bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 20:54:08

سىلەنىڭمۇ بىشىڭلار ئاغرىمدۇ؟

باش ئاغرىيدىغانلار مۇشۇ تېمىدا بىر دەت تۆكىشىپ باقىنى، بۇ باش ئاغرىش غەلتىە بىر كىسەلكەن. مەن مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ بىشىمنىڭ ئاغرىيدىغانلىقىنى بايقىغان، ھازىر نۇرغۇن يىللاي ئۆتۈپ كەتتى، ھازىرمۇ ئاغرىيدۇ.  گايىدا 10-15 كۈندە بىر قېتىم، گايىدا 2-3 كۈندە بىر قېتىم ئاغرىيدۇ، پىشانەمنىڭ ئىككى تەرىپى ئالمىشىپ ئاغرىيدۇ. بەزىدە ئىككى تەرىپى تەڭمۇ ئاغرىيدۇ. باش ئاغرىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تەن سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى.  ھازىر-تاماكىغا يېقىن كەلمەيمەن. 15 يىلدىن بىرى  «چۈتوڭ پىيەن» نى ئىچىپ كىلىۋاتىمەن. CT دىمۇ تەكشۈرىتتىم، مىللىي تىبابەتنىڭ دورىللىرىنىمۇ ئىچىپ باقتىم، يەنىلا ئوخشاش. دادامنىڭمۇ بۇرۇن ئاغرىيدىكەنتۇق. سىلەرنىمۇ بىشىڭلار ئاغرىمدۇ؟ داۋالىنىو ساقايغانلار بارمۇ؟

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 21:45:50

15 يىلدىن بېرى ‹‹چۇتۇڭ پىيەن›› ياۋاتىمەن دەپسىز ، دىمەك ئەمدى سىزنىڭ بېشىڭىز ‹‹ چۇتۇڭپەنگە ›› خوما بولدى ..........ئەمدى بېشىڭىز ئاغرىغاندا ‹‹چۇتۇڭپىئەن› يىمىسىڭىز تېخىمۇ ئاغرىيدۇ دىگەن گەپ.......ئادەم نېرۋىلىرى ھەدەدىن زىيادە چارچاغاندىمۇ باش ئاغرىيدۇ ، مۇشۇندا ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى باش ئاغرىق دورىسىنى يىمىگەن ياخشىمىكىن..

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 21:54:32

ئىزدىنىشتىكى «bilimhumar» ۋە «bilimxumar» دىن ئىبارەت ئىككى ئەزانىڭ بىرىنىڭ نام ئالماشتۇرۇشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن!

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 21:55:02

قېنى ماۋۇ تىۋىپ ئاغىنىلەر، ماۋۇ ئاكىمىزنىڭ باش ئاغرىقىغا بىر ئامال قىلىڭلا. ئەگەر مۇشۇ ئاكىمىزنى سەللىمازا قىلالىساڭلا، ناسانىڭ ئوردا تىۋىپى بوپ قېلىشىڭلار مۇمكىن.  {:92:}

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 22:01:15

تۇماق بۇرادەر بۇ تېمىنى يازغۇچى ناسادىكى ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ئەمەسكەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 22:05:52

تۇماق بۇرادەر بۇ تېمىنى يازغۇچى ناسادىكى ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ئەمەسكەن.

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 22:06:51

كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىيەلىسىڭىز ئوڭشىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئاغرىپ قالسىڭىزمۇ خۇشال بولالىسىڭىز، مەغلۇپ بولسىڭىزمۇ خۇشال بولالىسىڭىز، ئوغرىغا ئۇچىراپ قالسىڭىزمۇ خۇشال بولالىسىڭىز، ھەتتا بىرەر پۇت ياكى قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىڭىزمۇ خۇشال بولالىسىڭىز چوقۇم ئوڭشىلىپ قالىسىز. ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بقېىڭ.

bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 22:07:10

1- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

15 يىلدىن بېرى ‹‹چۇتۇڭ پىيەن›› ياۋاتىمەن دەپسىز ، دىمەك ئەمدى سىزنىڭ بېشىڭىز ‹‹ چۇتۇڭپەنگە ›› خوما بولدى ..........

