nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 22:50:09

نېرۋىغا قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ياردەم

سالام ئىزدىنىشداشلار بىرقانچە يىلدىن بىرى غەيرىلا بۇلۇپ قالغان ئىدىم نورمال ئەھۋال دەپ يۈرسەم بۇمۇ كىسەللىككەن ئەمەسمۇ بىلدىغانلاردىن ياردەم   گەپنىڭ ئۆزىگە قايتساق


5 يىللارچە بولدى بېشىم تۇيۇقسىز قايغاندەك ،بەزىدە زىڭ زىڭ قىلىپ ئاغرىپ قۇيۇپ توختاپ قالاتتى . ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىم سەل تۆۋەنلەپ قالغان، كىيىنچە تۇرۇپلا بەك تىزلا چېچىلدىغان  ،مەسلەن بىراۋغا بىرنەرسە چۈشەندۈرگەن بولسام ئۆزىنىڭ گىپىنى يوغلىتىپ قالسا ،،10 سىكىنۇتقا قالمايلا خەق بىلەن قىززىرشىپ قالدىغان .تولا چېچلىپ ئاسان جىلە بۇلدىغان ،ھەم گۇمانخور باشقىلارغا ئانچە ئىشنىپ كەتمەيدىغان ،ئالەمەتلەر كۈرۈلگەن ئىدى .كىيىنچە بارا بارا ئۇيقۇسىزلىق ،كىچىسى بەك كۆپ تولا چۈش كۈردىغان ،،ۋە قۇرۇق خىيالنى تولا قىلىپ پەقەت زېھنىمنى يىغالمايدىغان ،نامازئۇقۇۋىتىپ باشقا ئىشلارنى خىيال قىلىپ كىتىدىغان ،ئالدىنقى رەكەتتە ئۇقۇغان سۈرىنىمۇ ئېسىمگە ئالالمايدىغان ،ئىش قىلىپ ئەستە تۇتۇش قابىليەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان ناچار ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى .ئالدىنقى ئايدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتسەم ،مېڭڭىگە قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەيدىكەن ،دەپ دورا بەرگەن ئىدى.  بايا بىلىم خۇمارنىڭ تىمىسىنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇشبۇ يېزىشىم قىلدىغان كەسپىم  كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىلا قىلدىغان ئىش ھەركەت ئاز  مۇشۇنداق بوپ قالغانلار بارمۇ ئىزدىنىشتا مۇشۇ ھەقتە ئورتاقلاشساق ئۇيغۇر تىبابەت دورالىرنى ئۇزۇن يىسەم 10 كۈن يەيمەن ئاندىن ئاشۇ دورىنى پۇرساملار كۆڭلىم ئاينىپ قاراپمۇ قويغىم كەلمەيدىكەن  باشقا ئامال بارمۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 08:15:00

مەندىمۇ مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرلىۋاتقىلى 3 يىلچە بولۇپ قالدى مەنمۇ كومپىيۇتېر نىڭ ئالدىدا10 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىمەن شۇڭا بۇ يىل ئۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بەردىم

مەندىمۇ كىچىسى تولا چۇش كۆرىدىغان ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىم بەكلا تۆۋە يەنە سىزگە ئوخشاش پات پاتلا كۆزئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ كىتىدىغان ئىشلار بار بولسا تىۋىپ ھەكىملىرىمىز بىر مەسلىھەتىنى ئايىمىغان بولسا

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:20:38

مەن يەنىلا دورا تەۋسىيە قىلاي.

ئەپتىمۇن شەربىتى ياكى سەۋدانىڭ مۇنزىچىنى 20 كۈنلەر ئەتراپىدا ئىچىڭ، ھەببى ئەپتىمۇن ياكى سۈرگىسىنى بەش كۈنلەر ئىچىڭ.ھازىر بۇ دورىلارنى ئىچىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقتى.

ئاندىن ئىتتىرىفىل ئۈستىقۇددۇس، داۋائىلمىشكى،رەيھان شەربىتى، خېمىرى گاۋزىۋان،شەربىتى گاۋزىۋان ، ئەۋرىشىم شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىچەلىشىڭىزچە ئىچىپ بېرىڭ.سەھەر تۇرۇپ مەنزىرىلىك يەرلەرنى ئايلىنىڭ.

