۇ 800 يۈەن ئەتراپىدىكەن..دۆلەت مىلى...ياپۇن مىلى 570 يۈەن ئەتراپىدا...

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 17:48:59

4- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي نامراتچىلىق، بۇ نەرسىنى ئالالماي يۈرگىلى 2 يىل بولدى \"\"

كىتاب ئوقۇشقىلا ئالىدىغان بولسا يەنىلا شۇ مەخسۇس كىتاب ئوقۇيدىغان مۇشۇنى ئالسا بولامدىكى، ئايپەد، ياكى باشقا ئاندىرويىد سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتىرلارنىلا سېتىۋىلىپ كىتاب ئوقۇي دېگەن ئادەم، كىتاب ئوقۇشنى ئۇنتۇپ، تورغا چىقىپ كېتىدۇ

بالىلار ماختاۋېرىپتى، شۇنىڭ بىلەن رامىزاندا بىرنى ئالدىم دەڭلار بۇنىڭدىن 849 يۈەنگە.


ئۇ چاغدا كۇلىدىتىم، توردىن نەچچە كۈندىلا كەلدى.


ئامازوننىڭ تور سودا مۇلازىمىتى بوپ قالىدىكەن.


شۇنداق قىلىپ مال كەلدى.


نەچچە كۈندىلا يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ سېلىۋەتتىم.


پۇلنى تەستە قايتۇرۇۋالدىم.


قىزغىنلىقىڭلارغا سۇ سەپكىنىم ئەمەس، بولمايدىغان نەرسىكەن بۇ.


سىستېمىنىڭ ۋەھشىي ئاستىلىقى (ئايپەدكە سېلىشتۇرۇلدى)، كۆزنى ئاغرىتىش، ئېكراننىڭ كىچىكلىكى...


ئىشقىلىپ ئىككىنچى يا ئۈچىنچى قول بولسىمۇ ئايپەد ئېلىپ ۋايفاي بىلەن ئۈچ جىنى ئېتىۋېتىپ كۆرۈڭلار كىتابنى، بۇنىڭدىن ياخشى چىقىدۇ.


سەمىيمى مەسلىھەت.


begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 20:20:07

خىزمەتدىشىمنىڭ قولىدا كۆرگەن ئىدىم، بەك ئىسىل نەرسىكەن بۇ، توكىمۇ ئاسانلىقچە تۇگەپ قالمايدىكەن. مەنمۇ بىرنى ئالايمىكىن دەپ ئويلىشىۋاتىمەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 20:25:15

11- قەۋەتتىكى Hechkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي نامراتچىلىق، بۇ نەرسىنى ئالالماي يۈرگىلى 2 يىل بولدى \"\"

كىتاب ئوقۇشقىلا ئالىدىغان بولسا يەنىلا شۇ مەخسۇس كىتاب ئوقۇيدىغان مۇشۇنى ئالسا بولامدىكى، ئايپەد، ياكى باشقا ئاندىرويىد سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتىرلارنىلا سېتىۋىلىپ كىتاب ئوقۇي دېگەن ئادەم، كىتاب ئوقۇشنى ئۇنتۇپ، تورغا چىقىپ كېتىدۇ

بالىلار ماختاۋېرىپتى، شۇنىڭ بىلەن رامىزاندا بىرنى ئالدىم دەڭلار بۇنىڭدىن 849 يۈەنگە.


ئۇ چاغدا كۇلىدىتىم، توردىن نەچچە كۈندىلا كەلدى.


ئامازوننىڭ تور سودا مۇلازىمىتى بوپ قالىدىكەن.


شۇنداق قىلىپ مال كەلدى.


نەچچە كۈندىلا يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ سېلىۋەتتىم.


پۇلنى تەستە قايتۇرۇۋالدىم.


قىزغىنلىقىڭلارغا سۇ سەپكىنىم ئەمەس، بولمايدىغان نەرسىكەن بۇ.


سىستېمىنىڭ ۋەھشىي ئاستىلىقى (ئايپەدكە سېلىشتۇرۇلدى)، كۆزنى ئاغرىتىش، ئېكراننىڭ كىچىكلىكى...


ئىشقىلىپ ئىككىنچى يا ئۈچىنچى قول بولسىمۇ ئايپەد ئېلىپ ۋايفاي بىلەن ئۈچ جىنى ئېتىۋېتىپ كۆرۈڭلار كىتابنى، بۇنىڭدىن ياخشى چىقىدۇ.