ئۇنچىلىك دەرجىدە ئەمەس، مېنىڭ كەسپىم بئولوگىيە، مەنمۇ ئاسان دورا ئىچمەسلىك تەرەپدارى.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 22:08:31

3- قەۋەتتىكى tumaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قېنى ماۋۇ تىۋىپ ئاغىنىلەر، ماۋۇ ئاكىمىزنىڭ باش ئاغرىقىغا بىر ئامال قىلىڭلا. ئەگەر مۇشۇ ئاكىمىزنى سەللىمازا قىلالىساڭلا، ناسانىڭ ئوردا تىۋىپى بوپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. \"\"



مەنمۇ ئىنكاس يازغۇچە ئەركىن سىدىق ئاكىمىز 15يىلغىچە << چۇتۇڭپىئەن>> يەپ قاندا ئالەم ئىشلىرىنى تەتقىق قىلۋاتقاندۇ دەپ گۇماندا يازغانتىم ئىنكاسنى\"\" بىرھوننىڭ ئىنكاسىنى كورۇپ\"\"\"\"

bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 22:10:33

2- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشتىكى «bilimhumar» ۋە «bilimxumar» دىن ئىبارەت ئىككى ئەزانىڭ بىرىنىڭ نام ئالماشتۇرۇشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن!


مەن تىزىملاتقاندا ULY تېخى دېگەندەك ئومۇملاشمىغان، شۇڭا مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئىزدىنىشتە 8 يىلنى ئۆتكۈزدۈم. ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مەن ئىسىم ئالماشتۇرسام مەيلى.

bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 22:18:05

6- قەۋەتتىكى katipimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىيەلىسىڭىز ئوڭشىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئاغرىپ قالسىڭىزمۇ خۇشال بولالىسىڭىز، مەغلۇپ بولسىڭىزمۇ خۇشال بولالىسىڭىز، ئوغرىغا ئۇچىراپ قالسىڭىزمۇ خۇشال بولالىسىڭىز، ھەتتا بىرەر پۇت ياكى قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىڭىزمۇ خۇشال بولالىسىڭىز چوقۇم ئوڭشىلىپ قالىسىز. ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بقېىڭ.

بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن، خۇشال بولىدىغاندا خۇشال بولۇپ، غەزەپلىنىدىغاندا غەزەپلىنىپ، بەزى غەمكىن، بەزى چۈشكىن، بەزى روھلۇق ياشاپ ئۆگنىپ قالغان ئادەممەن. ھەم «دائىم خۇشال يۈرۈڭ » دېگەن گەپنىمۇ ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.  رەھمەت

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 22:41:41

ئىسمىڭىزنى چۈتوڭپىيەن دەپلا ئۆزگەرتىڭىسزمۇ بۇلامدۇ نىمە؟ \"\" (چاخچاق)

چۈتۇڭپىيەننى ئۆزىنى ئالداش ئۈچۈن يەيدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇ كىسەل داۋالىمايدۇ، پەقەت كىسەلنى سېزىدىغان سېزىمنى كونتۇرول قىلىدۇ، كىسەل شۇ كىسەل پېتى تۇرىدۇ.

مەنمۇ ناسادىكى بىلىمخۇمارنىڭ بېشى ئاغرىپ يۈرۈپ قانداق تەتقىق قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى يىگىنى چۈتوڭپىيەن دەڭا. ھەيران قاپتىمەن.

قان بسېىمۇ نورمالمۇ؟

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 22:56:46

مېنڭىمۇ ئىككى-ئۈچ يىل بەك ئاغرىغان،فىن بى دې دىگەن دورىغا خۇمار بولۇپ قالغىلى تاس قالغان،بۇ باش ئاغرىش ئاساساسلىقى كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەن،خىزمەت بەك ئالدىراش،ئاسان ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ ئىشلار يىغىلىپ قالغاندا ياكى ئادەم ئەتراپىدىكى بەزى مۇرەككەپ ئىشلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ كېتەلمىسە شۇنداق بولامدىكىن دەيمەن،بەزىدە باش ئاغرىقىدىن كۆزۈممۇ بىر نەرسىلەرنى كۆرمەي قالاتتى،ھازىر ئاغرىمايدۇ.مەن باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلالماي نەشىگە خۇمار بولۇپ بولغانلارنى كۆرگەن ،يەنە چۇمادوغا خۇمار بولغانلارمۇ ئۇچرىغان،ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋىتىپ ئۆزىڭىزگە ھىچنىمىنى ۋەزىپە قىلىۋالماي،كاللىڭىزدىكى ئېغىر يۈكلەرنى تاشلىۋېتىپ بىر مەزگىل ياشاپ بېقىڭ،لېكىن ئىشلىرىڭزنى بەك تەرتىپلىك مۇكەممەل قىلىشنى ئويلايدىغان بېسىمدىن قۇتۇلالمىسىڭىز بۇنداق قىلالمايسىز،سىزنى بەك ئىش بېسىۋالغاندەك ھىس قىلسىڭىز ئىشلىرىڭىزنىڭ زادى قىلمىسىڭىز بولمايدىغانلىرىنى قىلۋەتكەندىن كىيىن ئەگەردە سىز خىزمەتچى بولسىڭىز ئىدارىڭزدە بۇرۇن ئۆلۇپ كەتكەنلەر بولسا شۇلارنىڭ ماترىيالىنى ،رەسىمىلىرنى تېپىپ كۆرۈپ بېقىڭ،ئەگەردە تىجارەتچى بولسىڭىز، سىز بىلەن بىر سەپتە تىجارەت قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرنى بىلىپ بېقىڭ،بۇ ئىشلارنى بىز قىلىپ تۈگۈتەلمەيمىز،ئەكسىچە بۇ ئىشلار بىزنى تۈگۈتۈپ قويىدۇ،ئادەم ئۆلسە باشمۇ ئاغرىمايدۇ،ئاغرىسىمۇ دىگىلى بولمايدۇ،شۇڭا يەڭگىلرەك ياشىغانغا يەتمەيدۇ،بۈگۈن بىر خىزمەتدىشىم ئادەمنىڭ مېڭىسنى كۆمپىيوتىرغا ئوخشاتتى،ئۇنىڭچە بولغاندا ئەگەردە كومپىيوتىرغا بەك جىق دىتاللارنى قاچىلۋەتسە كومپىيوتىر ئاستا قوزغۇلىدىغان،ھەم قىتىۋالىدىغان بولۇپ قالغاندەك ئادەم مېڭىسىمۇ شۇنداق شۇنداق بولارمىش، شۇڭا كاللا يەڭگىل بولغانغا يەتمەيدىكەن،ئۇ يەنە بۇ گەپكە مۇناسىۋەتسىز بىر گەپنى دىگەن ئىدى ،يەنى باشقۇر دىسە ئۆردەكمۇ ئادەم باشقۇرىدۇ.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 23:24:14