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:28:39

ماڭىمۇ بىر يىل بولدى مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم. كۆرۈنمىگەن دوختۇر قالمىدى. زادى ئامال بولمىدى بۇ ئاغرىققا.

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:44:51

ئۇزۇن مۇددەت كومپىيوتېر ئالدىدا ئىش قىلسىڭىز شۇنداق بولۇپ قالىدىكەنسىز، ئۇخلاشتىن ئىككى ياكى ئۈچ سائەت بۇرۇن كومپىيوتېرنى ئۆچۈرۈڭ، تېلىۋىزورمۇ كۆرمەڭ، ئەلۋەتتە يان تېلېفوننىمۇ ئۆچۈرۈڭ، باشقىلار تەۋسىيە قىلغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىش بىلەن بىرگە ئارام ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ...بىكار قالسىڭىزلا كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرمەي، باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ...

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 13:45:57

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 13:50:10

hanjar330 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 15:01:11

3- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن يەنىلا دورا تەۋسىيە قىلاي.

ئەپتىمۇن شەربىتى ياكى سەۋدانىڭ مۇنزىچىنى 20 كۈنلەر ئەتراپىدا ئىچىڭ، ھەببى ئەپتىمۇن ياكى سۈرگىسىنى بەش كۈنلەر ئىچىڭ.ھازىر بۇ دورىلارنى ئىچىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقتى.

ئاندىن ئىتتىرىفىل ئۈستىقۇددۇس، داۋائىلمىشكى،رەيھان شەربىتى، خېمىرى گاۋزىۋان،شەربىتى گاۋزىۋان ، ئەۋرىشىم شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىچەلىشىڭىزچە ئىچىپ بېرىڭ.سەھەر تۇرۇپ مەنزىرىلىك يەرلەرنى ئايلىنىڭ.

تادۇبەگ ئاكا، بېرزات ھەكىم قاتارلىق  ئىزدىنىشتىكى ھەكىملەردىن سورايدىغان بىر سۇئالىم بار ئىدى .ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىللىرى ئىچىدە كۇچلۇك ناركوز خارەكتىرىدىكى دۇرىلار بارمۇ؟ بار بولسا ئۇزاق ئىستىمال قىلسا قانداق ئەكىس تەسىرى بار؟ ھەم ئۇزاق ئىستىمال قىلسا خۇمار قىلىپ قۇيامدۇ؟

بۇسۇئالنى قايسى كۈنىسى «ئۆتتىكى تاشنى دۇرا بىلەن چۈشۈرگىلى بۇلامدۇ؟»دىگەن تېمىدا سەل تەپسىلىيرەك سورىسام ئىنكاسىم بىلەن قۇشۇپ تېمىنىمۇ ئۇچۇرۇپ تاشلاپتۇ، ھەم شۇتېمىنى يولىغۇچىدىن چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن. تورداشلارنىڭ ۋە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ خاتا پەرەز قىلماي مەسھىلەت بىرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن رەھمەت. (بۇنداق سۇئالنى سورىشىمدا ھىچ قانداق يامان غەرەز يوق پەقەت مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ياردىمى بۇلارمىكىن دەپ سوراۋاتىمەن)

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-2 20:52:08

ئوكسىگىن ماشىنىسى ئېلىپ ئوكسىگىن سۈمۈرۈپ باقامسىز يا؟

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 21:41:35

ياكى بولمىسا مەن بۇ يىلقى جىگدە چىچىكى گۈلقەنتتىن ئەۋەتىپ بىرەيمۇ يا؟ شۇنداق ئوبدان پىشتى، ئەينەك شىشىنىڭ ئاستىدا ئىككى ئىلىك ساپ- سېرىق شىرنە تۇرۇدۇ.

ئەلداۋا تورىدىكى داڭلىق تىۋىپلارنىڭ ئاغزىنى بەكرەك تاتىلاپ باقسام « جىگدە چىچىكى گۈلقەنتى» مىڭە نىرىپلارنى قۇۋەتلەندۈرىدىغان ئەڭ ياخشى دورىدۇر دەپ بەردى.esma0999مەنمۇ 0999دا،ئاۋۇ گۈلقەنت ماڭا كېرەكتى،سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن؟
بەت: [1]
: نېرۋىغا قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ياردەم