سەمىيمى مەسلىھەت.






خاتا كۆرىۋالمىغانسىز ھە، مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئىككى سائەت ئىشلىتىپ باقتىم، كۆزگە ھچقانداق تەسىرى بولمىدى. ئىكراننى كىچىك دىگىلى بولمايدىكەن.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 21:47:05

11- قەۋەتتىكى Hechkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي نامراتچىلىق، بۇ نەرسىنى ئالالماي يۈرگىلى 2 يىل بولدى \"\"

كىتاب ئوقۇشقىلا ئالىدىغان بولسا يەنىلا شۇ مەخسۇس كىتاب ئوقۇيدىغان مۇشۇنى ئالسا بولامدىكى، ئايپەد، ياكى باشقا ئاندىرويىد سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتىرلارنىلا سېتىۋىلىپ كىتاب ئوقۇي دېگەن ئادەم، كىتاب ئوقۇشنى ئۇنتۇپ، تورغا چىقىپ كېتىدۇ

بالىلار ماختاۋېرىپتى، شۇنىڭ بىلەن رامىزاندا بىرنى ئالدىم دەڭلار بۇنىڭدىن 849 يۈەنگە.


ئۇ چاغدا كۇلىدىتىم، توردىن نەچچە كۈندىلا كەلدى.


ئامازوننىڭ تور سودا مۇلازىمىتى بوپ قالىدىكەن.


شۇنداق قىلىپ مال كەلدى.


نەچچە كۈندىلا يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ سېلىۋەتتىم.


پۇلنى تەستە قايتۇرۇۋالدىم.


قىزغىنلىقىڭلارغا سۇ سەپكىنىم ئەمەس، بولمايدىغان نەرسىكەن بۇ.


سىستېمىنىڭ ۋەھشىي ئاستىلىقى (ئايپەدكە سېلىشتۇرۇلدى)، كۆزنى ئاغرىتىش، ئېكراننىڭ كىچىكلىكى...


ئىشقىلىپ ئىككىنچى يا ئۈچىنچى قول بولسىمۇ ئايپەد ئېلىپ ۋايفاي بىلەن ئۈچ جىنى ئېتىۋېتىپ كۆرۈڭلار كىتابنى، بۇنىڭدىن ياخشى چىقىدۇ.


سەمىيمى مەسلىھەت.




Hechkim بۇرادەرنىڭ ئىنكاسىدىن سەل ھەيران قالدىم، ئىشقىلىپ بۇ نەرسە ماڭا بەك يارىدى. paperwhite نىڭ سىستېمىسى يوق، شۇڭا ئىقتىدارى جەھەتتە iPAd بىلەن ھەرگىز سېلىشتۇرغىلى. ئىقتىدارى جەھەتتە ئايپەد مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. paperwhite پەقەتلا ئوقۇغۇچ، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، مېنىڭ ياقتۇرغىنىم ئۇنىڭ ئاشۇ قەغەزگە ئوخشىتىلغان ئېكرانى. بۇ جەھەتتە ئايپەد ئۇنىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ.


Hechkim بۇرادەرنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ھەركىمگە ھەرخىل تەسىر بېرىدىغان ئوخشايدۇ.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 22:12:33

كىتابنىڭ ئۆزىنىلا ئوقۇغاندەك بولىدىكەن ئادەم. ئاپتاپتا ئاقسا ئولتۇرۇپ.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 23:07:42

Kindle نىڭ تاختا كومپيۇتىرىنى ئىشلىتىپ باققانلار بارمىدۇ؟بۇ نەرسىدە سىلەر ئۈستىدە دەۋاتقان كىتاپ ئوقۇغۇچنىڭ ئىقتىدارى بارمۇ؟

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 09:22:50

مەنمۇ بۇنىڭدىن بىرنى ئېلىشنى ئويلاشقان ئىدىم، Hechkimنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ سەل ئىككىلىنىپ قالدىم. \"\"

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2013-10-1 09:23:51

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىلتىماس:

  ماڭا يىتۈك شائىر بوۋىمىز نەۋايىنىڭ «غەزەللەر» (چاھار دىۋاندىن پارچىلار بولۇپ ، تىيىپجان ئېلىيۇف نەشرگە تەييالىغان) ناملىق كىتابىنىڭ pdf نۇسخىسى جىددى لازىم بولۇپ قالدى، توربەتلەردىن تاپقىلى بولارمۇ!؟
بەت: [1]
: كىتاب ئوقۇغۇچ تەۋسىيە قىلاي