سىز گەرچە مەن ئويلىغان بىلىمخۇمار ئەپەندى بولمىسىڭىزمۇ، ئەمما سىزگە بىر رېتسىپنى دەپ بېرەي. كۈلمەي تۇرۇڭلا ھە:



1. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن ئىككى سائەت بۇرۇن تۇرۇپ، تۆت ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچىڭ، ھەمدە 45 مىنۇتقىچە ھېچنەرسە يىمەڭ، ئىچمەڭ. ئىغىرلىقى بويىچە ھېسابلىغاندا 650 گىرام ئەتراپىدا بولسۇن، دەسلەپتە ئىككى ئىستاكاندىن ئىچىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تۆت ئىستاكانغا يەتكۈزسىڭىز بولىدۇ. ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ئەلۋەتتە سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىسىزدە.



2. ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن ئىككى سائەتكىچە ھېچنەرسە يېمەڭ، ئىچمەڭ.



تۈگىدى. مەنمۇ خەقتىن ئاڭلىغان. ئۈندىدار پاراڭلىرى. ياپونلارنىڭ تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن رېتسىپىمىش. مۇشۇنداق قىلسىڭىز باش ئاغرىقى بىر ئايدا سەللىمازا ساقىيارمىش. ھەر ھالدا سوغۇق سۇ چۈتۇڭپيەندەك زىيان قىلىدىغان نەرسە بولمىغاندىكىن سىناپ بېقىشىڭىزنى كۈشكۈرتىمەن.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 23:24:36

ھە، مەن بۇ ھەقتە بىلىشىمچە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قوياي،

مەن ئىلگىرى بەيېر شىركىتىدە ئىشلىگەن، شۇڭا ئازراق بىلىمەن. «چۈتوڭپىيەن» دېگەن دورا «ئاسپىرىن» ناملىق دورىنىڭ جۇڭگودا ئەرزانلىتىلغان نۇسخىسى بولۇپ، تەركىبى ۋە باشقا تەرەپلەردە ئوخشىمايدۇ. ھەقىقىي ئاسپىرىن ئىنتايىن قىممەت، ئۇنى گېرمانىيە بەيېر شىركىتى ياسايدۇ، بىر تال تابلېتكا جۇڭگودىكى دوختۇرخانىلاردا 19 يۈەن ئەتراپىدا سېتىلىدۇ. چۈتوڭپىيەن دەيدىغان دورا ئاسپىرىنغا تەقىلىد قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان، ئەرزانلىتىلغان دورا بولۇپ، 1 يۈەنگە 20 تال كېلىدۇ.

مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر ئىككىلىسى ئاغىرىق سەزدۇرىدىغان نېرۋىلارنى پالەچلەندۈرۈپ، ئاغرىق سېزىمىنى ھېس قىلدۇرمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل دورىلارنى يېگەنلىك «داۋالانغانلىق» بولۇپ ھېسابلانمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئاسپىرىن خىروئىنغا ئوخشاش ئاجىز تىپلىق دورا ئىكەن. بىلىپ قېلىڭلاركى، خىروئىننىمۇ، ئاسپىرىننىمۇ بەيېر شىركىتى كەشىپ قىلغان. خىروئىن، مورفىن، ئاسپىرىن، چۈتوڭپىيەن دېگەن دورىلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ كېسەل داۋالاش رولى يوق، پەقەت داۋالاش جەريانىدا، ماسلاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش قاتارلىقلار ئۈچۈن قوشۇمچە ئىشلىتىلىدىكەن. شۇڭا ئامال بار يېمىگەن تۈزۈك، (چىشىم ئاغرىپ كەتكەندە، مەنمۇ يەپ قويىمەن لېكىن)

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-29 23:28:39

شۇنى دەيمەن، بىلىمخۇمار ئەپەندى نىمە پىيەن دەپ يازمايدۇ، توۋا... لېكىن تېما ئىگىسىنىڭ بىلدۈرگەن ئىپادىسىگە رەھمەت، يېڭى ئىسمىڭىزنى چوقۇم ئەستە تۇتۇۋالىمىز...

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 00:48:32

ئاغرىيدۇ. ئىش بېسىۋالسا،تۇرمۇش تەرتىپىم بۇزۇلسا،ئىشقا كۆزۈم يەتمىسە،نامراتلىقىم يادىمغا يەتسە ئاغرىيدۇ.散列通نى بىلەمسىزكىن،مەن شۇ دورىنى 6 يىل يېدىم،ئايدا 3-4 تال يېيىشىم ئېنىق.بالام تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاستا ئاستا بىلىپ بىلمەي يوقاپ كەتتى.ئىش بېسىۋالىدىغان ئەھۋال ۋە نامراتلىقىم شۇ پېتى بىراق.

مۇھىمى كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تۇتۇپ،نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىڭ،مۇقىم بىر يەرگە بېكىنىۋالماي، پائالىيەتچان بولۇڭ.يېڭى دوست تۇتۇڭ، ما گەپلەر رادىيو دوختۇرلىرىنىڭ قېلىپسىمان گەپلىرىگە ئوخشاپ قالدى،بىراق جىڭ گەپ،پايدىسى بولمىسا دېمەيتتىم.ياردىمى تېگىپ قالار.

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:17:32

مېنىڭمۇ بېشىم ئاغرىيدۇ، بىرقانچە يىل بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ قاتتىق چارچاپ كەتكەندە چىدىغۇسىز ئاغرىپ، قاپىقىمنى كۆتۈرەلمەي قېلىۋاتقاندەك ھېسياتقا كېلىپ قالىمەن، مەن تىۋىپقا تومۇر تۇتقۇزسام :‹‹مېڭىگە قان يېتىشمەيدىكەن، كاللىڭىزنى زىيادە ئىشلىتىپ كېتىپسىز›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى، ئەمما ھازىرغىچە ھېچقانداق دورا ئىشلىتىپ باقمىدىم، ئاشۇ تىۋىپنىڭ دېگەنلىرىنى توغرا دەپمۇ ئويلاپ قالدىم، بۇرۇن ئىشلىگەن يېرىمدە كۈنىگە ئاز دېگەندە 10 سائەت خىزمەت قىلاتتىم، يەنە كېلىپ كاللا كېتىدىغان ئىشلار ساپلا، شۇ چاغلاردىن باشلاپ تاپقان مەن بۇ كېسەلنى، مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلۇم ياخشى بىر ئۇخلىۋېلىش، ھەر قېتىم شۇنداق بېشىم ئاغرىغان ۋاقىتتا، ئاز بولسىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئۇخلىۋالالىسام بېشىم يېپ- يېنىك بولۇپ قالىدۇ.

tuygu0995 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:25:05

بەلكىم بۇ خىل باش ئاغرىش ئەقلى ئەمگەكنى كۆپ قىلىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى مومكىن، مىنىڭمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا بېششىم بەزىدە بەك ئاغرىيدىغان، مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ خىل ئاغرىيدىغان ئىش ئۆزلىگىدىن يوق بوپ كەتتى . ئادەم ئانچە ـ مۇنچە جىسمانىي ئەمگەكنىمۇ قىلىپ بەرسە ياخشى ئىكەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-30 10:40:02

مېڭىنى تازىلاپ تۇرۇشنى ئۇنتۇماڭلار بۇرادەرلەر،سېمىزلەر ھەببى قوقىيا، ئۇرۇقلار ھەببى ئەپتىمۇن ئىچىپ تۇرسا بولىدۇ . بېشى بەك ئاغرىيدىغانلار ئىتتىرىپىل ئۈستىقۇددۇس، دىماغۇن،بەرشىشا، ھەببى شىپادىگەندەك دورىلارنى يەپ تۇرۇڭلار.
بەت: [1] 2 3
: سىلەنىڭمۇ بىشىڭلار ئاغرىمدۇ؟